چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى نەسىلگە ئۇيغۇر كىملىكىنى يەتكۈزۈش يولىدا ئۇچرىغان كىرزىسلىرى ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە چارىسى

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى نەسىلگە ئۇيغۇر كىملىكىنى يەتكۈزۈش يولىدا ئۇچرىغان كىرزىسلىرى ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە چارىسى

  كىملىك- تىل، تارىخ، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، قىممەت قاراش قاتارلىقلارنى تەشكىل قىلغان ئۆزگىچىلىكتۇر. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى نەسىلگە ئۇيغۇر كىملىكىنى يەتكۈزۈش يولىدا ئۇچرىغان كىرزىسلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى شارائىت ۋە ئائىلىدىكى كىرزىس بولۇشى مۇمكىن.

شارائىت كىرزىسى دېگىنىمىز: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ياشىغان جايلىرىدىكى سان نىسبىتىنىڭ ئازلىقى، تارقاق ياشىشى، ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ يوقلۇقى، بالىلارنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن كەڭ ئارىلىشىپ چوڭ بولۇش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقى، ئۇيغۇرلارغا خاس ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ بولماسلىقى ياكى بولغاندىمۇ كۆپ قاتنىشلماسلىقى قاتارلىقلاردۇر.

ئائىلىدىكى كىرزىس دېگىنىمىز: ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ياكى ئىشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنمەسلىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ بالىلارنى ۋەتەنگە باغلىماسلىقى، ئۆيدە ئانا تىلدا سۆزلىمەسلىكى، تارىخىمىزنى ئوقۇپ بەرمەسلىكى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قىسسىلىرىنى سۆزلەپ بەرمەسلىكى قاتارلىقلاردۇر.

بۇنىڭ چارىسى نېمە؟

0ياشتىن 6 ياشقا قەدەر بالىلارغا ئانا تىلنى، ئەقىدە، ئەخلاق، قىممەت قاراش، مىللىي قائىدە يوسۇن، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلارنى ئۆگىتىش ۋە ياشىتىش. بىر تىلنى بىلدىم دېيىش ئۈچۈن، ئوقۇش، يېزىشنى ۋە سۆزلەشنى بىلىش، ئاڭلاپ چۈشىنىش قاتارلىق تۆت نەرسە كېرەك: مەكتەپلەر ئەسلىدە تەلىم - تەربىيە ئورۇنلىرىدۇر. ھازىرقى شارائىتتا مەكتەپلەر بالىلارغا تەلىمنى بېرىدۇ، ئەمما تەربىيە قىسمىنى ئۇلارنىڭ كۆپلىرى بېرەلمەيدۇ. ئۇنى ئائىلە بېرىدۇ ۋە تولۇقلايدۇ. ئاتا- ئانا بالىلارنىڭ كاللىسىنى ئىمان، ئەخلاق ۋە قىممەت قاراش بىلەن تولدۇرۇپ، ئاندىن مەكتەپكە ئەۋەتمىسە باشقىلار ئۆزىنىڭكىسى بىلەن تولدۇرىدۇ. بالىلارنى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ توي- تۆكۈن، نەزىر-چىراق، ئۆلۈم-يېتىم، ھېيتلىشىش، زىيارەت قىلىش، نامايىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇش زۆرۈر. ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ كاللىسىنى ئازاد قىلىشى، ۋەتەندىكى مەكتەپ ئۇقۇمى بىلەن چەتئەللەردىكى مەكتەپ ئۇقۇمىنى ئايرىۋېلىشى، بالىلارنى چۈشىنىشى ۋە زاماننىڭ تەلىپى بويىچە ئىش كۆرۈشى لازىم.

مىللىي كىملىكنى قوغدايدىغان ئامىللار

مىللىي كىملىكنى قوغدايدىغان نۇرغۇن ئامىللار بار : مەسىلەن: تىل، دىن، كۈلتۈر، تارىخ، قىممەت قاراش، ئۆرپ - ئادەت قاتارلىقلاردۇر. بىز ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنلىرىنى دىن نامى بىلەن ۋە كۆڭۈل بولمەسلىك ياكى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان مەملىكەت خەلقىگە ئېرىپ كېتىش بىلەن يوقىتىۋاتىمىز. بىدئەت دىندا بولىدۇ، ئەمما بىزدە نۇرغۇن ئىشلار دىنىي مەسىلىدىن چىقىپ مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەسىلىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇنى قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆرپ-ئادەت دەپ قىلىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار