ھەممە ئادەم نامراتتۇر

ھەممە ئادەم نامراتتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئادەتتە بىز ئىقتىسادىي جەھەتتىن يوقسۇل كىشىلەرنى نامرات دەيمىز، ئەمەلىيەتتە بولسا ھەممىمىز نامراتمىز، چۈنكى نامراتلىق ئىقتىسادتىكى يوقسۇللۇققىلا خاس ئەمەس، بەلكى ھاياتىمىزدا تولۇقلانمىغان ھەممە نەرسە نامراتلىقتۇر. شۇڭا بىرلىرى پۇل -مالغا نامرات، بىرلىرى ئەخلاق-پەزىلەتكە نامرات، بىرلىرى ئىلىم -ئىرپانغا نامرات، بىرلىرى تەن ساقلىققا نامرات، بىرلىرى مېھىر-مۇھەببەتكە نامرات، بىرلىرى سەۋر-تاقەتكە نامرات، بىرلىرى ئىمانغا نامرات، يەنە بىرلىرى ۋىجدانغا نامرات. شۇڭا ھېچكىمنى نامرات دەپ تۆۋەن كۆرمەڭ، چۈنكى ھەممىمىز نامرات. بەلكى سىزدىكى ۋە مەندىكى نامراتلىق ئۇنىڭدىكىسىدىن ئېغىر ۋە چوڭ بولۇشى مۇمكىن.

ئېرىشىپ باققان ۋە يوقىتىپ باققانلار بىلىدۇكى، دۇنيادا ئادىمىيلىكتىن چوڭ بايلىق يوقتۇر. شۇڭا ئۇلار ئادىمىيلىكتىن باشقىسىنى چوڭ بىلمەيدۇ. چۈنكى، مال-دۇنيا، شان-شۆھرەت دېگەندەك نەرسىلەر بۈگۈن سىزدە بولسا، ئەتە باشقىسىدا بولىدۇ، ئەمما ئادىمىيلىك پەقەت ئۆز ئىگىسىدىلا بولىدۇ، ئاخىرغىچە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدۇ.

﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ أَنْتُمُ الْفُقَرَاءُ إِلَى اللَّهِ وَاللَّهُ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ﴾ « ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئاللاھ (ھېچكىمگە) موھتاج ئەمەستۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر». يەنى سىلەر ھەممىڭلار نامرات، پەقەت بىرلا ئاللا تائالا بايدۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار