ئاللاھ تائالانىڭ «ئەل ھەفىز» دېگەن ئىسمى ھەققىدە

 

ئاللاھ تائالانىڭ «ئەل ھەفىز» دېگەن ئىسمى ھەققىدە

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەگەر سىز ھاياتىڭىزنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىدىن ياكى تەن ساقلىقىڭىزنىڭ ياخشى بولالماسلىقىدىن ياكى ئەھلى ئەۋلادىڭىزنىڭ كېلەچىكىدىن، يىراق جايلارغا ئوقۇشقا كەتكەن پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ يامان دوستلارغا ئارىلىشىپ قېلىپ، تۇيۇق يوللارغا كىرىپ كېتىشىدىن ۋە ياكى پۇل - مېلىڭىزنىڭ ھالاك بولۇشىدىن ئەنسىرىسىڭىز، شۇنى بىلىڭكى، سىز ئاللاھ تائالانىڭ «ئەل ھەفىز» دېگەن مۇبارەك ئىسمىنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىشكە ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىمانىڭىزنى يېڭىلاشقا موھتاجسىز. چۈنكى سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى، تەن ساقلىقىڭىزنى، ئەھلى ئەۋلادىڭىزنى، پۇل - مېلىڭىزنى ۋە ھەممە نەرسىڭىزنى زايە بولۇشتىن ساقلىغۇچى زات ئاللاھ تائالادۇر. ئاللاھ تائالا «خير الحافظين» (ئەڭ ياخشى ساقلىغۇچى)دۇر، ئۇ مۇبارەك ئىسىملىرىنى ئاتاپ دۇئا قىلغان قىلغان كىشىنى بارچە خەتەرلەردىن قوغدىغۇچى زاتتۇر. «بِسْمِ اللهِ الَّذِي لاَ يَضُرُّ مَعَ اِسْمِهِ شَيْءٌ فِي اْلأَرْضِ وَلاَ فِي السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيْعُ العَلِيْمُ» يەنى «ئىسمىنى ئاتىغان كىشىگە ئاسمان ۋە زېمىندا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»([1]).

ئەللامە مۇھەممەد ناسىر ئەل سەئدى مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ئەل ھەفىز دېگەن ئىسمى ئۇنىڭ مەخلۇقاتنى قوغداپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، خۇسۇسەن سالىھ بەندىلىرىنى گۇناھلاردىن، ھالاكەتلەردىن ساقلايدىغانلىقىنى، ئۇلارغا بارلىق ھەرىكەت ۋە سۈكۈناتلىرىدا تامامىي مېھرىبانلىقى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ».

 ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى قوغدىغۇچىدۇر. شۇڭا بىز ھەربىر دۇئايىمىزدا: «اَللَّهُمَّ احْفَظْنِي مِنْ بَيْنِ يَدَيَّ وَمِنْ خَلْفِي وَعَنْ يَمِيْنِي وَعن شِمَالِي وَمِنْ فَوْقِي وَأَعُوذُ بِعَظَمَتِكَ أَنْ أُغْتَالَ مِنْ تَحْتِي» يەنى «ئى ئاللاھ! مېنى ئالدىمدىن، كەينىمدىن، ئوڭ تەرىپىمدىن، سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستى تەرىپىمدىن قوغدىغىن. سېنىڭ ئۇلۇغلۇقىڭغا سېغىنىپ ئاستى تەرىپىمدىن سۇيىقەستكە ئۇچرىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن»([2]) دەپ تىلەيمىز. دېمەك، ئاللاھ تائالا سىزنى ئالتە تەرىپىڭىزدىن قوغداپ تۇرىدۇ، سىزنى ئۆزىڭىز ھېس قىلمىغان خەتەرلەردىن، ھالاكەتلەردىن ساقلايدۇ. چۈنكى ئۇ بەندىلىرىگە تولىمۇ مېھرىبان زاتتۇر.

ئاللاھ تائالا سىزنىڭ بارلىق ئەزالىرىڭىزنى ئاغرىق - سىلاقلاردىن ساقلايدۇ. شۇڭا بىز ھەر ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا: «اَلَّلُهَّم عَافِنِي فِي بَدَنِي، اَللَّهُمَّ عَافِنِي فِي سَمْعِي، اَللَّهُمَّ عَافِنِي فِي بَصَرِي، لاَ إلۤهَ إلاَّ أَنْتَ» يەنى «ئى ئاللاھ! بەدىنىمنى ساق قىلغىن. ئى ئاللاھ! كۆزۈمنى ساق قىلغىن. ئى ئاللاھ! قۇلىقىمنى ساق قىلغىن. ھەقىقەتەن سەندىن باشقا ئىلاھىي مەبۇد يوقتۇر»([3]) دەپ دۇئا قىلىمىز. بۇ دۇئانىڭ ئەھمىيىتى شۇنچە زوركى، ناۋادا سىز كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز، دۇنيا سىز ئۈچۈن قاراڭغۇلۇق ۋە جىمجىتلىق، ھايات سىز ئۈچۈن ئاچچىق بولۇپ كېتىدۇ. )قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَخَذَ اللَّهُ سَمْعَكُمْ وَأَبْصَارَكُمْ وَخَتَمَ عَلَى قُلُوبِكُمْ مَنْ إِلَهٌ غَيْرُ اللَّهِ يَأْتِيكُمْ بِهِ( «(ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، <دەپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟>»[4]. ئاللاھ تائالا كۆز، قۇلاق قاتارلىق ئەزالىرىڭىزنى ئاغرىق ۋە خەتەرلەردىن ساقلىغاندەك، ئۇلارنى نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قاراش ۋە غەيۋەتكە قۇلاق سېلىشتەك ھارام ئىشلاردىن ساقلايدۇ. چۈنكى ناۋادا ئاللاھ تائالا ئەزالىرىڭىزنى ھارامدىن ساقلىمىسا، سىز گۇناھ -مەسىيەتلەردىن ئۆزىڭىزنى قوغداپ قالالمايسىز، ئاندىن قىيامەت كۈنى بۇ ئەزالىرىڭىز سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن گۇۋاھلىق بېرىدۇ. «حَتَّى إِذَا مَا جَاءُوهَا شَهِدَ عَلَيْهِمْ سَمْعُهُمْ وَأَبْصَارُهُمْ وَجُلُودُهُمْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ» «ئۇلار دوزاخنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ»[5].

ئاللاھ تائالا سىزنىڭ دىنىڭىز ۋە ئەقىدىڭىزنى ساقلايدۇ. شۇڭا بىز ھەربىر دۇئايىمىزدا، سەجدىلىرىمىزدە: «اَللَّهُمَّ يَا مُقَلِّبَ اْلقُلُوبِ ثَبِّتْ قَلْبِي عَلَى دِيْنِكَ»، يەنى «ئى دىللارنى باشقۇرغۇچى ئاللاھ! دىلىمنى دىنىڭغا مۇستەھكەم قىلغىن»([6]) دەپ تىلەيمىز. چۈنكى ناۋادا ئاللاھ تائالا سىزنىڭ دىنىڭىزنى، ئەقىدىڭىزنى ۋە پىكرىڭىزنى ساقلىمىسا، سىزنىڭ ئېزىپ كېتىشىڭىز مۇقەررەر.

