ئىھسان ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە «Об ихсане и его значении»

ئېھسان ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى
ئېھسان __ ئومۇمىي مۇسۇلمانلار ئارىسىدىن يوقاپ كېتىشكە باشلىغان، ئىسلام دۇنياسىدا كەم تېپىلىدىغان مۇھىم بىر ئەخلاقتۇر. بۇ شۇنچە ئەھمىيەتلىك بىر ئەخلاق بولۇپ تۇرۇپ، ھازىر ئۇنى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلاردىن، ھەتتا دىيانەتلىك سانالغان كىشىلەردىنمۇ تاپقىلى بولمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئېھساندىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ئەخلاقتىن ئومۇمىي مۇسۇلمانلار پايدىلىنالمىغان بىلەن غەرب دۇنياسى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا غەلىبە قىلغان.

ئىمام بۇخارى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەرىشتە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئىنسان سۈرىتىدە كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئىسلام بىلەن ئىمان ھەققىدە سورىغاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا ئېھسان ھەققىدە سورىغان. چۈنكى، ئېھسان ئىماننىڭ تەقەززاسى ۋە گۈزەل ئەخلاقنىڭ تاجىسىدۇر.

ئۇنداقتا، ئېھساننىڭ مەنىسى نېمە؟

ئېھساننىڭ مەنىسى
ئېھسان ــ ھەر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش دېمەكتۇر. «قۇرئان كەرىم»دىكى: ﴿الَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ﴾ يەنى ﴿ئاللاھ ھەر نەرسىنى مۇكەممەل ياراتتى﴾([1]) دېگەن ئايەت بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئەرەب تىلىدىكى «ِاحْسَان (ئېھسان )» سۆزى ئومۇمىي مەنىسى بىلەن «إِتْقَان (ئىتقان)» يەنى قېتىرقىنىش، پۇختا ئورۇندىماق، كامالەتكە يەتكۈزۈپ ئىشلىمەك دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش دېگەنمۇ ئەخلاقتىن سانىلامدۇ؟ دەپ ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداق، قېتىرقىنىشنى ئۆزىنىڭ يادروسى قىلغان ئېھسان گۈزەل ئەخلاقلار ئىچىدە ئەڭ ئەھمىيەتلىكى سانىلىدۇ.

چۈنكى ئىسلام دىنىنىڭ چاقىرىقى ھەر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش __ ئىبادەت، مۇئامىلە، گەپ _ سۆز، ئىش _ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قېتىرقىنىپ، بېرىلىپ، پۇختا ۋە ياخشى قىلىش __ ئىسلام ئەخلاقىدىن سانىلىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئىشىنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرىدۇ»([2]) دېگەن.

«قۇرئان كەرىم»دە: ﴿إِنَّ اللّهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْإِحْسَانِ وَإِيتَاءِ ذِي الْقُرْبَى﴾ يەنى ﴿ئاللاھ ئادالەتلىك بولۇشقا، ھەر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىشقا ۋە ئۇرۇق _ تۇغقانلارغا سىلەر _ رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ﴾(([3])) دەيدۇ.

يەنە بىر ئايەتتە: ﴿إِنَّ رَحْمَتَ اللّهِ قَرِيبٌ مِّنَ الْمُحْسِنِيْنَ﴾ يەنى ﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئېھسان قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر﴾([4]) دەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئېھساننى ھەر نەرسىگە پۈتۈۋەتكەن.»([5]) دېمەك، بىز چوڭ _ كىچىك، ئاددىي–مۇرەككەپ ھەرقانداق ئىشتا ئېھسان بىلەن ئىش قىلىشقا بۇيرۇلغانمىز.

بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلماستىن، ئۇ ھەقلەرنى شەكلىي ئىبادەتلىرىمىزگىلا قىسقارتىپ قويۇپ، ئىبادەتنىڭ ئومۇمىي ۋە چوڭقۇر مەنىسىدىن غەپلەتتە قېلىپ، دىنىمىزنىڭ روھىدىن، ئاللاھ تائالانىڭ بىزدىن ئىستىگەنلىرىدىن يىراقلىشىپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قالغانمىز.

ھىدايەت، ئىمان، ئىنساب بىز مۇسۇلمانلاردا بار، رەھىم _ شەپقەت بىز مۇسۇلمانلاردا بار، دۇنيانىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى يەنىلا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنلىرىدىن چىقىدۇ، پەن _ تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش ۋە باشقىلارغا بېقىنماستىن ھۆر، قۇدرەتلىك، باياشات ھايات كەچۈرۈشنىڭ پۈتۈن ئامىللىرى بىز مۇسۇلمانلاردا بار. پەقەت بىزدە كەم بولغىنى  ھەر ئىشنى قېتىرقىنىپ ئىشلەش، راستچىللىق، سەمىمىيلىك، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئىنتىزامچانلىق، ئىناقلىق، تىرىشچانلىق، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئەدەپ-ئەخلاقلىق جاسارەت قاتارلىق مۇھىم ئەخلاقلاردۇر!

غەرب دۇنياسى پەن _ تېخنىكا ياكى ئىلىم _ مەرىپەت دېگەنلەرنى بىلمىگەن چاغلاردا بىز مۇسۇلمانلار دۇنيا خەلقىنىڭ ئالدىدا ئىدۇق، ھازىرقى ئىلىم _ پەنلەرنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسلىرىنى سالغۇچىلار ئىبنى سىنا، فارابى، ئىبنى ھەيسەم، ئىبنى رۇشدى، خارەزمى قاتارلىق مۇسۇلمان ئالىملىرى ئىدى. ھەتتا دۇنيانىڭ خەرىتىسىنى تۇنجى قېتىم سىزغان كىشىمۇ بىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىزدىن بىرى مەھمۇد قەشقىرى ئىدى.

ئەمما بىز مۇسۇلمانلار ئەخلاق دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىپ، شەخسىيەتچىلىك بىزدە باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئىلىم _ پەن، تەرەققىيات ۋە كەشپىيات نۆۋىتىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزىمىز مەنىۋى قاششاقلىق بىلەن ھەر تەرەپتىن نامراتلىققا مۇپتىلا بولدۇق.

ھازىرقى كۈندە ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر دەپ سانالغان ياۋروپا دۆلەتلىرىدە، ھەر ئىشنى قېتىرقىنىپ ئىشلەش، راست سۆزلەش، سەمىمىيلىك قاتارلىق ئىنسانىي ئەخلاقلار بار.

 ئەمما ئەپسۇسكى، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىمىزدە ئىسلامىي ئەخلاقمۇ يوق، ئىنسانىي ئەخلاقمۇ يوق.

خەلقىمىزدىمۇ «قېتىرقىنىپ ئىشلىگەن ئادەم راۋاج تاپىدۇ» دېگەن مەنىدىكى ھېكمەتلىك سۆزلەر بار. بىز قايسىبىر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىۋاتىمىز؟ شەكلىي ئەخلاقىمىزدىن باشقا قايسىبىر ئەخلاقىمىزنى ئىسلاھ قىلالىدۇق؟  

ئېھساننى نىيەت قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ داۋامىدا: «مال بۇغۇزلاشتىمۇ ئېھسان قىلىڭلار، پىچاقنى ئىتتىكلىتىپ، مالنىڭ جېنىنى قىينىماي بۇغۇزلاڭلار» دەپ كۆرسەتكەن.

ئېھسان قىلىشتا نىيەتلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ۋە شۇنىڭغا يېتەرلىك سەۋەبلەرنى ھازىرلاش تەلەپ قىلىنىدۇ. خۇددى ئۆلتۈرمەكچى بولغان مالنىڭ جېنىنى قىينىماستىن ئېھسان تەرىقىسىدە بوغۇزلىماقچى بولغان ئادەم، پىچاقنى ئىتتىكلىتىشكە موھتاج بولغىنىدەك، ئۆگىنىش قىلماقچى بولغان ئوقۇغۇچىمۇ مۇناسىپ ۋاقىتنى ۋە مۇناسىپ جاينى تاللاشقا ۋە مۇناسىپ چىراغ يورۇقىنى تاللاشقا موھتاجدۇر.

ئىبادەتتە ئېھسان
ئىبادەت بىلەن ئېھسان ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىبادەتنى ئەڭ مۇكەممەل دەرىجىدە، تولۇق ئادا قىلىش ئېھساندۇر. شۇڭا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئېھسان دېگەن نېمە؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئېھسان ــ خۇددى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشىڭدۇر، گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرەلمىسەڭمۇ، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ»([6]) دەپ جاۋاب بەرگەن. مانا بۇ، ئىبادەتتىكى ئېھسان.

ئىنسان ناماز، زاكات ۋە روزىغا ئوخشاش ئىبادەتلەرنىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پۈتۈن ئىشلىرىنى ئېھسان تەرىقىسىدە قېتىرقىنىپ قىلىدىغان بولسا، ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە نەتىجە قازىنالايدۇ ۋە ئاللاھ تائالاغا ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە قۇلچىلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، ھەر ئىشنى ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ ، دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلغان ئادەم پۈتۈن ئىشلىرىدا ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ.

ئاتا _ ئانىغا ئېھسان قىلىش
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿وَقَضَى رَبُّكَ أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا﴾ يەنى ﴿ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا _ ئانىغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىشىڭلارنى پەرز قىلدى﴾([7]) دەيدۇ.

بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «يا رەسۇلۇللاھ! سىز بىلەن بىرگە جىھاد قىلىشنى خالايمەن» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: «ئاتا _ ئاناڭدىن بىرەرسى ھاياتمۇ؟» دەپ سورىغاندا، ھېلىقى ئادەم: «ھەئە، ئىككىلىسى ھايات» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: «راستتىنلا ساۋاب ئىزدەمسەن؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ ئادەم: «ئەلۋەتتە ساۋاب ئىزدەيمەن» دەيدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئۇنداقتا، قايتقىن، ئاتا _ ئاناڭغا ياخشى ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلغىن»([8]) دەپ ئۇنى قايتۇرۇۋېتىدۇ. مۇسۇلمانلار كۇففارلارغا نىسبەتەن سان ۋە كۈچ جەھەتتە ئاز بولغانلىقتىن، جىھاد قىلغۇچى قوشۇننىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە شۇنچىلىك زور ئېھتىياجلىق بولغان بۇنداق شارائىتتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئادەمنى ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادەت بولغان جىھادتىن مەنئى قىلىپ، ئاتا _ ئانىسىغا خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆيىگە قايدۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئاتا _ ئانىغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قېتىرقىنىپ قىلىشنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك.

ئاتا  _  ئانىغا قانداق ئېھسان قىلىمىز؟
يۇقىرىقى ئايەتتىكى: ﴿ئاتا _ ئانىغا ئېھسان قىلىش﴾تىن ئىبارەت بىر جۈملە سۆز نۇرغۇنلىغان مەنىلەرنى ئىخچام ھالدا ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاللاھ تائالا بۇ بىر جۈملە سۆز ئارقىلىق بىزنى ئاتا _ ئانىمىزغا ئېھسان قىلىشنىڭ چوڭقۇر مەنىلىرىگە باشلايدۇ. ئۇلارغا ئېھسان قىلىش بولسا ئۇلارغا ھەر ۋاقىت تەبەسسۇم بىلەن قاراشتىن باشلاپ، مۇلايىملىق بىلەن، سىلىق ۋە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىش، پەس ئاۋازدا ئەدەپلىك سۆز قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى، دىن ۋە دۇنيالىق قانداقلا بىر خىزمىتى ئۈچۈن ھەمىشە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشقىچە بولغان بىر يۈرۈش پەرزەنت بۇرچلىرىنى مۇكەممەل دەرىجىدە، قېتىرقىنىپ ئادا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاتا _ ئانىنىڭ خىزمىتىنى چىن يۈرەكتىن قېتىرقىنىپ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئېھسان قىلىش ھەر قانداق پەرزەنت ئۈچۈن پەرزدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىبادەتتىن كېيىنلا بۇيرۇغان پەرزى ئاتا _ ئانىغا ئېھسان قىلىشتۇر. «ئېھسان» سۆزى ياخشىلىق قىلىش دېگەن مەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ئۇرۇق _ تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىش، پېقىرلارغا ياخشىلىق قىلىش دېگەندەك ئىختىيارىي خەير _ ئېھسان ۋە سەدىقىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما ئاتا _ ئانىغا قارىتىلغان ئېھسان سۆزى بۇ مەنىلەردە كەلمەيدۇ. چۈنكى ئاتا _ ئانىغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش بالىلار ئۈستىدىكى مۇقەددەس بۇرچتۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ ئىختىيارى ھالدا قىلىپ قويىدىغان خىزمەت ياكى خەير _ ئېھسان ئەمەس. ئاتا _ ئانىسى ئالدىدىكى بۇ مۇقەددەس بۇرچىنى تەرك ئەتكەن كىشى ئاۋۋال بۇ دۇنيادا، ئاندىن ئاخىرەتتە ئۇنىڭ جازاسىنى چوقۇم تارتىدۇ.

قىزلارغا ئېھسان قىلىش
قىزلارغا ئېھسان قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟

قىزلارغا ئېھسان قىلىش ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق پۈتۈن ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان مەنپەئەتلەرنى كەلتۈرۈشتە قېتىرقىنىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ئۇلارنى تەربىيەلەشتە ، بېقىشتا، قاتارغا قوشۇشتا قېتىرقىنىپ ئىش قىلىش دېگەنلىكتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۇنىڭ ئىككى قىزى ياكى ئىككى ھەمشىرىسى بولۇپ، ئۇلارغا ئېھسان قىلىدىكەن، ئۇ كىشى بۇ ئىككىسىنىڭ سەۋەبى بىلەن جەننەتكە كىرىدۇ.»([9])

قىزلارغا ۋە ھەمشىرىلەرگە قانداق ئېھسان قىلىنىدۇ؟

تەبىئىيكى، ئېھسان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆگىنىش بىلەن قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن پەرزەنتلىرىگە، خۇسۇسەن، سۆيۈملۈك قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئېھساننىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

قاچان فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرگىنىدە، ئۇنىڭغا ئورنىدىن تۇراتتى ۋە پېشانىسىگە سۆيۈپ يېنىدا ئولتۇرغۇزاتتى. ھازىرقى زاماندا قانچىلىك ئاتا قىزلىرىغا شۇنچىلىك مېھرىبانلىقنى ۋە ھۆرمەتنى كۆرسىتەلەيدۇ؟

مۇسۇلمانلارنىڭ يولباشچىسى، دۆلەتنىڭ رەئىسى، مەسجىدنىڭ ئىمامى، ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئالىي قوماندانى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھەم خەلقنىڭ نەزىرىدە ئەڭ چوڭ ھۆرمەت _ ئېھتىرامغا سازاۋەر بولغان كاتتا بىر پەيغەمبەر شۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىنى قايرىپ قويۇپ، ئالدىغا كىرگەن قىزىغا ئالاھىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا سالام بەرگەن ۋە باغرىغا باسقان يەردە، ئادەتتىكى ئىنسانلار قانداق بولۇشى كېرەك؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ كەمتەرلىكى ئالدىدا بەزىبىر دىندار قىياپەتتىكى كىشىلەرنىڭ، موللا ئاتالغانلارنىڭ، ھاجى _ ھەرەم بولغانلارنىڭ ۋە ئاز _ تولا مەنسەپكە ياكى بايلىققا ئېرىشىپ غادايغانلارنىڭ ئۆزلىرىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلماسلىقىنى نېمە دېگىلى بولسۇن؟

فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ياتلىق بولغاندىن كېيىن، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدىن سەل يىراق بىر جايدا ماكانلاشقان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «مەن قىزىمنىڭ پىراقىغا بەرداشلىق بېرەلمىدىم، سېنىڭ ئۆيۈڭدىن ماۋۇ ئۆينى بىزگە سېتىپ بەرسەڭ، قىزىمنى ماڭا يېقىن بۇ جايغا كۆچۈرۈپ كەلسەم» دەيدۇ. ساھابە: «يا رەسۇلۇللاھ! مەن ۋە ئۆيۈم ئاللاھنىڭ يولىغا ئاتالغان، خالىغانچە تەسەررۇپ قىلغايلا» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئۆيىنىڭ يېنىغا كۆچۈرۈپ كېلىدۇ.

سالام بېرىشتىكى ئېھسان
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذَا حُيِّيْتُم بِتَحِيَّةٍ فَحَيُّواْ بِأَحْسَنَ مِنْهَا أَوْ رُدُّوهَا﴾ يەنى ﴿سىلەرگە بىراۋ سالام قىلسا، سىلەر ئۇنىڭدىنمۇ مۇكەممەل سالام قىلىڭلار ياكى سالامنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار. ﴾([10])

مەلۇمكى، مۇكەممەل سالام قىلىش «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېگەن كىشىگە، «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ» دېيىش، سالامنى ئەينەن قايتۇرۇش« ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام» دېيىشتۇر.

مۇسۇلمانلارنىڭ بىر _ بىرى بىلەن ئۇچراشقىنىدا، بىر _ بىرىگە سالام بېرىشىنىڭ ئۆزىمۇ ئېھساندۇر. چۈنكى مۇسۇلمانلار باشقىلارغا ئوخشاش«ياخشىمۇسىز؟» دەپ ھال سوراپ قويماستىن، ئۇچراشقان كىشىسىگە ئامانلىق ۋە سالامەتلىك تىلەيدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئەھۋال سوراش بارمۇ دۇنيادا؟

پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئىسلام دىنىدا، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت _ سائادىتى ئۈچۈن يېتەرلىك خەزىنىلەر بار. ئىنسانلارنىڭ بەخت _ سائادىتى بۇ ئۇلۇغۋار خەزىنىلەرنى بىلىپ پايدىلىنىشىغا باغلىق ئىش.

جېدەل ۋە مۇنازىرىدە ئېھسان قىلىش
بۇ ماۋزۇدىمۇ ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بەزى تەۋسىيەلەرنى قىلىشنى چەتتە قالدۇرمىغان ۋە مۇنداق دېگەن: ﴿وَجَادِلْهُم بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ﴾ يەنى ﴿ئۇلار بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن.﴾([11])

سىزگە بىراۋ ياقمايدىغان بىر گەپنى قىلسا، «بۇ نېمىدېگەن قاملاشمىغان سۆز» دەيسىز. ئەگەر ئەدەپلىكرەك بولسىڭىز «مەن بۇ سۆزگە قوشۇلمايمەن» دەيسىز. لېكىن ھەر ئىككى جاۋابتا ئېھسان ئەمەلگە ئاشمىغان. ئەگەر سىز «سىزمۇ مېنىڭ كۆز قارىشىمنى ئاڭلاپ باققان بولسىڭىز» دېسىڭىز ھەممىدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنازىلىشىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنەيلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە دەسلەپ ئىسلامنى تەشۋىق قىلغان ۋاقىتلىرىنىڭ بىرىدە، مەككىنىڭ كاتتىباشلىرىدىن ئۇتبە ئىبنى رەبىئە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەنىگە لايىق كەلمەيدىغان پەس تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇنى ئىسلام دەۋىتىدىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەپ، بۇ يولدا ئەگەر بايلىق خالىسا، پۈتۈن مەككىنىڭ بايلىقىنى يىغىپ بېرىشنى، مەنسەپ تىلىسە، ئۇنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىۋېلىشنى، ئەگەر ئەقلىدىن ئازغان بولسا، ئەڭ ئۇستا دوختۇرلارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنى داۋالىتىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تولۇق ئېيتىۋېلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بېرىپ، سۆز ئارىلىقىدا: «سۆزلە ئەبۇ ۋەلىد،([12]) ئاڭلاۋاتىمەن» دەيدۇ. ئۇتبەنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: «سۆزۈڭ تۈگىدىمۇ ئەبۇ ۋەلىد؟» دەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ جاۋابىنى چىرايلىقچە بېرىپ، ئۇنى يولغا سېلىپ قويىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئېسىل ئەخلاقى ئىنسانلارغا ئەڭ ئەدەپلىك رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىش ئۇسۇلىنى ۋە مۇنازىرە ئەخلاقىنى ئۆگىتىدۇ. ھازىرقى يىگىرمە بىرىنچى ئەسىرنىڭ مەدەنىيەتلىك ئىنسانلىرىنىڭ كۆپلىرىدە بولمىغان، بەزىلىرىدە بولغاندىمۇ تېخى يېتىلىپ تولۇقلانمىغان گۈزەل ئەخلاقلار ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدا تولۇقى بىلەن بار ئىدى. شۇڭا مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنى ئۆگىنىشكە ئىنتايىن موھتاج.

قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ، تولۇق ئاڭلاشنىڭ ئۆزى ئېھسان قاتارىغا كىرىدىغان گۈزەل ئەخلاقتۇر.

گەپ _ سۆزدە ئېھسان قىلىش
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿وَقُل لِّعِبَادِي يَقُولُواْ الَّتِي هِيَ أَحْسَنُ﴾ يەنى ﴿مېنىڭ بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار ئەڭ چىرايلىق سۆزلەرنى قىلسۇن﴾([13]) دەيدۇ.

ھەر قانداق يەردە ئالقىشلىنىدىغان، ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىنى يورۇتىدىغان، تاشتەك قاتتىق يۈرەكلەرنىمۇ ئېرىتىدىغان، قاتتىقلىق بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى ھەل قىلىدىغان سېھىرلىك نەرسە چىرايلىق سۆزدۇر!

ئېھسان ھەممە ئىشتا تەلەپ قىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشلىرىنى ئەستايىدىل قىلىشى، ئىشچى _ خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى قېتىرقىنىپ ئورۇندىشى، ئاتا _ ئانىنىڭ بالىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى ، سودىگەرلەرنىڭ ۋە دۇكاندارلارنىڭ خېرىدارلارغا سەمىمىي بولۇشى، بالىلارنىڭ ئاتا _ ئانىسىغا ۋە مۇئەللىملىرىگە ساداقەتمەن بولۇشى، ئەرنىڭ ئايالىغا، ئايالنىڭ ئېرىگە سادىق ۋە راستچىل بولۇشى، دوستنىڭ دوستقا سەمىمىي بولۇشى قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ھەممىسى ئېھساندىن سانىلىدۇ.([14])



([1]) 32- سۈرە سەجدە 7- ئايەت
([2]) تەبەرانى رىۋايىتى
([3]) 16- سۈرە نەھل 90- ئايەت
([4]) 7- سۈرە ئەئراف 56- ئايەت
([5]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى
([6]) ئىبنى ماجە رىۋايىتى
([7]) 17- سۈرە ئىسرا 23- ئايەت
([8]) نەسائى رىۋايىتى
([9]) ئىبنى ماجە رىۋايىتى
([10]) 4- سۈرە نىسا 86- ئايەت
([11]) 16- سۈرە نەھل 125- ئايەت
([12]) ئەبۇل ۋەلىد __ ۋەلىدنىڭ دادىسى دېگەن سۆز بولۇپ، ئەرەبلەر ھۆرمەت يۈزىسىدىن بىر-بىرىنى «پالانىنىڭ دادىسى» دەپ چوڭ بالىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتىشىدۇ.
([13]) 17- سۈرە ئىسرا 53- ئايەت
([14]) ئۇستاز ئەمر خالىدنىڭ «مۇئمىننىڭ ئەخلاقى» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار