
يامان كۆزدىن ساقلىنىش ۋە شىپا تېپىش چارىلىرى
مۇھەممەد يۈسۇپ
ئەللامە ئىبنى قەييىم جەۋزى كۆزنى: «كۆز-كۆزى تەككەن كىشىدىن كۆز تەككۈچى كىشىگە ئېتىلغان ئوق بولۇپ، ئۇ گاھىدا نىشانغا تېگىدۇ، گاھىدا خاتالىشىدۇ» دەپ تونۇشتۇرغان. كۆز تېگىدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن «سەھىھ ھەدىسلەر» ۋە رىئاللىق ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. ئىمام بۇخارى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆز توغرۇلۇق:«كۆز ئادەمنى قەبرىگە، تۆگىنى قازانغا كىرگۈزەلەيدۇ» دېگەن. ئىمام مۇسلىم ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ :« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەر ئاغرىقتىن ئازابلانغان چېغىدا، جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ‹بِاسْمِ اللَّهِ يُبْرِيكَ وَمِنْ كُلِّ دَاءٍ يَشْفِيكَ وَمِنْ شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ وَشَرِّ كُلِّ ذِى عَيْنٍ› يەنى « ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ساڭا شىپالىق تىلەيمەنكى، ئاللاھ ساڭا بارلىق كېسەللىكلەردىن، ھەسەت قىلغانلارنىڭ ھەسەتلىرىدىن ۋە يامان كۆزدىن شىپالىق بېرىدۇ» دەپ ئوقۇپ قوياتتى دېگەنلىكى بايان قىلىنغان.
يەنە ئىمام مۇسلىم ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: جىبرىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا «ئاغرىق تارتىۋاتامسەن؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ھەئە»دەپ جاۋاب بەرگەن، ئاندىن جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بِاسْمِ اللَّهِ أَرْقِيكَ مِنْ كُلِّ شَىْءٍ يُؤْذِيكَ مِنْ شَرِّ كُلِّ نَفْسٍ أَوْ عَيْنِ حَاسِدٍ اللَّهُ يَشْفِيكَ بِاسْمِ اللَّهِ أَرْقِيكَ» يەنى «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ساڭا ئوقۇۋاتىمەن، سېنى ئازابلىغان ھەر قانداق يامان نەرسىدىن، ھەر قانداق يامان كۆزدىن ۋە ھەر قانداق بىر ھەسەتتىن ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇيمەن، ئاللاھ شىپالىق بەرگۈسى» دەپ دەم سالغان.
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئىمام ئىبنى ماجە ئەبۇ ئۇمامە ئىبنى سەھل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: بىر كۈنى سەھل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ غۇسلى قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ يېنىدىن ئامىر ئىبنى رەبىئە دېگەن كىشى ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنى كۆرۈپ قالغان ۋە «مەن بۇنداق كېلىشكەن بەدەننى كۆرۈپ باقمىغانتىم» دېگەن، شۇ ھامان سەھل يەرگە يېقىلىپ چۈشكەن. ئاندىن كىشىلەر ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ بېرىپ، «يارەسۇلۇللاھ! سەھل يېقىلىپ چۈشتى»دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى كىمدىن كۆرىسىلەر دەپ سورىغاندا، ئۇلار «ئامىر ئىبنى رەبىئە»دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغالا« نېمىشقا قېرىندىشىڭلارنى ھالاك قىلماقچى بولىسىلەر؟ سىلەر بىرەر قېرىندىشىڭلاردا خوشاللىنارلىق بىر ئىشنى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىڭلار» دېگەن. ئاندىن سۇ ئېلىپ كېلىڭلار دەپ ئەمر قىلىپ، ئامىرنى تاھارەت ئېلىشقا ۋە تاھارەتكە ئىشلەتكەن سۇنى سەھلگە چېچىشقا بۇيرۇغان. شۇنداق قىلىپ ئامىر ئىبنى رەبىئە ئىككى قولىنى، يۈزىنى، بىلەكلىرىنى جەينەكلىرىگە، ئىككى تىزىنى ۋە ئىككى پۇتىنى ۋە تىزىنىڭ ئاستى تەرپلىرىنىمۇ سۇنى بىر قاچىغا ئېقىتىپ يۇيۇغان، ئاندىن ئۇ سۇنى سەھلنىڭ ئۈستىگە چاچقان. شۇنىڭ بىلەن سەھل ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا تەلىم بېرىپ: «سىلەر ئۆزۈڭلاردا ياكى پۇل-مېلىڭلاردا ياكى بىرەر كىشىڭلاردا خوشاللىنارلىق بىر ئىشنى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىڭلار، چۈنكى كۆزنىڭ تېگىدىغانلىقى ھەقتۇر»دېگەن.
يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن تۆۋەندىكىچە خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدۇ:
1. ئادەم ئۆزىدە ياكى ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرىدە ياكى قانداقلا بىر كىشىدە خوشاللىنارلىق بىر ئىشنى ياكى بىر نەرسىنىڭ كۆرگىنىدە، ئاللاھ تائالادىن «اللهم بارك عليه» يەنى«ئى ئاللاھ! بەرىكەت ئاتا قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىش ۋە «ما شاء الله لا قوة الا بالله» يەنى«ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئۇنىڭ ياردىمىسىز بىزنىڭ قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ» دېيىش لازىم.
2. كۆزنىڭ تېگىدىغانلىقى ھەقتۇر، كۆز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپمۇ قويالايدۇ.
3. كۆز تەككەنلىكنىڭ ئالامىتى بىر قىزىپ، بىر توڭۇپ قاتتىق ئاغىرپ كېتىشتۇر.
4. كۆزى تەككەن ئادەم بىلىنسە ئۇنىڭ كۆز تەككەن كىشى ئۈچۈن يۇيۇنۇپ بېرىشىنى ۋە تاھارەتكە ئىشلەتكەن سۇنى كۆز تەككەن كىشىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئۇنىڭغا چېچىشنى سوراش.
5. فاتىھە، ئىخلاس، ناس ۋە فەلەق سۈرىلىرىنى، بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتىنى ۋە ئايەتۇلكۇرسىنى ئوقۇپ، كۆز تەككەن كىشىىگە ئاللاھ تائالادىن شىپالىق تىلەش.
6. كۆز تەككەن كىشىنىڭ بېشىغا قول قويۇپ تۇرۇپ: « بسم الله أَرْقِيك، والله يشفيك من كل داء يؤذيك، ومن كل نفس أو عينِ حاسدٍ، الله يشفيك، بسم الله أَرْقِيك» دېگەننى ئوقۇپ ئۇنىڭغا دەم سېلىش.
بۇ يامان كۆزدىن ۋە يامان تىلدىن ساقلىنىشنىڭ ۋە بۇ ئىككىسىدىن شىپا تېپىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسىدۇر.
پەتىۋالار
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن مەرھۇم ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دېگەن: «بىراۋدا خوشاللىنارلىق بىر نەرسىنى ياكى بىرەر ئىشنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كۆز تېگىشتىن ئەنسىرىسە، ماشائەللاھ تەبارەكەللاھ دېسۇن، مۇنداق قىلسا، ئىشنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرغان بولىدۇ».
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كاتتا ئۆلىمالار پەتىۋا ھەيئىتى تەرىپىدىن 1/547- نومۇرلۇق پەتىۋادا مۇنداق دېيىلگەن:« كۆزنىڭ تېگىدىغانلىقى راستتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹ كۆزنىڭ تېگىدىغانلىقى راستتۇر، قەدەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان نەرسە بولسا، ئەلۋەتتە كۆز بولغان بولاتتى› دېگەن. شۇڭا بىراۋ بىر كىشىدە ياكى ئۆزىدە خوشاللىنارلىق بىر ئىشنى كۆرسە، ئاللاھ تائالادىن ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىشى ۋە ماشائەللاھۇ لاقۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ دېيىشى لازىم.»
كىچىك بالىلارغا ئەڭ تېز كۆز تېگىدۇ
كىچىك بالىلارغا يامان كۆزلەر بىلەن يامان تىل ناھايىتى تېز تېگىدۇ. بۇنداق بولۇشى بالىلارنىڭ كۆزدىن ۋە تىلدىن ساقلىنىدىغان ئايەت ۋە دۇئالارنى ئوقۇشنى بىلمەسلىكى ياكى ئۇلارنىڭ چىرايى ياكى ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن بولۇشى ئېھتىمال.
ئىمام مۇسلىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە كېلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىدە بىر خىزمەتچى قىزنىڭ يۈزىدىكى ئالامەتنى كۆرۈپ قېلىپ، «بۇ قىزغا كۆز تېگىپتۇ، ئۇنىڭغا ئوقۇپ قويۇڭلار» دېگەن.
ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەۋرىلىرى ھەسەن بىلەن ھۈسەينلەرگە ‹أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّةِ مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ وَهَامَّةٍ وَمِنْ كُلِّ عَيْنٍ لامَّةٍ›يەنى‹ئاللاھنىڭ مۇكەممەل كەلىمىلىرىگە سغىنىپ، ھەربىر شەيتاندىن، ھەربىر زىيانلىق نەرسىدىن ۋە ھەربىر يامان كۆزدىن پاناھ تىلەيمەن› دەپ دەم سالاتتى».
ئىمام ئەھمەد ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە كېلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئۆيگە كىرگىنىدە بىر بوۋاقنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئۆي ئىگىسىگە: «بۇ بالا نېمانچە يىغلايدۇ، ئۇنىڭغا دەم سېلىپ قويمىدىڭلارمۇ؟»دېگەن.
كۆز گاھىدا ئىنساننىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تېگىدۇ، گاھىدا قۇلاق، كۆز، تىل قاتارلىق بەزى ئەزالىرىغا تېگىدۇ.
بالىلارغا ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ كۆزى تېگىدۇ
بالىلارغا ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆزى تېز تېگىدۇ. چۈنكى كۆز دېگەنلىك قەستەنلىك بىلەن تەگمەيدۇ، پەقەت ئەجەپلەنگەنلىكتىن، زىيادە خوشاللانغانلاىقتىن ئىختىيارسىز ھالدا تېگىدۇ. بولمىسا، ھېچبىر ئاتا-ئانا ئۆز بالىسىنى قەستلىمەيدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدا خوشاللىنارلىق بىر ئىشنى كۆرگىنىدە، ياكى ئۆزلىرى بالىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە، ئويناشلىرىغا ۋە سۆز قىلىشلىرىغا سىنجىلاپ قاراپ قالغان ۋاقىتلىرىدا، دەرھال ئېسىنى يىغىپ، « ما شاء الله لا قوة الا بالله» (ماشائەللاھۇ لاقۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ) دەيىىشى ۋە ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ بالىلىرىغا بەرىكەت ھەم سالامەتلىك تىلىشى لازىم.
كۆز تەگمەسلىك ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟
يامان كۆزلەردىن ۋە يامان تىلدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك مۇنۇلار:
1. ئەتىگەن-ئاخشاملىرى ئوقۇيدىغان كۈندىلىك ئەزكار( مەخسۇس دۇئالار)نى تەرك ئەتمەستىن، ئوقۇپ تۇرۇشىمىز، ئۆزىمىزنى ۋە روھىمىزنى پاك ھەمىشە پاك تۇتۇشىمىز لازىم.
2. ئۆزىمىزدە ياكى باشقىلاردا قانداقلا بىر نەرسىدىن خوشاللانغان ۋاقتىمىزدا، دەرھال«ما شاء الله لا قوة الا بالله» يەنى«ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، بىز ئۇنىڭسىز بىزنىڭ قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ» دېيىشىمىز لازىم. بۇنىڭ دەلىلى قايسى دېگەندە، بۇنىڭ دەلىلى «قۇرئان كەرىم»دۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نىڭ كەھف سۈرىسىدە مۇنداق دېگەن:» وَلَوْلَا إِذْ دَخَلْتَ جَنَّتَكَ قُلْتَ مَا شَاءَ اللَّهُ لَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ ۚ»يەنى « سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا: «ماشائاللاھ لا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ»يەنى( ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئۇنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ) دېسەڭچۇ!»[1]
ئادەمگە ئۆزىنىڭمۇ كۆزى تېگىدۇ
ئادەمگە ئۆزىنىڭ كۆزى ۋە تىلى تېگىدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. «قۇرئان كەرىم» ئايىتى بىلەن رىئاللىق بۇنى ئىسپاتلايدۇ. ئايەت :« سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا: «ماشائاللاھ لاقۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ»يەنى (ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئۇنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ) دېسەڭچۇ!» دېگەن ئايەتتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇئمىن ئادەمنىڭ باغ ئىگىسى ئۆزىنىڭ گۈزەل بېغىغا كىرگىنىدە، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كۆزى تەگمىسۇن ئۈچۈن ئۇنىڭ «ماشائاللاھ لا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ»» دېيىشىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. رىئاللىق دەلىللىرى ئىنتايىن كۆپتۇر. ئادەم ئۆزىدىن مەغرۇرلانغان، ئۆزىدىن تەئەججۇپلەنگەن ۋە ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى كۆڭلىگە كەلتۈرگەن ۋاقىتلىرىدا، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كۆزى تېگىدۇ. شۇڭا بۇنداق ۋاقىتلاردا ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلىش ۋە ئۆزىگە بەرىكەت تىلەپ، «ماشائاللاھ لا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ» دېيىش لازىم.
ھەسەت بىلەن كۆزنىڭ پەرقى
ھەسەت- بىراۋنىڭ ئىلكىدىكى نەرسىلەرنىڭ يوقىلىشىنى ئارزۇ قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ پەقەت يامان نىيەتلىك، رەزىل،پەس ۋە كۆرەلمەس ئادەمدىن سادىر بولىدۇ. ھەسەت مەقسەتلىك ھالدا سادىر بولىدۇ.
كۆز- بىر نەرسىدىن ئەجەبلىنىش، ھەيران قېلىش قاتارلىق ھالەتلەردە يۈز بېرىدۇ، كۆز ياخشى، تەقۋا ئادەمدىنمۇ سادىر بولىدۇ. (يۇقىرىقى ھەدىستە بايان قىلىنغان ئامىر ئىبنى رەبىئەمۇ ئۈلگىلىك ساھابىلاردىن ئىدى.) كۆز مەقسەتسىز ھالدا يۈز بېرىدۇ. ھەسەت بىلەن كۆز كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزۈشتە ئوخشاش بولسىمۇ، ئىككىسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئوخشاش بولمايدۇ. چۈنكى ھەسەت بىراۋنىڭ ئېرىشكەنبلىرىگە كۆرەلمەسلىكتىن، ئۇنىڭ يوق بولۇشىنى تىلىگەنلىكتىن بولىدۇ، ئەمما كۆز ھەيرانلىق ھېس قىلىشتىن بولىدۇ. شۇڭا ھېچكىم ھەسەت قىلمايدىغان قاتتىق جىسىملارغا، ھايۋانلارغا، ھەتتا زىرائەتلەرگىمۇ كۆز تېگىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئۆزىنىڭ كۆزى تېگىدۇ، ئەمما ئىنسان ئۆزىگە ئۆزى ھەسەت قىلمايدۇ. چۈنكى ھېچكىم ئۆزىگە زىيان يېتىشىنى خالىمايدۇ.
كۆز تەككەنلەردىن ئۆرنەكلەر
مىسىرلىق كاتتا ئۆلىمالاردىن ئەللامە ۋەھىدىندىن ئابدۇسسالام تۆۋەندىكى قىسسىلەرنى بايان قىلىدۇ:
1. بىر تونۇشىمىزنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان بىر بالىسى بار ئىدى، بۇ بالا ئىنتايىن ئەقىللىق ۋە ناتىق ئىدى. بىر كۈنى تۇغقانلىرىدىن بىرىنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا بېرىپ، ئۇ يەردە كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت سۆزلىگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ۋە ھەممىسى ئۇنى ماختاپ كەتكەن. بالا شۇ كېچىسىدىن باشلاپ گەپ قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان. بالىنىڭ دادىسى ئۇنى ئەڭ داڭلىق دوختۇرخانىلارغا ئەلىپ بېرىپ، بارلىق ئانالىزلارنى ئالدۇرۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، ئانالىزلاردا بالا ساق-سالامەت چىققان، ئەمما ئۇنىڭ نېمە سەۋەبلىك تىلىنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمىگەن. مەن بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، بالىنىڭ دادىسىغا ئۇچۇر يوللىدىم ۋە ئۇلارنى ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلدىم. دادا،بالا ئىككىسى چارىسىز ھالدا ماڭا كەلدى، دادىسىنىڭ كۆزىدىن قۇيۇلىۋاتقان بوراندەك ياش ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ. مەنمۇ قاتتىق يىغلاپ كەتكەن ئىدىم شۇ چاغدا. شۇنداق قىلىپ، مەن بالىغا ئىخلاس، فەلەق، ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇپ دەم سالدىم. ئاندىن سۇغا كۆزدىن شىپا تېپىشتا ئوقۇلىدىغان ئايەت ۋە دۇئالارنى ئوقۇپ بەردىم. دادىسىغا تاپىلاپ، بۇ سۇنى ئىچسۇن ۋە يۇيۇنسۇن يەتتە كۈنگىچە شۇنداق قىلسۇن دېدىم. دېگەندەك، ئۇلار يەتتىنچى كۈنى خوشال ھالدا كەلدى، بالىنىڭ تىلى ئېچىلىپ كەتكەن.
2. بىزنىڭ ئۆيىمىزگە يېزىدىن بىر موماي بىلەن بىر ياش كىشى مېھمان بولۇپ كەلگەنتى. مەن ئۇ ياش كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتيردۇ، ئىچكىرىدە موماي ئايالىم بىلەن ئولتۇردى، ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قارىسا، ئۆينىڭ ھەر تەرىپىدە قۇرۇتلار يۈرىدۇ. گېلەمنى تالاغا ئاچىقىپ پاكىزە قېقىپ كىردۇق، ئۆينى تازىلىدۇق، قۇرۇتلار يەنە پەيدا بولدى. بۇ ئەھۋالدىن ھەيران قېلىپ، ئايالىمدىن موماينىڭ ئۆيدە نېمە قىلغانلىقىنى سورىدىم، ئايالىم موماينىڭ ئارتۇقچە گەپ قىلمىغانلىقىنى ۋە ئۆينىڭ تۇرىسلىرىغا سىنجىلاپ قاراپ ئولتۇرغانلىقىنى ئېيتىۋىدى. بەلكى موماي يېزىدىن كەلگەنلىكتىن، شەھەرنىڭ ئۆيلىرىگە قاراپ ھەيران قالغان بولۇشى مۇمكىن دېدىم. ئەمما بىزنىڭ ئۆي ئاددىي بىر ئۆي ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كۆز تەككەنلىكىنى بىلدىم. ئاندىن كۆزدىن ساقلىنىشتا ئوقۇلىدىغان ئايەت ۋە دۇئالانى سۇغا ئوقۇپ، ئۇنى ئۆينىڭ تۇرىسىغا ۋە ھەر تەرىپىگە چاچتۇق، شۇنىڭ بىلەن قۇرۇتلار يوقاپ كەتتى.
3. سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر ئالىم تېلېۋىزوردىكى بىر سۆھبىتىدە، مۇندىن ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستان تېلېۋىيەسىگە تەكلىپ قىلىنغان بىر بوۋاينىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: بوۋاي بىر كۈنى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا دەۋەت قىلىندى ۋە كەلدى. پروگرامما ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پروگراممىنى يۈرگۈزگەن كىشى بوۋاينىڭ يېشىنى سورىۋىدى، بوۋاي ئۆزىنىڭ 107 ياشقا كىرگەنلىكىنى ئېيتتى، بوۋاي بۇنداق كۆپ ياشقا كىرگەندەك كۆرۈنمەيتتى، تېنى ساق، گەپ-سۆزلىرى جايىدا، تولىمۇ ساغلام ئېدى، سۇ ۋاقىتتا پروگراممىغا قاتناشقانلار بوۋايغا: «راستتىنلا 107 گە كىردىڭىزمۇ؟ ۋاي، ۋاي» دەپ كەتتى. بۈگۈنىسى جۈمە ئاخشىمى تېلېۋىيە پروگراممىسىغا قاتناشقان بوۋاينىڭ ئەتىسى شەنبە كۈنى شۇ سائەتتە نامىزى چىقىرىلدى.
كۆزدىن ۋە ھەسەتتىن ساقلىنىش ھەم شىپا تېپىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان ئايەتلەر
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ(1)الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ(2)الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ(3)مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ(4)إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ(5)اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ(6)صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلاَ الضَّالِّينَ(7)الفاتحة.
بسم الله الرحمن الرحيم
الم(1)ذَلِكَ الْكِتَابُ لاَ رَيْبَ فِيهِ هُدًى لِلْمُتَّقِينَ(2)الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ وَيُقِيمُونَ الصَّلاَةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنفِقُونَ(3)وَالَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ وَبِالآخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ(4)أُوْلَئِكَ عَلَى هُدًى مِنْ رَبِّهِمْ وَأُوْلَئِكَ هُمْ الْمُفْلِحُونَ(5)البقرة
وَإِلَهُكُمْ إِلَهٌ وَاحِدٌ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ الرَّحْمَنُ الرَّحِيمُ(163)إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ وَاخْتِلاَفِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَالْفُلْكِ الَّتِي تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِمَا يَنفَعُ النَّاسَ وَمَا أَنزَلَ اللَّهُ مِنْ السَّمَاءِ مِنْ مَاءٍ فَأَحْيَا بِهِ الأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَبَثَّ فِيهَا مِنْ كُلِّ دَابَّةٍ وَتَصْرِيفِ الرِّيَاحِ وَالسَّحَابِ الْمُسَخَّرِ بَيْنَ السَّمَاءِ وَالأَرْضِ لآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ(164)البقرة
ـــــــــــــــــــــــــــــ
اللَّهُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ لاَ تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلاَ نَوْمٌ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الأَرْضِ مَنْ ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلاَّ بِإِذْنِهِ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلاَ يُحِيطُونَ بِشَيْءٍ مِنْ عِلْمِهِ إِلاَّ بِمَا شَاءَ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضَ وَلاَ يَئُودُهُ حِفْظُهُمَا وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ(255)البقرة
ــــــــــــــــــ
آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْهِ مِنْ رَبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ كُلٌّ آمَنَ بِاللَّهِ وَمَلآئِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لاَ نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْ رُسُلِهِ وَقَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ(285)لاَ يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلاَّ وُسْعَهَا لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا اكْتَسَبَتْ رَبَّنَا لاَ تُؤَاخِذْنَا إِنْ نَسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا رَبَّنَا وَلاَ تَحْمِلْ عَلَيْنَا إِصْرًا كَمَا حَمَلْتَهُ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِنَا رَبَّنَا وَلا تُحَمِّلْنَا مَا لاَ طَاقَةَ لَنَا بِهِ وَاعْفُ عَنَّا وَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا أَنْتَ مَوْلاَنَا فَانصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ (286)البقرة
ــــــــــــــــــــ
شَهِدَ اللَّهُ أَنَّهُ لاَ إِلَهَ إلاَّ هُوَ وَالْمَلآئِكَةُ وَأُوْلُوا الْعِلْمِ قَائِمًا بِالْقِسْطِ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ(18)النساء
ــــــــــــــــــــــ
إِنَّ رَبَّكُمْ اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَى عَلَى الْعَرْشِ يُغْشِي اللَّيْلَ النَّهَارَ يَطْلُبُهُ حَثِيثًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ وَالنُّجُومَ مُسَخَّرَاتٍ بِأَمْرِهِ أَلاَ لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ تَبَارَكَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ(54)ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً إِنَّهُ لاَ يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ(55)وَلاَ تُفْسِدُوا فِي الأَرْضِ بَعْدَ إِصْلاحِهَا وَادْعُوهُ خَوْفًا وَطَمَعًا إِنَّ رَحْمَةَ اللَّهِ قَرِيبٌ مِنْ الْمُحْسِنِينَ(56)الأعراف
ــــــــــــــــــــ
أَفَحَسِبْتُمْ أَنَّمَا خَلَقْنَاكُمْ عَبَثًا وَأَنَّكُمْ إِلَيْنَا لاَ تُرْجَعُونَ(115)فَتَعَالَى اللَّهُ الْمَلِكُ الْحَقُّ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْكَرِيمِ(116)وَمَنْ يَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَهًا آخَرَ لاَ بُرْهَانَ لَهُ بِهِ فَإِنَّمَا حِسَابُهُ عِنْدَ رَبِّهِ إِنَّهُ لاَ يُفْلِحُ الْكَافِرُونَ(117)وَقُلْ رَبِّ اغْفِرْ وَارْحَمْ وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّاحِمِينَ(118)المؤمنون
ـــــــــــــــــــ
وَالصَّافَّاتِ صَفًّا(1)فَالزَّاجِرَاتِ زَجْرًا(2)فَالتَّالِيَاتِ ذِكْرًا(3)إِنَّ إِلَهَكُمْ لَوَاحِدٌ(4)رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَرَبُّ الْمَشَارِقِ(5)إِنَّا زَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِزِينَةٍ الْكَوَاكِبِ(6)وَحِفْظًا مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ مَارِدٍ(7)لاَ يَسَّمَّعُونَ إِلَى الْمَلإَ الأَعْلَى وَيُقْذَفُونَ مِنْ كُلِّ جَانِبٍ(8)دُحُورًا وَلَهُمْ عَذَابٌ وَاصِبٌ(9) إِلاَّ مَنْ خَطِفَ الْخَطْفَةَ فَأَتْبَعَهُ شِهَابٌ ثَاقِبٌ(10)الصافات.
كۆزدىن ۋە ھەسەتتىن ساقلىنىش ھەم شىپا تېپىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئالار
بسم الله أَرْقِيك، والله يشفيك من كل داء يؤذيك، ومن كل نفس أو عينِ حاسدٍ، الله يشفيك، بسم الله أَرْقِيك
بسم الله يُبْريك، ومن كل داء يشفيك، ومن شر حاسد إذا حسد، ومن شر كل ذي عين
اللهم ربَّ الناس، أذهب الباس، واشف أنت الشافي، لا شفاء إلا شفاؤك، شفاء لا يغادر سقمًا
[1] كەھف سۈرىسى39-ئايەت.