ئازغۇنلۇقنىڭ يوللىرى كۆپتۇر

بەزى ئۆلىمالار ياشلىقىنى، ئۆمرىنى ۋە بارلىقىنى شەرئىي ئىلىمگە ئاتاپ، كۆپ يىل ئوقۇپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلگەن بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىنىنى، ئەقىدىسىنى ۋە پىكرىنى ئازغۇنلۇقتىن ساقلىمىغانلىقتىن، كېيىن ئۇلار ئېزىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ بەزىسى مۇرتەد بولۇپ كەتكەن بولسا، بەزىسى بىدئەتچى بولۇپ كەتكەن، يەنە بەزىسى ئوقۇغانلىرىنى زالىملارنىڭ ۋە مۇستەملىكىچىلەرنىڭ رەزىل مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىپ ئاخىرەتلىكىنى بۇزۇپ تاشلىغان. گەرچە سىزنىڭ دىنىي جەھەتتىكى بىلىمىڭىز كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئاللاھ تائالاغا لايىقىدا قۇلچىلىق قىلىپ كېلىۋاتىسىز، پەرز، ۋاجىب ۋە سۈننەت ئەمەللىرىنى جايىدا ئادا قىلىۋاتىسىز، ھارام، گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىنىۋاتىسىز. چۈنكى ئاللاھ تائالا سىزنىڭ دىنىڭىزنى، ئەقىدىڭىزنى ۋە ئەخلاقىڭىزنى ساقلىغان. بۇ ئەلۋەتتە كاتتا نېمەتتۇر. ئاللاھ تائالا بىراۋغا ئۆزىنىڭ «ئەل ھەفىز» دېگەن مۇبارەك ئىسمى بىلەن مۇئامىلە قىلسا، ئۇنى ئەنە شۇنداق ساقلايدۇ ۋە قوغدايدۇ. بۇ چاغدا بەندە ئۆزى ھېس قىلمىغان  تۈرلۈك خەتەرلەردىن ۋە ھالاكەتلەردىن ساقلىنىپ قالىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئالىم ئابدۇللاھ قەسىمىي ئىلگىرى ئىسلامنى مۇداپىئە قىلىپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان، بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ئىسلام ۋە بۇددىزم» ناملىق كىتابى كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ھەتتا بەزىلەر ئۇنى مۇشۇ كىتابى ئارقىلىق «جەننەتنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ بولدى» دەپ ماختىغان ئىكەن. ئەپسۇسكى، بۇ ئالىم كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىردىنلا ئۆزگىرىپ كەتكەن ۋە ئازغۇنلۇق پاتقاقلىرىغا پېتىپ مۇرتەدلىككىچە بېرىپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «مانا بۇ ئېغىر يۈك» (يەنى ئىسلام ئەنە شۇنداق ئېغىر يۈكتۇر) دەپ بىر كىتاب يازغان. بۇنداق ئېزىپ كەتكەن ئۆلىمالار ئاز ئەمەس، ئەلۋەتتە. مىسىردا ئەلى جۇمئە، تۈركىيەدە ئەدنان ئوقتار، ياشار نۇرى قاتارلىقلارمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. جانابىي ئاللاھ بۇنداق ئاقىۋەتتىن جىمى مۇسۇلمانلارنى ساقلىغاي، ئامىن.

ئاللاھ تائالا «ئەل ھەفىز» دېگەن مۇبارەك ئىسمى بىلەن سىزنىڭ دىنىڭىزنى، ئەقىدىڭىزنى ۋە ھەر نەرسىڭىزنى قوغدايدۇ. ناۋادا ئاللاھ تائالا سىزنى قوغدىمىسا، ھىمايە قىلمىسا، سىزنىڭ دېڭىزدەك مول ئىلىمىڭىز، تەقۋادار قىياپەتتىكى يۈرۈش - تۇرۇشىڭىز، مۇسۇلمانچە كىيىنىشىڭىز، «قۇرئان كەرىم»نى تولۇق يادقا ئالغان، «سەھىھ بۇخارىي»نى سۇدەك بىلگەن بولۇشىڭىز ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. شۇڭا بىز ئاللاھ تائالانىڭ «ئەل ھەفىز» دېگەن مۇبارەك ئىسمىنى ۋە باشقا گۈزەل ئىسىملىرىنى ۋەسىلە قىلىپ، ھەمىشە ئۇنىڭ بىزنى ساقلىشىنى ۋە قوغدىشىنى تىلەشكە موھتاج.

ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر

)لَهُ مُعَقِّبَاتٌ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ يَحْفَظُونَهُ مِنْ أَمْرِ اللَّهِ( «ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى _ كەينىدە ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغداپ تۇرىدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار.»[7]  ئاللاھ تائالا سىز ئۈچۈن تۆت پەرىشتىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن سىزنى كېچە - كۈندۈزنىڭ بالايىئاپەتلىرىدىن ۋە تۈرلۈك خەتەرلىرىدىن قوغداپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ھاياتىمىزنى خەتەردىن، تېنىمىزنى كېسەلدىن، ئەقىدىمىزنى ئازغۇنلۇقتىن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ساقلىغۇچىدۇر. شۇڭا بىز ھەر ئەتىگىنى رىزىق ئىشىكىنى ھالال ئەمگەك بىلەن قېقىش ئۈچۈن سىرتقا چىقماقچى بولغاندا، ئۆيدە قالغان ئەھلى ئەۋلادىمىزنى ئاللاھ تائالانىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرۇپ، «ئاللاھقا ئامانەت» دەيمىز. دوستلىرىمىز، تۇغقانلىرىمىز ۋە بىز ياخشى كۆرىدىغان ھەرقانداق كىشىمىز بىلەن خوشلاشقان چاغدا، يەنە «ئاللاھقا ئامانەت» دەيمىز. پەرزەنتلىرىمىزنى مەكتەپكە يولغا سالغاندا ياكى يىراق جايلارغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەندە «ئاللاھقا ئامانەت» دەيمىز. چۈنكى دىنىمىز بىزنى شۇنداق دېيىشكە بۇيرۇغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «أَسْتَوْدِعُكُمُ اللهَ الَّذِي لاَ تَضِيْعُ وَدَائِعُهُ» «سىلەرنى قويۇلغان ئامانەتنى قەتئىي زايە قىلىۋەتمەيدىغان زات ― ئاللاھقا ئامانەت قىلدىم»([8]) دەپ دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن.

ئاللاھ تائالا ساقلىغان كىشىگە ھېچكىم زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ

2016 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە ئائىز ئەل قەرنىي فىلىپپىندە سۇيىقەستكە ئۇچرىغاندا، ئۇنىڭ يۈرىكىگە قارىتىپ ئېتىلغان ئالتە پاي ئوق ئۇنى ئۆلتۈرەلمىدى. شۇ ۋەقەنى نەق مەيداندا ئېلىپ تۇرغان ۋىدىيو كۆرۈنۈشىدە ئاشكارا بولۇشىچە، ئەللامە ئائىز ئەل قەرنىيگە ئوق ئاتقان كىشى بىر مېتىرلىق مۇساپىدىن ئۇنىڭ يۈرىكىگە قارىتىپ ئالتە پأي ئوق ئاتغان، ئەللامە ئائىز ئەل قەرنىي تەرەپتىن ھېچقانداق قوغدىنىش بولمىغان، شۇنداق ئەھۋالدىمۇ، ئۇ ئۆلۈمدىن ساق قالغان. 1963- يىلى شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا رەئىسى جون كېنىدى قەستكە ئۇچرىغاندا، ئۇ قوغدالغان مەخسۇس ئاپتوموبىلىدا كېتىۋاتاتتى، ئەتراپىدا كۈچلۈك قوغدىچىلىرى بار ئىدى. ئەمما جون كېنىدى بىر پاي ئوق بىلەنلا ئۆلدى.

 ئەللامە ئائىز ئەل قەرنىي سۇيىقەستتىن ئامان قالغاندىن كېيىنكى باياناتىدا، «مەن ئەتىگەنلىك ۋەزىپىنى (زىكىر ۋە دۇئالىرىمنى) تولۇق ئوقۇپ يولغا چىققان ئىدىم» دېگەن. بۇ ۋەقەلىك ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ «ئەل ھەفىز» دېگەن مۇبارەك ئىسمىنىڭ مەنىسىنى، ئەتىگەن – ئاخشاملىرى ئوقۇلىدىغان زىكىر ۋە دۇئالانىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك دەرستۇر. بىزنىڭ ئۈلگىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزگە ئەتىگەن ۋە ئاخشاملىق دۇئالىرىمىز ئىچىدە: « ِبسْمِ اللهِ الَّذِي لاَيَضُرُّ مَعَ اسْمِهِ شَيْءٌ في اْلأرْضِ وَلاَ في السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيْعُ العَلِيْمُ» يەنى «ئىسمىنى ئاتىغان كىشىگە ئاسمان ۋە زېمىندا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»([9]) دېگەن دۇئانى ئۈچ قېتىم ئوقۇشنى ئۆگەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن: « يا غُلامُ إنِّي أعلِّمُكَ كلِماتٍ، احفَظِ اللَّهَ يحفَظكَ، احفَظِ اللَّهَ تَجِدْهُ تجاهَكَ، إذا سأَلتَ فاسألِ اللَّهَ، وإذا استعَنتَ فاستَعِن باللَّهِ» يەنى «ئى بالام! مەن ساڭا بىر قانچە سۆز ئۆگىتىپ قوياي، ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا رىئايە قىلغىن، ئاللاھ سېنى قوغدايدۇ، ئاللاھ بېكىتكەن چەك-چېگرالارغا ئەمەل قىلغىن، ئاللاھ ساڭا ياردەم قىلىدۇ، باياشاتلىق كۈنلىرىڭدە ئاللاھنى ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھمۇ سېنى قاتتىق كۈنلىرىڭدە ئۇنتۇمايدۇ»[10].

ئاللاھ تائالا بەندىسىنى قوغداشنى خالىسا، ئۇنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قوغدايدۇ. كۈۋەيتلىك ئىسلام دەۋەتچىسى ئەللامە ئابدۇراھمان سەمىت دېگەن كىشى ئافرىقىدا كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن 25 يىللىق ھاياتىنى ئاتىدى، مۇھىتنىڭ ۋە ئىچىملىك سۇنىڭ ناچارلىقى، يىلان، چايانلارنىڭ كۆپلۈكى، يېمەك-ئىچمەكنىڭ يوقلۇقى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئوڭۇشسۇزلۇقلارغا بەرداشلىق بەردى، نەچچە قېتىم يىلان چېقىۋالدى، نەچچە ئون قېتىم ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىلارغا چۈشۈپ قالدى. ئەمما ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىنى كۈۋەيتكە قايتىپ بېرىپ ئۆز ئۆيىدە ئۈزدى. ئاللاھ تائالا ساقلاشنى خالىسا، ئەنە شۇنداق ساقلايدۇ.

ئاللاھ تائالا بەزىدە بەندىلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولى بىلەن ساقلايدۇ. ھېكايە قىلىنىشىچە،  بىر كۈنى بىر قانچە نەپەر ئوغرى بىر ئائىلىگە ئوغرىلىققا كىرگەن بولۇپ، ئۇلار ئاۋۋال بوۋاق ياتقان ئۆيگە كىردى، ئاندىن بوۋاقنى سىلىققىنە ئېلىپ باشقا بىر خانىغا يۆتكەپ قويدى، بۇ ئارىدا بوۋاق ئويغىنىپ كېتىپ قاتتىق يىغلىدى. شۇنىڭ بىلەن بوۋاقنىڭ ئاتىسى بىلەن ئانىسى نېمە بولغاندۇ دەپ چۆچۈپ ئورنىدىن تۇردى ۋە يۈگۈرۈپ چىقىپ بوۋاق يىغلىغان خانىغا كىردى. بۇ چاغدا ئوغرىلار پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ياتىقىغا كىردى. ئۇلار ئىشىكنى سىلىق تاقىۋېتىپ، ئەمدىلا ياتاقنى ئاختۇرايلى دەپ تۇرغان پەيتتە، ياتاق ئۆينىڭ تورىسى يىقىلىپ چۈشۈپ ئوغرىلار شۇ جايدىلا جان بېرىشىدۇ، ئائىلە ئەزالىرى بولسا ھەممىسى سالامەت قالىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالا بۇ ئائىلە كىشىلىرىنى ئۆينىڭ ئاستىدا قېلىشتىن قوغداشنى ئىرادە قىلغان، ئوغرىلارنىڭ ئەجىلى يېتىپ كەلگەن.

ئاللاھ تائالا سىزنى ھەربىر لەھزىدە قوغداپ تۇرىدۇ

سىزنى ھەربىر لەھزىدە كىمنىڭ قوغداپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ھەربىر لەھزە ئىچىدە يۈزلەرچە قېتىم تۈرلۈك خەتەرلەردىن ساقلايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

سىزگە يېقىنلاشقان بولسىمۇ، سىز تېخى ھېس قىلمىغان ۋە ئويلاپمۇ قويمىغان نۇرغۇنلىغان بالايىئاپەتلەردىن، تۈرلۈك خەتەرلەردىن سىزنى قوغداپ تۇرۇۋاتقان زاتنى بىلەمسىز؟ ئۇ ئاللاھ تائالادۇر!

سىز بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان مۇشۇ لەھزىنىڭ ئۆزىدە ئاللاھ تائالا سىزنى ھەر خىل خەتەرلەردىن نۇرغۇن قېتىم ساقلايدۇ. مەسىلەن، يۈرىكىڭىزنى توختاپ قېلىشتىن ساقلايدۇ، تومۇرلىرىڭىزنى توسۇلۇپ قېلىشتىن ساقلايدۇ، ئەقلىڭىزنى يوقىلىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ، بۆرەكلىرىڭىزنى ئىشلەشتىن توختاپ قېلىشتىن ساقلايدۇ، نېرۋىڭىزنى چېچىلىشتىن ساقلايدۇ، بېشىڭىزنى ئاغرىشتىن ساقلايدۇ، ئاشقازىنىڭىزنى يارىدىن ساقلايدۇ، پۇت، قوللىرىڭىزنى ھەرىكەتسىزلىكتىن ساقلايدۇ، كۆزىڭىزنى ئەمالىقتىن ساقلايدۇ، قولىقىڭىزنى گاسلىقتىن ساقلايدۇ، تىلىڭىزنى تىلسىزلىقتىن، يامان گەپلەرنى قىلىشتىن ساقلايدۇ. يۇقىرىقى ئەزالىرىڭىزنىڭ بىرەرسىدىن چاتاق چىقسا، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز غەمكىنلىككە، كۈندۈزىڭىز قاراڭغۇلۇققا، ھاياتىڭىز جەھەننەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. دېمەككى، ئۈستىمىزدىكى نېمەتلەر ناھايىتى كۆپتۇر. ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئەزالىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ لەھزىنىڭ ئىچىدە ۋە كېيىنكى لەھزىلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق ساقلايدۇ. شۇڭا بىز ھەربىر لەھزىدە ئاللاھ تائالاغا كۆپلەپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ: «ئەلھەمدۇ لىللاھ» دېيىشكە تېگىشلىك.

ئاللاھ تائالا بارچە مەخلۇقاتىنى ساقلىغۇچىدۇر

ئاللاھ تائالا بارچە مەخلۇقاتىنى تۈرلۈك تەدبىر ۋە چارىلەر بىلەن قوغدايدۇ، ھەربىر مەخلۇقاتنىڭ ئۆزىنى قوغدىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئوخشاش بولمىغان قوغدىنىش قوراللىرىنى ئاتا قىلغان بولۇپ، كىيىك ۋە توشقانغا ئوخشاش بەزى ھايۋانلارنى ئۇلارغا تېز يۈگۈرۈش قۇدرىتىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق قوغدايدۇ، كالىغا ئوخشاش ھايۋانلارنى ئۇلارغا ئۈسۈش كۈچىنى ئاتا قىلىش بىلەن قوغدايدۇ، پىلغا ئوخشاش ھايۋانلارنى ئۆزىنىڭ يوغان بەستى بىلەن دۈشمەنلىرىنى قورقۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاتا قىلىش  بىلەن قوغدايدۇ، يىلانغا ئوخشاش بەزى جانلىقلارنى جىسمىغا ئورۇنلاشتۇرغان زەھەر سايىسىدا قوغدايدۇ، قۇشلارنى قانىتىغا تايىنىپ ئۇچۇشنى ئىلھام قىلىش بىلەن ساقلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاللاھ تائالا ھەربىر ھايۋانغا ئۆزىنى قوغداش قورالىنى ۋە قۇدرىتىنى ئاتا قىلغان.

