بىز قانچىلىك بولالىدۇق؟

بىز قانچىلىك بولالىدۇق؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

بىز دۇنياغا كەلگەندە ئىلكىمىزدە ھېچقانداق نەرسىمىز يوق، قۇرۇق قول كەلدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر نەرسىگە ئىگە بولدۇق. پۇل- مېلىمىز بولدى، ئائىلىمىز بولدى، پەرزەنتلىرىمىز بولدى، بەزىلىرىمىزنىڭ ئۆي- ئىمارەتلىرى، ئاپتوموبىللىرى... ۋاھاكازالىرى بولدى.ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە تېخىمۇ زىيادىسىنى بەرسۇن ۋە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن!

بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئىگە بولغانلىرىمىز بولۇپ، گەرچە ئىگە بولۇش دىنىمىزدا چەكلەنمىگە بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا بىزنى ئىگە بولۇشقا ئەمەس، بەلكى بۇلۇشقا بۇيرۇغان. شۇڭا بىزگە قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە «بولۇڭلار!» دېگەن ئەمرلەرنى چۈشۈرگەن.

 

تۆۋەندە ئاللاھ تائالانىڭ «بولۇڭلار!» دېگەن ئەمرىدىن تۆتنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرىدىن بىرنى بايان قىلىمىز:

1.         ﴿كُونُوا رَبَّانِيِّينَ بِمَا كُنْتُمْ تُعَلِّمُونَ الْكِتَابَ وَبِمَا كُنْتُمْ تَدْرُسُونَ﴾«سىلەر كىتاب (قۇرئان)نى ئۆگىنىش ۋە (باشقىلارغا) ئۆگىتىشىڭلار ئارقىلىق رەببانىي ئالىم بولۇڭلار»[1].

بۇ ئايەتتە، ئاللاھ تائالا بىزنى رەببانىي ئالىملاردىن بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. رەببانىي ئالىم دېگەن ئىلىم - ھېكمەتكە تولغان، ئەمەلىيىتى بىلەن كىشىلەرگە ئۈلگە بولىدىغان ۋە  ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىيەلەيدىغان يېتۈك ئالىمدۇر. ھەممىمىز ئوقۇشقا ۋە بىلمىگەنلىرىمىزنى ئۆگىنىشكە بۇيرۇلغان. چۈنكى، مۇسۇلمانلىق ئوقۇماستىن، ئۆگەنمەستىن تولۇقلانمايدۇ. [طلَبُ العِلمِ فَريضةٌ علَى كلِّ مُسلِمٍ] «ئوقۇش، ئۆگىنىش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر»[2].

شۇڭا ھەربىر كىشىنىڭ ئىمكانىيىتىنىڭ يار بېرىشىچە ئوقۇشى ۋە ئۆگىنىشى، ئاندىن بىلگەنلىرىنى چامىنىڭ يېتىشىچە ئۆگىتىشى پەرزدۇر. مەيلى سىز دىندا ئالىم بولۇپ بىلگەنلىرىڭىزنى كىشىلەرگە ئۆگىتىڭ ياكى ئازراق بولسىمۇ بىلگەنلىرىڭىزنى پەرزەنتلىڭىزگە ۋە يېقىنلىرىڭىزغا ئۆگىتىڭ ھەر ئىككىلى ھالەتتە سىز ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئورۇندىغان بولىسىز. ئەمما ھېچ ئۆگەنمىسىڭىز ۋە بىرەر ھەرپكە چاغلىق بولسىمۇ بىلگىنىڭىزنى ئۆگەتمىسىڭىز ئاللاھ ئاتالانىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلمىغان ۋە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغان بولىسىز. ئالىم بولۇش دېگەنلىك ھەممىنى بىلىش دېگەنلىك ئەمەس، ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالانى بىلىش، ئاندىن  دىن ۋە دۇنيالىق بىلىشكە تېگىشلىكلەرنى بىلىشتۇر.

 

2.         ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ لِلَّهِ شُهَدَاءَ بِالْقِسْطِ﴾ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ (نىڭ رازىلىقى) ئۈچۈن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇڭلار ۋە ئادالەتلىك گۇۋاھچىلار بولۇڭلار»[3].

بۇ ئايەتتە، ئاللاھ تائالا بىزنى ھەق دىندا ھەر زامان مۇستەھكەم تۇرۇشقا، ھەر ئىشتا ئادالەتلىك، ئىنساپلىق بولۇشقا، سۆزىمىز ۋە ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ھەق دىننى ياشىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھەقلىقىنى نامايان قىلىشقا، ئەخلاقىمىز بىلەن ئۇنىڭغا شاھىت بولۇشقا ۋە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەندە ئادالەت بىلەن توغرا گۇۋاھلىق بېرىشكە بۇيرۇيدۇ.

دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش ناھايىتى مۇھىم ۋە بەكمۇ قىيىن ئىشتۇر. دىندا مۇستەھكەم بۇلۇش دېگەنلىك دىننىڭ ئىبادەتلىرىگىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئەخلاق قىسمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى تەقەززا قىلىدۇ.چۈنكى، ئىبادەت قىلماق ئوڭاي، ئەمما ئەخلاقتا دۇرۇس ۋە ئادالەتلىك بولماق بەك قىيىن. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئىبادەتتە ئاكتىپ بولسىمۇ، دۇرۇسلۇقتا، ئىنساپ-ئادالەتتە ۋە پۇل-مال مۇئامىلىسىدە نۆلگە چۈشۈپ قالماقتا. چۈنكى، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش، توغرا يولدا راۋۇرىس بولۇش ئوڭاي ئەمەس. ئەمما ئاللاھ تائالاغا باغلانغان ۋە قولىدىن كېلىشىچە سەۋەب قىلغان، جاپادىن قورقماي ئىشلىگەن ئادەم ئۈچۈن قىيىن ئەمەس. چۈنكى، قۇرئان كەرىم بىزگە: )وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا. وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ( « كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ»[4]، )وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مِنْ أَمْرِهِ يُسْرًا( «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ»[5] دەپ تەلىم بېرىدۇ.

ئەللامە مۇھەممەد مۇتەۋەللىي شەئراۋىي مۇنداق دېگەن: «توغرا يولدا راۋۇرۇس بولۇش دېگەن ئوڭ ياكى سولغا قىلچىلىكمۇ مايىل بولۇپ كەتمەي توپتوغرا بولۇش دېگەنلىكتۇر. بۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىنتايىن قىيىن بولغان بىر ئىشتۇر. چۈنكى، بەزىدە ئىككى زىت نەرسىنىڭ ياكى ئىككى قارشى نەرسىنىڭ ئارىسىدىكى پاسىل ئىنتايىن ئىنچىكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ﴿فَٱسۡتَقِمۡ كَمَآ أُمِرۡتَ وَمَن تَابَ مَعَكَ ﴾ دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغاندا، بۇ ئايەت ساھابىلەرگە ھەقىقەتەن ئېغىر كەلگەن، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«شَيَّبَتْنِي هُودٌ وأخواتها»«مېنى ھۇد ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۈرىلەرقېرىتىۋەتتى»([6])دېگەن. ناۋادا ئاللاھ تائالا ﴿فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ مَا ٱسۡتَطَعۡتُمۡ﴾«سىلەر كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار»[7] دېگەن ئايەتنى نازىل قىلمىغان بولسا، مۇسۇلمانلار كۆپ جاپاغا قالغان بولاتتى. خۇلاسە قىلغاندا، توغرا يولدا راۋۇرۇس بولۇش دېگەنلىك ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغان ۋە توسقانلىرىغا ئەمەل قىلىشتا ھېچقايسى تەرەپكە قىلچىلىكمۇ مايىل بولۇپ كەتمەسلىك دېگەنلىكتۇر»[8].

 

3.          ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَكُونُوا مَعَ الصَّادِقِينَ﴾ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار»[9].

بۇ ئايەتتە، ئاللاھ تائالا بىزنى ئىچى تېشىدىن گۈزەل، ئىمانىدا، مۇئامىلىسىدە، گەپ-سۆزىدە، ئىش-ھەرىكىتىدە راستچىل مۇئمىنلەردىن بولۇشقا بۇيرۇيدۇر. راستچىللىق گۈزەل ئەخلاقنىڭ تاجىسى، گۈزەل ئەخلاق بولسا دىنىمىزنىڭ يادروسى ۋە غايىسىدۇر.

راستچىل كىشىلەر بىلەن ۋە راستچىل كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان پەزىلەتلىك جەمئىيەتكە چۆكۈپ شۇ جەمئىيەت ئىنسانلىرى بىلەن بىرگە ياشاش ئارقىلىق شۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئەخلاق _ پەزىلەتلىرىنى، ياخشى ئادەتلىرىنى ئۆگىنىپ يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئۆزى ياشىغان جەمئىيەتنىڭ ۋە شۇ جەمئىيەتتىكى ئىنسانلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىنى ۋە ئەخلاقىنى ئىختىيارى ۋە ئىختىيارسىز ھالدا قوبۇل قىلىدۇ، شۇ جەمئىيەت كىشىلىرى ياقتۇرغاننى ياقتۇرىدىغان، ئۇلار يامان كۆرگەننى يامان كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ شۇ جەمئىيەت كىشىلىرىدىكى ئەخلاق _ پەزىلەتلەرنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى راستچىللىققا ئۈندەپ مۇنداق دېگەن: «عَلَيْكُمْ بِالصِّدْقِ، فَإِنَّ الصِّدْقَ يَهْدِي إِلَى الْبِرِّ، وَإِنَّ الْبِرَّ يَهْدِي إِلَى الْجَنَّةِ، وَمَا يَزَالُ الرَّجُلُ يَصْدُقُ وَيَتَحَرَّى الصِّدْقَ حَتَّى يُكْتَبَ عِنْدَ اللهِ صِدِّيقًا، وَإِيَّاكُمْ وَالْكَذِبَ، فَإِنَّ الْكَذِبَ يَهْدِي إِلَى الْفُجُورِ، وَإِنَّ الْفُجُورَ يَهْدِي إِلَى النَّارِ، وَمَا يَزَالُ الرَّجُلُ يَكْذِبُ وَيَتَحَرَّى الْكَذِبَ حَتَّى يُكْتَبَ عِنْدَ اللهِ كَذَّابًا»يەنى «ھەمىشە راستچىل بولۇڭلار! چۈنكى، راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. كىمكى ھەمىشە راست گەپ قىلسا ۋە راست گەپ قىلىشقا تىرىشسا، ئاخىر ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا راستچىل بەندە بولۇپ يېزىلىدۇ؛ سىلەر قانداقلا بىر يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى، يالغانچىلىق كىشىنى ئاسىيلىققا، ئاسىيلىق دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ. كىمكى ھەمىشە يالغانچىلىق قىلسا ۋە يالغان گەپ قىلىشقا تىرىشسا، ئاخىر ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يالغانچى بولۇپ يېزىلىدۇ»([10]) .

 

4.          ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا كُونُوا أَنْصَارَ اللَّهِ﴾ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئاللاھنىڭ (دىنىنىڭ) ياردەمچىلىرى بولۇڭلار»[11].

بۇ ئايەتتە، ئاللاھ تائالا بىزلەرنى ئۇنىڭ دىنىنى ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ياشىتىش، سۆزىمىز ۋە ھەرىكىتىمىز بىلەن يەتكۈزۈش، جان تىكىپ قوغداش، بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش، پەرزلىرىنى ئادا قىلىش، دەۋىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ياردەمچىلىرى بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە، ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن كاتتا شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغ ئەمەلدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇش ھەقىقىي مۇئمىنلەرگىلا نېسىپ بولىدىغان ئىشتۇر.

ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ياردەمچىسى بولۇش مەسئۇلىيىتى بار. چۈنكى بۇ دىنغا مەسۇپ بولغانلىق شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ مەسئۇلىيەت دىننى قوغداش ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكلىرىنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن نامايان قىلىش بىلەن ئادا قىلىنىدۇ.

 

5.[لاَ تَبَاغَضُوا، وَلاَ تَحَاسَدُوا، وَلاَ تَدَابَرُوا، وَكُونُوا عِبَادَ اللهِ إِخْوَاناً] «بىر- بىرىڭلار بىلەن ئاداۋەتلەشمەڭلار، بىر - بىرىڭلارغاھەسەت قىلىشماڭلار، بىر _ بىرىڭلارغا ئورا كولىماڭلار، ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار»[12].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە، بىز مۇسۇلمانلارنى بىر-بىرىمىزگە يامانلىق قىلماسلىققا، بىر-بىرىمىزنى زىيانغا ئۇچراتماسلىققا ۋە يامانلىق قىلىشنى ئويلاپمۇ قويماسلىققا، شۇنداقلا ئىناق، ئىتتىپاق بولۇشقا بۇيرۇيدۇ.

مەلۇمكى، ئاداۋەتلىشىش، دۈشمەنلىشىش، ھەسەت قىلىشىش، بىر-بىرىگە ئورا كولاش قاتارلىق قىلىقلار قەلبنىڭ ساغلام ئەمەسلىكىدىن، ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن ۋە ئەخلاقنىڭ ناچارلىقىدىن بولىدۇ. ھالبۇكى، ئاخىرەتتە بىردىنبىر ئەسقاتىدىغان نەرسە ساغلام قەلبتۇر. ﴿يَوۡمَ لَا يَنفَعُ مَال وَلَا بَنُونَ . إِلَّا مَنۡ أَتَى ٱللَّهَ بِقَلۡب
سَلِيم﴾ «ئۇ كۈندە مال _ دۇنيامۇ، بالىچاقىلارمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ.پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىغاساغلام قەلب بىلەن كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا»[13]. قەلب بىلەن قىلىنىدىغان زىكىر، دۇئا، مۇھەببەت، ياخشى نىيەت قاتارلىق ئىبادەتلەر قانچىلىك مۇھىم ۋە ساۋابى قانچىلىك چوڭ بولسا، قەلب بىلەن سادىر قىلىنىدىغان ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك، ھەسەت، يامان نىيەت قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ گۇناھىمۇ شۇنچىلىك چوڭ ۋە خەتىرى كۆپتۇر.

 

ئاللاھ تائالا بىز مۇسۇلمانلارنى «بولۇڭلار!» دېگەن ئەمرى ئارقىلىق يۇقىرىقى ئايەتلەردە ۋە ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك بولۇشقا بۇيرىدى، ئەمما ھەربىر كىشى ئويلاپ بېقىشقا تېگىشلىككى، مەن قانداق بولدۇم؟ قانچىلىك بولالىدىم؟



[1]ئال ئىمران سۈرىسى: 79- ئايەت.
[2] ئىبنى ماجە رىۋايىتى، (ئەللامە ئەلبانىي«سەھىھ» دەپ باھالىغان ھەدىس).
[3]مائىدە سۈرىسى: 8- ئايەت.
[4] يەلاق سۈرىسى: 2-3- ئايەتلەر.
[5] تەلاق سۈرىسى: 4- ئايەت.
([6])«حلية الأولياء»4- توم،350-بەت.
[7]تەغابۇن سۈرىسى: 16- ئايەت.
[8]«تفسير الشعراوي» 11- توم، 6707 – بەت.
[9]تەۋبە سۈرىسى: 119- ئايەت.
([10]) «صحيح مسلم»4-توم، 2013-بەت، 2607-ھەدىس،«صحيح البخاري»8-توم، 25-بەت، 6094 - ھەدىس.
[11]سەف سۈرىسى: 14- ئايەت.
[12]ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[13]شۇئەرا سۈرىسى: 88-89- ئايەتلەر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار