ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن بىھاجەت قىلامدۇ؟

 

 

ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن بىھاجەت قىلامدۇ؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىمۇ ئىتائەت قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان ئايەتلەردە، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشتىن مۇستەقىل بىر ئىتائەت ئىكەنلىكى ئېنىق بايان قىلىنغان. مەسىلەن:  

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنْكُمْ فَإِنْ تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآَخِرِ ذَلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا ﴾ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر بىرەر مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، _ سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (ھەقىقىي) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، _ بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئەڭ گۈزەلدۇر»[1].

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلارنى قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتكە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان. چۈنكى، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىش بىلەن، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش سۈننەتكە ئەمەل قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئەگەر قۇرئان كەرىمگىلا ئەمەل قىلىش كۇپايە قىلىدىغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرگە ئەگىشىشكە بۇيرۇماستىن، پەيغەمبەرنىمۇ، باشقا مۇسۇلمانلارنىمۇ قۇرئانغىلا ئەگىشىشكە بۇيرۇغان بولار ئىدى. ئەمما بۇ ئايەتتە قۇرئان كەرىمگىمۇ، سۈننەتكىمۇ ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان. ئەگەر بىز «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار» ۋە «پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەن ئىككى بۇيرۇقنى بىرلا قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىش بىلەن ئورۇندىغىلى  بولىدۇ، دەپ قارىساق، ئۇ چاغدا مەزكۇر ئىككى بۇيرۇقنىڭ بىرىنى قوبۇل قىلىپ، يەنە بىرىنى رەت قىلغان بولىمىز ياكى ئاللاھ تائالانىڭ «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار» ۋە «پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەن ئەمرىنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىش دەپ قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا، «قۇرئانغا ئەمەل قىلىش» دەپ ئىككىنى بىرگە قىسقارتىۋالغان بولىمىز. بۇ ئىككى ئىتائەت مۇستەقىل ئىتائەت بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدىغانلىقى تۆۋەندىكى ئايەتتە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

﴿مَنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ وَمَنْ تَوَلَّى فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا ﴾ « كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى (ئىتائەتتىن) باش تارتىدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق»[2].

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن مۇستەقىل ئىتائەت ئىكەنلىكىنى ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ يولىدا ماڭغان ئادەمنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغان بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَا تَوَلَّوْا عَنْهُ وَأَنْتُمْ تَسْمَعُونَ﴾ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر (ئوقۇلۇۋاتقان قۇرئاننى) ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار»[3].

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆزىگە ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇغان. ئەگەر ئاللاھ تائالاغىلا ئىتائەت قىلىپ، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىش بولسا ئىدى، بۇ ئىككى ئىتائەتنى «ۋە» ھەرپى بىلەن باغلىمىغان بولاتتى. چۈنكى، «ۋە» باغلىغۇچى بىلەن باغلىنىپ كەلگەن ئىككى ئىش ھەر زامان ئايرىم ئىككى ئىشنى بىلدۈرىدۇ.

﴿وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَنْ يَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُبِينًا﴾ «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىش ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسا، ئەر _ ئايال مۇئمىنلەرنىڭ شۇ ئىشتا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلمايدىكەن، شەكسىزكى، ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ»[4].

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا چىقارغان ھۆكۈم بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقارغان ھۆكۈمنىڭ بىر ئەمەسلىكىنى ۋە ئىككىسىنىڭ ئايرىم ھۆكۈملەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولمىسا ئىدى، «ئاللاھ بىرەر ئىش ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسا..» دەپ پەيغەمبەرنىڭ ھۆكۈمىنى بايان قىلمىسا بولاتتى.

 

پەيغەمبەرگە ئەگىشىش ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىغىلا خاسمۇ؟

پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش، ئۇنى پۈتۈن ھايات ساھەلىرىدە ئۈلگە قىلىش ۋە ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىش تاقىيامەتكىچە پۈتۈن ئىسلام ئەھلى ئۈچۈن پەرزدۇر. چۈنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇر. ﴿وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا كَافَّةً لِلنَّاسِ بَشِيرًا وَنَذِيرًا وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ﴾ «سېنى بىز پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپلا ئەۋەتتۇق. ئەمما ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ»[5]. شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ساھابىلىرىگىلا خاس ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋە تا قىيامەتكىچە كېلىدىغان بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئومۇميۈزلۈك پەرزدۇر. بۇنداق بولغان ئىكەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەگىشىش ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ۋە قىلغانلىرىغا ئەگىشىش ئارقىلىق بولسا، ئۇ زاتنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى ئەگىشىش ئۇنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە كەلگەن كۆرسەتمىلىرىگە، ئىبادەت قىلىش ئۇسۇللىرىغا ۋە بارلىق ئىش-ئىزلىرىغا ئەگىشىش، ئۈلگە قىلىش ۋە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ. چۈنكى، قۇرئان كەرىمدىكى ﴿وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ ﴾ «پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار»، ﴿وَاتَّبِعُوهُ﴾ «ئۇ پەيغەمبەرگە ئەگىشىڭلار» دېگەن ئايەتلەر ساھابىلەرگىلا خاس ئەمەس، بەلكى بارلىق ئىسلام ئەھلىگە بۇيرۇلغان ئەمر- پەرمانلاردۇر.

[1] نىسا سۈرىسى: 59- ئايەت.
[2] نىسا سۈرىسى: 80- ئايەت.
[3] ئەنفال سۈرىسى: 20- ئايەت.
[4] ئەزاب سۈرىسى: 36- ئايەت.
[5]  سەبەئ سۈرىسى: 28- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار