بىئولوگىيەلىك سائەت ۋە تەن ساقلىقى

بىئولوگىيەلىك سائەت ۋە تەن ساقلىقى

 

ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى قانۇنى بولۇپ، بىرى شەرىئەت قانۇنى، يەنە بىرى تەبىئەت قانۇنىدۇر. شەرىئەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۇنىڭ جازاسىنى ئاخىرەتتە تارتىدۇ، ئەمما تەبىئەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۇنىڭ جازاسىنى مۇشۇ دۇنيادا تارتىدۇ. ئاللاھ تائالا شەرىئەت قانۇنىنى ئىنسانلارنىڭ ئىككىلى ئالەملىك بەخت- سائادىتى ئۈچۈن نازىل قىلغان بولسا، تەبىئەت قانۇنىنى ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا بەختلىك، ھۇزۇر-ھالاۋەتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن بەلگىلىگەن. مەسىلەن: كېچىدە ئۇخلاپ، كۈندۈزى تىرىكچىلىك قىلىش ئاللاھ تائالا بېكىتكەن تەبىئەت قانۇنى بولۇپ، ئۇنىڭغا رىئايە قىلغانلارنىڭ ئىشى غەلىبىلىك، تېنى ساق بولۇپ داۋاملاشقىنىغا، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاخشىمى بەك كەچ ئۇخلاپ ياكى ئۇخلىماي، كۈندۈزى ئۇخلايدىغانلارنىڭ ئىشى غەلىبىسىز، بەرىكەتسىز، ساغلاملىقى ناچارلىشىشقا قاراپ يول ئالغىنىغا ئوخشاش. ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەب قىلىشمۇ ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىدىن بولۇپ، سەۋەب قىلمىسا ھېچقانداق ئىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ھەتتا ئاللاھ تائالا بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ رىزقىنى ئۆزى بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، شۇ رىزىقنى تېپىپ يېيىش ئۈچۈن سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇغان. شۇڭا ھەرقانداق بىر جانلىق ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن رىزقىنى تېپىپ يېيىش ئۈچۈن سەۋەب قىلىدۇ، تىرىشىدۇ، ئۇنى ئىزدەيدۇ. ئەگەر رىزقىنى ئىزدىمىسە ئاچ قالىدۇ.

ئاخشىمى بۇرۇن يېتىپ سەھەر تۇرۇش ئاللاھ تائالا بېكىتكەن تەبىئەت قانۇنى بولۇپ، ﴿اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ لِتَسْكُنُوا فِيهِ وَالنَّهَارَ مُبْصِرًا﴾ «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە كېچىنى (قاراڭغۇ) قىلىپ بەرگەن، (تىرىكچىلىك قىلىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق قىلىپ بەرگەن زاتتۇر»[1] دېگەن ئايەت بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ. 2002- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا ئۇنىۋېرستېتى تەرىپىدىن (Sciense) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ئىلمىي تەتقىقاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «قاراڭغۇدا ئۇخلاش تەن ساقلىقى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىقتۇر. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەدەن قاراڭغۇدا مىلاتونىن دەپ ئاتىلىدىغان ھورمۇننى چىقىرىدىكەن. بۇ ھورمۇن كۆكرەك ۋە مەزى بېزى راكلىرىدىن ساقلاش رولىنى ئوينايدىكەن. تەتقىقاتلار يەنە مىلاتۇنىن دېگەن ھورمۇننىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئەمما يورۇقتا بۇ خىزمەتنى ئىشلىيەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى».

ساغلاملىق ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

ساغلاملىقنى بەدەننىڭ كېسەلدىن ساق بولۇشى دەپلا چۈشىنىشىۋالغاندا، ساغلاملىق دېگەن سۆز ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەنىلەر ئىپادىلەنمەي قالىدۇ ۋە ساغلاملىقنى كىچىك بىر رامكىغا ئېلىپ قويغان بولىمىز. چۈنكى تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ساغلاملىق — پىكىر، ھېسسىيات، بەدەن ۋە روھ قاتارلىق تۆت نەرسىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە بولغان ھالىتىدۇر. بۇ تۆت نەرسە بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق بولۇپ، پىكرىي ساغلاملىق پىسخىكا ساغلاملىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، پىسخىكا ساغلاملىقى بەدەن ساغلاملىقى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى روھىي ساغلاملىقتىن ئايرىلالمايدۇ. ئادەمنىڭ بارلىق ئوي-خىياللىرى ئۇنىڭ پىسخىكىي ھالىتىدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئىنساننىڭ پىسخىكىي ھالىتى ياخشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئوي-خىيالىنىڭ ناچار بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، يەنى سىزنىڭ كاللىڭىزدىكى پىكىر-خىيالىڭىز ئىجابىي بولغان ھالەتتە سىزنىڭ پىسخىكىڭىزنىڭ بۇزۇق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئىجابىي ئوي-پىكىرلەر بەدەنگە تەسىر قىلىدۇ ۋە ئۇنى راھەت ھېس قىلىش، زېھىننىڭ ئوچۇقلۇقى، ھەرىكەتچانلىق، روھنىڭ سۈزۈكلۈكى قاتارلىق ھەرخىل ئىجابىي ھالەتلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ. مۇبادا بەدەن سەلبىي ئوي-پىكىرلەرنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۇنى چۈشكۈنلۈك، ھورۇنلۇق،  ئەستە تۇتالماسلىق، ئىرادىسىزلىك، ھەر خىل ئاغرىق، سېمىزلىك قاتارلىق ھالەتلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ.