دۇئا بىلەن سەۋەب بىر-بىرىگە زىت ئەمەس

ھەرقانداق يامانلىقتىن قوغدىنىش، خەتەرلەردىن ساقلىنىش ۋە ھەرقانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سەۋەب قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى ۋە كائىناتنىڭ قانۇنىيىتىدۇر. سەۋەب بىلەن دۇئا خۇددى قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشاش زۆرۈر بولۇپ، ئۇ ئىككىسى بىزنى كۆزلىگەن مەنزىللەرگە يەتكۈزىدۇ ۋە كېلىشمەسلىكلەردىن بىزنى قوغدايدۇ. ئۈلگىمىز ۋە يولباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئوقۇغان ئادەم بىلىدۇكى، ئۇ زات ئاللاھ تائالاغا تايىنىش بىلەن سەۋەب قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى قورالنى تەڭ قوللانغان، ھەرگىز سەۋەبكىلا ئىشىنىپ كېتىپ ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇپ قالمىغان ياكى ئاللاھ تائالاغا تايىنىش باھانىسى بىلەن سەۋەب قىلىشنى قولدىن بەرمىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ھىجرەتكە ئاتلانغان چاغدا قىلغان ئىشلىرى بىزگە بۇنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئىككىسى مەدىنىگە ھىجرەت قىلماقچى بولۇپ يولغان چىققاندا، نۇرغۇن مال-دۇنيا بەدىلىگە ئۇلارنى مۇشرىكلارنىڭ كاتتىباشلىرىغا تۇتۇپ بېرىدىغانلارغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، قەيلۇلە ۋاقتىنى (يەنى چۈش  ۋاقتى ھەممە ئادەم ئازراق ئۇخلاپ ئارام ئالىدىغان ۋاقىتنى) تاللىغان، ئاندىن مەدىنە يولى ئەمەس بىر يولغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، سەۋر غارىغا يوشۇرۇنغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلغان ۋە ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرغان. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاۋۋال سەۋەب قىلغان، ئاندىن ئاللاھ تائالاغا تايانغان، ھەتتا ئۇلارنى ئىزدەپ كەلگەن مۇشرىك قوشۇنلىرى غارنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ بىر ئاز قورققانلىقىنى كۆرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئى ئەبۇ بەكرى! بىزنى ئىككىلا كىشى دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ ياق، بىز ئۈچ (يەنى ئاللاھ بىز بىلەن بىللە) » دېگەن. نەتىجىدە، ئاللاھ تائالانىڭ ھىمايىسى ئاستىدا مەدىنىگە سالامەت بارغان. «قۇرئان كەرىم» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ چاغدىكى سۆزىنى )لَا تَحْزَنْ إِنَّ اللَّهَ مَعَنَا( «غەم قىلمىغىن، شەكسىزكى، ئاللاھ بىز بىلەن بىللە»[11] دېگەن ئايەت بىلەن ئىپادىلىگەن.

ئەسھابۇلكەھف ئۆزلىرىنىڭ ئىمانىنى ساقلاش يولىدا زالىم پادىشاھنىڭ كۆزىدىن يىراق بولۇشقا بەل باغلىدى، ئاندىن بۇنىڭ سەۋەبىنى قىلىپ ئۆڭكۈرگە سېغىندى، ئاندىن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلدى. نەتىجىدە، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆڭكۈردە 309 يىل ئۇخلىتىپ قويۇش ئارقىلىق قوغدىدى.

ئاللاھ تائالا ھەقىقىي مۇئمىنلەرنى چوقۇم قوغدايدۇ

)إِنَّ اللَّهَ يُدَافِعُ عَنِ الَّذِينَ آَمَنُوا( «ئاللاھ (ھەقىقىي) مۇئمىنلەرنى چوقۇم قوغدايدۇ»[12]. شەكسىز ھەقىقەت شۇكى، ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىپ، شۇ ئىمانىغا لايىق ياشىغان ۋە ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغان، ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقىي مۇئمىنلەرنى قوغدايدىغانلىقىغا چىن كۆڭلى بىلەن ئىشەنگەن مۇئمىنلەرنى ئاللاھ تائالا چوقۇم قوغدايدۇ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ يامانلىقلىرىدىن ۋە سۇيىقەستلىرىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارغا ياردەم ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەقىقىي مۇئمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى قوغدىماقچى بولغاندا، ئۇلارنى تۈرلۈك يوللار ۋە ھەر خىل چارە-تەدبىرلەر بىلەن قوغدايدۇ، بەزىدە ئۇلارنى قورال ۋە ئەسكەر كۈچىدە ئۈستۈن قىلىش بىلەن، بەزىدە ئۇلارنى مەنىۋى قۇۋۋەت بىلەن، يەنە بەزىدە كاپىرلارنىڭ يۈرەكلىرىگە قورقۇنچ سېلىش بىلەن قوغدايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ )سَأُلْقِي فِي قُلُوبِ الَّذِينَ كَفَرُوا الرُّعْبَ( «مەن كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمەن»[13] دېگەن سۆزى بۇنى ئىپادىلەيدۇ. ئەپسۇسكى، ئىمان ئاجىزلاشقان، ئەخلاق سۇسلاشقان، دۇنيالىق ئاخىرەتلىكنى بېسىپ چۈشكەن، مۇسۇلمانلىق شەكىلدىلا قالغان، رىياكارلىق بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ئورنىنى ئالغان بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئاستىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى تولىمۇ يىراقتۇر.

مۇناجات:

ئى رەببىم! سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئىزدەپ، خەلقىمنىڭ مەنپەئەتلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ يازغان مۇشۇ يازمامنى ۋەسىلە قىلىپ سەندىن شۇنى تىلەيمەنكى، مەن ئەھلى ئەۋلادىمنى ئۆزۈم يېنىدا بىللە بولالمىغان بىر مەملىكەتكە ئەۋەتتىم. ئى رەببىم! ئۇلارنى ھىمايەڭدە ساقلىغىن، ئۇلارغا «ئەل ھەفىز» دېگەن مۇبارەك ئىسمىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنى بارلىق بالا-قازالاردىن قوغدىغىن، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ۋە دىنىنى ساڭا ئامانەت قىلدىم. چۈنكى «سەن مۇساپىرلارنىڭ مەدەتكارى، ئۆيدە قالغانلارنىڭ ھىمايەتچىسىسەن»[14]، چۈنكى سەن «قويۇلغان ئامانەتنى قەتئىي زايە قىلىۋەتمەيدىغان زاتسەن»[15].

 

 

 

 

 

 

 

 

 



([1]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
([2])   ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.
([3]) ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.
[4]  ئەنئام سۈرىسى 46 – ئايەت.
[5]  فۇسسىلەت سۈرىسى 20 - ئايەت.
([6]) ئىمام ئەھمەد، ھاكىم رىۋايىتى.
 [7] رەئد سۈرىسى 11- ئايەت.
([8]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
([9])  ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[10]  ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
[11] تەۋبە سۈرىسى 40- ئايەت.
[12] ھەج سۈرىسى  38- ئايەت.
[13] ئەنفال سۈرىسى  12- ئايەت.
[14]  ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[15] ئىما ئەھمەد رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار