ۋەتەنپەرۋەرلىك ئادەمىيلىكنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشىدۇر

ۋەتەنپەرۋەرلىك ئادەمىيلىكنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشىدۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

ۋەتەن سۆيگۈسى ئەڭ تەبىئىي، ئەڭ مۇقەددەس ۋە ئەڭ سەمىمىي سۆيگۈدۇر. چۈنكى ھەرقانداق بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا قاتتىق سېغىنىدۇ، ۋۇجۇدى ۋەتىنىدىن ئايرىلسىمۇ، قەلبى قەتئىي ئايرىلالمايدۇ.

بىر ئەرەب شائىرى مۇنداق دېگەن:

سۆيگۈڭنى بەر پەقەت تۇنجى يۇرتۇڭغا،

تۇنجىسى ھەقىقى سۆيگۈدۇر ھاي-ھاي.

يىگىتلەر ھەر جايغا كۆنۈپ قالسىمۇ،

كەتمەيدۇ دىلىدىن پەقەت ئۆسكەن جاي.

 

ھەركىمنىڭ ۋەتىنى خۇددى ئانىسىنىڭ باغرىدەك ئىسسىق ۋە ئارامبەخىشتۇر. شۇڭا ئۇنى «ئانا ۋەتەن» دەيمىز. ئانىمىز خەۋپكە ئۇچرىسا بىزنىڭ قانچىلىك بىئارام بولۇپ كېتىدىغانلىقىمىز ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمىزنى سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇنداق ئىكەن مۇستەملىكىدە قالغان ۋەتىنىمىزنى قۇتقۇزۇش يولىدا ھەرىكەت قىلماسلىق، ئۇنىڭ غېمىنى يېمەسلىك تولىمۇ ۋاپاسىزلىق ۋە ئادەمىيلىككە يات بىر قىلىقتۇر. ئەمەلىيەتتە ۋەتەن بىزنى تۇغقان ئانىمىزدىنمۇ قەدىرلىك ۋە قىممەتلىكتۇر. چۈنكى، ئانىلارنى ئۆستۈرگەن توپراقمۇ ئەنە ئاشۇۋەتەن ئەمەسمۇ؟!

 ھەركىمنىڭ ۋەتىنى ئۇنىڭ ھەقىقى ئۆز ئۆيىدۇر. ھەركىم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆيى ئىسسىق ۋە يېقىملىق بولغاندەك، ئۇنىڭ ئۆز ۋەتىنىمۇ شۇنداق ئىسسىق ۋە يېقىملىقتۇر. كونىلاردىمۇ "ئۆز ئۆيۈمنىڭ خوشلۇقى، پۇت-قولۇمنىڭ بوشلۇقى" دېگەندەك ماقال-تەمسىللەر كەڭ تارالغان. بىز ئادەتتە ئۆيىمىزنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى رېمونت قىلىش ياكى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قانچىلىك مەبلەغ، ۋاقىت، كۈچ ۋە ئەقىل سەرپ قىلغىنىمىزدەك، ۋەتىنىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ ھېچبولمىغاندا شۇنچىلىك كاللا قاتۇرىشىمىز ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

ۋەتەن سۆزىنى تىلغا ئالغاندا قەلبى لەرزىگە كەلمىگەن ئادەمنى ئىنسانىيلىقتىن نەسىۋىسىنى تولۇق ئالالمىغان ئادەم دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز. ۋەتەنھەر ئىنسانغا نېسبەتەن ئەڭ قىممەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ يولىدا پۇل-مېلىنى، جېنىنى ۋە قىممەتلىك ھەر نەرسىسىنى پىدا قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ۋەتەن، خەلقىنى دۈشمەنلىرىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن جان تىكىپ قوغداش، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ، ھەربىر ئادەمنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچىدۇر.

ۋىجدانلىق ئىنسان ئۆز ۋەتىنىنى ىسۆيۈشنى ئىنسانلىق بۇرچ دەپ بىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان خاراكتېرى ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشنى، ياخشىلىق قىلغاننى سۆيۈشنى تەبىئىي زۆرۈرىيەت دەپ تونۇيدۇ. دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىللىق باغرىنى ئېچىپ، ئۇنى تۈرلۈك نېمەتلىرى بىلەن كۇتۈۋالغان، ئۇنى بارچە ياخشىلىقلىرىدىن بەھرىمەن قىلغان، كۆكسى كەڭ، قوينى ئىسسىق ئاشۇ ئانا ۋەتىنىدىنمۇ سۆيۈملۈك بىرى بارمۇ؟! ياخشىلىقىنى ياخشىلىق قىلىش بىلەن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ ئەلا بىرى بارمۇ؟!

ئىسلامدا ۋەتەن سۆيگۈسى

شەكسىزكى، ئىسلام دىنىمىزدا ۋەتەن سۈيگۈسى ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆيگۈسىدىن قالسا، ئەڭ شەرەپلىك ۋە مۇقەددەس سۆيگۈدۇر. ھەقىقىي مۇئمىن ئادەم ئەلۋەتتە ئۆز ۋەتىنىنى سۆيىدۇ، ئۇنىڭغا سادىق بولىدۇ. چۈنكى ھەقىقىي مۇئمىنلىك ۋاپادارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. خۇددى ئىبادەتلەرمۇ ئىنساننى باشقا مەخلۇقاتتىن ئالاھىدە پەرقلىق بىر مۆجىزات سۇپىتىدە يارىتىپ، ئۇنىڭغا بۇ كائىناتنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ۋە يەر يۈزىنىڭ خوجايىنلىقىنى ئاتا قىلغان كەرەملىك ئاللاھقا شۈكۈر ۋە مىننەتدارلىق ئىزھار قىلغان ھالدا ئادا قىلىنىدىغان بىر ۋاپا بۇرچى بولغاندەك، ۋەتەننى سۆيۈش، ئۇنىڭغا كۆيۈنۈش، ئۇنىڭ ئازاتلىقى يولىدا مال ـ مۈلكىنى، جېنىنى ۋە قىممەتلىك ھەر نەرسىسىنى پىدا قىلىش ھەرقانداق بىر پۇقرانىڭ ئەڭ ئەقەللىي ۋاپا بۇرچىدۇر.

ئىسلامدا ۋەتەنپەرۋەرلىك

ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى، ئىسلام دىنى ۋەتەننى قوغداشنى مۇھىم پەرزلەردىن سانايدۇ. بۇنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن:

1.         ئىنساننىڭ ئۆز ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسى تۇغۇلما سۆيگۈ بولۇپ، بۇ سۆيگۈ ئۇنىڭدا تۇغۇلىشىدىن بېرى بولغان بولىدۇ. ئىسلام دىنى ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ تەبىئىي پىترىتىگە زىت كەلمەيدۇ، بەلكى تەبىئىي تۇيغۇنى ۋە پىترەتنى پەرۋىش قىلىپ، ئۇنى يېتەكلەيدۇ. قۇرئان كەرىمدىمۇ ۋەتەنسىزلىك بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش تەڭلا ئورۇندا قويۇلغان. يەنى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ قىسىسىنى بايان قىلىۋېتىپ «ئەگەر بىز ئۇلارغا: ‹ئۆزەڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار› دەپ ئەمر قىلغان بولساق»[1] دېگەن بىر ئايەتنى كەلتۈرىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك،"ياكى" دېگەن بۇ سۆز بۇ جايدا ئۆزىدىن بۇرۇن كەلگەن ئىش بىلەن كېيىنكى ئىشنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، قايسىسىنى تاللىسا بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالامۇ مەزكۇر ئايەتتە يۇرتىدىن ئايرىلىشنى ئۆلگەن بىلەن باراۋەر دەپ كۆرسەتكەن. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەتەنسىزلىكىمىز ۋە ھىجران-پىراقىمىزنىڭ بىزنى قايسى ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ باقىدىغان بولساق، ئەمەلىيەتتە ۋەتەنسىزلىكنىڭ ھەقىقەتەن تەڭدىشى يوق بىر ئازاب ئىكەنلىكىنى بايقايمىز ياكى ھەر مىنۇت ھېس قىلىپ ياشىماقتىمىز.

ئاللاھ تائالا «(ئى پەيغەمبەر!) بىز سېنىڭ (كەئبە قىبلەڭ بولۇشىنى تىلەپ) قايتا _ قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. مانا ئەمدى بىز سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز»[2] دېگەن سۆزىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسىدىن نەزەردىن ساقىت قىلمىغان، ئۇنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىگە قىممەت بەرگەن، ئۇنىڭ ئۆز يۇرتى بولغان مەككىنى مۇسۇلمانلارنىڭ يۈز كەلتۈرىدىغان ۋە تەلپۈنىدىغان جايى قىلىپ بېرىشنى ۋەدە قىلىش ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانا يۇرتى بولغان مەككىدىكى كەئبە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىبادەت قىلىلىپ ئۆتكەن قەدىمىي ئىبادەتگاھى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسىنىڭ كەئبە بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «قۇرئاندىن تۇنجى قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مەسىلە قىبلە مەسىلىسىدۇر» دېگەن. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇنى پەلەستىندىكى پەيتۇلمۇقەددەس تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە ئون ئالتە ئاي بەيتۇلمۇقەدەسكە قاراپ ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا كەئبىنىڭ مەككىدىكى كەئبىگە ئۆزگەرگەنلىكى ھەققىدە ئايەت نازىل قىلغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئۇنىڭ «ئى سۆيۈملۈك يۇرتۇم مەككە! قەۋمىڭ مېنى كېتىشكە مەجبۇر قىلمىسا ئىدى، سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايتتىم» دېگەن سۆزى تارىخ كىتابلىرىغا پۈتۈلگەن. ئەمەلىيەتتە مەككە بولسا، "ھىچقانداق گىياھسىز بىر ۋادى" ئىدى. لېكىن بىر جاينىڭ يېشىللىقىغا، پاراۋانلىقىغا، ھاۋاسىنىڭ يېقىشلىقىغا كۆنۈپ قېلىش ھەرگىزمۇ ئۇ يەرنى سۆيۈپ قالغانلىق ھېسابلانمايدۇ. كۆنگەندىن ۋاز كەچمەك قولاي، ئەمما سۆيگەندىن ۋاز كەچمەك ئىمكانسىزدۇر. ھەر ئادەمنىڭ ئۆز يۇرتى مەيلى قانچىلىك نامرات ياكى چەت-سەھرا بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ مۇھەببىتى قەلبىنىڭ قات-قېتىغا ئورناپ كەتكەن بولىدۇ.

ساھابە ئەسىيلۇل غىفارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ مەدىنىگە كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن مەككىنىڭ ئەھۋالىنى سورايدۇ. ئۇ، مەككىنىڭ يۇلغۇنلىرى چېچەكلەۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇ يەرنىڭ بىر قانچە سۈپەتلىرىنى تىلغا ئېلىشىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بولدى قىلساڭچۇ، يۈرىكىمنى بىردەم ئارامىدا قويساڭچۇ! دەيدۇ. بۇ قىسسە توغرىسىدا ئوخشىمىغان رىۋايەتلەر بولۇپ، بەزىلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزىگە لۆممىدە ياش ئالغانلىقى بايان قىلىنغان.

2.        ئىنساننىڭ ئۆز ۋەتىنىنى قوغدىشى ئىسلام پەرزلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى ئىسلام دىنى ۋەتەننىڭ بارلىق پۇقرالىرىغا ۋەتەننى قوغداشنى ۋە دۈشمەن كەلسە ئۇنىڭغا قارشى ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك ھەممە بىردەك جىھادقا چىقىشنى پەرز قىلغان. جىھاد ھەققىدە چۈشكەن تۇنجى ئايەت ۋەتەن مەسىلىسىدە چۈشكەن بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنى ئۆز ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقارغان، ئۆي-جايلىرىنى ۋە مال-مۈلكىنى تارتىۋالغان كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلىشنى پەرز قىلغان. «ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى، شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. ئۇلار پەقەت «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلغان ئىدى»[3].

ئىسلام تارىخى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ نەمۇنىسىدۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا يۈز بەرگەن بەدرى، ئۇھۇد ۋە خەندەك قاتارلىق چوڭ ئۇرۇشلارنىڭ ۋەتەننى قوغداش — مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن ئىبارەت مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى دۆلىتىنى ۋە يېگانە ۋەتىنىنى قوغداش ئۈچۈن بولغانلىقىنى ۋە مۇشۇ ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە، جىھادنىڭ ئىسلام دىيارىنى قوغداش ئۈچۈن بۇيرۇلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. چۈنكى بەدرى ئۇرۇشى ھىجرىيىنىڭ 2-يىلى (مىلادىيەنىڭ 624- يىلى) رامىزان ئېيىنىڭ 17-كۈنى جۈمە سەھەر ۋاقتىدا مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان بەدىر دېگەن جايدا بولغان. ئۇھۇد ئۇرۇشى ھىجرىيىنىڭ 3-يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 7-كۈنى (مىلادىيە 625-يىلى 23-مارت) مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئۇھۇد تېغىدا بولغان. خەندەك ئۇرۇشى ھىجرىيىنىڭ 5-يىلى شەۋۋال ئايدا (مىلادىيەنىڭ 627-يىلى) مەدىنىگە يېقىن بىر جايدىكى سەل تېغىنىڭ ئېتەكلىرىدە بولغان. دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى باشقىلارنىڭ ۋەتىنىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇرۇش قىلمىغان، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنى بولغان مەدىنە شەھىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقان. شۇڭا بۇ ئۇرۇشلار مەككىدە ياكى باشقا جايلاردا ئەمەس، مەدىنە شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا بولغان. چۈنكى كاپىرلارئىسلام دىيارىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن، مۇسۇلمانلار بولسا ئىسلام دىيارىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئۇرۇشقا ۋە ئۇلارنى ئارقىغا قايتۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، ئۇنىڭ ساھابىلىرى ئىسلام دىيارلىرىنى قوغداش يولىدا جىھاد قىلىپ، بارغان جايلىرىدا شېھىت بولغان ۋە قەبرىلىرى شۇ جايلاردا قالغان. كۆپلىگەن ساھابىلەرنىڭ قەبرىلىرىنىڭ شام، ئىراق، مىسىر، يەمەن، تۈركىيە، ئىران، ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلاردا قالغانلىقى بۇنىڭ مىسالى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىنكى ئون يىللىق ھاياتىنى مىسال قىلىدىغان بولساقمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىدىكى ھاياتى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى دۆلىتى بولغان مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنى مەككە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش بىلەن، مۇھاجىرلارنىڭ ئەسلى ۋەتىنى بولغان مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنى مۇشرىكلارنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىش ئارزۇسى ۋە تەييارلىقى بىلەن ئۆتكەنلىكىنى بىلىمىز. «ئاللاھ پەيغەمبىرىنىڭ چۈشىنى ھەقىقىي تۈردە راستقا ئايلاندۇردى. (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھ خالىسا، سىلەر خاتىرجەم بولغان (بەزىلىرىڭلار) باشلىرىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار) قىرقىغان ھالدا، قورقماي چوقۇم مەسجىدى ھەرەمگە كىرىسىلەر»[4] دېگەن ئايەتمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ۋەتىنى مەككىنى قانچىلىك بەك سېغىنغانلىقىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا كىرىشكە قانچىلىك تەقەززا بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىنىڭ 13 يىلىنى مەككىدە، قالغان 10 يىلىنى مەدىنىدە ئۆتكۈزدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى 13 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا ئاۋۋالقى ئۈچ يىلنى كىشىلەرنى ئىسلامغا مەخپىي دەۋەت قىلىش، كېيىنكى ئون يىلنى ئىسلامغا ئاشكارا دەۋەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بۇ جەرياندا شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرى ۋە قانۇن-تۈزۈملىرى بەلگىلەنمىگەن. پەقەت مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بېرىپ، ئۇ جايدا دۆلەت قۇرغاندىن كېيىنلا شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە قانۇن-تۈزۈملىرى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. بۇنىڭدىن شۇ خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدۇكى، دىننىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىبادەتلەرنى ئەركىن ھالدا ئورۇنداش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەتەن كېرەك، مۇستەقىل دۆلەت كېرەك.

بىز ئىسلامنىڭ روھىغا ئەمەل قىلمىدۇق

بۇ مەسىلە شۇنداق روشەن ۋە ئېنىق تۇرسىمۇ، نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى، ۋەتەننى قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇھىم پەرز ئىكەنلىكى مۇسۇلمانلارغا ئۆگىتىلمەي كەلدى. مەدرىسىلەردىكى دەرسلىكلەردىن ئورۇن ئالالماي كەلدى. مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تولۇق ئورۇنداش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەزىزلىقىنى، ھۆرلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇستەقىل ۋەتەننىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلمەي كەلدى. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، كېيىن بىر قانچە يۈز يىل ئىچىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارلىرى كاپىرلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى، بايلىقلىرى تالان-تاراج قىلىندى، ئۆزلىرى خارلاندى. ھازىرمۇ نۇرغۇنلىرى مۇستەملىكە ھاياتىدا، يەنە كۆپلىرى بېقىندىلىق ھاياتىدا ياشاشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. چۈنكى مۇسۇلمانلار ۋەتەننى قوغداشنىڭ دىننى قوغداشقا ئوخشاشلا زۆرۈر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى، مۇستەقىل ۋەتەن بولمىسا دىننىڭ پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنمىدى ۋە چۈشەندۈرمىدى. بۇنىڭدا ئەڭ ئارقىدا قالغان ۋە ئەڭ چوڭ زىيان تارتقان خەلق شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولدى. چۈنكى شەرقىي تۈركىستانغا ئىسلام دىنىمىز كىرگەنگە مىڭ يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، دىنىمىزنىڭ ۋەتەنپەۋەرلىك روھى، ۋەتەننى قوغداشنىڭ پەرزلىكى، مۇستەقىل ۋەتەننىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكى ھەققىدىكى پىرىنسىپلار ۋە تەلىماتلار خەلقىمىزگە يېتىپ كەلمىگەن، ئۇلارغا ئۆگىتىلمىگەن، مەكتەپ-مەدرىسلىرىمىزدىمۇ بۇ ماۋزۇدا دەرسلىك بولمىغان، ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ۋەز-تەبلىغلىرىدىمۇ مۇنداق بىر ماۋزۇغا ئورۇن بېرىلمىگەن. نەتىجىدە، خەلقىمىز دىنىمىزنىڭ ئەمەل-ئىبادەت قىسمىنىلا ئۆگەنگەن، ئەمما دىنىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنى قوغداپ قېلىشىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تۇتقۇسى بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان. شۇڭا بىزدە ئەجدادلىرىمىزدىن تارتىپ ۋەتەننى سۆيۈش، ئۇنى قوغداش ئېڭى يېتىلمىگەن. بۇنىڭدىن يۈز يىل ئىلگىرى، يەنى 1915-يىلى تۈركىيەنىڭ چاناققەلئە شەھىرىدە 300 مىڭدىن كۆپرەك تۈرك ئەسكىرى ئەزىز جېنىنى ۋەتەن ئۈچۈن تەقدىم قىلىش بەدىلىگە تۈركىيەنى تاجاۋۇزچى قوشۇنلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قالغان چاغدا، بىزنىڭ خەلقىمىز ۋەتەن دېگەن نېمە؟ مۇستەقىللىق دېگەن نېمە؟ ھەممىدىن خەۋەرسىز ھالدا، بايلىرىمىز ئەيش-ئىشرەتتە، يوقسۇللىرىمىز قورساق تويغۇزۇشنىڭ دەردىدە ئاۋارە ئىدى. ئابدۇقادىر داموللامغا ئوخشىغان قەلبى ئويغاق، ۋىجدانلىق يولباشچىلىرىمىز جەمئىيەتتىن يەكلىنىۋاتقان، جانباقار موللىلارنىڭ بازىرى ئېقىۋاتقان شۇ چاغلاردا، خەلقىمىزدە «ۋەتەن» دېگەن ئاڭ بولمىدى. تا ھازىرغىچە خەلقىمىزدە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىي ئومۇملىشىپ بولالمىدى.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ئۆزىمىزنى ئوڭشىۋېلىشىمىزغا قىسمەت پۇرسەت تېپىلغان ئىدى. بىر تەرەپتىن «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن»، «ئۇيغۇرلار»، «ئانا يۇرت» قاتارلىق رومانلار نەشر قىلىنىپ خەلقىمىزدە ئاز-تولا ۋەتەنپەۋەرلىك روھى ئويغىنىشقا باشلىغان. يەنە بىر تەرەپتىن مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىسلامىي ئەسەرلەرنىڭ كىرىشى، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان پىكىرىي كىتابلارنىڭ تارقىلىشى، يوشۇرۇن مەدرىسىلەردە دىنىي ئوقۇتۇشنىڭ ئومۇملىشىشى نەتىجىسىدە خەلقىمىزنىڭ دىنىي سەۋىيەسى بىرقەدەر كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز يەنىلا ئىسلامنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ئالاقىدار ھېچقانداق بىلىمگە ئېرىشەلمىدى. چۈنكى چەتئەللەردىن كىرگۈزۈلگەن دىنىي ئەسەرلەر ئومۇمەن، شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، دىنىي ۋە مەدەنىي ئەھۋالىغا قاراپ يېزىلغان ئەسەرلەر بولغانلىقتىن، بۇ ئەسەرلەردىن خەلقىمىز ئاز-تولا نەپ ئالغان بولسىمۇ، ئۇلار كۈتۈلگەن نەپكە ئېرىشەلمىدى. خۇسۇسەن مەدرىسىلەردىكى تالىپلىرىمىزدا دىنىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئالاقىدار بىلىملەر يېتىلمىدى. ئۇلار ئومۇمەن ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ھەر خىل جامائەتلەرنىڭ پىكىر-قاراشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پىكىرىي ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇغانلىقتىن، ئۇلاردا چەتئەللەردىكى شۇ جامائەتلەرگە ئىنتىلىدىغان، ئىسلام دۆلەتلىرىگە چىقىپ كېتىشكە تەلپۈنىدىغان، ۋەتەن بىلەن كارى بولمايدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. ئاشۇ دىندار ياشلىرىمىزدا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە چۈشەنچىسى بولمىغانلىقتىن. ئۇلار ئۆز ۋەتىنىنى ۋە خەلقىنى ئوت ئىچىدە تاشلاپ قويۇپ، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە جىھاد قىلغىلى كەتتى. ئەڭ پاجىئەلىك بولغان يېرى شۇكى، ئىسلام دۈشمەنلىرى مۇسۇلمان ياشلارنىڭ ئېڭىغا پەقەتلا شېھىت بولۇپ ئۆلۈش پىكىرىنى سىڭدۈشتە غەلىبە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان ياشلار دىنغا خىزمەت قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش، كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلىش نىيىتى بىلەن ئەمەس، پەقەتلا شېھىت بولۇپ ئۆلۈش ئۈچۈنلا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەت ئوڭاي يولنى تاللىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا ئۇلار جىھاد مەيدانلىرىدا ئۆلسىلا مەسىلە ھەل بولىدۇ ۋە ئۇلار ئارمىنىغا يېتىدۇ. ھالبۇكى، دىنىمىزدا ئەمەل _ ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن نىيەتنىڭ خالىس بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى يۆنىلىشنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق بولۇشى شەرت. شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ ئالتۇن چاغلىرىدا ياشاپ ئۈچ قىتئەدە ھاكىمىيەت يۈزگۈزگەن مۇسۇلمانلار جىھاد مەيدانلىرىغا ئۆلۈش ئۈچۈن ئەمەس، غەلىبە قىلىش ئۈچۈن چىقاتتى. دۈشمەن ئۆزلىرىدىن كۈچلۈك ۋاقىتلاردا جىھادقا چىقىپ ئۆزلىرىنى نابۇت قىلىۋەتمەستىن، پەيت كۈتەتتى، شەرت –شارائىت ھازىرلايتتى. بۇ خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى ئون ئۈچ يىللىق دەۋىتى جەريانىدا، كاپىرلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكىگە، زۇلۇم- سىتەملىرىگە سەۋر قىلىپ پۇرسەت كۈتكىنىگە، مەدىنىدىن ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ئاتلىنىپ چىققاندا، كاپىرلار ئالدىنى توسۇۋېلىپ مەككىگە كىرگۈزمىسىمۇ، قوبۇل قىلىش قىيىن بولغان ناھەق شەرتلەرنى قويۇپ تۇرسىمۇ، بىھۈدە قان تۆكۈلمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مەدىنىگە قايتىپ كەتكىنىگە ئوخشايدۇ. جىھادنى كۈتۈپ، پىلاننى پۇختا قىلىپ تۇرغانلارغا ئالتۇندەك پۇرسەتلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىدا شەك يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە بېرىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان چاغدىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا جىھاد قىلىشنى پەرز قىلمىغانلىقى ۋە ئۇلارنى داۋاملىق سەۋر قىلىپ كۈچلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى، كېيىنچە مۇسۇلمانلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئۆزلىرى كۈچلىنىپ شارائىت ھازىر بولغاندا ئۇلارغا جىھادنىڭ پەرز قىلىنغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار تارىخىي ۋەقەلىكلەر مۇسۇلمانلارنىڭ تەرييارلىقسىز ئۆزلىرىنى ئۇرۇشقا ئېتىپ نابۇت بولۇپ تۈگەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇدەيبىيە كېلىشىمىدە ناھەق شەرتلەرنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى "مۇسۇلمانلار مەككىدىن مەدىنىگە قېچىپ بارسا، ئۇلارنى مەككىگە قايتۇرۇپ بېرىش، مەدىنىدىن مەككىگە قېچىپ بارغانلارنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىك" دېگەن شەرتنى قوبۇل قىلغانلىقى، كېيىنچە مەككىلىكلەرنىڭ كېلىشىمنى بۇزغانلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ قوماندىنى ئەبۇ سۇفيان مەدىنىگە بېرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا تۆۋەنچىلىك بىلەن كېلىشىمنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ تەلەپنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلغانلىقى بىزگە شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش لازىملىقىنى ۋە «يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنۇش» كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ. چۈنكى ھۇدەيبىيە كېلىشىمى بولغان چاغدا مۇسۇلمانلار ئاجىز ئىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ نەھەق شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىپ قان تۈكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالغان. كېيىن ئەبۇ سۇفيان كېلىشىمنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان چاغدا، مۇسۇلمانلار كۈچلۈك ئىدى، كاپىرلارغا كۈچى يېتەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، مەككىنى ئازاد قىلىشقا ئاتلانغان.

بىزنىڭ مۇسۇلمان ياشلىرىمىزنىڭ مېڭىسىنى ئىسلام نامى بىلەن زەھەرلەشنى پىلانلىغانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك چۈشەنچىسىدىن ۋە مىللىي روھتىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىپ كەلدى. ئىمام مۇسلىم جۇندۇب ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەسەبىيلىككە چاقىرىش ياكى ئەسەبىيلىككە ياردەم قىلىش يولىدا ئۆلىدىكەن، ئۇكاپىرلىق ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ»[5]. ھەدىستىكى ئەسەبىيلىك قەبىلىۋازلىقنى، بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىگە قايتىش ئۈچۈن قىلىنغان بارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبسىگە تەڭ كېلەلمەي مەجبۇرىي مۇسۇلمان بولغان ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ تولىسى پۇرسەت تاپسىلا ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىگە قايتىشنى ۋە شۇ جاھىلىيەتكە دەۋەت قىلىشنى قولدىن بەرمەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنلا بەزى ئەرەب قەبىلىلىرى ئارىسىدا باش كۆتۈرگەن مۇرتەدلىك (دىندىن يېنىۋېلىش) ھەرىكىتى بۇنىڭ مىسالى. ئۇ چاغدا، مەككە، مەدىنە ۋە تائىف شەھەرلىرىدىن باشقا شەھەرلەردىكى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ كۆپ سانلىقى مۇرتەد بولغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كىمكى ئەسەبىيلىككە چاقىرىش ياكى ئەسەبىيلىككە ياردەم قىلىش يولىدا ئۆلىدىكەن، ئۇكاپىرلىق ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ» دېگەن سۆزى ئىسلامدىن يېنىۋېلىپ، بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىگە قايتماقچى بولغان ئەرەبلەرگە قارىتىلغان ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ئەمما مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ زەھەرلەشنى پىلانلىغانلار بۇ ھەدىسنى تەتۈر چۈشەندۈرۈپ، ئۇنى ۋەتەنپەرۋەرلىككە، مىللەتچىلىككە قارىتىلغان دەپ جۆيلۈگەن. ھالبۇكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەقىقىي دىيانەتنىڭ ئىپادىسىدۇر.

يەنە ئىمام بۇ خارى ۋە مۇسلىم ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ‹بىرى ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ، يەنە بىرى ئەسەبىيلىك ئۈچۈن ئۇرۇشىدۇ، يەنە بىرى ئۆزىنىڭ باتۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇلارنىڭ قايسىسى ئاللاھ يولىدا بولغان ئۇرۇش بولىدۇ؟› دەپ سورالغىنىدا، ‹كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشىدىكەن، ئاشۇ ئاللاھ يولىدىكى ئۇرۇش بولىدۇ› دەپ جاۋاب بەرگەن». بۇ ھەدىسنى بۇرمىلىغانلار ھەدىستىكى «ئەسەبىيلىك» دېگەن سۆزنى «ۋەتەننى دەپ ئۇرۇش قىلىش»، «مىللەتچىلىك قىلىپ ئۇرۇشۇش» دەپ شەرھلەپ، مۇسۇلمان ياشلىرىنى ۋەتەن سۆيگۈسىدىن، ۋەتەن دەۋاسىدىن ۋاز كېچىدىغان ھالاتكە كەلتۈرۈپ قويدى. ھالبۇكى، ھەدىسلەردە كەلگەن «ئەسەبىيلىك» ئەرەبلەرنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىگە قايتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان يۆنۈلىشلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھەدىس ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، بۇ ھەدىستىكى «ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش» دېگەن سۆز ۋەتەننى قوغداشنىڭ پەرزلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى مۇستەقىل ۋەتەن بولغاندىلا ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغىلى، ئاللاھ تائالا ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇندىغىلى ۋە ئىسلام قانۇنىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ. بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى ياخشى چۈشىنەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئايلىق مۇاسىپىنى بېسىپ تەبۇك دېگەن جايغا بېرىپ، ئۇ جايدا ئىسلام دۆلىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن توپلانغان 40 مىڭدىن ئارتۇق رىم قوشۇنىغا ھەيۋە كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئۇرۇشىسز يېڭىپ، مەدىنىگە غالىبلارچە قايتقانلىقى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرىقى ئۈلگىسى ئىدى. چۈنكى شۇ چاغدا بىزىنتىيە ئېپىراتورلۇقى ئۆز قوشۇنلىرىنى ۋە رايوندىكى غەساسىنە ئەرەب قوشۇنلىرىنى توپلاپ مەدىنە ئىسلام دۆلىتىنى يىقىتىش ئۈچۈن ئۇرۇش تەييارلىقىغا چۈشكەن بولۇپ، بۇ خەۋەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرىيەنىڭ 9- يىلى (مىلادىيەنىڭ 630- يىلى) ياز كۈنلىرى ھاۋانىڭ قاتىق ئىسسىقلىقىغا، مۇساپىنىڭ ناھايىتى ئۇزاقلىقىغا قارىماي، 30 مىڭ كىشىلىك ئىسلام قوشۇنىنى باشلاپ تەبۇك رايونىغا بارغان. ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئۇرۇشقا چىقمىغان بولسا، ئۇلار مەدىنىگە ھۇجۇم قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىردىنبىر ۋەتىنى بولغان مەدىنە قولدىن كېتەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا بولغان بۇ ھوشيارلىقنىڭ ۋە ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يۈزدىن بىرى ھازىرقى مۇسۇلمانلاردا بپلغان بولسا ئىدى، ئىسلام دىيارى بۈگۈنكىدەك بەزىسى مۇستەملىكىدە، بەزىسى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بېقىندىلىقىدا قالمىغان بولاتتى. 16- ئەسىردىن كېيىنكى ۋاقىتلاردىن باشلاپ مۇسۇلمانلار ئىسلام دىيارىغا خىرىس قىلىۋاتقانلار بىلەن كارى بولمايدىغان، دۈشمەن بېسىپ كىرمىگۈچە ئورنىدىن قىمىرلىماي ئولتۇرۇشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان بولۇپ قالغان. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ئۇرۇشلارنىڭ ھەربىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بولساق، بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىيارىنى قوغداش ئۈچۈن بولغانلىقىنى كۆرىمىز. چۈنكى ناۋادا سىزنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىڭىز بولمىسا، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى قانداق قىلىپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلالايسىز؟

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۆزىنىڭ مال _ مۈلكىنى قوغداش يولىدا ئۆلگەن ئادەم شېھىتتۇر، ئۆزىنىڭ جېنىنى قوغداش يولىدا ئۆلگەن ئادەم شېھىتتۇر، ئۆزىنىڭ دىنىنى قپغداش يولىدا ئۆلگەن ئادەم شېھىتتۇر، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى قوغداش يولىدا ئۆلگەن ئادەم شېھىتتۇر». بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان، ئەللامە ئەلبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان. بۇ ھەدىسنى ئۆلىمالار مۇنداق شەرھلىگەن: «ئۆزىنىڭ مال_ مۈلكىنى ياكى ئائىلىسىنى ياكى دىنىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغانلار قاتارىغا كىرىدۇ ۋە ئاخىرەتتە شېھىتلارغا تەييارلانغان مۇكاپاتلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ». مەلۇمكى، مۇستەقىل ۋەتىنىڭىز بولمىسا، نە مال _ مۈلكىڭىزنى، نە ئائىلىڭىزدىكىلەرنى، نە دىنىڭىزنى قوغداپ قالالمايسىز. شەكسىزكى، جاننى، مال _ مۈلۈكنى، ئائىلىنى ۋە دىننى قوغداپ تۇرىدىغان بىردىنبىر قورغان ۋەتەندۇر.



[1] نىسا سۈرىسى: 66- ئايەت.
[2] بەقەرە سۈرىسى: 144- ئايەت.
[3] ھەج سۈرىسى: 39-40- ئايەت.
[4] فەتھ سۈرىسى: 27- ئايەت.
[5] سەھىھ مۇسلىم، 1850- ھەدىس.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار