
ئاللاھ تائالانىڭ «الرَّزَّاقُ» (رەززاق) دېگەن ئىسمى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى!
ئاللاھ تائالانىڭ «الرَّزَّاقُ» دېگەن ئىسمى «قۇرئان كەرىم»نىڭ (إِنَّ اللَّهَ هُوَ الرَّزَّاقُ ذُو الْقُوَّةِ الْمَتِينُ)[1] دېگەن بىرلا ئايىتىدە كەلگەن.
«الرَّزَّاقُ» ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە رىزىق بېرىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندەك، ئۇلار ئۈچۈن تەقسىم قىلىنغان رىزىقنى يەتكۈزۈپ بېرىشنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى، خالىغان بەندىلىرىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسمىدۇر.
«الرَّزَّاقُ» «الرَّازِقُ» دېگەن ئىسىمنىڭ كۆپلۈكنى ۋە دائىمىيلىقنى ئىپادىلەيدىغان شەكلى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتىنىڭ سانى قانچىلىك كۆپ بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىگە رىزىق بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ئۆزى خالىغانچە ۋە ھېسابسىز رىزىق بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر
يەر يۈزىدە ئۆزىنىڭ رىزقىنى تېپىپ يېيىشتىن ئاجىز كېلىدىغان جانلىقلارمۇ باركى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭمۇ رىزقىنى بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئاچ قويمايدۇ. (وَكَأَيِّنْ مِنْ دَابَّةٍ لَا تَحْمِلُ رِزْقَهَا اللَّهُ يَرْزُقُهَا وَإِيَّاكُمْ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ) «(يەر يۈزىدە) نۇرغۇن ھايۋانلار باركى، ئۇلار ئۆز رىزقىنى يېنىدا كۆتۈرۈپ يۈرمەيدۇ، ئۇلارنىمۇ، سىلەرنىمۇ ئاللاھ رىزىقلاندۇرىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»[2].
داۋۇد ئەلەيھىسسالام ھەمىشە «ئى قاغىنىڭ بالىسىغا رىزىق بېرىدىغان ئاللاھ! ماڭا رىزىق بەرگىن» دەپ دۇئا قىلاتتىكەن. قاغىنىڭ بالىسى تۇخۇمدىن چىققان ۋاقتىدا ئاپئاق رەڭلىك بولىدىكەن. ئۇنى كۆرگەن قاغىلار، ھەتتا ئانا قاغىمۇ تونۇيالمايدىكەن. چۈنكى، قاغىلار قارا رەڭلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى باشقا مەخلۇقات ئوخشايدۇ دەپ قالىدىكەن. نەتىجىدە ئۇنىڭغا ھېچبىر قاغا دان ئەكىلىپ بەرمەيدىكەن. پەقەتلا ئاللاھ تائالا بەزى ھاشارەتلەرنى ئەۋەتىپ بېرىدىكەن، ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلىنىدىكەن. قاغا بالىسى كۈندىن كۈنگە يوغىناپ بېرىپ رەڭگى قارايغاندىن كېيىن، ئاندىن قاغىلار ئۇنى تونۇپ قېتىغا ئالىدىكەن. دېمەك، پۈتۈن جانلىقلارنى ئانىسى بېقىپ چوڭ قىلسا، قاغىنىڭ بالىسىنى ئانىسى باقمايدىكەن. ئاللاھ تائالا ئانىسى باقمىغان ئاشۇ قاغا بالىسىغا ئۆزى رىزىق ئەۋەتىپ بېرىپ چوڭ قىلىدىكەن.
رىزىقنىڭ ئەڭ ...لىرى
ئۆلىمالار « بەدەننىڭ رىزقى تاماق بىلەن، روھنىڭ رىزقى مەرىپەت بىلەندۇر» دەيدۇ. ئېنىقكى، مەرىپەت رىزىقلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىكى ۋە ئەڭ بەرىكەتلىكىدۇر. چۈنكى، ئەقىلنىڭ ئاچلىقى قورساقنىڭ ئاچلىقىدىن يامان ۋە خەتەرلىكتۇر، شۇڭا ئەقىلنىڭ توقلۇقى قورساقنىڭ توقلۇقىدىن مۇھىمدۇر.
رىزىق دېيىلگەن ھامان ئەقلىمىزگە يېمەك-ئىچمەك ۋە پۇل- مال كېلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇلار رىزىقنىڭ ئەڭ ئاددىيسى ۋە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىدۇر. چۈنكى، ئىمانمۇ رىزىق، ھىدايەتمۇ رىزىق، ئىلىم -ھېكمەتمۇ رىزىق، تەن ساقلىقىمۇ رىزىق، تەقۋالىقمۇ رىزىق، گۈزەل ئەخلاقمۇ رىزىق، بەختلىك ئائىلىمۇ رىزىق، ياراملىق پەرزەنتلەرمۇ رىزىقتۇر. ئۆلىمالار «پۇل-مال رىزىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسى، تەن- ساقلىقى رىزىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىدۇر، ياراملىق بالىلار رىزىقنىڭ ئەڭ ئەۋزەل دەرىجىسىدۇر، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش رىزىقنىڭ تامامىدۇر» دەيدۇ.
دىن ۋە دۇنيالىق ئۈچۈن ئىشلەش پەرزدۇر
ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈن مەخلۇقاتىغا رىزىق بېرىدىغانلىقىدا قىلچە شەك يوقتۇر. ئەمما ئىنسان ئاللاھ تائالا بېرىدىغان ئاشۇ رىزىقنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىشلەشكە ۋە سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇلغان. (هُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ ذَلُولًا فَامْشُوا فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُوا مِنْ رِزْقِهِ) «ئۇ زېمىننى سىلەرگە بويسۇنىدىغان قىلىپ بەرگەن زاتتۇر، ئەمدى سىلەر (تىرىكچىلىك قىلىپ) زېمىننىڭ تەرەپ _ تەرەپلىرىدە مېڭىپ، ئاللاھنىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار»[3]. بۇ ئايەت رىزىق ئۈچۈن سەۋەپ قىلىشنىڭ پەرزلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ دۇنيا سەۋەب دۇنياسى بولغانلىقتىن، ھەربىر ئىش ئۈچۈن سەۋەب قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاللا تائالا بۇ دۇنيانى ئىشلىگەن ۋە تىرىشقانلارغا بەرگەن بولۇپ، كەم-كوتىسىز ئىبادەت قىلىدىغان، ناھايىتى تەقۋا كىشىلەرمۇ ئاۋادا ئىشلىمىسە، رىزىق ئىشىكىنى ئەمگەك ئاچقۇچى بىلەن ئاچمىسا، ئۇلار بۇ دۇنياغا ئىگە بولالمايدۇ.
رىزىقىڭىزدىن ئەنسىرىمەڭ
ئاللاھ تائالا قارا تاشنىڭ ئاستىدىكى قارا چۈمۈلىلەرنىڭ ۋە دېڭىزلارنىڭ تېگىدىكى بېلىقلارنىڭمۇ رىزقىنى بېرىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇ بارلىق مەخلۇقاتقا رىزىق بېرىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. )وَمَا مِنْ دَابَّةٍ فِي الْأَرْضِ إِلَّا عَلَى اللَّهِ رِزْقُهَا( «يەر يۈزىدىكى ھەربىر جانلىققا رىزىق بېرىشنى ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان»[4]. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «قورسىقىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، ئاللاھ ئۈچۈن ئىشلەڭلار، ئارتۇق مال-دۇنيا يىغىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئازابقا سەۋەب بولىدۇ. قاراڭلاركى، قۇشلار يېنىدا ھېچقانداق رىزىق توشۇمايدۇ، ئۇچىدۇ، قايتىدۇ، يا يەر ھەيدىمەيدۇ ياكى ھوسۇل ئالمايدۇ، ئەمما ئاللاھ رىزقىنى بېرىدۇ. ئەگەر سىلەر"بىزنىڭ قورسىقىمىز قۇشلارنىڭ قورسىقىدىن چوڭ ئەمەسمۇ؟" دېسەڭلار، كالا، ئېشەك قاتارلىق چوڭ ھايۋانلارغا قاراپ بېڭىڭلاركى، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئۆزىنىڭ رىزقىنى كۆتۈرۈپ يۈرمەيدۇ، يا يەر تېرىمايدۇ ياكى ھوسۇل ئالمايدۇ، ئەمما ئاللاھ رىزقىنى بېرىدۇ».
تەنھا ياشايدىغان بىر ئادەم قاتتىق غەمكىن يۈرىدىغان بولۇپ قاپتۇ، مەھەللىنىڭ ئىمامى ئۇنىڭدىن بۇ غەمكىنلىكنىڭ سەۋەبىنى سورىسا، ئۆيىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن چېقىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆيسىز قېلىشتىن ئەنسىرەپ بىئارام بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئىمام ئۇنىڭغا تالادا قالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەسەللى بېرىپتۇ. ئەمما ئۇ ئادەم ئۆيى چېقىلىشتىن بىر يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بىر ئىشقا ئۆزىنىڭ ھەجىمىدىن كۆپ ئەھمىيەت بېرىپ كېتىش زىيانلقتۇر. بولۇپمۇ رىزىق ئىشىدا قولدىن كەلگەنچە سەۋەب قىلىش ۋە رىزىقنىڭ غېمىنى يېيىش لازىم، ئەمما ئاچ قېلىشتىن قەتئىي ئەنسىرىمەسلىك كېرەك.
رىزقىڭىزدىن ئەنسىرەپ ھارام يېمەڭ
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چۈشىنىش دائىرىسى تار، ئاللاھ تائالا توغرۇلۇق تونۇشى كەم، ئىمانى ئاجىز ۋە ئەخلاقى ناچار بولغانلىقتىن، ئۇلار رىزقىدىن ئەنسىرەپ ھارامغا قول ئۇزىتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى سادىر قىلىۋاتقان ھارام ئىشلارنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن يوللۇق قىلىشقا ۋە ئۆزىچە ھارامنى يۇيۇشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا ئۇلار ھارامدىن پۇل تېپىپ ھەج قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ھارام يېگەن گۇناھلىرىدىن قۇتۇلماقچى بولىدۇ. يەنە بىرلىرى جازانە قىلىپ تاپقان پۇلىغا داستىخان سېلىپ جامائەتنىڭ دۇئاسىنى ئالماقچى بولىدۇ. يەنە بەزىلىرى ھارامنى يۇيۇش ئۈچۈن مەسجىد ۋە مەدرىسىلەرنى بىنا قىلماقچى بولىدۇ. ئەمما ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ھارامغا ھاجىتى يوقلۇقىنى ۋە ھارام پۇلغا قىلغان ياخشى ئەمەللەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھاراملىقىنى بىلسىمۇ ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ.
يەنە بەزى كىشىلەر كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ھارامغا يۈزلىنىدۇ، خېرىدارلارغا يالغان سۆزلەيدۇ، ئۇلارنى ئالدايدۇ، ناچار مالنى ياخشى مال دەپ ساتىدۇ، ھەتتا يالغان ماركىلارنى چاپلاپ ساتىدۇ. شەكسىزكى، بۇ قىلمىش ئالدامچىلىق تۈرىگە كىرىدۇ. ئالدامچىلىق مۇناپىقلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئىمانى بار، ئىبادەتلىرى جايىدا بىر ئادەم ئەگەر كىشىلەرنى ئالدىسا، ئۇ ئادەمنى ھەقىقىي مەنىدىكى مۇئمىن دېگىلى بولمايدۇ. مەيلى ئۇ مۇسۇلماننى ئالدىسۇن ياكى باشقا دىندىكىلەرنى ئالدىسۇن ھېچبىر پەرقى يوق.
بۇ ئادەملەر ھالالغا سەۋر قىلالماي، ھارامغا ئالدىراپ كەتكەنلەردۇر. ئۇلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىسسىسىدىكى ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كۈنى مۇنچىغا كىرمەكچى بولۇپ، مۇنچىنىڭ يېنىدا تۇرغان بىر ئادەمگە ئېشىكىنىڭ توقۇمىنى ئامانەت قويىدۇ. كېيىن مۇنچىدىن چىقسا ئۇ ئادەمنىمۇ، توقۇمنىمۇ تاپالمايدۇ. ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، يېقىنلىرىدىن بىرىنى بازارغا بىر توقۇم سېتىۋېلىشقا ئەۋەتىدۇ. نەتىجىدە بازاردىن ئىككى دىرھەمگە بىر توقۇم ئېلىپ كېلىنىدۇ. قارىسا بۇ توقۇم ئۆزى ئامانەت قويغان توقۇمنىڭ ئۆزى ئىدى. شۇ چاغدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ئادەمگە ئىككى دىرھەم پۇل نېسىب بولغان ئىدى، ئەگەر ئۇ مېنى كۈتۈپ تۇرغان بولسا ئۇنىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن ئىككى دىرھەم بېرىشنى نىيەت قىلغان ئىدىم. ئەمما ئۇ ھالالغا ئۇنىماي، ھارامنى تاللىدى». دېمەك، ھالالدىن يېسىڭىزمۇ ياكى ھارامدىن يېسىڭىزمۇ سىزگە تەقدىر قىلىنغان رىزىقنى يەيسىز. ئەمما ھالالدىن يېيىش بىلەن ھارامدىن يېيىش ئوتتۇرىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بار. چۈنكى، ھالال يېيىش ئىبادەت، ھارام يېيىش گۇناھتۇر.
ئۇلار مۇنۇ ئايەتلەرگە ئەقلىي نەزەر بىلەن باقمايدۇ: ( وَأَنْ لَوِ اسْتَقَامُوا عَلَى الطَّرِيقَةِ لَأَسْقَيْنَاهُمْ مَاءً غَدَقًا) « ئەگەر ئۇلار توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارغا مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق»[5]. (وَلَوْ أَنَّ أَهْلَ الْقُرَى آَمَنُوا وَاتَّقَوْا لَفَتَحْنَا عَلَيْهِمْ بَرَكَاتٍ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ) «(پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن) يۇرتلارنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە (گۇناھ _ مەئسىيەتتىن) ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارغا ئاسمان _ زېمىننىڭ بەرىكەتلىرىنى ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق»[6].
رىزقىمىزدىكى تارلىق، تۇرمۇشىمىزدىكى قىيىنچىلىق، تاپاۋىتىمىزدىكى بەرىكەتسىزلىك ئەسلىدە بىزنىڭ توغرا يولدا بولمىغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر. بىز ئىمان ئېتيتقان ۋە رەببىمىزگە ئىبادەت قىلىۋاتقان تۇرساق، قانداق بولۇپ توغرا يولدا بولمىغان بولىمىز؟ دېگەن سوئال كېلىشى مۇمكىن. ئەخلاقنىڭ تاجىسى بولغان دۇرۇسلۇقنىڭ دىنىمىزدا نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە بۇ مەسىلىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. چۈنكى، يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ( وَأَنْ لَوِ اسْتَقَامُوا) « ئەگەر ئۇلار توغرا يولدا بولسا ئىدى» دېگەن قىسمىدىكى «اسْتَقَامُوا» دېگەن سۆز دۇرۇسلۇقنى، راستچىللىقنى، ھەققانىيلىقنى، ئادىللىقنى ۋە ھەق يولىدا ئىزچىللىقنى بىلدۈرىدۇ.
دىنىمىزدا ئەڭ قىيىن ئىش دۇرۇسلۇقتۇر.دۇرۇسلۇق گۈزەل ئەخلاقنىڭ تاجىسىدۇر. گۈزال ئەخلاق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشىنىڭ غايىسىدۇر. چۈنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم»([7]) دېگەن.
دۇرۇسلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ئادەم ھاياتىدا ئىسلامنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولىدۇ. شۇڭا، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاندا )فَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ( يەنى‹بۇيرۇلغىنىڭدەك مۇستەھكەم بولغىن›[8] دېگەن ئايەتتىن ئېغىر ئايەت نازىل بولغان ئەمەس» دېگەن. چۈنكى، ئىستىقامەت — دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش، دىننىڭ بارلىق چەكلىمىلىرىگە، كۆرسەتمىلىرىگە ئىزچىل ئەمەل قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر - پەرمانلىرىنى ئورۇنداپ، مەنئى قىلىنغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش دېگەنلىكتۇر. خۇلاسە قىلغاندا، ئىستىقامەت — ھەر ئىشتا توپتوغرا بولۇش دېگەنلىك بولۇپ، ئەقىدە، ئەمەل، ئەخلاق، گەپ- سۆز، مۇئامىلە قاتارلىق بارلىق ئىشلاردا توپتوغرا، لىللاھ بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.
ھالال تاپاۋەت بىلەن ھارام تاپاۋەتنىڭ پەرقى
ئىسلام ئۆلىمالىرى ھالال تاپاۋەت بىلەن ھارام تاپاۋەتنى مۇنداق تونۇشتۇرغان: «تاپاۋەتنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنى ھاسىل قىلىش يوللىرى ھالال بولسا، يەنى پۇلنى ئىسلام شەرىئىتى كۆرسەتكەن يول بىلەن تاپقان بولسا، بۇنداق تاپاۋەت ھالال تاپاۋەتتۇر. ئەكسىچە، تاپاۋەتنىڭ مەنبەسى ۋە تېپىش يوللىرى ھالال بولمىسا، يەنى ئىسلام شەرىئىتى مەنئى قىلغان يوللار بىلەن پۇل تاپقان بولسا، بۇنداق تاپاۋەت ھارام تاپاۋەتتۇر»[9].
ھارامدىن پۇل تېپىشنىڭ زامانىمىزدىكى مىساللىرى
— ئوغرىلىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، كىشىلەرنى قورقۇتۇپ پۇلىنى ئېلىۋېلىش.
— باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش، خۇسۇسەن، يېتىملەرنىڭ ھەققىنى يېۋېلىش.
— بانكىدا پۇل قويۇپ، ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى ئېلىش، قەرزبېرىپ ئۆسۈم ئېلىش.
— زىنا قىلىپ، زىناغا دەللاللىق قىلىپ ياكى سايە قىلىپ پۇل تېپىش.
— قىمار ئويناپ ياكى ئۇنىڭغا دەللاللىق قىلىپ پۇل تېپىش.
— ئۆزىنىڭ ئىش ئورنىدىن پايدىلىنىپ يولسىزلىق قىلىپ پۇل تېپىش، پارا ئېلىش.
— ھاراق، تاماكا، زەھەرلىك چېكىملىك ياكى ئىچىملىك سودىسى قىلىپ پۇل تېپىش.
— يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ياكى يالغان دىپلوم، يالغان ھۆججەت بىلەن پۇل تېپىش.
— كىلودا ياكى ئۆلچەمدە كەم تارتىپ بېرىپ پۇل تېپىش.
— گۇناھسىز كىشىلەرگە قارا چاپلاپ ياكى چېقىشتۇرۇپ پۇل تېپىش.
— ئىسلامدا سېتىش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى سېتىپ پۇل تېپىش.
— زالىملارغا، مۇستەملىكىچىلەرگە ھەمكارلىشىپ پۇل تېپىش.
— سودىدا يالغان ئېيتىپ، كۆزبوياپ پۇل تېپىش.
— مالغا يالغان ماركىلارنى چاپلاپ پۇل تېپىش.
— ئۆزى بىلمەيدىغا ھۈنەرنى بىلىمەن دەپ پۇل تېپىش
رىزىقتا بەرىكەت ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرى
رىزىقتا بەرىكەت ناھايىتى مۇھىمدۇر. چۈنكى بەرىكىتى بولمىغان رىزىقنىڭ ۋە ھەرقانداق ئىشنىڭ مەنپەئەتى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ، راۋاجى بولمايدۇ. بەرىكەت ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئىخچاملاشقا بولىدۇ:
1. ئاللاھ تائالاغا تەقۋالىق قىلىش. تەقۋالىق ھەرگىزمۇ نۇرغۇن كىشىلەر چۈشىنىۋالغاندەك تاشقى قىياپەتكە قارىتىلغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئىچكى دۇنيايىمىزنى ئىسلاھ قىلىش، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئاللاھ تائالا توسقان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش دېگەنلىكتۇر. مەيلى دۇنيالىق، مەيلى ئاخىرەتلىك ھەرقانداق ئىشتا ئاللاھ تائالاغا تولۇق ئىتائەت قىلغان كىشىنىڭ رىزقى بەرىكەتلىك، ئىشلىرى بەرىكەتلىك ۋە ئائىلىسى بەرىكەتلىك بولۇشىدا قىلچە شەك يوق. ئاللاھ تائالا ئىمان ۋە تەقۋالىقنىڭ بەرىكەتكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «(پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە (گۇناھ _ مەئسىيەتتىن) ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارغا ئاسمان _ زېمىننىڭ بەرىكەتلىرىنى ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق. لېكىن ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى) يالغانچى دېدى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق»[10].
2. ئاللاھ تائالانىڭ رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىگە چىن ئىشەنچ قىلغان ھالدا، رىزىق ئىشكىنى ئەمگەك ئاچقۇچى بىلەن ئېچىش. ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى سەۋەبلەرگە باغلىق قىلغان بولۇپ، ئىشلەش، سەۋەب قىلىش بەرىكەتنىڭ كاپالىتىدۇر.
3. شۈكۈر قىلىش. شەكسىزكى، ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش بەرىكەتنىڭ ۋە تېخىمۇ زىيادىسىگە ئېرىشىشنىڭ ئامىلىدۇر. )وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكُمْ لَئِنْ شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ وَلَئِنْ كَفَرْتُمْ إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدٌ( «ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، سىلەرگە (بېرىۋاتقان نېمىتىمنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، شەكسىزكى، مېنىڭ ئازابىم بەكمۇ قاتتىقتۇر»[11].
ھالال يېيىشنىڭ ئەھمىيىتى
ھالال يېيىش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ياخشى زاتلارنىڭ ئەخلاقىدۇر. ھارام يېيىش ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولماسلىقىغا ۋە دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ.
1. يېمەك-ئىچمىكى، كىيىم-كېچىكى ھارامدىن بولغان ئادەمنىڭ ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدا مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پاكتۇر، ئۇ پەقەت پاك بولغاننىلا قوبۇل قىلىدۇ»([12]). بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: قەلبى پاك، يېمەك- ئىچمەكلىرى ھالالدىن بولۇپ، پاك بولغانلارنىڭلا قىلغان ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر.
2. ھارام يېگەن ئادەمنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىراۋ ئۈستى بېشىنى چاڭ توزان قاپلىغان، چاچلىرى چۇۋۇلغان قىياپەتتە ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ‹ئى رەببىم! ئى ئىگەم!› دەپ دۇئا قىلىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ يېگەن ـ ئىچكەنلىرى ھارامدىن، كىيگەنلىرى ھارامدىن بولۇپ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغان تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولسۇن!؟»([13]).
بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، بىراۋ ئەڭ بېچارە قىياپەتتە ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغان ۋە ئۇ شۇ ھالىتى بىلەن دۇئاسى ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ تېگىشلىك بولغان تۇرسىمۇ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. ساھابىلار يېمەك – ئىچمەكلىرىنىڭ ھالالدىن بولىشىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇلار ھالاللىقى ياكى ھاراملىقىدا ئازراق شۈبھە بولغان نەرسىلەردىنمۇ خۇددى ئوتتىن قاچقاندەك قاچاتتى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇنىڭ بىر كىشى تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان يېمەكنى يەپ سېلىپ، ئۇنىڭ ھالاللىقىدا شۈبھە بارلىقىنى بىلگىنىدىن كېيىن، قولىنى ئاغزىغا تىقىپ تۇرۇپ ناھايىتى تەسلىكتە ئۇنى ياندۇرىۋەتكەنلىك قىسسىسىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھارام يېيىشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكە يېتەرلىكتۇر. ئەللامە ھافىز ئىبنى رەجەب مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەدىس ھارام يېيىشنىڭ ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشىغا توسقۇن بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى ھالالدىن يېمىگەن كىشىنىڭ ئەمەللىرى قوبۇل بولمايدۇ، ھارام يېيىش ئەمەلنى بۇزىدۇ ۋە ئۇنىڭ قوبول بولۇشىنى توسىدۇ».
تەقۋالىق رىزىقنىڭ ئاچقۇچىدۇر
ئاللاھ تائالادىن قورققان ۋە ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىنى ۋاقتىدا ۋە جايىدا ئورۇندىغان ئادەم تەقۋادار ئادەمدۇر.
ھەقىقىي تەقۋادارلىقنى ھاسىل قىلغان ئادەمگە ئاللاھ تائالا ھەممە ئىشتا ياردەم قىلىدۇ، ئۇنىڭغا يېپىق ئىشىكلەرنى ئاچىدۇ، قىيىن ئىشلارنى ئوڭايلاشتۇرىدۇ. )وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا . وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ( « كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ»[14]. ئاللاھ تائالادىن ۋە ئۇنىڭ جازاسىغا لايىق بولۇپ قېلىشتىن قورقۇپ، دىن ۋە دۇنيالىق ئىششلىرىنى توغرا ۋە دۇرۇس رەۋىشتە ئېلىپ بارغان ئادەمگە بارلىق يېپىق ئىشىكلەر ئېچىلىدۇ، ھەربىر قىيىنچىلىقتىن چىقىش يولى تېپىلىدۇ.
بىر ئۆلىمانىڭ بايان قىلىشىچە، يېشى چوڭۇپ قالغان بولسىمۇ ئۆيلىنىشكە ماددىي ئىمكانىيىتى بولمىغان بىر يىگىت شۇ مەھەللىنىڭ ئۆلىماسىنىڭ ھۇزۇرۇغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ 28 ياشقا كىرىپ قالغانلىقىنى، كىيىم- كېچەك ساتىدىغان بىر دۇكاندا ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلىگەنگە نەچچە ئون يىل بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە يا بىرەر ئۆي ئېلىشقا ياكى ئۆيلىنىشكە قۇدرىتى يەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۆلىمادىن ئۆزىگە يول كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆلىما ئۇنىڭغا «ئاللاھتىن قورق» دەيدۇ. يىگىت قاراپ ئولتۇرسا ئۆلىما يەنە «ئاللاھتىن قورق» دەيدۇ. يىگىت «باشقا يوقما؟» دەيدۇ. ئۆلىما «باشقا يوق، كەتسەڭ بولىدۇ» دەيدۇ. يىگىت ئۆلىمانىڭ بۇ قىسقا جاۋابىغا قايىل بولماي، رەنجىگەن ھالدا چىقىپ كېتىدۇ. ئاخشىمى ئۆيىگە بېرىپ كۆپ ئويلىنىدۇ، ئۆلىمانىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېگەنلىكىنى چۈشىنەلمەيدۇ. ئاخىر ئۇ ئۆلىمانىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېقىش قارارىغا كېلىدۇ ۋە «تەقۋالىق» دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تەپسىلى ئوقۇپ ئۆگىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىشنى باشلايدۇ، ئىشىغا سەھەر بېرىپ خوجايىن كېلىشتىن بۇرۇن دۇكاننى ئاچىدۇ، يەرلەرنى سۈپۈرۈپ پاك- پاكىز قىلىدۇ، خېرىدارلارغا ئىنتايىن سەمىمىي ۋە راستچىل بولىدۇ، ناماز ۋاقتى كەلگەندە ئون مىنۇتقا قالماي نامازنى تۈگىتىپ يەنە ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇنى كۆرگەن خوجايىن دەسلەپ ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. قارىسا بۇ يىگىت ھەر كۈنى ۋە ھەمىشە شۇنداق ئاكتىپ، دۇرۇس، سەمىمىي ئىشلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن خوجايىن يىگىتكە قايىل بولىدۇ. ئاندىن ئۆزىنىڭ يېگانە پەرزەنتى بولغان قىزىنى پۈتۈن توي چىقىملىرىنى ئۆزى قىلىپ ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدۇ، يىگىتنىڭ بەختلىك بىر ئائىلىسى بولىدۇ. بىر قانچە يىلدىن كېيىن خوجايىن ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ بارلىق بايلىقى، دۇكانلىرى ۋە ئۆي- ئىمارەتلىرى بۇ يىگىتنىڭ ئىلكىگە ئۆتىدۇ.
مانا بۇ «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ» دېگەن ئايەتنىڭ رېئاللىقتىكى ئىسپاتى ۋە ئەمەلگە ئاشقانلىقىدۇر.
ئىشلەش ئىنساننىڭ قىممىتى ۋە شەرىپىدۇر
زېمىندىكى مەۋجۇتلۇق ئىنسان ئارقىلىقلا مۇكەممەللىشىدۇ، ئىنسان زېمىندىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ سىرلىرىنى ۋە بەزى ھېكمەتلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق زېمىننى گۈللەندۈرۈشكە بۇيرۇلغان مەۋجۇداتتۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۇنى يەر يۈزىنىڭ خوجايىنى قىلىپ ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا ئەقىل- پاراسەت، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە 70 تىن كۆپ ئايەتتە ئەمەل بىلەن ئىماننى بىرگە تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا، ئىشلەشكە، ئەمگەك قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ئەرەب تىلىدىكى «العمل» (ئەمەل) دېگەن سۆز «ئىشلەش»، «ئەمگەك قىلىش»، «ئەمەل قىلىش» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر توپ كىشىنىڭ مەسجىدتە تۈۋرۈككە يۆلىنىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن: «سىلەر نېمە ئادەملەر؟» دەپ سورىغاندا، ئۇلار: «بىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇلارغا: «سىلەر تەۋەككۈلچىلەر ئەمەس، بەلكى تەييارتاپلار ئىكەنسىلەر»[15] دەپ كايىغان ۋە ئۇلارنى مەسجىدتىن قوغلاپ چىقارغان ئىكەن. چۈنكى سەۋەب قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىش ئۇچار قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇچار قۇش ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچالىغاندەك، مۇئمىن ئادەممۇ ئاللاھ تائالاغا ئىشەنچ قىلىپ تايىنىش ۋە يېتەرلىك سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەنلا مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
رىزىق ھاسىل قىلىشنىڭ پىرىنسىپى
رىزىق ھاسىل قىلىشنىڭ ئىككى چوڭ پىرىنسىپى بولۇپ، بىرى سەۋەب، يەنە بىرى تەۋەككۈلدۇر.
بىرىنچىسى، سەۋەب
سەۋەب قىلىش دېگەن ئىشلەش ۋە تىرىشىش دېگەنلىكتۇر. بۇ دۇنيادا ھايات قېلىش، ئۆز دۆلىتىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىشلەش ۋە كۈرەش قىلىش شەرت. شۇڭا ھەربىر ئىنسان، ھەربىر مىللەت مۇستەقىل، ئەركىن ۋە ئازادە ھايات كەچۈرۈش، ئۆز رىزقىنى ئۆزى ئىشلەپ تېپىپ يېيىش، ئۆزىنىڭ قەدىر– قىممىتى ۋە ئىززەت – ئابرۇيى بىلەن ياشاش ئۈچۈن، ھارماي- تالماي ئىشلەشكە ۋە ئۆلۈمدىن قورقماي كۈرەش قىلىشقا موھتاج. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: (وَأَنْ لَّيْسَ لِلْإِنْسَانِ إِلَّا مَا سَعَى) «ئىنسان پەقەت ئۆزى ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» ([16]) دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى ئاللاھ تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھەرقانداق بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى بېكىتكەن ۋە سەۋەبلىرىنى ياراتقان بولۇپ، ھەرقانداق بىر مەقسەتكە يېتىشنىڭ قانۇنىيىتى ئىشلەش ۋە كۈرەش قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە «ئىنسان» دەپ كەلتۈرگەن بولۇپ، مۇسۇلمان ئىنسان ياكى كاپىر ئىنسان دەپ ئايرىمىغان. دېمەك، قانداقلا بىر ئىنسان ئىشلىسە، سەۋەب قىلسا نەتىجە قازىنىدۇ. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز «ئىشلىگەن چىشلەيدۇ» دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان ئىكەن.
ئىككىنچىسى، تەۋەككۈل
تەۋەككۈل — يېتەرلىك سەۋەبلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىشنىڭ نەتىجىسىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا تايىنىش دېگەنلىكتۇر. بۇ مەنىدىكى تەۋەككۈل كاتتا ئىبادەت سانىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بىزنى ئۆزىگە تايىنىشقا بۇيرۇغان. )وَعَلَى اللَّهِ فَتَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ( يەنى «ئەگەر (ھەقىقىي) مۇئمىن بولساڭلار، ئاللاھقىلا تايىنىڭلار»[17]. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بايان قىلىنغان مۇنۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالاغا تايىنىش ئىماننىڭ شەرتى قىلىپ كۆرسىتىلگەن: (يَا قَوْمِ إِنْ كُنْتُمْ آَمَنْتُمْ بِاللَّهِ فَعَلَيْهِ تَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُسْلِمِينَ) يەنى «ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار»[18].
ئەپسۇسكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىش بىلەن سەۋەب قىلىش مەسىلىسىدە ئىككى پىرقىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىككىلىسى ئېزىپ كەتكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى، «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق» دەپ، سەۋەبكە ئەھمىيەت بەرمىگەن، يەنە بىر پىرقىسى، «سەۋەب قىلدۇق» دەپ، ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەشتىن ۋە ئۇنىڭغا تايىنىشتىن ئۆزىنى بىھاجەت سانىغان. ھەقىقەت شۇكى، ھەقىقىي تەۋەككۈل قولىدىن كەلگەن سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەن بىللە ئاللاھ تائالاغا تايىنىشتۇر. ئاددىي بىر دېھقاننىڭ تەۋەككۈل قىلىشى ئالدى بىلەن يەرگە ئۇرۇقنى سېلىپ، ئۇنى سۇغىرىپ، ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئۇغۇت قاتارلىقلارنى سېلىپ، دېھقانچىلىققا كېرەك پەرۋىشلەرنى تولۇق قىلىپ، ئاندىن ئاشلىقنىڭ چىقىشىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەۋەب بىلەن تەۋەككۈلنى بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «احْرِصْ عَلَى مَا يَنْفَعُكَ وَاسْتَعِنْ بِاللَّهِ» يەنى «ئۆزۈڭگە مەنپەئەتلىك ئىشقا تىرىشقىن ۋە ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن»[19]. بۇ ھەدىستىكى «ئۆزۈڭگە مەنپەئەتلىك ئىشقا تىرىشقىن» دېگەن جۈملە مەيلى دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىك بولسۇن، ئۆزۈڭگە پايدىلىق بولغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قولۇڭدىن كېلىدىغانلىكى سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلغىن، نىيىتىڭدە، ھىممىتىڭدە، ئىش- ھەرىكىتىڭدە ۋە تەدبىرلىرىڭدە ئاكتىپ ۋە جىددىي بولغىن دېگەننى، «ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن» دېگەن جۈملە ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە ۋە ساڭا ياردەم قىلىدىغانلىقىغا چىن دىلىڭدىن ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا تايانغىن، ئىشىڭنىڭ نەتىجىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغىن، دېگەنلىكتۇر. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن «ئاۋۋال تۆگەمنى باغلاپ ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلايمۇ ياكى تۆگەمنى قويۇپ بېرىپ ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلايمۇ؟» دەپ سورىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاۋۋال تۆگەڭنى باغلىغىن، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن»[20] دېگەن. سەۋەبكە چوقۇش كۇفرىلىق، تەۋەككۈل قىلدىم دەپ تەييارتاپلىق ئاسىيلىق، سەۋەب قىلىش بىلەن بىللە ئاللاھقا يەۋەككۈل قىلىش ھەقىقىي مۇئمىنلىكتۇر.
