ئەقىللىق تېلېفون خۇمارىغا قانداق تاقابىل تۇرىسىز؟

ئەقىللىق تېلېفون خۇمارىغا قانداق تاقابىل تۇرىسىز؟

(كەترىن برايسنىڭ « قانداق قىلغاندا يانفوندىن يىراقلاشقىلى بولىدۇ؟» دېگەن كىتابىدىن يەتتە نەسىھەت).

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد يۈسۈپ

يانفونغا ئېھتىياجدىن تاشقىرى ناھايىتى كۆپ بېرىلىپ كېتىمەن. نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداق قىلىدۇ. يانفونغا ھەددىدىن زىيادە قاراش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. كىشىلەر ئىش ئورنىدا، ماشىنىدا، مىترودا، ئۆچرەتتە، كوچىدا، بازاردا، يولدا، داستىخاندا، مېھماندارچىلىقتا ۋە ھەرقانداق جايدا يانفون بىلەن ھەپىلىشىدۇ، ھەتتا كۆڭلى سىقىلغان ھامان يانفونغا يۈزلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىشلەپچىقىرىشىمىزنىڭ ۋە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولماقتا.

شۇ سەۋەبلىك، پەن-تېخنىكا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى كەترىن برايس كىشىلەرنىڭ يانفونغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىشىگە چەك قويۇش ئۈچۈن، «قانداق قىلغاندا يانفوندىن يىراقلاشقىلى بولىدۇ؟» دېگەن ماۋزۇدا مەخسۇس كىتاب يازغان بولۇپ، كىتابنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يانفونغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان زىيانلار، يانفوننىڭ مېڭىمىزگە قانداق زىيانلىق ئىكەنلىكى، بىزگە قانداق بېسىملارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، ھەتتا ئۇيقۇمىزغا كەلتۈرىدىغان سەلبىي تەسىرى ھەققىدە توختالغان. ئىككىنچى يېرىمىدا بولسا ئېھتىياجدىن ئارتۇق يانفون قوللىنىشتىن ساقلىنىشقا ئادەتلىنىش ئۈچۈن 30 كۈنلۈك تەجرىبنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ يانفوننى پۈتۈنلەي تاشلاش ئەمەس، بەلكى ئۇنى جايىدا قوللىنىش ئۈچۈن تەقدىم قىلىنغان تەۋسىيەلەردۇر.

تۆۋەندىكىلەر كەترىن برايسنىڭ يانفون خۇمارلىرىغا قانداق قىلغاندا يانفونغا قاراشنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەقدىم قىلغان تەۋسىيەلىرىنىڭ بەزىسىدۇر.

1. يانفونغا بولغان رىغبىتىڭىزنى يېڭىڭ

تاماكا خۇمارىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان چارە يانفون قوللىنىشنى ئازايتىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈنمۇ يارايدۇ. چۈنكى ھەر ئىككىسى رىغبەتنى يېڭىش بىلەن بولىدۇ. خۇددى تاماكىغا خۇمار بولىپ قالغان ئادەم تاماكا خۇمارى كەلگەن چاغدا، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تاماكا چېكىش رىغبىتىنى يەڭگەندەك، يانفون خۇمارى بولۇپ قالغان بىز يانفونغا بولغان قاتتىق رىغبىتىمىزنى يېڭىپ چىقالىساق چوقۇم غەلىبە قىلىمىز. رىغبەتنى يېڭىش ئۇنىڭغا قاتتىق قوللۇق بىلەن قارشى تۇرۇش ياكى ئۆزىمىزنى جازالاش بىلەن ئەمەس، بەلكى رىغبەت كەلگەن چاغدا، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىپ قولىمىزغا يانفوننى ئالماسلىق، دىققىتىمىزنى باشقا ئىشلارغا بۇيرۇپ، كۆڭلىمىزنى بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل قىلىش بىلەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رىغبەتنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

2. باشقىلارنىمۇ شېرىك قىلىڭ

سىز يانفون خۇمارىڭىزغا چەك قويغاندىن كېيىن، باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىڭ. ئەمما دوستلىرىڭىز، ھەتتا ئائىلىڭىزدىكىلەر ئىچىدىن سىزنىڭ بۇ دەۋىتىڭىزنى قوبۇل قىلىدىغانلار بەكمۇ ئاز بولىدۇ. لېكىن، سىز ئۈمىدسىزلەنمەڭ، ھەمىشە ئۇلارنى دەۋەت قىلىپ تۇرۇڭ ۋە يانفون رىغبىتىنى ئازايتىشتا ئۇلارنىڭمۇ سىز بىلەن بىللە بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ. چۈنكى بىر ئىشنى ئەتراپىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە قىلغاندا سىزگە ئېغىر چۈشمىگەندەك سىزنىڭ يانفون رىغبىتىگە تاقابىل تۇرۇشىڭىز ئوڭايلىشىدۇ. بۇ يېڭى بىر تەنتەربىيە ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغانغا ئوخشاش بىر يېڭىلىق بولۇپ، ئەتراپىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە قىلغاندا تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بولىدۇ، يالغۇزلۇق ھېس قىلمايسىز.

3. يانفون بىلەن بولغان ھازىرقى مۇناسىۋىتىڭىزنى ئېنىقلاپ چىقىڭ

سىزنىڭ مۈشكىلىڭىزنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، سىزنىڭ يانفونغا كۈندە قانچىلىك ۋاقىت قارايدىغانلىقىڭىزنى ئېنىقلاپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى مىقدارىنى بىلگىلى بولىدىغان ھەرقانداق ئىشنى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ. يانفونغا قانچىلىك ۋاقىت قارايدىغانلقىىمىزنى بىلىش ئۈچۈن، ئايفونغا moment، ئاندۇرويد تېلېفونغا offtime دېگەن پروگراممىنى چۈشۈرۈش ئازىم. بۇ پروگراممىلار سىزنىڭ يانفون قوللانغان ۋاقتىڭىزنىڭ مىقدارىنى، كۈندە قانچە قېتىم يانفوننى قولىڭىزغا ئالغانلىقىڭىزنىمۇ ئېيتىپ بېرىدۇ. سىز پروگراممىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، سىزنىڭ يانفون قوللىنىشتىكى مەقسىتىڭىزنى بەلگىلىۋېلىشىڭىز لازىم. چۈنكى سىزنىڭ يانفون قوللىنىشتىن بولغان غايىڭىز ئېنىق بولمىسا، يانفون قوللىنىشقا چەك قويۇشتا غەلىبە قىلىش قىيىنغا توختايدۇ. سىز يانفوننى ئىش ئورنىڭىزدا ئىشلىتەمسىز؟ پەقەت ھاجەت بولغاندىلا ئىشلىتەمسىز؟ بىكار قالغاندا ئىشلىتەمسىز؟ بىر كۈندە تەخمىنەن قانچە سائەت ئىشلىتىسىز؟ سىز بۇلارنى بەلگىلىۋالمىسىڭىز، نىشانسىز يول ماڭغاندەك ئۆمرىڭىزنى زايە قىلىۋېتىسىز.

4. خەۋەرلەندۈرۈش سىستېمىسىنى تاقىۋېتىڭ

يانفونىڭىزدىكى خەۋەرلەندۈرۈش سىستېمىلىرىنى، ھەتتا خەت ساندۇقىڭىزدىن كېلىدىغان خەۋەرلەندۈرۈش سىستېمىسىنىمۇ تاقاپ قويۇشىڭىز ياكى ئاۋازسىزغا ئېلىپ قويۇشىڭىز لازىم. ئەگەر خەت ساندۇقىدىن ياكى ئىش ئورنىدىن ۋە ياكى ئائىلە ئەزالىرىدىن كېلىدىغان ئۇچۇردىن خەۋەرسىز قالسام بولمايتتى دېسىڭىز، يانفونىڭىزنى «مۇھىم كىشىلەر» دەپ ئاشۇلاردىن كەلگەن ئۇچۇرلار ھەققىدىلا خەۋەرلەندۈرۈش بەرسە بولىدىغان قىلىپ توغرىلاپ قويسىڭىز بولىدۇ. شۇنىڭدەك، داستىخان، ئىش ئورنى، ياتاقخانا قاتارلىق جايلاردا ۋە مۇئەييەن سائەتلەردە تېلېفونغا جاۋاب بەرمەسلىك دېگەندەك پىرىنسىپلارنى بەلگىلەپ ئەمەل قىلىش ناھايىتى ياخشى.

5. باشقىلارنى قارىتىپ قويۇپ يانفون بىلەن ئوينىماڭ

مېھماندارچىلىقتا، دوستلار بىلەن غىزالىنىشتا ۋە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغاندا، يانفوننى ئۆزىمىزدىن يىراق قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى مۇشۇنداق ئولتۇرۇشلاردا يانفون بىلەن بولۇپ قېلىش بىزنى ئۆزىمىز قارىشىپ ئولتۇرۇۋاتقان كىشىلىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويىدۇ، گوياكى بىز بۇ ئولتۇرۇشقا ھازىر بولمىغاندەك، چىرايىمىزغا قاراپ ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ ھېچبىر قىممىتى يوقتەك تۇيغۇنى بېرىپ قويىدۇ. ئەپسۇسكى، ھەممىمىز بىلىپ، بىلمەي بۇ خاتالىقنى سادىر قىلىپ قويىمىز. دوستلار ياكى خىزمەتداشلار ئارىسىدا بولۇپ تۇرىدىغان چوڭ-كىچىك يىغىن ياكى سۆھبەتلەردە  يانفوننى يىراق جايدا قويۇش ياكى ۋاقىتلىق تاقاپ قويۇش ناھايىتى زۆرۈر.

6. يانفوندىن يىراقلىشىپ بېقىڭ

30 كۈنلۈك يانفوندىن يىراقلىشىش مەشقىدە 20 ياكى 21 كۈن بويىچە، ھەر كۈنى 24 سائەت يانفوندىن تامامەن يىراقلىشىش تەجرىبىسىنى ئېلىپ بېرىڭ. بۇ سىزنىڭ ئىرادىڭىزنىڭ قانچىلىك كۈچلەنگەنلىكىنى ۋە يانفوندىن يىراق تۇرۇشتا قانچىلىك غەلىبە قىلغنالىقىڭىزنى سىناش ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنى، بەلكى ئەسلى مەقسەت تالانتنىڭ ئۆزىنى ئىسپاتلىشىغا يول قويۇش ۋە تەبىئىي ھاياتقا قايتىشتۇر. سىزنىڭ كۈچلۈك 24 سائىتىڭىز تىرىكچىلىك قىلىش، ئارام ئېلىش، تائاملىنىش، كىتاب ياكى گېزىت ئوقۇش، تەن ساقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن مېڭىش، ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن بېرىلگەن ۋاقىتتۇر. يەنە بۇنىڭدىن باشقا سىز قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار. ئەگەر سىز شۇ ئىشلارنى قىلالىسىڭىز يانفونغا قاراپ ئولتۇرۇپ ۋاقىت زايە قىلغاندىن مىڭ مەرتىۋە ئەۋزەل ئىش قىلغان بولىسىز.

7. قىلىدىغان باشقا ئىشلارنى ئىزدەڭ

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بىلەن ياكى پەرۋاسىز ھالدا يانفونغا قاراپ ئولتۇرۇش بىلەن زايە قىلىنغان ۋاقىت پايدىلىق بىرەر نەرسىنى ئۆگىنىۋېلىشقا ياكى بىرەر يېڭىلىقنى بايقاشقا يېتىدىغان ۋاقىتتۇر. ھېچبولمىغاندا، يانفونغا ئىسراپ قىلغان ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇزۇن مۇساپىگە ماڭغىلى، بىرەر مۇزەينى زىيارەت قىلغىلى، بىرەر دوستتىن ياكى تۇغقاندىن ھال سورىغىلى، ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان كىتابنى ئوقۇپ مەنپەئەت ئالغىلى، بىرەر گۇرۇپپىغا قاتنىشىپ ياخشى پائالىيەت ئەلىپ بارغىلى، دوستلار ياكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆڭۈللۈك ۋاقىت ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تەن سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولغان، ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلار بولۇپ، بىزنى ھەممىدىن بەك بەختلىك قىلىشقا، تېنىمىزنى ساق، روھىمىزنى ساغلام تۇتۇشىمىزغا يېتەرلىكتۇر.

مەنبە: «ئەل مۇجتەمە» ژۇرنىلى، 2019- يىلى 24- سىنتەبىر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار