
ئىسلامنىڭ ئېنىق ھۆكۈملىرىدىن بىرەرسىنى ئىنكار قىلىشنىڭ ھۆكمى
مۇھەممەد يۈسۈپ
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۇقەددىمە
ئىسلامنىڭ ئېنىق ھۆكۈملىرى - كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئۆتەش، ئىقتىسادى مۇئەييەن مىقدارغا يەتكەن بولسا يىلدا بىر قېتىم زاكات ئايرىش، يولۇچى ياكى كېسەل بولمىسا بىر ئاي رامىزان روزىسىنى تۇتۇش، قادىر بولالىسا ئۆمرىدە بىر قېتىم ھەج قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ پەرزلىكىگە، زىنا، جازانە، ھاراق ئىچىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ئوخشىغان مەسىلىلەر بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر ئۆلىمالارنىڭ ئىجتىھادى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئايەتلەرنىڭ ئوچۇق كۆرسەتمىسى، ئېنىق ھۆكمى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمەلدە كۆرسىتىشى، سۆزلىرى بىلەن ئۆگىتىشى ۋە پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىردەك قوبۇل قىلىپ، تاھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىشى بىلەن بىلىنگەن مەسىلىلەردۇر.
ئىسلامنىڭ ئېنىق ھۆكۈملىرى يۇقىرىقىدەك ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان، ئالىم، جاھىل، تەقۋا، پاسىق، شەھەرلىك، يېزىلىق ھەممىلا ئادەم بىلىپ كەتكەن ئېنىق ھۆكۈملەر دېگەنلىكتۇر. بۇ مەسىلە ئەرەبچە مەنبەلەردە «المعلوم من الدين بالضرورة» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەنە شۇنداق مەسىلىلەردىن بىرەرسىنىڭ پەرزلىرىكىنى ئىنكار قىلغان كىشى «مۇسۇلمان» دېگەن شەرەپلىك ئىسىم بىلەن ئاتىلىش لاياقىتىنى يوقىتىدۇ، ئۇنداق كىشى ئەھۋالىغا قاراپ، ئىسلامنى باشتىن قوبۇل قىلمىغان ياكى ئىسلامغا كىرىپ بولۇپ چىقىپ كەتكەن ئادەملەر ئاتىلىدىغان «كاپىر»، «مۇرتەد» دېگەن ئىسىملارنىڭ بىرى بىلەن ئاتىلىشقا، شۇنداقلا ئۇلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلىگە تېگىشلىك بولۇشقا لايىقتۇر. بۇ مەسىلە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە مەشھۇر تۆت مەزھەپ پېشۋالىرى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ يوق، باشقا مۆتىۋەر ئالىملارمۇ بۇ قاراشتىدۇر.
ئىسلامنىڭ ئېنىق ھۆكۈملىرىدىن بىرى، بىر كېچە - كۈندۈزدە بەش ۋاخ ناماز ئۆتەشنىڭ پەرزلىكىدۇر. بۇ پەرزنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە بىلدۈرگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئادا قىلغان، ساھابىلىرىگە ئۆگەتكەن، كۆرسەتكەن ۋە مۇھىملىقىنى بايان قىلغان، پۈتۈن سەپەرلىرىدە، ھەتتا «ۋىدا ھەججى»دىمۇ ئۆتىگەن ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ خۇلاسىسى ھېسابلىنىدىغان «ۋىدا خۇتبىسى»دە بەش ۋاخ ناماز ئۆتەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئىسلامنىڭ 14 ئەسىردىن كۆپرەك تارىخى جەريانىدا ئىسلام مەزھەپلىرىنىڭ ھېچبىرى بۇ ئەھكاملار ھەققىدە باشقىچە پىكىردە بولۇپ باقمىدى، ھەتتا بەش ۋاخ نامازنى ئۈچ ۋاقىتقا جەم قىلىپ ئوقۇيدىغان شىئەلەرمۇ نامازنىڭ بەش ۋاخ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايدۇ، پەقەت زامانىمىزدىكى ئەرەب ۋە تۈركنىڭ «قۇرئانچىلار» گۇرۇھىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر قۇرئان ۋە تەپسىر ئىلمىگە يوقسۇل بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغا بېرىلىپ، نامازنىڭ بەش ۋاخ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۈچ ياكى ئىككى ۋاخ دەپ جۆيلۈيدۇ.
بۇ ماقالىدە بىر كېچە - كۈندۈزدە بەش ۋاخ ناماز ئۆتەشنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكمى ۋە جازاسى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا تەپسىلىي توختىلىمىز. ئاتالمىش «قۇرئانچىلار» ھەدىسنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، بىز ھەدىس دەلىللىرىنى نەقىل كەلتۈرمەستىن، پەقەت قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بىلەنلا كۇپايىلىنىمىز. ئەپسۇسكى، بىزنىڭ ئۇيغۇر ھەدىس ئىنكارچىلىرى بەش ۋاخ نامازغا ئوخشىغان قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بىلەن بېكىتىلگەن بەزى مەسىلىلەرنىمۇ ئىنكار قىلىش ئارقىلىق قۇرئان كەرىمنىمۇ ئىنكار قىلغانلاردۇر.
1 - نامازنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى دەلىللىرى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآَتُوا الزَّكَاةَ وَارْكَعُوا مَعَ الرَّاكِعِينَ﴾ «نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، (ئاللاھقا) رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار»[1]،
﴿فَإِذَا قَضَيْتُمُ الصَّلاَةَ فَاذْكُرُواْ اللّهَ قِيَاماً وَقُعُوداً وَعَلَى جُنُوبِكُمْ فَإِذَا اطْمَأْنَنتُمْ فَأَقِيمُواْ الصَّلاَةَ إِنَّ الصَّلاَةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَاباً مَّوْقُوتاً ﴾ «نامازنى ئوقۇپ بولغان ۋاقتىڭلاردا، ئۆرە تۇرۇپمۇ، ئولتۇرۇپمۇ ۋە يېتىپمۇ ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى تولۇق ئادا قىلىڭلار. شەكسىزكى، ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر»[2].
﴿وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآَتُوا الزَّكَاةَ وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ مِنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِنْدَ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ﴾ «نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قانداقلا بىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى چوقۇم تاپىسىلەر. شەكسىزكى، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»[3].
﴿إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا ﴾ «شەكسىزكى، ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر»[4]،
ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتلەردە مۇئمىنلەرگە ناماز ئوتەشنىڭ پەرزلىكىنى ناھايىتى ئېنىق ۋە روشەن بىر شەكىلدە بايان قىلغان. كېيىنكى ئايەتتە ناماز ۋاقىتلىرىنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بەلگىلەنگەنلىكىنى جاكارلىغان.
2- كۈندىلىك پەرز نامازنىڭ بەش ۋاخ ئىكەنلىكىنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى دەلىللىرى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿فَسُبْحَانَ اللَّهِ حِينَ تُمْسُونَ وَحِينَ تُصْبِحُونَ. وَلَهُ الْحَمْدُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَعَشِيًّا وَحِينَ تُظْهِرُونَ﴾ « (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر ئاخشامدا ۋە ئەتىگەندە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق ھەمدۇسانالار ئاللاھقا خاستۇر. كەچ ۋە پېشىن ۋاقىتلىرىدىمۇ (ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار)»[5]. بۇ ئايەتتە بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرى بەلگىلىگەنلىكى بايان قىلىنغان. چۈنكى، بۇ ئايەتلەردىكى: «ئاخشامدا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ﴿حِينَ تُمْسُونَ﴾ دېگەن كەلىمە شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى، «ئەتىگەندە» دەپ تەپسىر قىلىنغان ﴿حِينَ تُصْبِحُونَ﴾ دېگەن كەلىمە بامدات نامىزىنى، «كەچ ۋاقتى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ﴿عَشِيًّا﴾ دېگەن كەلىمە ئەسىر نامىزىنى ۋە «پېشىن ۋاقتى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ﴿تُظْهِرُونَ﴾ دېگەن كەلىمە پېشىن نامىزىنى كۆرسىتىدۇ[6].
﴿وَأَقِمِ الصَّلاَةَ طَرَفَيِ النَّهَارِ وَزُلَفاً مِّنَ اللَّيْلِ إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّـيِّئَاتِ ذَلِكَ ذِكْرَى لِلذَّاكِرِينَ ﴾ «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇغىن. شەكسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ ئىبرەت ئالىدىغانلار ئۈچۈن بىر نەسىھەتتۇر»[7]. ئىككى تەرەپنىڭ مەنىسى ھەققىدە مۇپەسسىرلەر ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، كۆپ سانلىق مۇپەسسىرلەر كۈندۈزنىڭ بىرىنچى تەرىپىدىن بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئەللامە قەتادە كۈندۈزنىڭ ئىككىنچى تەرىپىدىن ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. مۇپەسسىرلەر ﴿ وَزُلَفًا مِنَ اللَّيْلِ﴾ دېگەن ئايەتنىڭ بامدات، شام ۋە خۇپتەن قاتارلىق ئۈچ نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى بايان قىلغان. چۈنكى، ئايەتتىكى ﴿ زُلَفًا ﴾ دېگەن سۆز «زُلْفَةً» ۋە «زُلْف» دېگەن سۆزنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، ئەرەب تىلىدا كۆپلۈكنىڭ ئەڭ ئاز سانى ئۈچتۇر، يەنى ئۈچتىن ئاز نەرسىگە كۆپلۈك ئىشلىتىلمەيدۇ. شۇڭا ﴿ زُلَفًا ﴾ دېگەن سۆز بامدات، شام ۋە خۇپتەندىن ئىبارەت ئۈچ نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.
﴿حَافِظُواْ عَلَى الصَّلَوَاتِ والصَّلاَةِ الْوُسْطَى وَقُومُواْ لِلّهِ قَانِتِينَ ﴾ «سىلەر نامازلارغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرىدىكى ناماز (ئەسىر نامىزى)غا ئەھمىيەت بېرىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار»[8]. ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك، ئەسىر نامىزى ئوتتۇرۇدىكى ناماز بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى نامازلارنىڭ بامدات، پېشىن، شام ۋە خۇپتەن نامازلىرى ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىقتۇر.
﴿أَقِمِ الصَّلاَةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ وَقُرْآنَ الْفَجْرِ إِنَّ قُرْآنَ الْفَجْرِ كَانَ مَشْهُوداً ﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر (بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا) ناماز ئوقۇغىن. بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن، شەكسىزكى، بامدات نامىزىغا (كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ پەرىشتىلىرى) ھازىر بولىدۇ»[9]. بۇ ئايەتتە بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرى ئىنتايىن روشەن شەكىلدە بايان قىلىنغان. چۈنكى، «كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ» دېگەن كەلىمە پېشىن ۋاقتىنى، «قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر» دېگەن كەلىمە ئايەت شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، تۇنجى قاراڭغۇلۇقنىڭ چۈشۈشى بىلەن شام نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ، ئاندىن خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرىدۇ[10].
يۇقىرىقى ئايەتلەردە كۆرگىنىمىزدەك، مۇسۇلمانلارغا بەش ۋاخ ناماز ئۆتەشنىڭ پەرزلىكى قۇرئان كەرىمدە بۇيرۇلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەمەلىيىتىدە تەتبىق قىلغان، ساھابىلىرىگە ئۆگەتكەن ۋە 14 ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىدىن قەتئىي ئايرىلىپ باقمىغان ئەڭ ئەشھۇر ئىسلام ئىبادەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، «ئىسلامنىڭ ئېنىق ھۆكۈملىرى»نىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.
3- قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشنىڭ ھۆكمى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآَيَاتِنَا أُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ﴾ «كاپىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار— ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ»[11]. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بىلەن بەلگىلەنگەن مەسىلىلەرنى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرەتتە بارىدىغان جايىنىڭ دوزاخ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
﴿ إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِآَيَاتِ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ﴾ «شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا قاتتىق ئازاب بار»[12]. ئاللاھ تائالالا بۇ ئايەتتىمۇ، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بىلەن بېكىتىلگەن ئەھكاملارنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارنىڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
قۇرئان كەرىمدە بۇيرۇلغان، سانى ۋە ئادا قىلىنىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ يەنە شۇ قۇرئان كەرىمدە ئېنىق بىلدۈرۈلگەن، ئىسلام پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەمەلىيىتىدە تەتبىق قىلىپ كۆرسەتكەن، ساھابىلىرىگە ئۆگەتكەن نامازنى ياكى ئۇنىڭ بەش ۋاخ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشمۇ قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر.
4- ئىسلام ئىبادەتلىرىنى مەسخىرە قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكمى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَكُمْ هُزُوًا وَلَعِبًا مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَالْكُفَّارَ أَوْلِيَاءَ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ. وَإِذَا نَادَيْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ اتَّخَذُوهَا هُزُوًا وَلَعِبًا ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَعْقِلُونَ﴾ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر ئىچىدىكى دىنىڭلارنى مەسخىرە ۋە ئويۇن _ تاماشا ماۋزۇسىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلارنى ۋە كاپىرلارنى دوست تۇتماڭلار. ئەگەر (ھەقىقىي) مۇئمىن بولساڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. سىلەر نامازغا ئەزان ئېيتقان چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى مەسخىرە ۋە ئويۇن _ تاماشا ماۋزۇسىغا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان بىر قەۋم بولغانلىقىدىندۇر»[13].
﴿ وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ لَيَقُولُنَّ إِنَّمَا كُنَّا نَخُوضُ وَنَلْعَبُ قُلْ أَبِاللَّهِ وَآَيَاتِهِ وَرَسُولِهِ كُنْتُمْ تَسْتَهْزِئُونَ﴾ « ئەگەر سەن ئۇلاردىن (نېمە ئۈچۈن مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سۈرۈشتە قىلساڭ، ئۇلار: «بىز پەقەت چاقچاق قىلىپ ۋە ئوينىشىپ دەپ قويغان ئىدۇق» دەيدۇ. (ئۇ مۇناپىقلارغا): ‹سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟› دېگىن»[14].
ئىسلام ئۆلىمالىرى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ياكى ئىسلام پەرزلىرىدىن بىرەرسىنى مەسخىرە قىلغان ئادەمنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىدا بىرلىككە كەلگەن.
5- بەش ۋاخ نامازنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكمى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿ وَیۡلࣱ یَوۡمَىِٕذࣲ لِّلۡمُكَذِّبِینَ . وَإِذَا قِیلَ لَهُمُ ٱرۡكَعُوا۟ لَا یَرۡكَعُونَ. وَیۡلࣱ یَوۡمَىِٕذࣲ لِّلۡمُكَذِّبِینَ﴾ «(ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي! ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار رۇكۇ قىلمايدۇ. (بۇ ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!»[15]. يەنى ئۇلار ناماز ئوقۇڭلار دېيىلسە، مۇتەكەببىرلىك قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتاتتى، شۇڭا ئۇلارنى بارىدىغان يېرى دوزاخ بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بەش ۋاخ ناماز قاتارلىق ئىسلام پەرزلىرىنى ئىنكار قىلغان، بۇ ھەقتىكى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى يالغانغا چىقارغانلارنىڭ كاپىرلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قاتتىق ئازابقا تېگىشلىك بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. چۈنكى، ئايەتتىكى «الّۡمُكَذِّبِینَ» دېگەن سۆز كاپىرلانى ئىپادىلەيدۇ، «وَیۡلࣱ» دېگەن سۆز قاتتىق ئازابنى ياكى ۋەيلۇن دوزىخىنى ئىپادىلەيدۇ.
بارچە ئىسلام ئۆلىمالىرى نامازنىڭ پەرزلىكىنى ياكى ئۇنىڭ بەش ۋاخ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىدا بىرلىككە كەلگەن.
6- نامازنىڭ بەش ۋاخ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى مۇشرىكلارنىڭ نامىزى دېگۈچىلەرنىڭ سەپسەتىسى
شەكسىزكى، نامازنىڭ بەش ۋاخ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلار ۋە ئۇنى مۇشرىكلارنىڭ نامىزى دېگۈچىلەر كۇفرى ۋە جاھالەتكە تولغان بۇ سەپسەتىسىدە ئىلىمگە ئەمەس، ئەقىلغىمۇ ئەمەس، پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدۇ. مۇنۇ ئايەت ئۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان: ﴿فَخَلَفَ مِنْ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلَاةَ وَاتَّبَعُوا الشَّهَوَاتِ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيًّا﴾ «ئۇلاردىن كېيىن شۇنداق بىر ئەۋلادلار كەلدىكى، ئۇلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئازغۇنلۇقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ»[16]. بۇ ئايەت نامازنى تەرك ئېتىش بىلەن توختاپ قالماستىن، ئۆزلىرىنىڭ نەپسى ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىپ، ئۇنى مۇشرىكلارنىڭ نامىزى دەپ ئىنكار قىلغۇچىلارنىمۇ ئەلۋەتتە ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇنداق كۇفرى سۆزنى ئەرەب ۋە تۈركنىڭ كۆپچىلىك قۇرئانچىلىرىمۇ، ھەتتا بەش ۋاخ نامازنى ئۈچ ۋاقىتقا توپلاپ ئوقۇيدىغان شىئەلەرمۇ دەپ باقمىغان بولۇپ، باشقىلار ئىشلەپچىقارغان ئازغۇن پىكىرلەرگە مۇشتاق ئۇيغۇر ھەدىس ئىنكارچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ جاھىللىقىدىن بۇنىمۇ شۇلار دېگەن ئوخشايدۇ، دەپ جۆيلۈپ سالغان. گەپنىڭ قىسقىسى، بۇلاردىن باشقا بىرەر ئازغۇن ئىسلامدا بۇيرۇلغان نامازلارنى مۇشرىكلارنىڭ نامىزى دەپ باققان ئەمەس.
7- نەپلە (ئىختىيارى) نامازلارنى كۆپ ئوقۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
نەپلە نامازلارنى كۆپ ئوقۇشنىڭ ناھايىتى كۆپ پايدىسى بار. چۈنكى، نەپلە ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش، جۈملىدىن نەپلە نامازلارنى كۆپ ئوقۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنىڭ ئەڭ كاپالەتلىك يولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآَخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا﴾ «شەكسىزكى، سىلەرگە — ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئۈمىد باغلىغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە رەسۇلۇللاھ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر»[17]، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ككپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ رَبَّكَ يَعْلَمُ أَنَّكَ تَقُومُ أَدْنَى مِنْ ثُلُثَيِ اللَّيْلِ وَنِصْفَهُ وَثُلُثَهُ وَطَائِفَةٌ مِنَ الَّذِينَ مَعَكَ﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) ئەلۋەتتە، رەببىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغان بىر توپ كىشىنىڭ كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر قىسمىدا (تەھەججۇد نامىزىغا) تۇرىدىغانلىقىڭنى بىلىدۇ»[18].
يۇقىرىقى ئايەتلەر «لائىلاھە ئىللەللاھۇ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دەپ، ئاللاھ تائالاغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقان ھەربىر مۇئمىن ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرىنى قىلىشنىڭ ئۇ زاتقا ئەگشكەنلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
8- بەش ۋاخ نامازنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى
1) ئاخىرەتتىكى جازاسى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿يَوْمَ يُكْشَفُ عَن سَاقٍ وَيُدْعَوْنَ إِلَى السُّجُودِ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ. خَاشِعَةً أَبْصَارُهُمْ تَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ وَقَدْ كَانُوا يُدْعَوْنَ إِلَى السُّجُودِ وَهُمْ سَالِمُونَ ﴾ «ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئىش قىيىنلىشىدۇ. ئۇلار سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، (ئەمما) سەجدە قىلالمايدۇ. ئۇلار (قورققىنىدىن) كۆزلىرى چەكچىيىپ قالىدۇ، ئۇلارنى خارلىق قاپلىۋالىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار (دۇنيادىكى) ساغلام چاغلىرىدا سەجدىگە دەۋەت قىلىنغان (بولسىمۇ سەجدىدىن باش تارتقان) ئىدى»[19].
﴿فَخَلَفَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡ خَلۡفٌ أَضَاعُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَٱتَّبَعُوا۟ ٱلشَّهَوَ ٰتِۖ فَسَوۡفَ یَلۡقَوۡنَ غَیًّا﴾ «ئۇلاردىن كېيىن شۇنداق بىر ئەۋلادلار كەلدىكى، ئۇلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئازغۇنلۇقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ»[20].
﴿مَا سَلَكَكُمْ فِي سَقَرَ . قَالُوا لَمْ نَكُ مِنَ الْمُصَلِّين﴾ «گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنىڭ دوزاخقا كىرىپ قېلىشىڭلارغا نېمە سەۋەب بولدى؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «بىز ناماز ئوقۇيدىغانلاردىن بولمىغان ئىدۇق» دەيدۇ[21].
2) دۇنيادىكى جازاسى
بەش ۋاخ نامازنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسى مۇرتەدلەرگە بېرىلىدىغان جازا بولۇپ، ئۇلارغا مۇسۇلمانلىق مۇئامىلىسى قىلىنمايدۇ، مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن يەكلىنىدۇ.
مۇرتەدلىك ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى
«مۇرتەد» سۆزى لۇغەتتە «يېنىۋالغۇچى» دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام ئاتالغۇسىدا «مۇسۇلمانلىقتىن كاپىرلىققا قايتقۇچى» دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. مۇرتەد بولغۇچىلارنىڭ بۇرۇن قىلغان پۈتۈن ياخشى ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ ۋە بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈلۈك ئازاپقا مەھكۇم بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن يېنىپ كېتىپ، كاپىر بولغان پېتى ئۆلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. مۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دۇزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾([22]).
مۇرتەد بولۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار
1. گەپ - سۆز. مەسىلەن: ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقتىن يېنىۋالغانلىقىنى ئوچۇق سۆزلەش، ئاللاھنى ياكى پەيغەمبەرلەردىن بىرەرسىنى ياكى قۇرئان كەرىمنى سۆكۈش، ئۆلۈكلەردىن مەدەت تىلەش، ئىسلام قانۇنلىرىنى ھازىرقى ئەسىرگە يارىمايدۇ، دەپ ئوچۇق سۆزلەش ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى كەمسىتىش قاتارلىقلار...
2. ئىش – ھەرىكەت. مەسىلەن: سېھىرگەرلىك قىلىش، بۇتلارغا ۋە ھەرقانداق بىر مەخلۇقاتقا سەجدە قىلىش، رۇكۇ قىلىش قاتارلىقلار...
3. ئېتىقاد. مەسىلەن: ئاللاھنى ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى، قۇرئان كەرىمنى ۋە ياكى دىنىمىزدا ئىمان كەلتۈرۈش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەردىن بىرەرسىنى ئىنكار قىلىش قاتارلىقلار...
4. شەك. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ياكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە شەك قىلىش قاتارلىقلار....
5. بەش ۋاخ ناماز، رامىزان روزىسى، زاكات، ھەج قاتارلىق ئىسلام پەرزلىرىدىن بىرەرسىنى ئىنكار قىلىش. بۇنداق ئادەم پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن كاپىر ۋە مۇرتەدتۇر.
مۇرتەد بولغانلارنىڭ جازاسى
1.ئىسلام ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈلىدىغان دۆلەتلەردە مۇرتەدلەرنىڭ تەۋبە قىلىپ، ئىمانىغا قايتىۋېلىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈن مۆھلەت بېرىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار مۇشۇ مۆھلەت ئىچىدە تەۋبە قىلمىسا، ئىسلام مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ ۋە ئىجرا قىلىنىدۇ، ئەمما شەخسلەرنىڭ بىراۋنى ئىسلام نامىدىن جازالاش ھوقۇقى يوقتۇر.
2.مۇسۇلمان خانىم - قىزلار ھېچبىر ھالەتتە مۇرتەدلەرگە ياتلىق قىلىنمايدۇ. ئەرنىڭ مۇرتەدلىكىنى بىلمەستىن ياتلىق بولغان ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دەرھال ئايرىۋېتىش لازىم كېلىدۇ. مۇرتەد بولغان ئايالنىمۇ مۇسۇلمان ئەرنىڭ ئېلىشى ھالال بولمايدۇ.
3.ئەر-ئاياللاردىن قايسىبىرى مۇرتەد بولسا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ بۇزۇلغان بولىدۇ. بالىلىرىنىڭ ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش يۈزىسىدىن بالىلىرى مۇرتەد بولمىغىنىنىڭ يېنىدا قالىدۇ.
4. مۇرتەد بولغانلار مۇسۇلمانلار جامائىتى تەرىپىدىن يېتىم قالدۇرىلىدۇ، ئۇلار بىلەن قۇدا-باجا بولۇشقا، دوست بولۇشقا بولمايدۇ، ھەتتا ئۇلاغا سالام قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. بۇ باشقىلارغا ئىبرەت بولۇشى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ پىتنىسىدىن قوغداپ قېلىش ئۈچۈندۇر.
5. مۇرتەد بولغانلارنىڭ ئۆلۈكى يۇيۇپ تارالماستىن، نامىزى ئوقۇلماستىن، مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىدىن باشقا قەبرىستانلىقلارغا دەپنە قىلىنىدۇ»([23]). (ئاخىرقى ماۋزۇ پېقىرنىڭ «دىن ۋە ھايات 2000 سوئالغا جاۋاب» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى).
خۇلاسە كالام
كۈنىمىزدە قۇرئان كەرىمنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىنى يەتكۈزگەنلىكىنى دەۋا قىلىپ تۇرۇپ ئىسلامنىڭ ئوپئوچۇق ۋە ئېنىق ھۆكۈملىرىنى، بولۇپمۇ ئىسلامنىڭ بىر ئەركانى بولغان بەش ۋاخ نامازنى ئىنكار قىلىدىغان ئىنسانلار بار. بۇ ئىنسانلار ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن كاپىر ھېسابلىنىدۇ ۋە كاپىرغا قىلىنىدىغان مۇئامىلىگە لايىق بولىدۇ. ئۇلار كاپىر بولۇپ دوزاخنىڭ يولىنى تاللىغان بولسا، ئۇلارغا بىزنىڭ دەيدىغان سۆزىمىز يوق، چۈنكى ھەربىر ئىنساننىڭ جەننەتكە ياكى دوزاخقا كىرىش ئىختىيارى بار. ئاللاھ تائالا ھەربىر ئىنسانغا جەننەتنىڭ ياكى دوزاخنىڭ يولىنى تاللاش ئەركىنلىكىنى بەرگەن ۋە كاپىر بولۇشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرغان. ﴿وَقُلِ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكُمْ فَمَنْ شَاءَ فَلْيُؤْمِنْ وَمَنْ شَاءَ فَلْيَكْفُرْ إِنَّا أَعْتَدْنَا لِلظَّالِمِينَ نَارًا أَحَاطَ بِهِمْ سُرَادِقُهَا وَإِنْ يَسْتَغِيثُوا يُغَاثُوا بِمَاءٍ كَالْمُهْلِ يَشْوِي الْوُجُوهَ بِئْسَ الشَّرَابُ وَسَاءَتْ مُرْتَفَقًا﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) «ئېيتقىنكى، بۇ (دىن) رەببىڭلار تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر. شۇڭا خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن». بىز ھەقىقەتەن زالىملار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى (دوزاخنى) تەييارلىدۇق، ئۇلار (ئۇسسۇزلۇقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان ناھايىتى قىزىق سۇ بېرىلىدۇ، بۇ نېمىدېگەن يامان ئىچىملىك! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!»[24]، ﴿ إِنَّا خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنْ نُطْفَةٍ أَمْشَاجٍ نَبْتَلِيهِ فَجَعَلْنَاهُ سَمِيعًا بَصِيرًا .إِنَّا هَدَيْنَاهُ السَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرًا وَإِمَّا كَفُورًا. إِنَّا أَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ سَلَاسِلَ وَأَغْلَالًا وَسَعِيرًا﴾ «ھەقىقەت شۇكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىيدىن ياراتتۇق، بىز ئۇنى سىنايمىز، شۇڭا ئۇنى ئاڭلايدىغان ۋە كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق. شەكسىزكى، بىز ئۇنىڭغا (ياخشى _ يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ يا (ياخشى يولدا مېڭىپ) شۈكۈر قىلغۇچى بولىدۇ، ياكى (يامان يولدا مېڭىپ) تۇزكورلۇق قىلغۇچى بولىدۇ. شەكسىزكى، بىز كاپىرلار ئۈچۈن زەنجىرلەرنى، تاقاقلارنى ۋە يالقۇنجاپ تۇرغان دوزاخنى تەييارلىدۇق»[25]، ﴿وَهَدَيْنَاهُ النَّجْدَيْنِ﴾ «ئۇنىڭغا (ياخشى ۋە يامان) ئىككى يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟»[26]. بىزنىڭ ئۇلارنى «موللا» ساناپ، ئىسلامنىڭ توغرا ئەقىدىسىدىن ۋە داغدام يولىدىن يىراقلىشىۋاتقان ساددا ئىنسانلارغا دەيدىغان سۆزىمىز بار.
ئى ئاق كۆڭۈل قېرىنداشلار! خۇددى ئىششىق سېمىزلىك ھېسابلانمىغاندەك، ئۇلارمۇ ئىلىم ئەھلى ياكى ئۆلىما ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى، دىن نامىدىن سۆزلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىلا ئۆلىما ئەمەس. ئۆلىما بولۇشنىڭ ب شەرتلىرى ئىمان، ئىلىم ۋە ئەمەل قىلىشتۇر. شۇڭا ئىماندىن ۋە ئىلىمدىن بىخەۋەر ئۇنداق ئىنسانلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەڭلار، ئىلىمنى جايىدىن ۋە ئەھلىدىن ئېلىڭلار. چۈنكى، ئىسلامنىڭ 14 ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەرەبچە نازىل قىلىنغان بىر كىتابى بار. ئۇ كىتابنى يەتكۈزگەن، قانداق ئەمەل قىلىشنى ئۆگەتكەن ۋە قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە گۈزەل ئۆرنەكلەرنى قويۇپ كەتكەن بىر پەيغەمبىرى بار. ئەنە شۇ كىتابقا بويسۇنۇش ۋە شۇ پەيغەمبەرگە ئەگىشىش پەرزدۇر. تارىختا نۇرغۇنلىغان ئىسلام ئۆلىماسى ئۆتكەن، ھازىر يەر يۈزىدە نۇرغۇنلىغان ئىسلام ئۆلىمالىرى ياشاۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا تەقلىدنى تاشلاپ تەتقىق قىلىڭلار، ئۆلىماغا ئوخشىۋالغان ئادەمگە قارىغۇلارچە ئەگىشىشنى تاشلاپ، ھەقىقىي ئۆلىمالار بىلەن بىر يولغا كىرىپ ئاللاھقا بەندە، رەسۇلۇللاھقا ئۇممەت بولۇڭلار!
[1] بەقەرە سۈرىسى: 43- ئايەت.
[2] نىسا سۈرىسى: 103- ئايەت.
[3] بەقەرە سۈرىسى: 110- ئايەت.
[4] نىسا سۈرىسى: 103- ئايەت.
[5] رۇم سۈرىسى: 17-18- ئايەتلەر.
[6] «زاد المسير» 3- توم، 419- بەت.
[7] ھۇد سۈرىسى: 114- ئايەت.
[8] بەقەرە سۈرىسى:239-ئايەت.
[9] ئىسرا سۈرىسى: 78- ئايەت.
[10] تەپسىرى تەبەرىي 509- بەت.
[11] بەقەرە سۈرىسى: 39- ئايەت.
[12] ئال ئىمران سۈرىسى: 4- ئايەت.
[13] مائىدە سۈرىسى: 58-59- ئايەتلەر.
[14] تەۋبە سۈرىسى: 65- ئايەت.
[15] مۇرسەلات سۈرىسى: 46-49- ئايەتلەر.
[16] مەريەم سۈرىسى: 59- ئايەت.
[17] ئەھزاب سۈرىسى: 21- ئايەت.
[18] مۇززەممىل سۈرىسى: 20- ئايەت.
[19] قەلەم سۈرىسى: 42- 43- ئايەتلەر.
[20] مەريەم سۈرىسى: 59- ئايەت.
[21] مۇددەسسىر سۈرىسى: 40-43- ئايەتلەر.
([22]) شۇئەرا سۈرىسى 20 – ئايەت.
([23]) ئەللامە يۈسۈپ قەرداۋىي، فەتاۋا مۇئاسىرە،450:1.
[24] كەھف سۈرىسى: 29- ئايەت.
[25] ئىنسان سۈرىسى: 2-4- ئايەتلەر.
[26] بەلەد سۈرىسى: 10- ئايەت.