يوقسۇللۇقنىڭ ئەيىبلىنىدىغان تۈرى
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ يوقسۇل بولۇپ قېلىشىنى ۋە باشىقىلارنىڭ قولىغا قاراپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. شۇڭا يوقسۇللۇققا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىشلەشنى پەرز قىلدى. يوقسۇللۇق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئۈچۈن يېتەرسىزلىك، بىر مۇئمىن ئۈچۈن نۇقسانلىقتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كۈچلۈك مۇئمىن ئاجىز مۇئمىندىن ياخشى ۋە ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىقتۇر» دېيىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى ئىماندا، ئەخلاقتا، تەن ساقلىقتا، ئىلىم-مەرىپەتتە، پۇل-مالدا، ئەقىل – پاراسەتتە كۈچلۈك بولۇشقا تەشەببۇس قىلغان.
يوقسۇللۇق ئىختىيارىي يوقسۇللۇق ۋە ئىختىيارسىز يوقسۇللۇق دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.
ئىختىيارىي يوقسۇللۇق — پۇت- قولى ساق، ئىشلەشكە ۋاقتى ۋە ئىمكانىيىتى بار تۇرۇقلۇق ئىشلىمەي يوقسۇللۇقتا قالغان كىشىنىڭ يوقسۇللۇقى بولۇپ، بۇنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ياخشى كۆرمەيدۇ، بۇ مۇئمىنلەرگە ياراشمايدۇ. مانا بۇ يوقسۇللۇقنىڭ ئەيىبلىنىدىغان تۈرىدۇر.
ئىختىيارسىز يوقسۇللۇق — تەن ساقلىقى ياخشى بولالمىغان ياكى ئىش تاپالمىغان سەۋەبتىن ئىشلىيەلمەي يوقسۇللۇقتا قالغان كىشى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تارتقان يوقسۇللۇقى ۋە سەۋر قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەجىر- ساۋاب بېرىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ «رەززاق» ئىسمىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟
ئاللاھ تائالانىڭ «رەززاق» دېگەن ئىسمىدىن رىزىقنى ئاللاھ تائالادىن تىلەپ، رىزىق ئىشىكىنى ئەمگەك ئاچقۇچى بىلەن ئېچىشنى ۋە «ئاچ قالارمەنمۇ؟» دېگەن ۋەھىمە بىلەن ھارامغا قول ئۇزىتىشتىن ساقلىنىشنى ئۆگىنىمىز. چۈنكى، رىزىق بەرگۈچى زات ھەرگىز ئاچ قويمايدۇ، ئۇ ھەممە مەخلۇقاتقا رىزىق بېرىدۇ.﴿وَمَا مِنْ دَابَّةٍ فِي الْأَرْضِ إِلَّا عَلَى اللَّهِ رِزْقُهَا﴾«يەر يۈزىدىكى ھەربىر جانلىققا رىزىق بېرىشنى ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان»[21].
[1]زارىيات سۈرىسى 58- ئايەت.
[2]ئەنكەبۇت سۈرىسى: 60-ئايەت.
[3]مۇلك سۈرىسى: 15- ئايەت.
[4] ھۇد سۈرىسى: 6- ئايەت.
[5] جىن سۈرىسى|: 16- ئايەت.
[6] ئەئراف سۈرىسى:96- ئايەت.
([7]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى
[8]ھۇد سۈرىسى: 112-ئايەت.
[9]دوكتور ھۈسەين شاھاتەنىڭ «تطهير الأرزاق في ضوء الشريعة الإسلامية» ناملىق ئەسىرى، 45- بەت.
[10]ئەئراف سۈرىسى: 96- ئايەت.
[11]ئىبراھىم سۈرىسى:7- ئايەت.
([12]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([13]) ئىمام مۇسلىمرىۋايىتى.
[14] تەلاق سۈرىسى: 2-3- ئايەتلەر.
[15] «المجالس وجوهر العلم» 7- توم، 132- بەت، 3027- ھەدىس.
([16]) نەجم سۈرىسى: 39- ئايەت.
[17] مائىدە سۈرىسى:23- ئايەت.
[18] يۇنۇس سۈرىسى: 84- ئايەت.
[19] «صحيح مسلم» 4- توم، 2052- بەت، 2664-ھەدىس.
[20] «سنن الترمذي» 4- توم، 249- بەت، 2517- ھەدىس.
[21]ھۇد سۈرىسى:6- ئايەت.

