
ئىخلاس سىزنى مەقسەتكە يەتكۈزىدۇ
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئىخلاس — ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ھېچ نەرسە ئارىلىشىپ قالمىغان ساپ ۋە تەبىئىي ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: ساپ ھەسەل، سۈزۈك سۇ، سۇ ئارىلاشتۇرۇلمىغان سۈت دېگەنگە ئوخشاش. بۇ ئىخلاسنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسىدۇر. ئىخلاسنىڭ ئىسلام ئاتالغۇسىدىكى مەنىسى: ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئەمەلنى پەقەتلا ئاللاھ تائالاغا بېغىشلاش ۋە ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈنلا قىلىش، ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىن باشقا بىر مەقسەتنى ئويلىماسلىق دېگەنلىكتۇر. ئىخلاس ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن شەرتتۇر.
ئىخلاس قەلب قېتىدىن كەلگەن سەمىمىي سۆيگۈ بىلەن كۆرسىتىلگەن ساداقەتتۇر. ئىخلاسنىڭ ئەكسى رىيادۇر. قىلىنغان ئىبادەت ۋە ھەر قانداق بىر ياخشى ئىشلاردا ھېچقانداق بىر مەنپەئەت ياكى پايدىنى كۆزلىمەستىن، پەقەت ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى مەقسەت قىلىش ئىخلاسنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ساماۋى دىن ئەھلىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن: وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِين لَهُ الدّين «ئۇلار پەقەت دىننى ئاللاھقا خاس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان».
ئىخلاس توغرۇلۇق كەلگەن ئايەت ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىگە ئاساسلانغاندا، نىجات يولى پەقەت ئىخلاستىدۇر. ئادەم بالىسىنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ۋە ماددىي، مەنىۋىيىتىگە كېپىللىك قىلالايدىغان ئىخلاستىن بۆلەك ئىككىنچى بىر خىسلەت يوقتۇر. زەررىچىلىك ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ئەمەل، ئىخلاسسىز قىلىنغان مىڭلارچە ئەمەل_ ئىبادەتتىن ئۈستۈندۇر.
مەلۇمكى، ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئىككى شەرت بار. بىرى نىيەت، يەنە بىرى توغرا يوسۇندا قىلىش.
نىيەت— كۆڭۈلدىكى مەقسەت دېگەنلىك بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئىبادەتنى پەقەتلا ئاللاھ تائالا ئۈچۈنلا قىلىشى، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنىلا كۆزلىشى دېگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىپادىلەپ: [إنما الأعمال بالنيات وإنما لكلِّ امرئٍ ما نوى] «ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىقتۇر، ھەرقانداق ئادەم نىيەت قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىدۇ» دەپ كۆرسەكەن.
ئەمەلنى توغرا يوسۇندا قىلىش دېگەن ئەمەلنىڭ ئىسلام كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق بولۇشى دېگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىپادىلەپ: [صلّوا كما رأيتموني أُصلي] «نامازنى مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇڭلار» دەپ كۆرسەتكەن. يەنى بارلىق ئەمەل –ئىبادەتلەرنى مەن كۆرسەتكەندەك قىلىڭلار دېگەنلىكتۇر.
نىيەت دۇرۇس بولۇپ، ئەمەل ئىسلام كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق كەلمىسە ئۇ ئەمەل قوبۇل بولمىغاندەك، ئەمەل ئىسلام كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق كەلگەن بولسىمۇ نىيەت دۇرۇس بولمىسا يەنە قوبۇل بولمايدۇ. ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: بىراۋ كىشىلەرگە ياخشى تەسىر بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش نىيىتى بىلەن ئەمەل –ئىبادەتلەرنى باشقا ۋاقىتلاردىكىدىن ئالاھىدە ياخشى قىلسا، ئۇ رىيا قىلغان بولىدۇ. چۈنكى بۇ يەردىكى نىيەت ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كىشىلەرگە مۇكەممەل كۆرۈنۈش ئۈچۈن قىلىنغان بولۇپ قالىدۇ. ئىخلاس ئەنە شۇنداق نازۇك ئەمەلدۇر.
مەيلى دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىك ھەر قانداق بىر ئىشتا ئىخلاس تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىخلاس بىلەن قېتىرقىنىپ ئىش قىلغان ئادەم ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى چوقۇم كۆرىدۇ. بالىلارنى تەربىيەلەشتە، ناماز ئوقۇشتا، روزا تۇتۇشتا، زاكات بېرىشتە، ھەج قىلىشتا، ئىلىم تەھسىل قىلىشتا، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتا، يېتىم – يېسىرلارغا ياردەم قىلىشتا، ھالال رىزىق ئۈچۈن ئىشلەشتە ئىخلاس باغلاپ ئىش قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئۆزىگە لايىق ئىخلاسى باردۇر، مەسىلەن: سەمىمىي ئىخلاس بىلەن باغلانغان مۇھەببەتنىڭ بىر زەررىسى بېرەر مەنپەئەت يۈزىسىدىن باغلانغان مۇھەببەتتىن ئەلۋەتتە چوڭ ۋە قىممەتلىكتۇر. چىن ئىخلاسنى كۆرۈشنى خالىغان كىشى ئانىلارنىڭ تەبىئىتىگە قارسا بولىدۇ. ھەقىقىي مۇھەببەتكە ۋە چىن ئىخلاسقا ئانىلار سازاۋەردۇر. ئۇلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان جاپا – مۇشەققەتلەرنى تارتىپ، چىن دىلىدىن بالىلىرى ئۈچۈن كۆيۈپ – پىشىپ، چوڭ قىلىدۇ. لېكىن ئۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن بالىلىرىدىن بېرەر مۇكاپات ياكى سوۋغا _سالام تاما قىلمايدۇ، بېرەر پايدا كۆزلىمەيدۇ. ئادەممۇ ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس قىلغان ئىكەن، شۇنداق چىن ئەقىدە ۋە سۆيگۈ بىلەن ئىخلاس قىلغاندا، ئاندىن ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقىي مۇخلىسىغا ئايلىنىدۇ.
ئەمەل - ئىبادەتتە كەيپىيات بەك مۇھىمدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئەمەل _ ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش بىلەن ياكى كۆپ كىشىلەرنى دىنغا ئەگەشتۈرۈش بىلەن قازىنىلمايدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى پەقەت ئىخلاس بىلەنلا قازىنىلىدۇ. شۇڭا بەزىدە بېرەر ئېغىز سۆز ياكى بېرەر ياخشى نىيەت ھەقىقىي سائادەتكە ۋە مەڭگۈلۈك نىجاتلىققا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئەمەل_ ئىبادەتلەرنىڭ كۆپ قىلىنىشىغىلا قارىماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئىخلاسلىق ۋە سۈپەتلىك قىلىنىشىغا قاراش كېرەك. چۈنكى كېرەك بولغىنى ئىخلاستۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا « ئۇ سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان زاتتۇر» دېگەن. يەنى مۇھىم بولغىنى كۆپ ئەمەل قىلىش، ئەمەس ئىخلاسلىق قىلىشتۇر. مەسىلەن: كۆمۈر كىلوگرامما بىلەن ھەتتا توننىلاپ، ئالتۇن بولسا گرامملاپ تارتىلىدۇ. ئىخلاسلىق ئەمەل ئالتۇن بولسا، ئىخلاسسىز ئەمەل كۆمۈرگە ئوخشايدۇ. بۇ مىسالدىن ئىخلاسلىق ئىبادەت بىلەن ئىخلاسسىز ئەمەل_ ئىبادەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.

