ئاللاھ بىلەن تىجارەت قىلىش

ئاللاھ بىلەن تىجارەت قىلىش

مۇھەممەد يۈسۈپ

تىجارەتنىڭ ئەڭ بەرىكەتلىكى ۋە ئەڭ كۆپ پايدا كەلتۈرىدىغىنى ئاللاھ تائالا بىلەن تىجارەت قىلىشتۇر. دۇنيالىق تىجارەتلەردە پايدا تېپىش بولغاندەك زىيان تارتىشمۇ بولىدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالا بىلەن قىلغان تىجارەتتە قەتئىي زىيان تارتىش بولمايدۇ، پەقەتلا پايدا تېپىش بولىدۇ.

 ئاللاھ تائالا بىلەن تىجارەت قىلىش — پۇل-مالنى، ۋاقىتنى، ئىلىمنى، كېرەك بولسا جاننى ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا ئاتاش ۋە بېغىشلاش بىلەن بولىدۇ. بۇ تىجارەتنىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپى شۇكى، بايلىقىمىز ۋە ھەر نەرسىمىز ئاللاھ تائالانىڭ تۇرۇقلۇق، بىز ئاللاھ يولىغا چىقىم قىلساق، ئورنىنى نەچچە ھەسسە ئارتۇقى بىلەن تولدۇرۇپ بېرىدۇ. يەنى سىز ئاللاھنىڭكىنى ئاللاھقا بەرسىڭىز، ئاللاھ سىزگە ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ ۋە سىزدىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى تىجارەت-ھە،  ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿من ذا الذي يُقرضُ الله قرضاً حسناً فيُضاعفهُ له أضعافاً كثيرة﴾ «كىمكى (پۇل _ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىپ) ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە كۆپ قايتۇرىدۇ»[1]. ئايەتتىكى ياخشى قەرز — ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل_مال سەرپ قىلىش دېگەنلىكتۇر.

ئاللاھ تائالا يەنە ﴿ مثلُ الذين ينفقون أموالهم في سبيل الله كمثل حبة أنبتت سبع سنابل في كل سُنبلةٍ مائة حبةٍ والله يضاعف لمن يشاء والله واسع عليم ﴾ «ئاللاھ يولىدا پۇل _ مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ سەرپ قىلغان نەرسىسى يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا يۈز تالدىن دان تۇتقان بىر تال ئۇرۇققا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ بېرىدۇ»[2] دېگەن.

ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان تىجارەتنىڭ شۇنداق بىر لەززىتى باركى، بۇ تىجارەتنى قىلمىغانلار بىلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ يولىدا بېغىشلاشتىن كېلىدىغان سائادەتنى باشقا ھېچقانداق نەرسىدىن تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭا بېغىشلاشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ بېغىشلاشقا ئالدىرايدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ ئىشنىڭ پايدىسى ھەممىدىن بەك بىلىدۇ.

ئاللاھ بىلەن تىجارەت قىلغان ئۈلگىلىك زاتلار

1.         زەيد ئىبنى ئەسلەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿من ذا الذي يُقرضُ الله قرضاً حسناً فيُضاعفهُ له أضعافاً كثيرة﴾ «كىمكى (پۇل _ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىپ) ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە كۆپ قايتۇرىدۇ»[3] دېگەن ئايىتى چۈشكەندە، ئەبۇ دەھداھ ئىسىملىك بىر ساھابە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورايدۇ:

ــ يا رەسۇلۇللا! ئاللاھ تائالا ھەممىدىن بىھاجەت تۇرۇپ بىزدىن قانداق قەرز سورايدۇ؟

ــ توغرا، ئاللاھ تائالا ھەممىدىن بىھاجەت، بىراق ئۇ ئۇنىڭ بىلەن سىلەرنى جەننەتكە ئەكىرىشنى خالايدۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.

ــ ئەگەر مەن ئاللاھ تائالاغا قەرز بەرسەم، مېنى ۋە قىزىمنى جەننەتكە كىرگۈزەمدۇ؟

ــ ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىدۇ.

ــ ئانداقتا دۇنيادا مېنىڭ ئىككىلا بېغىم بار، ئۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى ئاللاھ يولىدا ئاتىدىم.

ــ ياق، بىرىنى شۇنداق قىل، يەنە بىرىنى ئۆزۈڭ ۋە ئائىلەڭنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىلىپ قالغىن دەيدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام. بۇۋاقىتتا ھېلىقى ساھابى:

ــ ئۇنداق بولسا، ئىككى بېغىمنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئاتىدىم، ناچارراقىنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم دەپ ۋەدە قىلىدۇ ۋە شۇنداق قىلىدۇ[4].

2.        رىملىقلارنى مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى زور قوشۇن بىلەن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىق خەۋىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندىن كېيىن، ئىسلام قوشۇنىنى رىملىقلارغا قارشى ئۇرۇشقا جابدۇشقا تىرىشىدۇ. ئەمما قوشۇننى جابدۇشقا يېتەرلىك پۇل-مال يوق بىر ئەھۋالدا، ساھابىلەردىن ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، «يا رەسۇلۇللاھ! مەندە سەككىز مىڭ دىنار پۇل بار ئىدى، تۆت مىڭنى ئائىلەم ئۈچۈن ئېلىپ قېلىپ، تۆت مىڭنى ئاللاھقا قەرز بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدىم» دەپ پۇلنى تاپشۇرىدۇ. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاتتىق خۇشال بولىدۇ ۋە «بەرگىنىڭگىمۇ، ئېلىپ قالغىنىڭغىمۇ ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن» دەپ دۇئا قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پۇل-مېلىغا شۇنداق بەرىكەت ئاتا قىلغانكى، ئۇ زات ۋاپات بولغاندا، پەرزەنتلىرىگە تەقسىم قىلغاننىڭ سىرتىدا، تۆت ئايالىنىڭ ھەربىرىگە سەككىزدىن بىرىنى تەقسىم قىلىش قائىدىسى بويىچە تۆت مىليوندىن جەمئىي 16 مىليون دىنار مىراس تېگىدۇ.



[1] بەقەرە سۈرىسى: 245- ئايەت.
[2] بەقەرە سۈرىسى: 261- ئايەت.
[3] بەقەرە سۈرىسى: 245- ئايەت.
[4] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار