
قەدىر كېچىسىدىمۇ مەغپىرەت قىلىنمايدىغان گۇناھ
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئاللاھ تائالا قەدىر كېچىسىنى ئۇلۇغ قىلىپ، ئۇنى رامىزاننىڭ باشقا كېچىلىرىدىن ئالاھىدە شەرەپلىك ۋە خەيرلىك قىلىپ بەلگىلىدى. چۈنكى بۇ كېچە قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرى تۇنجى قېتىم يەرشارىدا پارلاشقا باشلىغان بىر كېچە ئىدى. بۇ كېچىدە قىلىنغان ئەمەل- ئىبادەتلەر پەزىلەتتە ۋە ساۋابتا مىڭ ئايلىق ئەمەل- ئىبادەتتىن ئارتۇقتۇر.
قەدىر كېچىسى مىڭ ئايغا تەڭ بولغان ئىكەن، ئۇ بىر ئىنساننىڭ ئۆمرىدىن 83 يىلغا تەڭ بولغان بولىدۇ. ئەگەر بىر ئىنسان 83 يىل ھەمىشە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغان تەقدىردىمۇ، بىرىمىزنىڭ قەدىر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگىنىمىزنىڭ ساۋابى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا 83 يىللىق ئىبادەتتىن ئەۋزەلدۇر، ئەلۋەتتە.
مۇشۇ كېچىنى تاپالىغان كىشىنىڭ ھەرقانداق چوڭ گۇناھى بولسىمۇ مەغپىرەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى قەدىر كېچىسىنى ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ئىشەنگەن ۋە ساۋاب كۈتكەن ھالدا ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزسە، ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
دېمەك، قەدىر كېچىسىدە بارلىق گۇناھلار مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئەمما بىرلا گۇناھ مەغپىرەت قىلىنمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ، قۇل ھەققىدۇر. يۇقىرىقى ھەدىس ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارىتا سادىر قىلغان گۇناھلىرىنى چۈنكى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ «قىل»، «قىلما» دېگەن بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەرقانداق گۇناھلىرىنى بۇ كېچىدە چوقۇم مەغپىرەت قىلىدۇ. ئەمما ئىنساننىڭ ئىنسانلارغا قارىتا سادىر قىلغان قىلمىشلىرىنى شۇ ئىنسانلار كەچۈرمىگىچە ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھەققىدۇر. ما بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىدۇر.
ئىمام مۇسلىم «سەھىھ مۇسلىم» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى قەيت قىلغان: «خەيبەر ئازاد بولغان كۈنى ساھابىلەردىن بىر قانچە كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇرۇشتا پىداكارلىق كۆرسەتكەن مۇجاھىدلارنى ماختاشقا باشلىدى ۋە ›پالانى شېھىتتۇر›، ‹پالانى شېھىتتۇر› دەپ بىر قانچە كىشىنى ساناپ چىقتى، ئاندىن يەنە بىر ئادەمنىمۇ ‹بۇ ئادەم شېھىتتۇر› دېيىشتى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا: «ياق، مەن ئۇ ئادەمنى غەنىيمەتتىن ئوغرىلىغان بىر چاپان سەۋەبلىك دوزاختا كۆردۈم› دېدى».
ئىمام مۇسلىم يەنە ئۆزىنىڭ «سەھىھ مۇسلىم» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى قەيت قىلغان: «شېھىتنىڭ بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، پەقەتلا كىشىنىڭ ھەققى قالىدۇ».
شېھىت جەننەتكە ھېسابسىز كىرىدىغان كىشىدۇر. ئۇنىڭ ئەمەلى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مىڭلارچە قەدىر كېچىسىدىن ۋە مىڭلارچە ھەجدىن ۋە مىڭلارچە دوللار سەدىقە قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى شېھىت ئۆزىنىڭ ئىسسىق جېنىنى ئاللاھ يولىغا سېلىپ تۇرۇپ ئۇرۇشىدۇ. شۇنداق كاتتا ئەمەلنىڭ ئىگىسى بولغان شېھىت قۇل ھەققى سەۋەبلىك جەننەتكە كىرەلمىگەن بولسا بىز قاتتىق ئاگاھ بولۇشىمىز ۋە ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك.

