
بىز دائىملىق مەنىۋى قۇۋۋەتكە مۇھتاجمىز
مۇھەممەد يۈسۈپ
ۋەز-تەبلىغلەر مۇسۇلمانلارغا ئاللاھ تائالانى يادلاندۇرۇش، ئۇلارنى غەپلەتتىن ئويغىتىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەرغىب قىلىش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغان دەۋەت ئۇسۇلىدۇر. ئەمما كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇرچە دەۋەت كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرۇش ۋە ھېسسىياتلاندۇرۇشتىن باشقىسىغا يارىمايۋاتىدۇ. مۇنداق ۋاقىتلىق تەسىرلىنىش ۋە ۋاقىتلىق ھېسسىياتلىنىپ قويۇش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ. بۇ ھالەتتە بىز مەنىۋى كۈچىمىزدىن پايدىلىنالمىغان بولىمىز. بىزگە بىزنى كېچە_كۈندۈز، ھەمىشە بىرەر ئىشنى قىلىشقا ئىچىمىزدىن ئىتتىرىپ تۇرىدىغان داۋاملىق مەنىۋى قۇۋۋەت كېرەك. ساھابىلەردە بولغان مەنىۋى قۇۋۋەت ئەنە شۇنداق داۋام قىلىدىغان، ھېچ توختاپ قالمايدىغان تۈرتكە بولغانلىقتىن، ئۇلار ئىشلەشنى توختاتمىغان. نەتىجىدە، ھاياتىنىڭ ھەربىر قەدىمىدە زەپەر قۇچۇپ ماڭغان.
ئۇنداقتا بىزنىڭ داۋاملىق بىزنى ئىچىمىزدىن ئىشلەشكە ئىتتىرىپ تۇرىدىغان دائىملىق مەنىۋى قۇۋۋەتكە مۇھتاج ئىكەنلىكىمىز بىزگە ئايان بولدى. ئەمدى بۇنداق دائىملىق مەنىۋى قۇۋۋەتنى نەدىن ھاسىل قىلىمىز؟ ئۇ زادى بارمۇ ياكى يارىتىشقا توغرا كېلەمدۇ؟
دائىملىق مەنىۋى قۇۋۋەتنىڭ مەنبەسى قۇرئاندۇر
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھىدايەت، ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەرنىڭ قەلبىگە شىپا، ئۇنى دەستۇر قىلىپ، ھاياتىنى خورلۇقتىن ئەزىزلىققا، ئاجىزلىقتىن كۈچ_قۇۋۋەتكە ئۆزگەرتىش يولىدا ئۇنىڭ مۆجىزىسى ۋە تەسىر دائىرىسىگە كىرگەنلەر ئۈچۈن ئۆزگىرىش نۇقتىسى قىلىپ چۈشۈرگەن. «قۇرئان كەرىم» تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان تەڭداشسىز كىتاب بولۇپ، تەسىر قىلىشتا ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ. چۈنكى «قۇرئان كەرىم» بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئەقىل ھەم ھېسسىيات ھەر ئىككىسىگە خىتاب قىلىدۇ. چۈنكى «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى كىشىلەرنى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىش ۋە ئادەمنى ئىچىدىن ھەرىكەتكە سېلىش مۆجىزىسىدۇر.
قۇرئان كەرىم رىسالە بىلەن مۆجىزىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان كىتابتۇر
«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىلگىرىكى «تەۋرات»، «ئىنجىل» ۋە باشقا ساماۋى كىتابلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ رىسا بىلەن مۆجىزىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغانلىقى ئىدى. چۈنكى «قۇرئان كەرىم»مۇ باشقا ساماۋى كىتابلارغا ئوخشاش كىشىلەرنى ئاللاھ تائالاغا باشلايدۇ، ئۇلارغا ھىدايەتنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭىشنى ئۆگىتىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ رىسالە تەرىپى، ئەمما ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلاردىن ھېچقايسىسىغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى ئۇنىڭ مۆجىزىسى بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۆجىزىسى ئۇنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى ئۈستۈنلىكى، ئەسىرلەردىن بېرى بۇرمىلىنىشتىن ۋە ئۆزگەرتىلىشتىن ساقلىنىپ قالغانلىقى، كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا مۇناسىپ ئىكەنلىكى ۋە دىللارنى مايىل قىلىشتىكى سېھرىي كۈچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش، روھىيىتىنى يېڭىلاش ۋە مەنىۋى قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، ۋىجدانىنى ئويغىتىشقا ئوخشىغان كاتتا مۆجىزىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ مۆجىزىسى دىللارنى ياشارتىدىغان، ئۆلگەن قەلبلەرنى تىرىلدۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئابى ھايات بېغىشلايدىغان مۆجىزىدۇر. ﴿ أَوَمَنْ كَانَ مَيْتًا فَأَحْيَيْنَاهُ وَجَعَلْنَا لَهُ نُورًا يَمْشِي بِهِ فِي النَّاسِ كَمَنْ مَثَلُهُ فِي الظُّلُمَاتِ لَيْسَ بِخَارِجٍ مِنْهَا ﴾ يەنى ﴿(ئەسلىدە مەنىۋى جەھەتتىن) ئۆلۈك بولۇپ، بىز ئۇنى (ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا يۈرەلەيدىغان نۇر بەرگەن ئادەم بىلەن زۇلمەتلەر ئىچىدە قېلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان ئادەم ئوخشاشمۇ؟﴾[1]
«قۇرئان كەرىم»نىڭ رىسالىسى كىشىلەرگە ئۇلارنى ئاللاھ تائالاغا ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولسا، ئۇنىڭ مۆجىزىسى كىشىلەرنىڭ قولىدىن تۇتۇپ توغرا يولغا كىرگۈزۈش، ئۇلارنى جاھالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن چىقىرىپ، ئىماننىڭ نۇرىغا ئېلىپ چىقىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگىدۇر.
«قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ ئىككى چوڭ ۋەزىپىسىنى بايان قىلغان ئايەتلەرمۇ كۆپتۇر. مەسىلەن: مائىدە سۈرىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: ﴿يَا أَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاءَكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ كَثِيرًا مِمَّا كُنْتُمْ تُخْفُونَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَعْفُو عَنْ كَثِيرٍ قَدْ جَاءَكُمْ مِنَ اللَّهِ نُورٌ وَكِتَابٌ مُبِينٌ (15) يَهْدِي بِهِ اللَّهُ مَنِ اتَّبَعَ رِضْوَانَهُ سُبُلَ السَّلَامِ وَيُخْرِجُهُمْ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ بِإِذْنِهِ وَيَهْدِيهِمْ إِلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ﴾ ﴿ئى ئەھلى كىتاب! سىلەرگە كىتابىڭلاردا سىلەر يوشۇرغان نەرسىلەرنىڭ نۇرغۇنىنى ئاشكارا بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە نۇرغۇننى(پايدىسى بولمىغانلىقتىن بايان قىلماي) ئۆتۈپ كېتىدىغان ئەلچىمىز كەلدى، ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر ۋە روشەن كىتاب كەلدى. ئاللاھ شۇ كىتاب ئارقىلىق رازىلىقىنى ئىزدىگەنلەرنى نىجاتلىق يوللىرىغا يىتەكلەيدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقلىرىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ﴾[2]. بۇ ئايەتلەردە «قۇرئان كەرىم»نىڭ رىسالىسىدىن ئىبارەت كىشىلەرنى ھىدايەتكە باشلاش ۋەزىپىسى بىلەن ئۇنىڭ مۆجىزىسىدىن كىشىلەرنى قاراڭغۇلۇقلاردىن چىقىرىش ۋەزىپىسى ئېنىق بايان قىلىنغان.
چۈنكى، ھىدايەتكە باشلاش، ئۇنىڭغا چاقىرىش ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرى نورمالدا، ئۇلارغا ھەقىقەتنى ئوچۇق بايان قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما كىشىلەرنى كۇفرى ۋە زالالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن ئىمان ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا ئېلىپ چىقىش ئىشى كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان ئېنېرگىيىنى يارىتىش ۋە ئۇنى قوزغىتىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ۋەزىپىنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۆجىزىسىدىن باشقىسى ئورۇندىيالمايدۇ.
«قۇرئان كەرىم» بىرلا ۋاقىتتا پىكىر ۋە ھېسسىياتقا خىتاب قىلىدىغان كىتابتۇر
«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەڭ چوڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ بىرلا ۋاقىتتا پىكىر بىلەن ھېسسىياتقا خىتاب قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئەقىلغا خىتاب قىلىپ ئۇنى قايىل قىلىدۇ ۋە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بۇ خىتاب ھېسسىياتقا تەسىر قىلىپ، ئۇنى قوزغىتىدۇ، ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ ۋە ئىچكى ئېنېرگىيىنى ئويغىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ قايىللىق بىلەن ئويغىنىش مۇستەھكەم ئىمانغا ئايلىنىدۇ. قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدىن باشقا سۆزلەر ئىنساندا بۇنداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ.
دۇنيادا كىشىلەرنى ھەر قانداق بىر پىكىرگە ياكى ئېقىمغا چاقىرىدىغانلار ئۇلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئەقلىنى قايىل قىلىدۇ. ئەمما بۇ قايىللىق قەلبتە ئورۇنلىشىپ ئىمان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇلارنى تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپمۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئەگە بولالمىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى كونترولى ئاستىغا ئالالمىغانلىقىدۇر. چۈنكى مۇنداق قىلىش ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇنداق قىلالىشى ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى بولغانلىقىدىن ئىدى.
دوكتور مۇھەممەد ئابدۇللا دىراز مۇنداق دېگەن ئىكەن: «ئىنساندا تەپەككۇر قۇۋۋىتى ۋە ۋىجدان قۇۋۋىتى دەپ ئىككى خىل قۇۋۋەت بار بولۇپ، ئىنساننىڭ بۇ ئىككىسىگە بولغان ئېھتىياجى ئايرىم_ئايرىم ئېھتىياجلاردىندۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىرى ھەقىقەتنى تونۇشقا ياردەم قىلىدۇ، يەنە تەسىرات ئاتا قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ تەپەككۇر بىلەن ۋىجداندىن ئىبارەت بۇ قۇۋۋەت ئىنسانغا خۇددى قۇشلارنى ئۇپۇقلارنى پەرۋاز قىلدۇرىدىغان ئىككى قاناتقا ئوخشاش خىزمەت قىلىدۇ. بىز ئۆلىمالارنىڭ، ئەدىبلەرنىڭ ۋە شائىرلارنىڭ سۆزلىرىنى بىلىمىز. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئاشۇرۇۋەتسە، يەنە بىر تەرىەپتىن كەمچىل قىلىپ قويىدۇ. مەسىلەن: ئۇلارنىڭ يازغانلىرى ۋىجدانىي تەرەپتە مۇكەممەل بولسا، پىكرىي تەرەپتىن يېتەرسىز قالىدۇ. پىكرىي تەرەپتىن مۇكەممەل بولسا، ۋىجدانىي تەرەپتىن ئاجىز كېلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا ھەر ئىككى تەرەپتىن مۇكەممەل بولالمايدۇ. سىز بىرەر ئەدىپنىڭ ئەسىرىنى ياكى بىرەر شائىرنىڭ شېئىرىنى ئوقۇغىنىڭىزدا، ئۇنىڭ بىرەر ئىلمىي نەزەرىيىنى ياكى بىرەر ئىشنىڭ يولىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ ئەقىلنى مەركەز قىلغان ئۇسلۇب ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئەگەر ئۇنىڭ كىشىلەردىن بىرە ئىشتىن نەپرەتلەندۈرۈش ياكى سۆيدۈرۈش ئۈچۈن كۈشكۈرتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ ۋىجداننى مەركەز قىلغان ئۇسلۇب ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئەمما بىر ئۇسلۇب ۋە بىر يۆنۈلۈشتە كېتىپ بېرىپ ھەم ئەقلىي ھەم ۋىجدانىي ھەر ئىككى تەرەپنى ئوخشاشلا مەركەز قىلغان ۋە ھەر ئىككىسىگە ئوخشاشلا خىتاب قىلغان ئۇسلۇبنى «قۇرئان كەرىم»دىن باشقا ھېچبىر ئەسەردە تاپالمايسىز».
«قۇرئان كەرىم» ئەنە شۇنداق بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئەقىلنى ھەم ۋىجداننى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيدىغان كىتابتۇر. مىسال ئۈچۈن تۆۋەندە بىرلا ئايەتنى بىرگە ئوقۇپ چىقايلى:
ئاللاھ تائالا قىساس توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ﴿ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِصَاصُ فِي الْقَتْلَى الْحُرُّ بِالْحُرِّ وَالْعَبْدُ بِالْعَبْدِ وَالْأُنْثَى بِالْأُنْثَى فَمَنْ عُفِيَ لَهُ مِنْ أَخِيهِ شَيْءٌ فَاتِّبَاعٌ بِالْمَعْرُوفِ وَأَدَاءٌ إِلَيْهِ بِإِحْسَانٍ ذَلِكَ تَخْفِيفٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَرَحْمَةٌ فَمَنِ اعْتَدَى بَعْدَ ذَلِكَ فَلَهُ عَذَابٌ أَلِيمٌ ﴾ ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى، ئازاد ئادەم ئۈچۈن ئازاد ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن(قىساس ئېلىنىدۇ). قاتىل ئۈچۈن قېرىندىشى(يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى) تەرىپىدىن بىر نەرسە كەچۈرۈم قىلىنسا، (كەچۈرۈم قىلغۇچى قاتىلدىن دىيەتنى) چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى، ( قاتىلنىڭمۇ دىيەتنى) ياخشىلىقچە بېرىشى لازىم. بۇ (ھۆكۈم) رەببىڭلار تەرىپىدىن كەلگەن يېنىكلىتىشتۇر ۋە رەھمەتتۇر. شۇنىڭدىن كېيىن (قاتىلغا) ھۇجۇم قىلغان ئادەمگە قاتتىق ئازاب بار﴾[3].
ئايەتنى ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار!﴾ دېگەن خىتاب بىلەن باشلاش مۇسۇلمانلارنى ئىتائەتچانلىققا ئۈندەيدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ئۆزىنىڭ مۆمىنلەردىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ياكى ئېسىگە ئالغان ئادەم مۆمىنلەرگە لايىق ئىشلارنى قىلىشنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قانداقلا بىر ئەمر_پەرمانىنى جان پىدالىق بىلەن ئورۇنداش لازىملىقىنى ئەستىن چىقارمايدۇ.
ئايەتتىكى ﴿قېرىندىشى﴾ دېگەن سۆز مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا بىر_بىرىنى ئۆلتۈرۈشكىچە ئېلىپ بارغان زىددىيەتلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلار دىنىي جەھەتتىن قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالدۇرۇش ئارقىلىق كەچۈرۈمچانلىققا ۋە بىر_بىرىنى ئەپۇ قىلىشقا ئۈندەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى يۇمشىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئايەتتىكى ﴿چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى﴾ دېگەن جۈملە بىلەن ﴿ياخشىلىقچە بېرىشى﴾ دېگەن جۈملىلەر ئۇدۇل ھېسسىياتقا خىتاب قىلغان جۈملىلەر بولۇپ، قىساس تەلەب قىلىنىدىغان مۇنداق قاتىللىق ۋەقەسىدە تەرەپلەرنى پەسكويىغا چۈشۈرۈش ۋە ئۇلارنى يۇمشاقلىققا ئۈندەش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئايەتنىڭ ﴿بۇ (ھۆكۈم) رەببىڭلار تەرىپىدىن كەلگەن يېنىكلىتىشتۇر ۋە رەھمەتتۇر﴾ دېگەن قىسمى ئاللاھ تائالاغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بۇرچىنى خارىتىلىتىش بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسىنى قاتىلغا قارىتا رەھىم_شەپقەتلىك بولۇپ، ئىمكانقەدەر دىيەتنى يېنىكلىتىشكە تەشەببۇس قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالامۇ بەندىلىرىگە ھەر ئىشتا يېنىكلىتىش ۋە رەھمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئىكەن، بەندىلەرمۇ بىر_بىرىگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئايەتنىڭ ئاخىرى تەھدىد بىلەن ئاياقلاشقان. قاتىلدىن دىيەت ئېلىشقا رازى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىشتىن ۋاز كەچكەنلەر ناۋادا سۆزىدىن يېنىۋېلىپ قاتىلنى ئۆلتۈرىۋەتسە ياكى قاتىل قىساستىن قۇتۇۋېلىپ ئۆزى ۋەدە قىلغان دىيەتنى بېرىشتىن باش تارتسا، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىدە ھەددىدىن ئاشقانلىق بولۇپ، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ قاتتىق ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.
يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، بىرلا قىساس ئايىتىدە، كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى ئويغىتىش، ئەقلىنى ئىشقا سېلىش، كۆڭلىنى يۇمشىتىش، سىلىقلىققا چاقىرىش، شەپقەت قىلىشقا ئۈندەش ۋە ئاخىرىدا تەھدىد قاتارلىق ئۇسلۇبلار بىلەن قىساس مەسىلىسى ھەل قىلىنغان. بۇنداق ئېسىل ۋە تەسىرلىك باياننى ئىنسانلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن قايسىبىر ئەسەردىن تاپقىلى بولسۇن؟!
«قۇرئان كەرىم»نىڭ بىر ئاندا ئەقىل بىلەن ۋىجدان ھەر ئىككىسىگە خىتاب قىلغانلىقىنىڭ ئۆرنەكلىرى ئىنتايىن كۆپ. «قۇرئان كەرىم» ئار_خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت ئىنتايىن نازۇك بىر مەسىلىنى ئوقۇغان مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، ھېچكىمنىڭ غۇرۇرىنى زىدىلىمەيدىغان ۋە ھەركىم راھەت ئوقۇيدىغان ئۇسۇل بىلەن بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ نِسَاؤُكُمْ حَرْثٌ لَكُمْ فَأْتُوا حَرْثَكُمْ أَنَّى شِئْتُمْ وَقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ مُلَاقُوهُ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ﴾ يەنى ﴿ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە بىلىڭلاركى، سىلەر چوقۇم ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىسىلەر. مۇئمىنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن﴾[4].
[1] ئەنئام سۈرىسى122-ئايەت.
[2] مائىدە سۈرىسى15-16-ئايەتلەر.
[3] بەقەرە سۈرىسى178-ئايەت.
[4] بەقەرە سۈرىسى 223-ئايەت.

