يېڭى يىلدا نېمە قىلاي دەيسىز؟
«ئۆمۈر — ئاتقان ئوق».
—ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى.
يېڭى يىلدىكى خۇشاللىق
نۇرغۇن كىشىلەر يېڭى يىل كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن خۇشاللىنىدۇ، خۇشاللىق تەنتەنىسى قىلىشىدۇ، بەزىسى بايرام قىلىشىدۇ. ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا خۇشال بولۇش ھەربىر ئىنساننىڭ ھەققى. ئەمما يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك ئىش دەل ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە ئۆمۈر بېرىپ، تېنىمىزنى ساق قىلىپ، بىزنى مۇشۇ يېڭى يىلغا يەتكۈزگەنلىكىدۇر. بۇنىڭغا خۇشال بولۇش بىزنىڭ ھەققىمىز بولغاندەك ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىزدۇر. چۈنكى، ئۆمۈرنى ۋە خۇشاللىقنى ئاتا قىلغان زات ئاللاھ تائالادۇر.
يېڭى يىلدا قىلىدىغان ئىشلار
يېڭى يىلدا ھەربىر مۇسۇلمان ئادەمنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىدىن ئۆزى ھېساب ئېلىشىدۇر. چۈنكى ئەسلىدە يېڭى يىلنىڭ كىرگەنلىكى بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ساق – سالامەت مۇشۇ كۈنگىچە ياشىغانلىقىمىزغا خۇشال بولۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىل ئىچىدە ئاللاھ تائالانى رازى قىلغۇدەك ۋە ئۆزىمىزنى خۇشال قىلغۇدەك قانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلدۇق، بۇ يىل ئىچىدە قانداق يامان ئىشلارنى قىلدۇق ۋە قانداق كەمچىلىكلەرنى سادىر قىلدۇق؟ بۇلارنى ئەقلىمىزدىن بىر-بىرلەپ ئۆتكۈزۈپ، ياخشى قىلغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن خۇشاللىنىپ ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىشىمىز، يامان قىلغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى يېڭى يىل كىردى دېگەنلىك ئۆمرىمىزدىن بىر يىل قىسقاردى، ئەجىلىمىز بىر يىل يېقىنلاشتى دېگەنلىكتۇر.
- يېڭى يىل ئەسلىدە خۇشاللىق ئەمەس، بەلكى غەمكىنلىك، ئۆزىنى سىلكىش، غەپلەتتىن ئويغىنىش پەيتىدۇر.
- يېڭى يىل ئۆتۈپ كەتكەن يىل ياكى يىللارنى غەپلەت بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولساق، ئالدىمىزدىكى يىللارنى مەنىلىك ۋە نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بەل باغلاش پەيتىدۇر.
- يېڭى يىل ئۆتۈپ كەتكەن يىل ياكى يىللاردا ئاللاھ تائالانى رازى قىلغۇدەك، ئىنسانلارنى مەمنۇن قىلغۇدەك، ۋىجدانىمىزنى راھەتلەندۈرگۈدەك ياخشى ئىشلارنى قىلالمىغان بولساق، ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇ ئىشلارنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۇن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ۋەدە بېرىش پەيتىدۇر.
- يېڭى يىل ئۆتۈپ كەتكەن يىل ياكى يىللاردا ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ، خىزمەتداشلارنىڭ، قوشنىلارنىڭ ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ۋە ئۇلارغا ئۇنتۇلماس خۇشاللىقلارنى تەقدىم قىلالمىغان بولساق، ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن نىيەت قىلىش پەيتىدۇر.
- يېڭى يىل ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ھېساب ئالىدىغان ۋە ئۆزىمىزگە باھا بېرىدىغان ۋاقىتتۇر. ئەگەر بىز ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ھېساب ئېلىپ، كەمچىل تەرەپلىرىمىزنى تولۇقلاپ، گۇناھلىرىمىزغا تەۋبە قىلىپ تۇرساق، بىزنىڭ يۈكىمىز يەڭگىللىشىپ قالىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىشىمىزمۇ ئوڭايلىشىدۇ.
ئۆمۈر ئاتقان ئوق
ئەجدادلىرىمىز ۋاقىتنىڭ ۋە ئۆمۈرنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنتايىن قىسقىلىقىنى بىلگەنلىكتىن، «ئۆمۈر ئاتقان ئوق» دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغانىكەن. دېمىسىمۇ، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ئۈلگىلىك مۇسۇلمانلار ۋاقىتنىڭ، ئۆمۈرنىڭ قەدرىنى ناھايىتى ياخشى بىلگەن بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ھېچبىر سائىتىنىڭ مەنىسىز، ساۋابلىق ئەمەلسىز ئۆتۈپ كېتىشىگە قەتئىي رازى بولمايتتى. بۇرۇنقى ئۈلگىلىك زاتلاردىن ھەسەن بەسرى «بىزنىڭ ئارىمىزدىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى ۋە ۋاقتىنى ئالتۇن –كۈمۈشتىنمۇ قىممەتلىك بىلىدۇ» دېگەن.
يېڭى يىل بايرىمىنڭ كېلىپ چىقىشى
يېڭى يىل بايرىمى ئىيسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان يىلنى قۇتلاش ئۈچۈن خىرىستىيانلار يولغا قويغان دىنىي بايرام. ئۇنىڭ پائالىيىتى خىرىستىيانلارنىڭ بىر-بىرىگە سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىش، يېشىل دەرەخنى تىكلەش، ئائىلە بويىچە خۇشاللىق تەنتەنىسى قىلىش، نوۋېل پاپانىڭ تەقلىدىنى ياساش بىلەن بولىدۇ. بۇ بايرام كرېسماس دەپ ئاتىلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، ئەمما خىرىستىيانلارنىڭ ياۋروپادىكى پرۇستانت مەزھىبى بىلەن كاتولىك مەزھىبى 25- دېكابىرنى قارارلاشتۇرغان بولسا، شەرقتىكى ئورتۇدوكس مەزھىبى يانۋارنىڭ 7- كۈنىنى قارارلاشتۇرغان.
مىلادىيەنىڭ 220- يىلىغا كەلگۈچىلىك خىرىستىيانلاردا بۇ ئادەت يوق ئىدى. شۇ يىلى خىرىستىيان ئالىملىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى مىلادىيەنىڭ 29- يىلى 25- مارت كۈنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ قارارلاشتۇرغان، كېيىنكى خىرىستىيان ئالىملىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى مىلادىيە 33- يىلى 3- ئاپرىل كۈنى دارغا ئېسىلغان دەپ قارارلاشتۇرغان. تارىختا تۇنجى قېتىم 14 – ئەسىردە كونستانتىن ئىمپېراتورىنىڭ زامانىدا، ئىمپېراتورلۇق 25- دېكابىرنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش بايرىمى دەپ بېكىتكەن. چۈنكى رىملىقلار خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ھەر يىلى 25- دېكابىر كۈنىدە «قۇياش ئىلاھى» سانىلىدىغان «بول ئىنفىكتوس» نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەيتتى. ئۇلار خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئادەتنى خىرىستىيان دىنىغا كىرگۈزگەن، ئاندىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئادەت خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك دىنىي بايراملىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.
يېڭى يىل بايرىمى بىزنىڭ ئەمەس
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنىي ئادەتلىرىنى دوراشتىن توسۇپ: «مۇشرىكلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: مەيلى قايسى دىندا بولمىسۇن، مۇسۇلمان ئەمەسلەرنى دورىماڭلار، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى قىلماڭلار، ئۇلارغا ئۆزۈڭلارنى ئوخشاتماڭلار دېگەنلىك بولۇپ، مۇشرىكلارغىلا خاس ئەمەس. ھەدىستە «مۇشرىك» سۆزىنىڭلا تىلغا ئېلىنغانلىقى ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار ئەسلىدە مۇشرىكلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققانلىقى، مۇشرىكلىك مۇھىتىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كۆپرەك مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدىغانلىقى سەۋەبتىن بولسا كېرەك.
ئىبرەت:
- ئۆمرىڭىزنىڭ قىممىتىنى بىلسىڭىز ھەر كۈنىڭىز بايرامدۇر.
- ئۆمرىڭىزدىن ئۆتكەن ھەربىر دەقىقە سىزنى قەبرىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ.
- ئىككىنچى ئۆمۈرنى يارىتىش ھەربىر ئىنساننىڭ قولىدىكى ئىشتۇر.
ئۆمرىڭىزنى قانداق ئۇزىتالايسىز؟
«بىراۋنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرى ئۇنىڭ ئىككىنچى ئۆمرىدۇر».
—ئەرەب شائىرى مۇتەنەببىي.
ھەممىمىز بىلىمىزكى، ھايات ئىنتايىن قىسقا، بىز ئەقىل-ھوشىمىزنى تېپىپ بولغۇچىلىك يېشىمىز بىر يەرلەرگە بېرىپ قالىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئۆمرىمىزدۇر. ئۆمرىمىز شۇنچىلىك قىممەتلىك، ھەتتا مىنۇت، سېكۇنتلىرى بىلەن ساناقلىق تۇرسىمۇ، كۆپىنچىمىز ئۇنى ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن زايە قىلىۋېتىمىز. ھەممە ئادەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما ئىنتايىن ئاز كىشىلەرلا ئۇزۇن ياشىيالايدۇ، يەنى ئۆمرىنى بەرىكەتلىك ۋە مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ، ئەسلىگۈدەك ئىزلارنى قالدۇرۇپ كېتەلەيدۇ. ئەسلىدە مۇھىم بولغىنى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئەمەس، ئىز قالدۇرۇپ كېيىنكىلەرنىڭ قەلبىدە ياشاشتۇر.
ھاياتىدىن ئىز قالدۇرۇپ كېيىنكىلەرنىڭ قەلب قاتلىرىدا ئۆزلىرىنى ياشىتالىغان كىشىلەر ھەقىقىي ياشىغانلاردۇر. ئىز قالدۇرۇش ۋە ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش شەرت ئەمەس. تارىخىمىزدىكى ئەڭ مەشھۇر شەخسىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان 34 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا چاقنىغان يۇلتۇزلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا ئەھمەدجان قاسىمىي 35 يىل، ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر 32 يىل، مەمتېلى تەۋپىق 36 يىل، لۇتفۇللا مۇتەللىپ 23 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. ئىسلام تارىخىغا قارايدىغان بولساقمۇ، ئىمام شافىئىي 54 يىل، ئىمام نەۋەۋىي 45 يىل، مۇھەممەد فاتىھ 49 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ نامى ھېچ ئۆلمىگەن ۋە ناملىرى تارىخقا ئۇيۇلۇپ كەتكەن.
بىز ئۆمرىمىزنى سان جەھەتتىن ئۇزارتالمىساقمۇ، نەتىجىلىرىمىز بىلەن ئۇزارتالايمىز. بىز مەڭگۈلۈك ئۆمۈر سۈرەلمىسەكمۇ، بىزگە بېرىلگەن شۇ ئۆمۈردىن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى مەڭگۈلۈك قىلالايمىز. تارىختا ئىز قالدۇرغان كاتتىلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاشلا چەكلىك ئۆمۈرگە ئىگە ئىدى، ئەمما ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئىشلار ئەمەس ئىدى. مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش بولۇشىڭىز ئەمەس، بەلكى كۈندىلىك ۋاقتىڭىز ۋە ئۆمرىڭىز قانداق ئىشلار بىلەن زايە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىشىڭىزدۇر.
بىلىمىزكى، ئۆمۈر ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، ئۇنى ئۆزى قانداق بەلگىلىگەن بولسا شۇنداق بولىدۇ. بىز ئۆمۈرنى سان جەھەتتىن ئۆزگەرتەلمەيمىز، ئەمما مەنە ۋە بەرىكەت جەھەتتىن ئۆزگەرتەلەيمىز. بۇنىڭ مۇنداق ئىككى يولى بار:
بىرىنچىسى، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى بويىچە ياشاش، يەنى تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغان يامان ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇش، ئاخشىمى بۇرۇن يېتىپ، سەھەر تۇرۇش، ئاز يەپ، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى خۇشال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش.
ئىككىنچىسى، مۇھىم ۋە پايدىلىق ئىشلار بىلەن بولۇپ، بىھۇدە ئىشلاردىن ۋە ھەر تۈرلۈك ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن يىراق تۇرۇش.
گەرچە ئۆمرىمىز ئىلكىمىزدە بولمىسىمۇ، ئۇنى قانداق قوللىنىش بىزنىڭ ئىلكىمىزدىكى ئىشتۇر. دۇنياغا كېلىش بىزنىڭ ئىختىيارىمىز بىلەن بولمىسىمۇ، قانداق ياشاش بىزنىڭ ئىختىيارىمىزدىكى ئىشتۇر. شۇڭا ھاياتىمىزنى مەڭگۈ ياشايدىغاندەك پائالىيەتچان قىلىشمۇ بىزنىڭ ئىلكىمىزدە. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت قايىم بولغان تەقدىردىمۇ، قولۇڭلاردىكى كۆچەتنى تىكىۋېتىڭلار» دېگەن.
كانادادا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا دېيىلىشىچە، بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىنى 80 يىل دەپ پەزەر قىلغاندا، ئۇ كارىۋات ئۈستىدە ئويغاق ئۆتكۈزىدىغان كۈندىلىك بىر قانچە مىنۇتلۇق ۋاقتى ئۇنىڭ ئۆمرىدىن يەتتە يىلنى ئېلىپ كېتىدىكەن. ئەگەر ئۇ كىشى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا زىكىر ئېيتىش، دۇئا قىلىش، كىتاب ئوقۇش، ئۆتكەن شۇ بىر كۈنلۈك ھاياتى ھەققىدە ئۆز-ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش دېگەندەك مەشغۇلاتلار بىلەن بولسا، ئاشۇ يەتتە يىلنى بىكار ئۆتكۈزمىگەن بولىدۇ.
گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نورمال ئۆمۈر كۆرگەن بىر ئادەمنىڭ 11 يىل ئۆمرى تېلېۋىزور كۆرۈش بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىكەن (ئېنتېرنېت، يانفون، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بىلەن ئۆتىدىغان ۋاقتىمىزنى قوشقاندا بۇ سان ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىدۇ). بۇ ھەقىقەتەن چوڭ پاجىئە بولۇپ، ياش ۋاقتىمىزدا بۇنى ھېس قىلمايمىز، چۈنكى بىزنىڭ ئالدىراشچىلىقىمىز بىزگە بۇ ھەقتە ئويلاش پۇرسىتى بەرمەيدۇ. ئەمما ياش ئىلگىرىلىگەنسېرى ئۆمرىمىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك چاغلىرىنى ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز.
بىر ئادەم 80 ياشقا كىرگۈچە كۈندە سەككىز سائەتتىن ئۇخلىغان بولسا، پۈتۈن ئۆمرىنىڭ 27 يىلىنى ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن بولىدىكەن. ئەگەر ئۇ كۈنىگە سەككىز سائەت ئۇخلاشنىڭ ئورنىغا يەتتە سائەت ئۇخلىسا، بىر يىلدا 365 سائەتنى تېجەپ قالغان بولىدىكەن. بۇ پۈتۈن ھاياتىنىڭ 40 ئېيىغا تەڭ كېلىدىكەن. ۋاقىتنى تېجەش، ئۇنى ئەڭ پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتىش ئۆمۈرنى ئۇزارتىشنىڭ يولى ۋە دانالارنىڭ خىسلىتىدۇر. ئىسلام تارىخىدا، قالدۇرغان ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن، ئەسەرلىرى ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنىگە 90 بەتتىن توغرا كېلىدىغان ئەزىمەتلەر ئورۇن ئالغان. ھازىرقى زاماندىمۇ شۇنداق ئەزىمەتلەر ئاز ئەمەس، مەسىلەن: سۈرىيەدە بىر ئالىم ئۆزىنىڭ 22 توملۇق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىنى ھەر كۈنى ناماز بامداتتىن كېيىنكى ئىككى سائەتلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ 8 يىلدا يېزىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان.
يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىچە، يەر يۈزىگە ۋە باشقىلارغا يۈك بولۇپ ياشاشنى ئۆزىگە راۋا كۆرىدىغان، ھۇرۇن، غەيرەتسىز، نىشانسىز، پىلانسىز ھايات كەچۈرىدىغان ئىنسانلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا بۇنداقلار توغرۇلۇق ئالىملاردىن بىرى مۇنداق دېگەنىكەن: «بەزىلەرنىڭ قەبرە تېشىغا، 30> ياشتا ۋاپات بولدى، 60 ياشتا دەپنە قىلىندى <دەپ يېزىپ قويۇش كېرەك». چۈنكى، بۇنداق ئىنسان ئۆمرىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك چاغلىرىنى غەپلەت بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكەن.
ئىبرەت:
— سىزگە تەقدىر قىلىنغان ئۆمرىڭىزنى ئۇزارتالمايسىز، ئەمما ئۇنى نەتىجىلىرىڭىز بىلەن مەڭگۈلەشتۈرەلەيسىز.
— دۇنياغا كېلىش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدىكى ئىش ئەمەس، ئەمما قانداق ياشاش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدىكى ئىشتۇر.
— ھاياتىڭىزدىن ئۆتۈپ كەتكەن ھەربىر كۈن سىزنىڭ بىر پارچىڭىزنى ئېلىپ كېتىدۇ. چۈنكى، سىز، خۇددى ئىمام ھەسەن بەسرىي ئېيتقاندەك، ۋاقىتتىن تەركىب تاپقان بىر مەۋجۇداتسىز.