شۇ ئېنىقكى، كېسەللىك بىر ئاندىلا ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. ئۇ ئوي-پىكىر ۋە پىسخىدىكى سەلبىيلىكلەر سەۋەبلىك بەدەنگە ئاستا-ئاستا يۈكلىنىپ توپلانغان ئېغىر بىر ھارغۇنلۇقتىن كېلىپ چىقىدىغان ھالەتتۇر.

بىئولوگىيەلىك سائەت ۋە ئۇنىڭ رولى

بىئولوگىيەلىك سائەت — ئىنساننىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئارىسىدىكى بىئوئېنېرگىيەنىڭ مۇنتىزىم ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشى دېگەنلىكتۇر. بىئولوگىيەلىك سائەت ئىنساننىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىن بولغان ئون ئىككى ئەزا ئارىسىدا يىگىرمە تۆت سائەت داۋامىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ جەرياندا مەزكۇر ئون ئىككى ئەزا ئارىسىدىكى بىئوئېنېرگىيە پائالىيىتىنى ئاشۇرىدۇ ۋە ھەر ئىككى سائەتتە مۇشۇ ئون ئىككى ئەزانىڭ بىرى ئەڭ مۇكەممەل ۋەزىپە ئادا قىلىش سەۋىيەسىگە يېتىدۇ. ھەر ئون ئىككى سائەتتىن كېيىن ھەربىر ئەزا پائالىيەتچانلىقىدىن پوشاپ ئارام ئېلىش ۋە كېلىدىغان ئون ئىككى سائەتتىن كېيىنكى پائالىيىتى ئۈچۈن تەييارلىنىش دەۋرىگە كىرىدۇ. مەسىلەن: جىگەرنىڭ بىئوئېنېرگىيە پائالىيىتى كېچە سائەت بىردىن ئۈچكىچە بولغان ئارىلىقتا ئەڭ مۇكەممەل دەرىجىگە يېتىدۇ، ئۇنىڭ پائالىيىتى كۈندۈز سائەت بىردىن ئۈچكىچە بولغان ئارىلىقتا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بولىدۇ.

ئون ئىككى ئىچكى ئەزا ۋە رەئىس ئەزالار

ئون ئىككى ئىچكى ئەزا: ئۆپكە، قېلىن ئۈچەي، ئاشقازان، تال، يۈرەك، ئىنچىكە ئۈچەي، دوۋساق، نەسىللىنىش ئەزاسى، بۆرەك، ئىچكى بەز، ئۆت ۋە جىگەر  قاتارلىقلاردۇر. مەزكۇر ئون ئىككى ئەزا ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى تۈرى، بەدەندە باشقۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان بەش مۇھىم ئەزا بولۇپ، ئۇلار «رەئىس ئەزالار» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار: ئۆپكە، تال، يۈرەك، بۆرەك ۋە جىگەردۇر. ئىككىنچى تۈرى، رەئىس ئەزالارغا مۇئاۋىنلىق رولىنى ئوينايدىغان ئۇلارغا بويسۇنىدىغان ئەزالار بولۇپ، ئۇلار «ياردەمچى ئەزالار» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار: قېلىن ئۈچەي، ئاشقازان، ئىنچىكە ئۈچەي، دوۋساق، نەسىللىنىش ئەزاسى، ئىچكى بەز ۋە ئۆتتۇر.

تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھەربىر ئادەمنىڭ بەدىنىدە بىئولوگىيەلىك سائەت بار بولۇپ، ئۇ بەدەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى رەتكە سالىدۇ، ئۇيقۇمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئاخشام سائەت ئون بىردىن كېچە سائەت ئۈچكىچە قان ئېقىمىنىڭ كۆپ قىسمى جىگەردە بولىدۇ. جىگەر بۇ ۋاقىتتا قان بىلەن تولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ھەجىمى چوڭۇپ كېتىدۇ. مانا بۇ ۋاقىت ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋاقىت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا جىگەر بەدەندىكى زەھەرنى تازىلايدۇ ۋە قان، بەلغەم، سەفرا، سەۋدادىن ئىبارەت تەبىئىي خىلىتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، بەدەندە بىر كۈن ئىچىدە توپلانغان زەھەر ئاشۇ تۆت سائەتتە تازىلىنىدۇ. ئىشنىڭ چاتاق يېرى، ئەگەر سىز ئاشۇ تۆت سائەت ئىچىدە ئۇخلىمىغان بولسىڭىز جىگەر زەھەر تازىلاش خىزمىتىنى ئېلىپ بارالمايدۇ، تەبىئىي خىلىتلارنىمۇ ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ. چۈنكى جىگەرنىڭ بۇ خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن سىزنىڭ ئۇخلىغان ھالەتتە بولۇشىڭىز شەرت.

ئەگەر سىز كەچ سائەت ئون بىردە ئۇخلىسىڭىز، جىگەرنىڭ بەدەندىكى زەھەرنى تازىلىشى ئۈچۈن تۆت سائەت ئازادە ۋاقىت بار دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئارىلىقتا زەھەر تەلتۆكۈس تازىلىنىپ بولىدۇ. ئەگەر سىز  كەچ سائەت ئون ئىككىدە ئۇخلىسىڭىز، ئالدىڭىزدا ئۈچ سائەت قالغان بولىدۇ. ئەگەر سىز كېچە سائەت بىردە ئۇخلىسىڭىز ئالدىڭىزدا ئىككى سائەت قالغان بولىدۇ. ئەگەر سىز كېچە سائەت ئىككىدە ئۇخلىسىڭىز، ئالدىڭىزدا بىر سائەت قالغان بولىدۇ. ئەگەر سىز كېچە سائەت ئۈچتە ئۇخلىسىڭىز بەدىنىڭىزدىكى زەھەرنى تازىلاشقا ھېچقانداق ۋاقىت قالمىغان بولىدۇ. ئەگەر سىز ھاياتىڭىزنى مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇۋەرسىڭىز، بەدىنىڭىزدىكى زەھەر توپلىنىپ مېڭىۋېرىدۇ، ئاندىن بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا سىزگە نېمە بولغانلىقىنى بىلمەيلا قالىسىز. ئەمما ئۇ چاغدا سىز بەك كېچىكىپ قالغان بولىسىز. شۇڭا، سىز ئاللاھ تائالا بېكىتكەن قانۇنىيەت بىلەن زىتلاشماڭ، بۇرۇن يېتىپ، سەھەر تۇرۇڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «مېنىڭ ئۈممىتىمگە بېرىلىدىغان بەرىكەت سەھەر ۋاقتىغا بەلگىلەندى» دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى ئاخشىمى بۇرۇن يېتىپ، ئەتىسى سەھەر تۇرۇشقا تەشەببۇس قىلغان. رېئاللىق شۇكى، ئەتىگەن تۇرۇپ ئىشقا تۇتۇنىدىغان مىللەتلەر ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما كېچىسى ئۇخلىماي، ئەتىگەنلىكى ئۇخلايدىغان مىللەتلەر گەرچە مۇسۇلمان قەۋملەر بولسىمۇ تەرەققىياتتا، ئىشلەپچىقىرىشتا ۋە ماددىي قۇۋۋەتتە ئارقىدا قالماقتا.

كەچ ئۇخلاپ، ۋاخچە قوپۇشنىڭ زىيىنى

ئاخشىمى بەك كەچ ئۇخلىغانلىقتىن، ئەتىسى قانچە كۆپ ئۇخلىغان بولسىڭىزمۇ ھاردۇقىڭىز چىقمىغانلىقىنى ۋە ئىنتايىن ھارغىن ۋە ئېرىنچەكلىك بىلەن ئىشقا بارغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟ بۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ بۇ بەدىنىڭىزدىكى زەھەرنىڭ تازىلانمىغانلىقىدىن بولىدۇ.  چۈنكى ئاخشىمى كەچ ئۇخلاش، سەھەردە تۇرماسلىق ئىنسان سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق ئادەتتۇر.

كېچە سائەت ئۈچتىن بەشكىچە بولغان ئارىلىقتا قان ئېقىمىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆپكىگە مەركەزلەشكەن بولىدۇ. ئۇ چاغدا سىز نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟ ئۇ چاغدا سىز ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىشىڭىز كېرەك. باغچىدەك، ئېتىزلىقتەك ھاۋاسى ساپ جايلاردا ئۇزۇن-ئۇزۇن نەپەس ئېلىپ، ئاندىن ئاستا-ئاستا قويۇپ بەرسىڭىز تولىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئەتىگەن سائەت بەشتىن يەتتىگىچە بولغان ئارىلىقتا قان ئېقىمىنىڭ كۆپ قىسمى قېلىن ئۈچەيگە توپلانغان بولىدۇ. بۇ چاغدا قانداق قىلىشى كېرەك؟ بۇ چاغدا ئاچ قورساققا ئىككى ئىستاكان ئىلمان قايناق سۇ ئىچىسىز، ئەتىگەندە ھېچ نېمە يەمەي تۇرۇپ ئىككى ئىستاكان ئىسسىق سۇ ئىچىش ئۈچەينى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ۋە يۇمشىتىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما ئاچ قورساققا سوغاق سۇ ئىچىشكە بولمايدۇ. چۈنكى سوغاق سۇ ئۈچەينىڭ خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ، قان ئايلىنىشىغا توسالغۇ بولىدۇ.

ئەتىگەن سائەت يەتتىدىن توققۇزغىچە بولغان ئارىلىقتا قان ئېقىمىنىڭ كۆپ قىسمى ئاشقازاندا بولغان بولىدۇ. بۇ چاغدا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ چاغدا ناشتا قىلىسىز. ئەتىگەندە ناشتا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ناشتا قىلماسلىق ياكى ناشتىنى مۇشۇ سائەتتىن كېچىكتۈرۈپ قىلىش تەن ساقلىقىغا ئىنتايىن زىيانلىقتۇر. بۇ زىياننى بىر كۈن ئىچىدە ئەڭ ئېسىل ۋە پايدىلىق غىزالارمۇ تولدۇرالمايدۇ. ناشتا قىلماسلىق خەتەرلىك كېسەللىكلەرگە يول ئاچىدۇ. سىزنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىڭىز شۇ بىر كۈنىڭىزنىڭ قانداق ئۆتۈشىنى بەلگىلەيدۇ. چۈنكى ئەتىگەندە ئاشقازىنىڭىزغا كىرگەن تائام سىزنىڭ جىسمانىي پائالىيىتىڭىز ئۈچۈن ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. كۈچلۈك ئاشقازان يۇقىرى ئېنېرگىيە ۋە سۈپەتلىك خىزمەتنىڭ كېپىلىدۇر، كۈچلۈك ئاشقازان سەلبىي ھېسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زور كۈچ دېمەكتۇر. خۇددى ماشىنىڭىزغا قاچىلىغان بىنزىن قانچىلىك سۈپەتلىك بولسا ماشىنىڭىزنىڭ خىزمىتى ياخشى بولغاندەك، ئەتىگەندە ناشتىڭىز قانچىلىك ياخشى، مۇكەممەل ۋە قۇۋۋەتلىك بولسا سىزنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشلىرىڭىزمۇ شۇنچىلىك سۈپەتلىك، نەتىجىلىك ۋە غەلىبىلىك بولىدۇ. بىزدە «قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ» دەيدىغان ماقال بار.

دېھقانلارنىڭ ياكى يېزىلاردا ياشايدىغانلارنىڭ تەن ساقلىق جەھەتتە شەھەرلىكلەرگە قارىغاندا ھەر تەرەپتىن ياخشى ئىكەنلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئاخشىمى بالدۇر ئۇخلاپ، ئەتىسى سەھەر تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بىئولوگىيەلىك سائەتلىرىگە رىئايە قىلىدۇ.

كىچىك ۋاقتىمىزدا تېلېۋىزور، ئىنتېرنېت دېگەن نەرسىلەر يوق ئىدى، قاتناش ۋاسىتىلىرى ھازىرقىدەك ئوڭاي ئەمەس ئىدى. كىشىلەر ئومۇمەن ئاخشىمى بۇرۇن يېتىپ، ئەتىسى سەھەر تۇراتتى. شۇڭا، ئۇ زامانلاردا كىشىلەر قان بېسىمى، دىئابىت، راك دېگەن كېسەللىكلەرنى بىلمەيتتى. بىز ئىنسانلار ئاللاھ تائالا تەبىئەتكە بەلگىلىۋەتكەن تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىپ، كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە ئايلاندۇرۇۋالدۇق، ھەرىكەت ئارقىلىق كۈچلىنىپ ۋە ياشىرىپ تۇرىدىغان بەدىنىمىزنى ھەرىكەتسىزلىك بىلەن كېسەل قىلىپ قويدۇق، ئاللاھ تائالا يول مېڭىشقا  يارىتىپ بەرگەن پۇتلىرىمىز مېڭىشتىن مەھرۇم قىلىپ ھورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇق. بىز بۇ قىلمىشلىرىمىزنىڭ جازاسىنى ھەرخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش، ئىش- كۈچىمىزدە بەرىكەتسىزلىك بىلەن تارتىۋاتىمىز. 



[1] غافىر سۈرىسى: 61- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار