
«الفَتَّاحُ» (ئەلفەتتاھ)
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئاللاھ تائالانىڭ «الفَتَّاحُ» دېگەن ئىسمى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ]قُلْ يَجْمَعُ بَيْنَنَا رَبُّنَا ثُمَّ يَفْتَحُ بَيْنَنَا بِالْحَقِّ وَهُوَ الْفَتَّاحُ الْعَلِيمُ[[1]دېگەن ئايىتىدە كەلگەن. «خَيْرُ الْفَاتِحِينَ» دېگەن ئىسمى ]رَبَّنَا افْتَحْ بَيْنَنَا وَبَيْنَ قَوْمِنَا بِالْحَقِّ وَأَنْتَ خَيْرُ الْفَاتِحِينَ[ دېگەن ئايەتتە كەلگەن. بۇ ئىككى ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ «الفَتَّاحُ» ۋە «خَيْرُ الْفَاتِحِينَ» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
«الفَتَّاحُ» ئاللاھ تائالانىڭ يېپىق قەلبلەرنى ئىمان ۋە ھىدايەت بىلەن ئاچىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەندەك، بارچە يېپىق ئىشىكلەرنى ئوڭايچىلىق بىلەن ئاچىدىغانلىقىنى، مۈشكۈلچىلىكلەرنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىنى، بەندىلىرىگە خەزىنىسىنىڭ ۋە رەھمىتىنىڭ ئىشىكلىرىنى خالىغانچە ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. «الفَتَّاحُ» دېگەن سۆز «الفاتِحُ» دېگەن سۆزدىن مەنە جەھەتتە كۈچلۈك بولۇپ، ئەگەر ئاللاھ تائالا خالىسا ھەرقانچە قېتىپ كەتكەن دىللارنىمۇ ھىدايەتكە ئاچىدىغانلىقىنى ۋە ھەرقانداق مۈشكۈلچىلىكلەرنىمۇ ئوڭايلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ «فەتتاھ» دېگەن ئىسىمدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟
ئاللاھ تائالانىڭ «فەتتاھ» دېگەن ئىسمىدىن دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشلاردا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ياخشى سۆز ۋە ھېكمەتلىك تەدبىرلەر بىلەن ھەل قىلىشنى، كىشىلەرنىڭ دىللىرىغا خۇشاللىق، ئۈمىد ۋە ھۇزۇر بېغىشلاشنى ئۆگىنىمىز.
ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى سىزنى قورشاپ تۇرىدۇ
﴿مَا يَفْتَحِ اللَّهُ لِلنَّاسِ مِنْ رَحْمَةٍ فَلَا مُمْسِكَ لَهَا وَمَا يُمْسِكْ فَلَا مُرْسِلَ لَهُ مِنْ بَعْدِهِ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ﴾ «ئاللاھ ئىنسانلارغا قانداقلا بىر رەھمەتنى ئاچسا ئۇنى ھېچبىر توسۇپ قالغۇچى يوقتۇر، ئاللاھ قانداق بىر نەرسىنى توسۇپ قالسا، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنى ھېچبىر قويۇپ بەرگۈچى يوقتۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[2]. بۇ ئايەتتىكى «رەھمەت» كەلىمىسى كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق قىلىش، ياخشىلىق قىلىش، ئاياش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەتلىرى بىزگە ئېچىلىپ تۇرىدۇ، ھاياتىمىز ئاشۇ رەھمەتلەر بىلەن رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىدۇ. شۇڭا ئەگەر سىز ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان رەھمەتلەرگە ئېرىشىشنى تىلىسىڭىز، ئۇنى چوقۇم ئاللاھ تائالادىن تىلەڭ. چۈنكى، ئۇنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بېرەلمەيدۇ.
بۇ رەھمەتلەرگە ئېرىشىش ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش بىلەن بولىدۇ. شۈكۈر رەھمەتلەرگە ئېرىشتۈرۈشتىن باشقا ئۇنىڭ ئېشىشىغا ۋە زىيادىلىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ﴿ لَئِنْ شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ﴾ ««ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، سىلەرگە (بېرىۋاتقان نېمىتىمنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن»[3].
ئاللاھ تائالانىڭ دىللارنى ئىلىم-مەرىپەتكە ئېچىۋېتىشى
ئاللاھ تائالا خالىغان بەندىلىرىنىڭ دىللىرىنى ئىمان ۋە ھىدايەتكە ئاچقاندەك، ئىلىم-مەرىپەتكە ئېچىۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا دىللىرىنى ئىلىم-مەرىپەتكە ئېچىۋەتكەن كىشىلەر ھەقىقەتەن بەختلىك كىشىلەردۇر. چۈنكى، دۇنيادا ئىمان ۋە ھىدايەتتىن قالسا ئىلىم-مەرىپەتكە ئىگە بولۇشتىن كاتتا ئۇتۇق يوقتۇر. بۇ ئىلىم-مەرىپەت پەقەتلا ئاللاھ تائالانىڭ دىللارنى ئۇنىڭغا ئېچىۋېتىشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ، ھەتتا ئىلىم-مەرىپەتكە ئېلىشقا ئوتتەك قىزغىنلىقى بار، ئەمما ئەستە تۇتۇش ياكى ئىدراك قىلىش قابىلىيىتى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ دىللىرىنىمۇ ئاللاھ تائالا ئېچىۋېتىدۇ. ئىمام شافىئىينىڭ رەبىئ مۇرادىي ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ مەسىلىلەرنى چۈشىنىش قابىلىيىتى تۆۋەن ئىدى، ئىمام شافىئىي ئۇنىڭغا تەكرار-تەكرار ئۆگىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالاتتى، ھەتتا بىر كۈنى ئۇنىڭغا: «ئى رەبىئ! قولۇمدىن كەلسە ئىلىمنى ساڭا تاماق يېگۈگەندەك يېگۈزگۈم بار»[4] دېگەن ئىدى. لېكىن رەبىئ ئىنتايىن تىرىشچان بالا بولۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقى ئالاھىدە يۇقىرى ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ قەلبىنى شۇنداق بىر ئېچىۋەتتىكى، ئۇ فىقھى ئىلمىدە يۈكسىلىپ، شافىئىي مەزھىپىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرىغا ئايلاندى.
زامانىمىزدىكى كاتتا ئۆلىمالاردىن بىرى ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى ھېكايە قىلىپ مۇنساق دېگەن: «مەن ھەدىس ئىلمىگە بەك قىزىقاتتىم، ئەمما يادلاش ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم بەكمۇ تۆۋەن بولغانلىقتىن كۆپ قىيلىنىپ كەتتىم. ئۇستازىمنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە، مەھەللىمىزدىكى مەسجىدتە ئېتىكاپ قىلدىم. ئېتىكلاپ جەريانىدا ئاللاھ تائالاغا كۆپ سەجدە قىلدىم، تىلىكىم بىرلا تىلەك بولۇپ، قەلبىمنى ئىلىمگە ئېچىۋېتىشىنىلا تىلىدىم. ئېتىكاپ تۈگەپ ئۇزۇنغا قالماي ئاڭلىغان ھەربىر ھەدىسنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان بولۇپ قالدىم»[5].
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەتنىڭ مەنىسى چۈشىنىش ئۈچۈن بەزىدە يۈزلەرچە تەپسىرلەرگە مۇراجىئەت قىلسىمۇ يەنىلا توغرىسىنى تاپالمىغاندا، تالاغا چىقىپ، يۈزىنى تۇپراققا سۈركەپ تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلاتتى ۋە «ئى داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا ئۆگەتكەن ئاللاھ! ماڭا ئۆگەتكىن، ئى سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا چۈشەندۈرگەن ئاللاھ! ماڭا چۈشەندۈرگىن» دەپ دۇئا قىلاتتى[6].
ئاللاھ تائالانىڭ بەرىكىتىنى ئېچىۋېتىشى
بەرىكەت— زىيادە، كۆپ دېگەن مەنىدە بولۇپ، بىر نەرسىگە ئىلاھىي ياخشىلىقلارنىڭ چۈشۈشى دېگەنلىكتۇر. بەرىكەت پۇل-مالدا، ئىلىم-مەرىپەتتە، پەرزەنتلەردە ۋە كۆپ نەرسىلەردە بولىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا بەرىكەت ئاتا قىلغان بىر ئادەم گەرچە مىڭ سوم مائاش ئالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مائاشى ئون مىڭ سوم مائاش ئالغان ئادەمنىڭ مائاشىدىن كۆپرەك ئىشقا يارايدۇ. بىراۋنىڭ ياراملىق بىرلا بالىسى بولسىمۇ، ئۇ بالا نورمال بالىلاردىن ئون بالا كەلتۈرەلمىگەن ياخشىلىقلارنى كەلتۈرىدۇ، بەزى كىشىلەردە ئاز ئىلىم بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئاز ئىلمى كۆپ ئىلىم ئوقۇغان ئادەملەردىن كۆپرەك مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە ئۇ ئادەمنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ياخشى ئىشلارغا يېتەكلىيەلەيدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ ۋاقتى قىس بولسىمۇ شۇ قىس ۋاقىت ئىچىدە ۋاقتى كۆپ ئادەملەر قىلالمىغان كاتتا ئىشلارنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىشنى بىلىدۇ، بىر كېچە-كۈندۈزدىكى 24 سائەت ۋاقتىنى 48 سائەتكە چىقىرالايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر قىسقا ئۆمرى ئىچىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئادەملەر ۋۇجۇتقا چىقىرالمىغان كاتتا ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەرىكەتنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئەللامە زەمەخشەرىي «كەششاف» ناملىق مەشھۇر تەپسىرىنى ئۈچ يىلدا يېزىپ بولغان. ئىمام شافىئىي 54 يىللىق ئۆمرىدە 140 پارچىدىن كۆرەك كىتاب يېزىپ قالدۇرغان. ئىمام نەۋەۋى 46 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولۇپ، ئاشۇ قىسقا ئۆمرىدە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ئىمام ئەبۇ ھامىد غەززالىي 55 ياشلىق ئۆمرىدە كۆپلىگەن كاتتا ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆمۈرنىڭ بەرىكىتى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆمرىگە بەرىكلەت ئاتا قىلغان ئادەم گەرچە ئاز ئۆمۈر كۆرسىمۇ، ئۇنىڭ بەرىكىتى كاتتا بولىدۇ.
[1]سەبەئ سۈرىسى 26- ئايەت.
[2] فاتىر سۈرىسى:2- ئايەت.
[3] ئىبراھىم سۈرىسى:7- ئايەت.
[4] «جامع بيان العلم وفضله» 1-توم، 473-بەت.
[5] ئەلى جابىر ئەل فەيفىينىڭ «لأنك الله» دېگەن ئەسىرى، 104- بەت.
[6] ئەلى جابىر ئەل فەيفىينىڭ «لأنك الله» دېگەن ئەسىرى، 103- بەت.

