كىتاب ئوقۇشنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەھمىيىتى

كىتاب ئوقۇشنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەھمىيىتى

كىتاب ئوقۇشتىن مەقسەت نېمە؟

كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشتىن بولغان مەقسەت  _ غايىلىرى بىر خىل بولمايدۇ. قىسقىسى، ھەر كىم ھەر مەقسەت بىلەن كىتاب ئوقۇيدۇ. ئەمما كىتاب ئوقۇشنىڭ ئاساسلىق غايىلىرىنى سانىغاندا تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ:

1. ئىبادەت مەقسىتى بىلەن ئوقۇش. بۇ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە دىنىي كىتابلارنى ئوقۇشقا ئوخشاش. بۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئوقۇشنىڭ ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئەڭ پايدىلىق تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

2. مۇئەللىمنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئوقۇش. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئەللىملىرى تەۋسىيە قىلغان ۋە دەرسلىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئوقۇغىنىغا ئوخشاش.

3. خىزمەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتى بىلەن ئوقۇش. بۇ ئىشچى  _ خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تەخەسسۇسى ۋە خىزمەت ئېھتىياجىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئوقۇغىنىغا ئوخشاش.

4. بىلىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئوقۇش. بۇ ھەر كىم ئۆزىنىڭ مەلۇمات دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە تالانتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن خالىغان كىتابلارنى ئوقۇغانغا ئوخشاش.

5. مەلۇماتلىق بولۇش مەقسىتى بىلەن ئوقۇش. بۇ دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن، ئۆتمۈشلەردىن ۋە يېڭىلىقلاردىن مەلۇماتلىق بولۇش ئۈچۈن كىتاب ۋە گېزىت  _ ژۇرنال ئوقۇغانغا ئوخشاش.

كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى

كىتاب ئوقۇش روھنىڭ غىزاسى، ئەقىلنىڭ ئاچقۇچى، مەرىپەتنىڭ كېپىلىدۇر. ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ شەرىپى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى ۋەھيىنىڭ «ئوقۇ»دېگەن بۇيرۇق رايى بىلەن باشلانغانلىقى يېتەرلىكتۇر.

 دانالار دەيدۇكى، كىتاب  _ مۇۋەپپەقىيەت ئاچقۇچى، تەرەققىيات كۆۋرۈكى، قاراڭغۇ دىلنى يورۇتقۇچى مەشئەل. كىتاب  _ بىلىم خەزىنىسى ۋە تۈگىمەس بايلىق، مەنىۋى كۈچ، روھىي ئوزۇق ۋە قاناتتۇر. سەرخىل كىتاب ئادەمنىڭ ئەقىل   _ پاراسىتىنى نۇرلاندۇرىدۇ، مەنىۋىيىتىنى بېيىتىدۇ، ئادىمىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ، كىشىگە خۇشاللىق بېغىشلايدۇ.

 كىتاب ئوقۇش  _ بىلىم ئۆگىنىش، بىلىمنى تولۇقلاش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتۇر. ئادەم كىتاب ئوقۇپ دۇنيانى، تەبىئەت سىرلىرىنى، قايناق ۋە مۇرەككەپ تۇرمۇش پەلسەپىسىنى، پىكىر قىلىش يولىنى، چىنلىق بىلەن ساختىلىق، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، گۈزەللىك بىلەن سەتلىكنىڭ پەرقىنى ئايرىيدۇ. كىتاب ئوقۇپ پەن  _ تېخنىكا ئىگىلەپ، خىزمەت، ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېتىشىش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش ئاساسىنى تۇرغۇزالايدۇ. كىتاب ئوقۇپ بىلىمىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە كۈچەيتكەنلەر ھايات يولىدا كۈندىن  _ كۈنگە كۆكلىيەلەيدۇ. بۈگۈنكى مەدەنىيەت ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەۋلادلارغا قالدۇرغان بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىنىڭ جەۋھىرى. ئۇنى ئىگىلەش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. كىتاب كىشى قەلبىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەك، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق روھىمىز كۆتۈرۈلۈپ، ياشاش ئىرادىمىز كۈچىيىدۇ. چۈشكۈنلەشكەندە، ئىچىمىز پۇشقاندا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا كىتاب ئوقۇساق قەلبىمىز ئۈمىد، ئىشەنچكە تولىدۇ. غەيرىتىمىز ئاشىدۇ.

  كىتاب ئوقۇش ياكى ئوقۇماسلىق مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دائىم كىتاب ئوقۇپ تۇرىدىغانلار بىلەن كىتاب ئوقۇمايدىغانلار ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن مەنىۋى ساپا پەرقى بولىدۇ. كىتاب ئوقۇغانلارنىڭ ئەقىل بۇلىقى ئېچىلىدۇ. كىتاب ئوقۇمايدىغانلارنىڭ تەپەككۇرى قاتمال، پىكرى تېيىز، چېچىلاڭغۇ، تۇراقسىز بولىدۇ. ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى بايقىيالمايدۇ. كىتاب ئوقۇش  _ ئوقۇماسلىق ئادەمنىڭ پىسخىك قۇرۇلمىسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى ئادەمدە ئىلغار پىسخىك ئامىللار كۆپ بولىدۇ. كىتاب ئوقۇمايدىغانلار كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان مىللەتنىڭ پىسخىك قۇرۇلمىسىدا ناچار ئامىللار  _ نادانلىق، قالاقلىق، خۇراپاتلىق، بېكىنمىچىلىك، قاششاقلىق، دورامچىلىق، شۆھرەتپەرەسلىك ئېغىر بولىدۇ

كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىلىرى

كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىلىرىنى ساناپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. ئىسلام ئۆلىمالىرى كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىلىرى، ھاياتتىكى ئەھمىيىتىنى ۋە رولىنى بايان قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتقان:

1. كىتاب ئوقۇش ئىنسانىي ۋە ئىسلامىي مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسلىق تېرەكلىرىدىن بىرى.

 2. كىتاب ئوقۇش قەدىمدىن ھازىرغا قەدەر ئىنسانلارنى ھەر خىل ئىلىم  _ مەرىپەتلەر بىلەن باغلاپ كەلگەن مۇھىم تۈگۈندۇر.

3. مەلۇمات ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرى شۇنچىلىك كۆپىيىپ كەتكەن مۇشۇ زامانىۋى ئەسىردىمۇ كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا.

4. كىتاب ئوقۇش ھەر قانداق بىر ئىلىم  _ مەرىپەتنى ياكى قانداقلا بىر مەلۇمات بىۋاسىتە ھاسىل قىلىشنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك يولىدۇر.

5. كىتاب ئوقۇش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر  _ مەرۇپ، ۋەز  _ نەسىھەت قىلىشتىن ئىبارەت بەرزىنى بىلىپ ئورۇنداشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر.

6. كىتاب ئوقۇش ئەقىلنى ئاشۇرىدىغان، كۆڭۈلنى كۆتۈرىدىغان ۋە روھنى جانلاندۇرىدىغان خىسلەتتۇر.

7. كىتاب ئوقۇش ئۆتمۈشتىكى مىللەتلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بىلىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشنىڭ يولىدۇر.

8. كىتاب ئوقۇش تارىخنى ئۆگىنىشنىڭ ۋە ئۆزىنى تونۇشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر.

9. كىتاب ئوقۇش ئىلىم  _ مەرىپەت سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش روھىنى ئويغىتىپ، ئىنساننىڭ ئىلمىي مۇنازىرە قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

10. كىتاب ئوقۇش ۋاقىتنى ئەڭ ھۇزۇر  _ ھالاۋەتلىك ۋە ئەڭ مەنپەئەتلىك رەۋىشتە ئۆتكۈزۈشنىڭ يولىدۇر. شۇڭا ئەڭ سەمىمىي دوست  _ كىتابتۇر، دېيىلىدۇ.

قانداق قىلغاندا ئۆزىڭىزنى كىتاب ئوقۇشقا كۆندۈرەلەيسىز؟

ئۆلىمالار تۆۋەندە بەزى نەسىھەتلەرنى تەقدىم قىلغان:

 1. ئىنسان بىلمىگەن نەرسىسىنىڭ دۈشمىنىدۇر. شۇڭا ئىنسان ئاۋۋال كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلىشى لازىم. چۈنكى كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنمىگەن ئادەم ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش بىر ئېغىر يۈكتۇر.

2. كىتاب ئوقۇشنى دەسلەپ باشلىغاندا بەزى كىشىلەر ئۈچۈن زېرىكىش ۋە مالاللىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنى كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىق بىلەن يەڭگىلى بولىدۇ.

3. بەزى كىشىلەر كىتابنى ئاستا ئوقۇشى سەۋەبلىك مالاللىق ھېس قىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئوقۇشقا ئادەت قىلغانسېرى تىز ئوقۇشقا تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ.

4. ئابباس ئاققاد «ياخشى بىر كىتابنى ئۈچ قېتىم ئوقۇپ چىقىش ياخشى ئۈچ كىتاب ئوقۇشتىن ئەۋزەل» دېگەن ئىكەن.

5. ئوقۇغانغا ئەمەل قىلىشنى بىرگە ئېلىپ بېرىش ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش قاتارلىق كېيىنكى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يول ئاچىدۇ.

6. ئىش ئورنىدا، ئۆيدە، سەپەرلەردە ۋە ھەر قانداق جايدا كتابنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىش ياخشى ئادەتتۇر. بۇ ئارقىلىق ئىنسان ئازراق بولسىمۇ بوش ۋاقىتلىرىنى كىتاب ئوقۇشقا ئاتاشقا ئادەتلىنىدۇ.

7. كۈندە ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ كىتاب ئوقۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىش كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلىنىش ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىقتۇر.

8. ئىنساننىڭ ئاشقازىنى كۈندىلىك يېمەك  _ ئىچمەككە ئېھتىياجلىق بولغىنىدەك، ئۇنىڭ روھىمۇ كىتاب ئوقۇشقا ۋە ئازراق بولسىمۇ يېڭىلىق ھاسىل قىلىشقا ئېھتىياجلىقتۇر. بۇ ئىككى ئېھتىياجنىڭ ئەھمىيەت جەھەتتى بىر  _ بىرىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى بىلىش كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلىنىش ئۈچۈن ياردەمچى بولىدۇ.

9. كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلىنىش يولىدا كېتىپ بارغانلار ئاۋۋال كىچىك ھەجىملىك كىتابلارنى ئوقۇشتىن باشلىشى ياخشى. چۈنكى كىتاب ئوقۇش يولىغا يېڭى كىرگەن ئادەمنىڭ دەسلەپ چوڭ كىتابتىن باشلىۋېلىشى مالاللىققا ۋە زېرىكىشكە سەۋەب بولىدۇ.

10. كىتاب ئوقۇيدىغانلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىش ۋە ئوقۇغان كىتابلار ھەققىدە بەس  _ مۇنازىرە قىلىشىش ۋە باشقىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش روھىدىن ئۆگىنىش.

كىتابنى نېمە ئۈچۈن ئوقۇيمىز؟

1. ئوقۇيمىز، چۈنكى ئوقۇش كۆڭۈلنى كۆتۈرىدۇ ۋە ئەقىلنى غىزالاندۇرىدۇ.

2. ئوقۇيمىز، چۈنكى ئوقۇش ئارقىلىق زامان ۋە ماكان پەرقىنى يوق قىلىپ، ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بىللە ياشىغاندەك بولىمىز ۋە شۇلارنىڭ ئۆمرىچە ھايات كۆرگەندەك بولىمىز.

3. ئوقۇيمىز، چۈنكى ئوقۇش ئارقىلىق تەجرىبە ئىگىلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن، دانالارنىڭ ئەقىليات سۆزلىرىدىن پايدىلىنىمىز.

4. ئوقۇيمىز، چۈنكى ئوقۇش ئىنساننىڭ ئەقلىي ساياھىتى بولۇپ، يازغۇچى ئۇنى ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنىڭ، تاغلار بىلەن باغلارنىڭ ئارىسىدا ساياھەت قىلىدۇرىدۇ ۋە ئۇنى تار ئۇپۇقتىن كەڭرى كەتكەن، چېگراسىز دۇنياغا باشلاپ ئاپىرىدۇ.

5. ئوقۇيمىز، چۈنكى ئوقۇش زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىنى تونۇمايدۇ، جۇغراپىيەنى بىلمەيدۇ، ئىجتىمائىي تەبىقىچىلىكنى ۋە ئايرىمچىلىقلارنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. شۇڭا كىتاب ئوقۇغان ئادەم ھەممە ئەسىردە ۋە ھەممە دۆلەتتە ياشىغاندەك بولىدۇ.

6. ئوقۇيمىز، چۈنكى كىتاب بىزنى ئەڭ ئىگىز تاغلارغا چىقىرىپ، ئاندىن ئەڭ چوڭقۇر جايلارغا، ياپيېشىل بوستانلىقلارغا ئاپىرىپ، ئاندىن دەشتى چۆللەرگە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بىزنى يەر شارىنىڭ ھەممە جايلىرىنى كەزدۈرىدۇ.

7. ئوقۇيمىز، چۈنكى ئوقۇش ئارقىلىق بىز ئاپتورلار بىلەن ئۆزئارا ساداقەت قۇرالايمىز ۋە ئۇلارنىڭ دۇنياسىدا ياشىيالايمىز. چۈنكى ھەر قانداق ئاپتور بىرەر نەرسە يازغاندا، ئۆزىدىكى ئەڭ ئېسىل گۆھەرلەرنى ۋە دۇردانىلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇلاردىكى ئەڭ ئېسىل، ئەڭ قىممەتلىك شەيئىلەرنى ئالغان بولىمىز.

8.ئوقۇيمىز، چۈنكى ئوقۇش ئارقىلىق كائىناتتىكى ئاجايىباتلاردىن خەۋەردار بولىمىز ۋە بىز ئاڭلاپ باقمىغان، كۆرۈپ باقمىغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك بىلىملەرنى ۋە بەزى ھەقىقەتلەرنى بىلىۋالىمىز.

9. ئوقۇيمىز، چۈنكى ئىنساندىن باشقا جانلىقلار ئوقۇمايدۇ. شۇڭا بىز بۇ ئوقۇش ئارقىلىق ئىنسان بولۇپ يارىتىلغانلىق قەدىر  _ قىممىتىمىزنى تونۇيمىز.

10. ئوقۇيمىز، چۈنكى بىز «ئوقۇ» ئۇممىتىمىز، يەنى ئالدى بىلەن ئوقۇشقا ئەمر قىلىنغان پەيغەمبەرنىڭ ئۇممىتىمىز. شۇڭا بىز ئوقۇش ئارقىلىقلا ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىق شەرىپىمىزنى ۋە ھاياتلىقتىكى ۋەزىپىمىزنى تونۇيمىز.

كىتاب ئوقۇش ھەققىدە ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئېيتقانلىرى

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مۇتەپەككۇر ئالىم ئايىز ئەل قەرنى كىتاپ ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «ئەقىل ئوقۇشتىن توختاپ قالغىنىدا، ئۇنىڭ ئۆسۈشىمۇ توختايدۇ. قانچىلىك كۆپ ئوقۇسىڭىز ئەقلىڭىز شۇنچىلىك ئاشىدۇ. دۇنيادا شۇنداق ئىنسانلار باركى، يىللارنىڭ ئۆتۈشى، يېشىنىڭ چوڭىيىشى بىلەنمۇ ئۇلارنىڭ ئەقلى بىر خىل تۇرىدۇ، ئاشمايدۇ، ئۆسمەيدۇ. ئۇلار بىر قانچە يىلدىن كېيىنمۇ شۇ پېتى تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئوقۇشتىن توختاش بىلەن ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش ۋە چۈشىنىش قاناللىرى تاقىلىپ قالغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئەقلىمۇ بىر ئىزدا توختاپ قالغان. مۇنداقلاردىن بىرى 40 يىلدىن بىرى بىلىدىغان بىرەر كۇپلېت شېئىر ياكى بىرەر ھېكمەتلىك سۆزنى تەكرارلاپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ شۇنىڭدىن باشقا دەسمايىسى يوق.

ئوقۇش  _ مەرىپەتتۇر. مەرىپەت ھاياتلىقنى ئايدىڭلىتىدىغان چىراقتۇر».

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرى سەلمان ئەۋدە مۇنداق دەيدۇ: «كىتاب ئوقۇش باشقىلارنىڭ ئەقلىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە جاپاسىز بىر ساياھەتتۇر».

مىسىرلىق مەشھۇر شائىر ئەھمەد شەۋقىي بىر بەيتىدە مۇنداق دېگەن:

أنا من بدل بالكتب الصحابا

لم أجـد لي وافيـاُ إلا كتابا

تەرجىمىسى:

كىتاپقا تېگىشكەن ئادەممەن دوستلارنى،

چۈنكى مەن كۆرمىدىم ئۆزگە بىر ۋاپادارنى.

 كىتاب ئوقۇش ھەققىدە پەيلاسۇپلارنىڭ ئېيتقانلىرى

فرانسىيىلىك پەيلاسۇپ فرانسىس بىكۇن(1561  _ 1626Francis Bacon) مۇنداق دەپ يازغان ئىكەن: «كىتاب كىشىگە خوشاللىق، ساپا ۋە ئىقتىدار ئاتا قىلىدۇ. كىتاب ئوقۇشنىڭ لەززىتىنى يالغۇز قالغاندا، كىتاب ئوقۇش داۋامىدا يېتىلگەن ساپانى پاراڭ قىلغاندا، كىتاب ئوقۇشتىن كېلىدىغان ئىقتىدارنى بىر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئەڭ ئاسان كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بىلىمسىز، ئەمما تەجرىبىلىك كىشىلەر بەزى ئىشلارنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغا توغرا ھۆكۈم قىلالىشى ياكى بىر ئىشلارنى توغرا بىر تەرەپ قىلالىشى مۇمكىن. ئەمما ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئومۇمىي جەھەتتىن قوماندانلىق قىلىش سىستېمىلىق تەربىيە كۆرگەن ئادەمنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. كىتاب ئوقۇش ئادەمنى بىلىملىك قىلىدۇ، مۇنازىرە ئادەمنى چېچەن قىلسا، يېزىقچىلىق ئادەمگە ئەستايىدىللىقنى ئۆگىتىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم يېزىقچىلىقنى ياقتۇرمىسا، ئۇنداقتا ئۇ ناھايىتى كۈچەپ ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئەگەر بىر ئادەم كەمدىن  _ كەم مۇنازىرىگە قاتناشسا، ئۇ پىكىر تۇرغۇنلىقىدىن قۇتۇلالالمايدۇ. ئەگەر بىر ئادەم كىتابنى ئاز ئوقۇسا، ھىيلىگەر بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ  _ دە، بىلمىگەن نەرسىنى بىلىمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ.... تارىخ ئادەمنى چېچەن قىلسا، شېئىر ئادەمنى تەسەۋۋۇرغا باي قىلىدۇ. ماتېماتىكا ئادەمنى توغرىلىققا يېتەكلىسە، پەلسەپە ئادەمنى چوڭقۇر پىكىرگە ئۈندەيدۇ، ئېتىكا ئادەمنى دۇرۇس بولۇشقا ئۈندىسە، لوگىكا ۋە ئىستىلىستىكا ئادەمنى سۆزمەن قىلىدۇ. قىسقىسى، كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ خاسلىقىنى تاۋلايدۇ ۋە پىسخىكىدىكى ئاجىزلىقلىرىنى ئوڭشايدۇ».

ماكسىم گوركىي «كىتاب  _ بەخت ۋە قۇدرەتلىك ئىستىقبال يولىدا ئادىمىزات ياراتقان كەڭ، مۇرەككەپ مۆجىزىلەر ئىچىدىكى ئەڭ بۈيۈك مۆجىزىدۇر» دېگەن.

كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق دانالار ئېيتقانلىرى

كىتاب  _ ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل  _ پاراسەت خەزىنىسىنىڭ ئامبىرى. كىتاب ئارقىلىق ئادەمنى، دۇنيانى، ئۆزىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى دەۋردە بىر مىللەتنىڭ، بىر دۆلەتنىڭ، بىر ئادەمنىڭ كىتابقا تۇتقان پوزىتسىيەسى بىۋاسىتە ھالدا ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قانچىلىك كىتابقا ئېرىشكەنلىكى، قانداق سۈپەتتىكى كىتابقا ئېرىشكەنلىكى، كىتابقا قانداق پوزىتسىيە تۇتقانلىقى، كىتابتىن قانداق ئوزۇقلانغانلىقى، كىتابنى قانداق نوقتىئىنەزەر بىلەن ئوقۇغانلىقىمۇ ھەم شۇنداق.

كىتاب  _ ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئەقىل  _ پاراسىتى ۋە تارىخنىڭ ئەڭ ئىخچام ئامبىرى. شۇنداقلا ئۇ بىر ناھايىتى ئەرزان، شۇنداقلا قولاي، كىچىك بىر مەكتەپ.

كىتاب ئوقۇغاندا ئاپتورنىڭ ئوي  _ پىكرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىش

كىتاب ئوقۇغان ئادەم چوقۇم ئاپتورنىڭ ئوي  _ پىكرىنى چۈشىنىشكە ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە تىرىشىشى لازىم. بولمىسا، ئۇ كىتاب ئوقۇپ ھېچ نەرسىنى ئاڭقىرالماي قالىدۇ. ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر ئايال يازغۇچى، ئاڭ ئېقىمى پروزىچىلىقىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى ۋىرگىنە ۋۇلف(1882  _ 1941Virginia Woolf ) كىتاب ئوقۇش توغرىسىدا مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بىر نەرسىنى يېڭىدىن ئوقۇشقا كىرىشكەندە ھېسسىياتىڭىز بويىچە ئاپتورنى ئەيىبلەشكە ئالدىرىماڭ، ئەكسىچە ئاپتور بىلەن مۇڭدىشىپ ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. بولمىسا، سەلبىي پۇزىتىسىيىڭىز ۋە سالقىن مۇئامىلىڭىز تۈپەيلى ئوقۇغانلىرىڭىزدىن ھېچقانداق نەپ ئالالمايسىز. لېكىن بۇ دېگەنلىك ئۆزىڭىزگە خاس پىكىر قىلىش ئۇسۇلىڭىزنى كىتابقا يەم قىلىپ بېرىڭ دېگەنلىك ئەمەس».

كىتابنى ئوقۇشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىش

«ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى زۇلپىقار بارات ئۆزباش مەزكۇر كىتابىدا، كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ۋېيد كاتلېر(Wade Cutler)«ئوقۇش سۈرئىتىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇش»ناملىق ئەسىرىدە، كىتابلارنى بەتمۇبەت ۋاراقلاپ چىقىشنىڭ تۇرمۇش رېتىمى كۈنسايىن تىزلىشىۋاتقان ۋاقىتتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. بۇ دېگەنلىك قانداقلا بىر كىتابنى رەسمىي ئوقۇشتىن ئاۋۋال ئۇنى بەتمۇبەت ۋاراقلاپ تېمىلارغا، كىچىك ماۋزۇلارغا ئەستايىدىل كۆز يۈگۈرتۈش چەكلىك ۋاقىتتا چىقراق كىتاب ئوقۇش، ئىلمىي تەتقىقاتتا ماتېرىيال ئىزدەش خىيالىدا بولىۋاتقانلار ئۈچۈن تولىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ماۋزۇنىڭ ئادەمنى غىدىقلاش كۈچى بولىدۇ، تىز سۈرئەتتە بەت ۋاراقلاش ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇرىنى جانلاندۇرۇپ، كىتابنىڭ ئوقۇماسلىققا ياكى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشكە تېگىشلىك يەرلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

بەزى كىتابلارنى قايتا  _ قايتا ئوقۇش

دىنىي ۋە ئىلمىي كىتابلارنى چوقۇم قايتا  _ قايتا ئەستايىدىل ئوقۇش زۆرۈردۇر. چۈنكى بۇ خىل كىتابلارنى بىر  _ ئىككى قېتىم ئوقۇپ قويۇش بىلەن كۆزلىگەن پايدىنى ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنداق كىتابلاردا شەرىئەت ئەھكاملىرى ياكى ئىلمىي ھەقىقەتلەر سۆزلەنگەنلىكى ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئوقۇپ ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە ۋە مېڭىمىزگە سىڭدۈرۈشكە موھتاجمىز. ئانا ۋەتىنىمىزدە قەدىمدە بەزى مەدرىسىلەردە مۇھىم كىتابلارنى تالىبلارغا يادقا ئالدۇرۇپ ئوقۇتۇشقا تۈرتكە بولغان سەۋەب بۇ بولۇشى  مۇمكىن.

چۈشىنىپ ئوقۇش

دۇنيادا مەنىسىنى چۈشەنمىسىمۇ ئوقۇسا پايدىسى بولىدىغان بىرلا كىتاب بار. ئۇ بولسىمۇ قۇرئان كەرىمدۇر. قۇرئان كەرىم مەنىسىنى چۈشىنىپ ئوقۇپ، ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن مۇقەددەس كىتاب. ئەمما ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ئاللاھ تائالا ساۋاب ئاتا قىلىدۇ. بىراق مەنىسىنى چۈشەنمەستىن ئوقۇش بىلەن ئۇنى ئوقۇشتىن بولغان مەقسەت ئەمەلگە ئاشمايدۇ. قۇرئان كەرىمدىن باشقا قانداق ئۇلۇغ كىتاب بولۇپ كەتمىسۇن، ئوقۇغانغا ساۋاب يوق، پەقەت ئەمەل قىلغانغىلا ساۋاب بېرىلىدۇ. تەۋرات، ئىنجىللارنى ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئوقۇغانغا ساۋاب بېرىش ۋەدە قىلىنمىغان، پەقەت ئەمەل قىلغانغىلا ساۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغان.

كىتابنى چۈشىنىپ ئوقۇمىغاندا، ئۇنى ئوقۇغاندىن نەپ ئالغىلى بولمايدۇ. بۇ خۇددى دىققەت  _ ئېتىبارىنى بەرمەستىن بىرەر فىلىمنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى چۈشىنەلمىگەندەكلا بىر ئىش.

كىتابنى تاللاپ ئوقۇش

بىز ئۇچۇر ھەر تەرەپتىن بىزنى قورشىۋالغان بىر دەۋردە ياشىۋاتىمىز. رادىئو، تېلېۋىزور، ئېنتېرنېت، ئانتىنا، يانفون قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بولۇپ، زامانىمىزدا ئېنتېرنېتنىڭ خىزمىتى ئالاھىدە بولماقتا. ئۆيىمىزدە ئولتۇرۇپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۇتۇبخانىلارنى ئايلىنىپ چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ قالدۇق. ئوقۇيدىغان كىتاب  _ ماتېرىياللار ئىنتايىن كۆپ. بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىمەن دېسەكمۇ ئوقۇپ بولالمايمىز. ھەممىسىنى ئوقۇش لازىممۇ ئەمەس. شۇڭا بىز ئوقۇيدىغان كىتابلارنى تاللاپ ئۆزىمىزگە پايدىلىق ۋە كېرەك بولغانلىرىنى ئوقۇشىمىز لازىم.

مۇسۇلمان ئادەم ئۆزى زېرەك ۋە ئىشلىرى رەتلىك ھەم پىلانلىق بولۇشى  كېرەك. دىن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىلىق بولغان كىتابلارنى ئوقۇش ۋە ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش كېرەك. زىيانلىق كىتابلارنى بولۇپمۇ ئىسلام ئەقىدىسىگە، ئىسلامى گۈزەل ئەخلاق  _ پەزىلەت ئۆلچىمىگە زىت كېلىدىغان كىتابلارنى ئوقۇماسلىق لازىم.

ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010  _ يىلى5  _ سانىدا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «كىتابنى تاللاپ ئوقۇش كېرەك. ناۋادا سىز تېخى تۇرمۇش قاينىمىغا ئەمدىلا شۇڭغىغان ياش بولسىڭىز، ئېھتىمال تۇرمۇش ھەم قىزغىن مۇھەببەت ۋەقەلىكلىرى تەسۋىرلەنگەن، ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان كىتاپلارنى ياقتۇرۇشىڭىز مۇمكىن. ناۋادا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياكى پۈتتۈرگەن ئىسىتۇدېنت بولسىڭىز مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى ياقتۇرۇپ كۆرۈشىڭىز ئېنىق.

ئەمدى مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭ. تۇرمۇش ۋەقەلىكلىرى بىلەن تولغان ھېكايە–رومانلار ئاساسەن توقۇلما قىلىنغان ۋەقەلىك بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەدەبىي دىتى بىلەن تۇرمۇش بىرلەشتۈرۈلۈپ بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن، كىشى قەلبىنى لال قىلىدىغان دەرىجىگە يەتكەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇنى ھىچكىم ئۆز تۇرمۇشىغا تەدبىقلىيالمايدۇ، كىتاپ ۋەقەلىكلىرىدىكى بۇنداق ئىش تۇرمۇشتىمۇ ھەم كۆرۈلمەيدۇ ياكى بىر ئۆزگەرمەس پىرىنسىپ بولمايدۇ. ئۇ پەقەت سىزگە تۇرمۇشنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىرەسمى ئېيتىپ بېرىدۇ، خالاس.

مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق ئەسەرلىرى سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىزگە توغرا يولنى تېپىۋىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. لېكىن، سىز بۇ خىل ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقىغانسىرى قانداق قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىسىز. نىشانىڭىزغا يىتىش يوللىرىنىڭ كۆپلىكى سىزنى قايسىنى تاللاشنى بىلەلمەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ھەتتا بەزى كىتابلاردىكى بىر قىسىم قاراشلار توغرا بولسا يەنە بىر كىتاپلاردا شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئىنكار قىلىنىدۇ. قىسقىسى، بۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ تەجىرىبە  _ ساۋاقلىرى بولۇپ، باشقا كىشىلەرگە تامامەن ماس كەلمەيدۇ».

قانداق قىلغاندا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟

 كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئىستراتېگىيىلىك پىلان بىلەن ھەرىكەت قىلىش لازىم. مەسىلەن: جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەر بىرى ئۆزىنىڭ ساھەسى دائىرىسىدىكى كىشىلەر بىلەن كىتاب ئوقۇشتا بەسلىشىشى، ئۆز ئارىسىدا كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش ۋە مۇكاپاتلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى، ئايلىق كىتاب ئوقۇش ۋەزىپىسى قويۇش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارغانغا، ئىدارىدىكى كادىر، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى، مەھەللىدىكى ھۈنەرۋەن، بازاردىكى سودىگەر، مەسچىتتىكى جامائەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر قاتلىمىدىكى كىشىلەر ئۆز ئارىسىدا كىتاب ئوقۇشنى قانات يايدۇرغىنىغا ئوخشاش.

كىشىلەر ئۆزلىرى ئارىلىشىدىغان ئادەملىرى بىلەن ئولتۇرغان سورۇنلىرىدا ئۆزلىرى ئوقۇپ چىققان كىتابلىرى ھەققىدە پاراڭلارنى سېلىش ئارقىلىقمۇ باشقىلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرالايدۇ. شۇنىڭدەك، ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆزى قىزىقىدىغان ماۋزۇلاردا پاراڭ قىلىپ بېرىش ۋە بۇ ماۋزۇدا ئېرىشكەن مەلۇماتلىرىنى پالانى كىتابتىن ئوقۇغانلىقىنى ئەسكەرتىسمۇ ئۇنى كىتاب ئوقۇشقا ۋە ئىزدىنىشكە قىزىقتۇرغانلىق بولىدۇ.

جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ساھەسىدىكى كىشىلەر بىلەن كىتاب ئوقۇش سەپەرۋەرلىكىنى قوزغاپ، كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىلىرىنى سۆزلەپ، ئۇلارنى كىتاب ئوقۇشقا كۈچلۈك تەرغىب قىلىش بىلەنمۇ كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىگىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇرلار كىتابنى سۆيىدىغان خەلق ئەمەسمىدى؟

ھازىرقى شارائىتتا بىز ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئەڭ ئاز كىتاب ئوقۇيدىغانلار مىللەتلەر قاتارىغا كىرىپ قالغان بولۇشى مىز مۇمكىن. ئانا ۋەتەندىكى كۇتۇبخانىلاردىكى ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ كۆپرەك توپا بېسىپ تۇرۇپ قالىدىغانلىقى، ئەمما خەنزۇچە كىتابلارنىڭ كۆپرەك سېتىلىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرنىڭ يۇرتىدا ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ تراژى خەنزۇچە كىتابلارنىڭكىدىن ھەر زامان ئاز ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بۇ دېگەنلىرىمىزنى كۈچلەندۈرىدۇ.

بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن كىتابنى ئۇلۇغلايدىغان ۋە كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان خەلق. ئۆتمۈشلەردە كىتابلارنى باسىدىغان باسمىخانىلار بارلىققا كەلمىگەنلىكتىن، كىتابلارنى مەخسۇس پۈتۈكچىلەر قىممەت پۇلغا كۆچۈرۈپ چىقىدىكەن. بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىمىزدا بولسا، كىتاب ئىنتايىن قىس بولغانلىقتىن، پۈتۈكچىلەر بىرەر كىتابنى كۆچۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن كىتاب چوڭراق بولسا، بىرەر كالا، ئەگەر كىتابنىڭ ھەجمى كىچىكرەك بولسا، بىرەر قوي ئالىدىكەنمىش. ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ئۆيىدە كىتاب ساقلاشنى مۇھىم بىر ئەنئەنە دەپ تونۇغانلىقتىن، كىتاب ئوقۇشنى بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان ھەر كىم ئۆيىنىڭ تۇرىسىدا كىتاب ساقلايدىكەن. ساۋادى بارلار بۇ كىتابلارنى ئۆزلىرى ئوقۇيدىكەن، ساۋادى يوقلىرى ئوقۇشنى بىلىدىغانلارغا ئوقۇتىدىكەن. بىرەر ساۋاتسىز ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە بىرەر ئالىم ياكى ھېچ بولمىغاندا كىتاب ئوقۇشنى بىلىدىغان بىرەر مېھمان كېلىپ قالغىنىدا، ئۆيىدىكى كىتابنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئوقۇتۇپ پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى تىڭشايدىكەن. بۇ ياخشى ئادەت ئۇيغۇرلاردا ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابنى سۆيىدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى شۇكى، ئۇيغۇر خەلقى ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىمنى بەكمۇ ئۇلۇغلايدۇ. ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدىن يوق دېگەندە بىرەر دانىدىن قۇرئان كەرىم چىقماي قالمايدۇ. قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلىرىمۇ ئۇنى ئۆيىنىڭ ئىگىز يېرىدە ساقلايدۇ. ھەر قېتىم ئۇنى ئالغىنىدا، تاھارەت بىلەن ئىككى قوللاپ سىلىق ئالىدۇ. ئوقۇپ بولۇپ يەنە ئىككى قوللاپ، ھۆرمەت بىلەن ئۆز جايىغا ئېلىپ قويىدۇ. ئۇيغۇرلار قۇرئاننى قاتتىق ھۆرمەت قىلغانلىقتىن كۆكسىىنىڭ يۇقىرىسىدا تۇتۇپ ئوقۇيدۇ، ئۇنى ھەرگىز يەردە قويمايدۇ. قۇرئاننى تىڭشىغاندا جىم ئولتۇرۇپ، ھۆرمەتتىن بېشىنى ئىگىپ تۇرۇپ تىڭشايدۇ.

كىتاب سوۋغا قىلىش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىدىن بىرىدۇر

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ مەدەنىيەتلىك بىر خەلق بولغان. ئۇلاردا ھەر خىل سوۋغىلار بولغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كىتاب سوۋغا قىلىش ئادىتى ئەڭ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ئەنئەنىلەرنىڭ بىرى ئىدى. مانا بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابنى قەدىرلەيدىغانلىقىنىڭ بىر دەلىلى. كىتابنى قەدىرلەش مەدەنىيلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي«تۈركىي تىللار دىۋانى»نى يېزىپ بولۇپ، ئۆز دەۋرىدىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلىپىسى ئەبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرىللاھقا سوۋغا قىلغانلىقىنى كىتابىنىڭ بېشىدا تەنتەنە بىلەن جاكارلىغان. قەدىمقى دەۋردە شەرق دۇنياسىدا كىتاب يېزىپ، شاھلارغا، بەگلەرگە تەقدىم قىلىش، ھەتتا كىتابنى بەگلەرنىڭ نامىدا ئاتاش خېلى ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان ئىكەن. ئۆز دەۋرىدىكى مەرىپەتلىك پادىشاھلار مال  _ دۇنياغا نىسبەتەن يەنىلا مەنىۋى سوۋغا  _ كىتابنى ئەزىز بىلەتتىكەن. چۈنكى كىتاب مەڭگۈلۈك يادىكار بولۇپ قالاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب تەقدىم قىلىش ئادىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئەڭ يۈكسەك پەللىگە يەتكۈزگەن ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىب ئۆمۈرلۈك توپلىغان ئىلغار بىلىم جۇغلانمىلىرىنى 18 ئايلىق مېھنەتلىك ئەمگەك ئارقىلىق قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈپ، ئۇنى«قۇتادغۇبىلىك»دەپ ئاتاپ، ئۆز دەۋرىدىكى قاخانىيلارنىڭ ھۆكۈمرانى ھەسەن بۇغراخانغا سوۋغا قىلغان ئىدى. بۇ ئىككى ئالىم باشلاپ بەرگەن كىتاب سوۋغا قىلىش ئەنئەنىسى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا مىراس قېلىپ، نەچچە مىڭلىغان ئېسىل كىتابلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە مەنىۋى تۈرتكە ۋە ئۈلگە بولغان. «تارىخى رەشىدى»نىڭ ئاپتورى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆراگان كىتابىنى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ شۇ دەۋردىكى خانى سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ نامىدا يېزىپ، ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان. ئەلىشىر ناۋائىي ئۆزىنىڭ خېلى كۆپ ئەسەرلىرىنى ھۈسەين مىرزا ساھىبقىراننىڭ نامىغا يېزىپ، ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان. ئابدۇراھمان جامى ئۆزىنىڭ «باھارىستان» ناملىق كىتابىنى سۇلتان ساھىبقىران ھۈسەين بايقارانىڭ نامىدا يېزىپ، ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان ئىكەن. (يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ «قائىدە  _ يوسۇنلىرىمىز»ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى. «قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى» نەشر قىلغان).

كىتابنى ھەتتا ئۆزىنىڭ بالىسىدىن ئەزىز بىلگەن ئۇيغۇر خەلقى كىتاب يېزىشنى مەڭگۈلۈك قىسمەت دەپ قارىغان. بىرىگە بىرەر كىتابنى سوۋغا قىلىشنىڭ ئۈزۈلمەس ساۋاب  _ سەدىقە جارى قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەنگەن خەلقىمىز كىتاب سوۋغا قىلىشنى مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. بۇ ئېسىل ئەنئەنىنى داۋام قىلدۇرۇش ھازىرقى ئەۋلادلارنىڭ بۇرچىدۇر.

قانداق بولۇپ ھازىرقى ئۇيغۇرلار كىتابنى ئاز ئوقۇيدىغان بولۇپ قالدى؟

ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابنى ئاز ئوقۇيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرگەن لەنىتى«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىن ئىبارەت مەدەنىيەتنى، ئاسار  _ ئەتىقىلەرنى ۋە مىللەتنىڭ قىممەتلىك يادىكارلىقلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان تەتۈر قۇيۇننىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان پالاكەتلىرى بولۇشى  مۇمكىن. چۈنكى ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلغانلار ئۇلارنى كىتابتىن يىراق قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردىكى مىللىي ۋە دىنىي روھنى يوق قىلىپ، ئۇلارنى نادان قالدۇرۇپ ئىدارە قىلىش پىلانى بويىچە ئىش كۆرگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ تۇنجى نىشانى بىزنى ئالىملىرىمىز بىلەن كىتابلىرىمىزدىن ئايرىۋېتىش بولدى. ئالىملىرىمىز تۈرمىلەردە نابۇت بولدى، كىتابلىرىمىز كۆيدۈرۈلۈپ كۈل بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن ۋاقىت بىزنى كىتابتىن ئايرىۋەتتى. بۇ ئارىلىقتا دۇنياغا كەلگەن نەسىللەر كىتابتىن يىراق ھالدا ئۆسۈپ يېتىلدى. بالىلارنىڭ تۇنجى مۇئەللىملىرى بولغان ئاتا  _ ئانىلار ئۆزلىرىمۇ بىلىمسىز ۋە كىتابتىن يىراق بولغانلىقتىن، بۇ ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلارمۇ بىلىمسىز، ئاڭسىز ۋە كىتابتىن يىراق بولۇپ يېتىلدى.

قانداق قىلغاندا بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرگىلى بولىدۇ؟

كىتابتىن يىراقلىشىپ قالغان مۇنداق بىر مىللەتنى كىتاب سۆيىدىغان، كىتاب ئوقۇشتىن ھۇزۇر  _ ھالاۋەت ئالىدىغان ۋە كىتابنى ئەڭ ئايرىلماس ھەمراھىم دەپ تونۇيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىش ئۈچۈن بىر ئەۋلادنىڭ ئالمىشىشى ۋە بۇ ئەۋلادنىڭ كىچىكىدىنلا كىتاب سۆيەرلەردىن قىلىپ تەربىيىلىنىشى شەرت. بالىلارنىڭ روھى كىتاب بىلەن باغلانغان ھالدا دۇنيانى كۆزىتىدىغان بولۇپ يېتىلىشى لازىم.

  _ 1976يىلى 1  _ ئايدا نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرشكەن 75 كىشى پارىژغا جەم بولغان. ئۇلارنىڭ بىرى سىز قايسى ئالىي مەكتەپتە ۋە قايسى تەجرىبەخانىدا ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان نەرسىلەرنى ئۆگەندىڭىز؟ دەپ سورالغىنىدا، چاچلىرى قاردەك ئاقارغان بۇ ئالىم: «بالىلار باغچىسىدا» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئاندىن ئۇنىڭدىن «بالىلار باغچىسىدا نېمىلەرنى ئۆگەندىڭىز؟» دەپ سورىغاندا ئۇ: «ئۆزۈمنىڭ بىر قىسىم نەرسىلىرىنى دوستلىرىمىغا بېرىشنى، ئۆزۈمگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسىلەرنى ئالماسلىقنى، نەرسە – كېرەكلەرنى رەتلىك قويۇشنى، تاماق يېيىشتىن ئاۋۋال قول يۇيۇشنى، خاتا ئىش قىلىپ قويغاندا ئەپۇ سوراشنى، قىسقىسى، نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىقنى ئۆگەندىم» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ جاۋابى بۇ يەرگە جەم بولغان ئالىملارنىڭ ئورتاق قارىشى بولۇپ چىققان.

 بۇ قىسسە بىزگە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئىشنى كىچىكىدىن باشلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، يەنە بىر تەرەپتىن نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىققا كىچىكىدىن باشلاپ ئادەتلىنىشنىڭ لازىمىلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا بالىلاردا كىچىىدىن باشلاپلا ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش بەكمۇ زۆرۈر.

 ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بىز بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپلا كىتابنى ياخشى كۆرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرمەيمىز؟ بۇ شۇنچىلىك قىيىنمۇ؟

ياخشى كۆرۈش دېگەن تۇغما بولمايدۇ. ئۇ پەقەت تەربىيە ۋە مۇھىتنىڭ نەتىجىسى. ئاتا  _ ئانا بولغۇچىنىڭ بالىلىرىنى ياخشى ئادەتلەرگە كۆندۈرۈشى ئۇلارنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان ۋەزىپىسىدۇر. بالىلاردا كىتابنى ياخشى كۆرۈش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، دىن ۋە مىللەتنىڭ ئىشىغا ياراملىق ئادەملەردىن بولۇپ چىقىشىنىڭ ئاساسىدۇر.

 تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرى بالىلارنى كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

1. بالىلارنىڭ كۆزى ئەڭ دەسلەپ كىتابقا ئېچىلىشى، ئاتا  _ ئانىسىنىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى ۋە كىتابقا زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چوڭ بولۇشى  ناھايىتى مۇھىمدۇر. چۈنكى بالىلار ھەر ئىشتا ئاتا  _ ئانىسىدىن ئۆرنەك ئالىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ئۆيدە ھەمىشە كىتاب ئوقۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرىشى ۋە شۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولۇشى  ئۇلارنىڭ كىتابنى سۆيىدىغان، كىتاب ئوقۇشنى كۈندىلىك ئىش  _ ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قىلىپ يېتىلىشى ئۈچۈن شەرت  _ شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. قىسقىسى، ئاتا  _ ئانا كىتاب ئوقۇشتا بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى  لازىم.

2. بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈش، كىتابتىن ھۇزۇر  _ ھالاۋەت ئېلىشقا كۆندۈرۈش ئىشى ئۇلارنىڭ ئالدىدا كىتابنى ئېچىپ، قىزىقارلىق ھېكايە ۋە قىسسىلەردىن ئۇلارغا جاراڭلىق ئاۋازدا ئوقۇش بېرىش بىلەن باشلىنىدۇ. ئاندىن كىتابتىن چۈشەنگەنلىرىنى سوراش ۋە شەرھلەپ بېرىش، ئاندىن ئاستا  _ ئاستا ئۇلارنى ئوقۇتۇپ تىڭشاش كېلىدۇ. ئەمما ئاتا  _ ئانىلار بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئەھمىيەت بەرمەستىن، ئۆزلىرى خالىغان كىتابلارنى ئولارغا زورلاپ تاڭماسلىقى لازىم. چۈنكى مۇنداق قىلىش بالىلاردا ئەكسى تەسىر قوزغاپ، ئۇلاردا كىتاب ئوقۇشتىن نەپرەتلىنىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بالىلارغا كىتابنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇپ بېرىشنىڭ بالىلاردا ئوقۇشقا ۋە ئۆگىنىشكە بولغان رىغبىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

3. ئاتا  _ ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ھەر كۈنى بىر قانچە مىنۇت بولوسىمۇ كىتاب ئوقۇپ بېرىشى زۆرۈردۇر. خۇسۇسەن، كىچىك بالىلارغا ئاخشىمى ياتىدىغان ۋاقتىدا بېشىدا ئولتۇرۇپ بىر قانچە مىنۇت بولسىمۇ كىتاب ئوقۇپ بېرىش لازىم. بۇنى ئاتا بىلەن ئانا ھەر كۈنى نۆۋەتلىشىپ قىلسىمۇ بولىدۇ. ئەمما ئۈزمەستىن قىلىش لازىم.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئاتا  _ ئانىلار بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئويۇنلارغا بولغان ئېھىتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارغا ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان ۋە ياقتۇرۇپ تىڭشايدىغان كىتابلىرىدىن ئازراقتىن ئوقۇپ بېرىشى لازىم. ئاز بولسىمۇ ھەر كۈنى ئۈزمەستىن كىتاپ ئوقۇپ بېرىش بالىلاردا كىتاب ئوقۇشقا بولغان ھېرىسمەنلىكنى پايدا قىلىدۇ. بالىلارغا ئۇلار 11 ياشقا كىرگەنگە قەدەر ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بەك ياخشى كىتاب بولمىسىمۇ ياكى ئوقۇپ بولغان كىتاب بالىلار قىزىققا بولسا، ئۇنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىش لازىم. بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش جەريانىدا، بالىلار زېرىكىپلا قالمىغان بولسا، ئاتا  _ ئانا چارچاپ قالسىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇپ بېرىشنى داۋام قىلدۇرىشى لازىم.

4. بالىلارنىڭ ياتاقلىرىدا ھېكايە ۋە قىسسىلەردىن بولغان ھەر خىل كىتابلارنى ھازىرلاپ بېرىش لازىم. بالىلار ئۇيقۇغا بارغىنىدا ۋە ئۇيقۇدىن تۇرغىنىدا ھەمىشە كىتابلارنى كۆرۈپ تۇرسا، كىتابنىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ھالدا چوڭ بولىدۇ. نەتىجىدە، كىتابقا ۋە كىتاب ئوقۇشقا مۇھەببىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئىمكانىيەت بولسا، بالىلارغا ئۆينىڭ ئىچىدە كىچىك بىر كۇتۇبخانا قىلىپ، ئۇنى چىرايلىق بېزەپ بېرىش كېرەك.

5. بالىلارنى كىتابخانىلارغا، كىتاب يەرمەنكىلىرىگە ئېلىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ كۆزى چىرايلىق كۆرۈنگەن ۋە ئۇلار تاللىغان كىتابلاردىن ئۇلارغا ئېلىپ بېرىش لازىم. بالىلار بىلەن كىتاب سېتىۋېلىشتا كىتابنىڭ شەكلى، رەسىملىرى ۋە رەڭگى چىرايلىق، جەلب قىلارلىق بولغانلىرىنى تاللاش، ھەر بىر كىتابنى تاللاشتا ئاپتورنىنىڭ، نەشىر قىلغان ئورۇننىڭ ئىسمىنى ئوقۇش، كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىگە ۋە بەزى بۆلۈملىرىگە تىز  _ تىز كۆز يۈگۈرتۈش، كىتابتا نېمىلەرنىڭ سۆزلىنىدىغانلىقىنى بىلىش زۆرۈردۇر. بۇ ئۇسۇل بالىلارغا كىتاب سېتىپ ئېلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىملىقىنى ئۆگىتىدۇ.

6. بالىلارغا ئوقۇپ بېرىدىغان ۋە ئۇلارنى ئوقۇتىدىغان ھېكايە ۋە قىسسە كىتابلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ يېشىغا مۇناسىب ھالدا چۈشىنىشلىك ۋە تەربىيە خاراكتېرلىك كىتابلاردىن بولۇشى  شەرت.

7. ھېيت  _ ئايەملەردە، بايرام كۈنلىرىدە، بالىلار دىپلوم ئالغان كۈنلەردە ياكى قانداقلا بىر مۇناسىۋەتنى پۇرسەت بىلىپ، بالىلارغا ئۇلار ياقتۇرىدىغان ۋە خوش بولىدىغان كىتابلارنى ھەدىيە قىلىش. مۇنداق قىلىش بالىلارغا كىتابنى سۆيدۈرىدۇ ۋە كىتابنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

8. بالىلارنىڭ ياتىقىغا ھەرگىز تېلېۋىزور قويۇپ بەرمەسلىك لازىم. مۇنداق قىلىش بالىلارنى كىتاب ئوقۇشتىن سوغۇتۇپ، تېلېۋىزور بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە كۆندۈرۈپ قويىدۇ.

9. ماشىندا كىتاب ۋە ژۇرناللاردىن خالى قىلماسلىق، بالىلار بىلەن ئۇزۇنراق يول يۈرگەندە ئۇلارنى ئوقۇشقا تەشەببۇس قىلىش ياخشى ئادەت بولۇپ، بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈشنىڭ چارلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

10. بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئايلىق ياكى ھەپتىلىك كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىپ، بىر ئاي ياكى بىر ھەپتە ئىچىدە كىم كۆپ كىتاب ئوقۇغان بولسا، ئۇنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسە بىلەن مۇكاپاتلاش ئادىتىنى يولغا قويۇشمۇ بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىتۇرۇشنىڭ چارلىرىدىن بىرى سانىلىدۇ.

قانداق قىلغاندا پەرزەنتلىرىمىزدە كىتاب ئوقۇش ھەۋىسىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟

  دوكتور ئابدۇلكەرىم بەككار  «قانداق قىلغاندا پەرزەنتلىرىمىزدە كىتاب ئوقۇش ھەۋىسىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟» دېگەن ماقالىسىدا مۇنداق دەپ يازغان:

«مەن بۇ يەردە يېتىلدۈرۈلگەن ھەۋەس  _ كىتاب ئۇقۇش ھەۋىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە مىساللارنى كەلتۈرمەكچىمەن.

كىشىلەر: باشقىلار بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولغان چاغلىرىدا ئۇلارنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقى ياكى نېمىگە ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز. لېكىن ئۇلارغا بوش ۋاقىت يارىتىپ بەرسىڭىز ياكى ئۇنى بىر ئىش ئۈچۈن ساقلاتسىڭىز، ئاندىن ئۇلارنىڭ نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقىنى ۋە نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز دەيدۇ. بۇ ھەقىقەتەن توغرا بىر يەكۈندۇر.

مەن بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا تۆت   _ بەش سائەت ساقلاش جەريانىدا ئىنساننىڭ نېمىگە بەكراق قىزىقىدىغانلىقى ياكى نېمىگە بەكراق ھەۋەس قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم.

مەن بىر قانچە قېتىم بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا ساقلاپ ئولتۇرۇپ قېلىپ باشقا مىللەتلەرگە دىققەت قىلىپ قالدىم. قارىسام، ياۋرۇپالىقلارنىڭ يېنىدا كىتاب ياكى قول كومپىيوتىرسى بولىدىكەن. ئۇلار زېرىكىشلىك ۋە ئىچ سىقىلىش بىلەن ئۆتىدىغان بوش ۋاقىتلىرىنى كىتاب ئۇقۇش ياكى قول كومپىيوتىرسىدا بىر ئىش ئارقىلىق ئۆتكۈزىدىكەن.

ئەمما تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتىكىلەر بولسا، ئورۇندۇقلاردا ئۆرە ئولتۇرۇپ ئۇخلاش، چاي  _ قەھۋە ئىچىش، ئالدىدىن ئۆتكەن   _ كەچكەنلەرگە قاراپ ئولتۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن.

ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق تۇغۇلما گىن مىراس پەرقى بولماستىن، بەلكى تەربىيە، ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە مۇھىت پەرقىدۇر.

ئەگەر كىچىك بالىلاردا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ياكى كىتاب ئۇقۇش ھەۋىسىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىدىغان بولساق، بۇنىڭ بىر قانچە يوللىرى بولۇپ، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن تۆۋەندىكى بىر قانچە مۇھىم ئامىللارنى زىكىر قىلىپ ئۆتىمەن:

1. بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈدىغان ئائىلە

بالىنىڭ خاراكتېرىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر، ئۇنىڭ دەسلەپكى6 يېشىدىلا بەلگىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلاردا قىزىقىش ۋە ھەۋەسنىڭ يېتىلىشىدە ئاتا  _ ئانىلار ئالاھىدە رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئۇ قىزىقىشلاردىن بىرى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىدۇر. چۈنكى ئاتا  _ ئانىلار، بالىلارنىڭ ئالدىدىكى تاللاشلاردىن بىرىنى تاللاپ بىرىدۇر. يەنى بالىلارنىڭ قەلبىنى رەسىم سىزىش ۋە كىتاب ئوقۇشقا مايىل قىلىشقا تىرىشىدۇ ياكى بالىلارنىڭ ئەركىن  _ ئازادە كوچىلارغا چىقىپ ئوينىشى، پايدىسىز ئويۇنلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا  _ ئانىلارنىڭ بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرشكە كۆڭۈل بۆلۈشى، بالىلاردا كىتاب ئوقۇش ھەۋىسىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇر.

2. كىتاب ئوقۇيدىغان ئائىلە

كىتاب ئوقۇيدىغان ئائىلە دېگەنلىك، تەربىيىلىك ياكى بىلىملىك ئائىلە دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئەزالىرى ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇيدىغان ئائىلە دېگەنلىك بولۇپ، ئۆيدىكى بالا بىر تەرەپكە قارىسا دادىسىنىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپكە قارىسا ئۇكىسىنىڭ رەسىم سىزىۋاتقانلىقىنى، يەنە باشقا بىر تەرەپتە بولسا ئانىسى مەكتەپنىڭ دەرسىنى چۈشنەلمىگەن قېرىندىشىنىڭ دەرسنى چۈشەندۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرىدىغان بىر ئائىلە دېمەكتۇر.

بالىنىڭ ئۆيدە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى كۆرۈپ يېتىلىشى، بالىنىڭ قەلبىدە كىتاب، قەغەز  _ قەلەم بىلەن ئۆتكەن ھايات، ھەقىقىي تەبىئىي ھايات ئىكەن، دېگەن ئىشەنچىنى تۇرغۇزىدۇ.

ئامېرىكىدىكى بىر ئاتا  _ ئانىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن كىچىك بالىلاردىكى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتقا كۆرە: كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ياكى كىتابقا قىزىقمايدىغان يۈزدە 82% بالىلار، ئەسلىدە ئاتا   _ ئانىلىرى تەرىپىدىن كىتاب ئۇقۇشقا قىزىقتۇرۇلمىغان بالىلار ئىكەن.

شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇشتىن مەقسەت، كىتاب ئوقۇشقا ھەيدەش بىلەن ئەمەس، بەلكى كىچىكلەر چوڭلارغا ئەگىشىدىغان شەرت  _ شارائىت ھازىرلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاتا  _ ئانىلار، كىتاب ئوقۇمايدىكەنمىز، بالىلىرىمىزمۇ كىتاب ئوقۇمايدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ، دەپ يەكۈن چىقىرىشىمىز مۇمكىن.

3. ئائىلە كۇتۇپخانىسى

غەربلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرسىڭىز، كۆپىنچىسىنىڭ ئۆيىنىڭ بىر تەرىپىدە كۈتۈپخانا كۆرىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن غەرب ئەللىرىنىڭ بالىلىرى كىتابقا ۋە كىتاب ئوقۇيدىغان شەخسلەرگە كۆنۈك ياكى ئادەتلەنگەن ھالدا چوڭ بولىدۇ.

ئەمما بىزنىڭ كۆپىنچىمىزنىڭ ئۆيلىرى كىتابخانىدىن خالىي، بەزى ئۆيلەردە كىتابخانا بولسىمۇ، ئۇ كىتابلار ئوقۇپ پايدىلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى موزىيخانىغا ئوخشاش زىننەت ئۈچۈن تىزىلغان.

ئەمەلىيەتتە بىزدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى، ھەر بىر ئائىلىدە، چوڭ كىچىك پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىغا ماس كىلىدىغان، ئۇلارغا روھىي ئۇزۇق بېغىشلايدىغان بىر كىتابخانا بولۇشى ۋە ئۇ كۇتۇپخانىنىڭ كىتابلىرى پات  _ پات يىڭىلىنىپ تۇرۇشىدۇر.

 4. ئېلىكترونلۇق تېخنىكا مۇلازىماتلىرىدىن رەتلىك پايدىلىنى

تېلېۋىزور، ئىنتېرنېت، تېلېفۇن ۋە ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇق قاتارلىق نەرسىلەر، يېتىلىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ زېھنىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، زىھنىنىڭ كۆپرەكىنى يوقىلاڭ پايدىسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىدىغانلىقى نامايان بولۇشقا باشلىدى. بۇ مۇستەھكەم تەربىيىلىنىشكە توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.

شۇڭا، ئاتا  _ ئانىلار، كىتاب بىلەن ئېلىكترونلۇق مۇلازىمەتلەرنىڭ رىقابەتكە چۈشۈپ قېلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى كىتاب بىلەن ئېلىكترونلۇق مۇلازىمەتلەر رىقابەتكە چۈشۈپ قالسا چوقۇمكى كىتاب مەغلۇب بولىدۇ. كىتابنىڭ ئېلىكترونلۇق مۇلازىمەتلەر ئالدىدا مەغلۇپ بولماسلىقى ئۈچۈن، ئاتا   _ ئانىلار بالىلارنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېۋىزور ئالدىدا ھەر كۈنى بىر ئىككى سائەتتىن زىيادە ئولتۇرۇشقا يول قويماسلىقى لازىم.

شۇنداق قىلغاندىلا، بالىلىرىمىز چۆچەك ۋە تارىخىي كىتابلارنى ئوقۇشقا يۈزلىنىپ ئاستا  _ ئاستا كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق كۆڭلى ئېچىلىدىغان، كىتاب ئۇقۇش ئارقىلىق قەلبى ھۇزۇر تېپىپ كىتابنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ.

ئاتا  _ ئانىلار. بىز قاچانىكى بالىلىرىمىزنى مۇكەممەل تەربىيىلەش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ۋەزىپىسىنى تۇلۇق ئادا قىلىدىكەنمىز، ئۇلارنىڭ يېمەك  _ ئىچمىكى ۋە كىيىم كىچىكى قانداق مۇھىم بولسا، روھىي ئۇزۇقىنىڭمۇ شۇنداق مۇھىملىقىنى بىلىدىكەنمىز، بالىلىرىمىزدا كىتاب ئۇقۇش قىزغىنلىقى ھاسىل بولۇپ ياراملىق ئادام بولۇشنىڭ تۈنجى قەدەملىرى بېسىلغان بولىدۇ».

مۇھەممەت يۈسۈپ

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار