
ساغلاملىق
مۇھەممەد يۈسۈپ
)وَنُنَزِّلُ مِنَ الْقُرْآَنِ مَا هُوَ شِفَاءٌ وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ( «بىز قۇرئاندىن مۇئمىنلەرگە شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان ئايەتلەرنى نازىل قىلىمىز.» يەنى «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى دىللارغا ھىدايەت ۋە شىپا، مۇئمىنلەر ئۈچۈن رەھمەت ۋە ياخشىلىقتۇر. ئۇ بەندىنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋاسىتە بولۇپلا قالماي، يەنە ھەرقانداق مەنىۋى كېسەللىكلەرگە شىپادۇر. ئايەتتىكى «شىپا» ھەرقانداق جىسمانىي ۋە مەنىۋى كېسەللىكلەرگە بولىدىغان شىپانى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى «قۇرئان كەرىم» ھەرقانداق كېسەلگە شىپا بولىدىغان بولۇپ ، ئۇ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىدىغان ۋە شەخسلەرنىڭ دەردلىرىگە دەرمان، مۇئمىنلەرگە رەھمەت بولىدىغان ئۇلۇغ كىتابتۇر. قىسقىسى، قۇرئان كەرىم ساغلاملىق دەستۇرىدۇر.
ساغلاملىقنى بەدەننىڭ كېسەلدىن ساق بولۇشى دەپلا چۈشىنىۋالغاندا،«ساغلاملىق» دېگەن سۆز ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەنىلەر تولۇق ئىپادىلەنمەي قالىدۇ ۋە ساغلاملىقنى كىچىك بىر رامكىغا ئېلىپ قويغان بولىمىز. چۈنكى تىببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ساغلاملىق — پىكىر، ھېسسىيات، بەدەن ۋە روھ قاتارلىق تۆت ئامىلنىڭ تەڭپۇڭلۇق ھالىتىدىن ئىبارەت. بۇ تۆت ئامىل بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق بولۇپ، پىكرىي ساغلاملىق پسىخىك ساغلاملىقتىن ئايرىلالمايدۇ، پسىخىك ساغلاملىق تەن ساغلاملىقى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى روھىي ساغلاملىقتىن ئايرىلالمايدۇ. ئادەمنىڭ بارلىق ئوي-خىياللىرى ئۇنىڭ پسىخىك ھالىتىدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئىنساننىڭ پسىخىك ھالىتى ياخشى تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ ئوي-خىيالىنىڭ ناچار بولۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. يەنى سىزنىڭ كاللىڭىزدىكى پىكىر-خىيالىڭىز ئىجابىي بولغان ھالەتتە، سىزنىڭ پسىخىكىڭىزنىڭ بۇزۇق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئىجابىي ئوي-پىكىرلەر بەدەنگە تەسىر قىلىدۇ ۋە ئۇنى راھەت ھېس قىلىش، زېھنىي ئوچۇقلۇق، ھەرىكەتچانلىق، روھنىڭ سۈزۈكلۈكى قاتارلىق ھەرخىل ئىجابىي ھالەتلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بەدەن سەلبىي ئوي-پىكىرلەرنى قوبۇل قىلغىنىدا بولسا، ئۇنى چۈشكۈنلۈك، ھورۇنلۇق، ئەستە تۇتالماسلىق، ئىرادىسىزلىك، ھەر خىل ئاغرىق، سېمىزلىك قاتارلىق ھالەتلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ.
بىر مۇئمىن ئادەم ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ساغلاملىقبەش تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار ئەقىدە جەھەتتىن ساغلام بولۇش، پىكىر جەھەتتىن ساغلام بولۇش، ئەخلاق جەھەتتىن ساغلام بولۇش، پسىخىكا جەھەتتىن ساغلام بولۇش ۋە تەننىڭ ساغلام بولۇشىدىن ئىبارەت.
1. ئەقىدە جەھەتتىن ساغلام بولۇش
ئەقىدە جەھەتتىن ساغلام بولۇش ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ، ئەقىدىسى دۇرۇس بولمىغان ئادەمنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ. چۈنكى ئەقىدىسى دۇرۇس بولمىغان ئادەمنىڭ ئىمانى دۇرۇس بولمايدۇ، ئىمانى دۇرۇس بولمىغان ئادەمنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلىرى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولمايدۇ. )إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ اللَّهُ مِنَ الْمُتَّقِينَ( «ئاللاھ پەقەت تەقۋادار كىشىلەردىن قوبۇل قىلىدۇ». )الْمُتَّقِينَ( دېگەن سۆز ئاللاھتىن قورققۇچى، ئەمەللىرىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن ۋە گۇناھ – مەئسىيەتتىن ساقلانغۇچى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەتتىكى )الْمُتَّقِينَ( دېگەن سۆزگە مۇشرىكلىكتىن ساقلانغۇچى دەپ مەنە ئېيتقان.
توغرا ئەقىدىگە ئىگە بولۇش ۋە ئۇنى قوغداش ئۈچۈن، ئىسلام دۇنياسىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئەھلى سۈننەت ئۆلىمالىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش كېرەك.
2. پىكىر جەھەتتىن ساغلام بولۇش
پىكىر جەھەتتىن ساغلام بولۇش ئىسلام ئەقىدىسىگە، ئىسلام تەسەۋۋۇرىغا ۋە ئىسلام چۈشەنچىسىگە زىت كېلىدىغان ئېقىملاردىن يىراق تۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئەقىدىسى ۋە پىكرى ساغلام ئۆلىمالارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ ئوقۇپ مەلۇماتلىق بولۇش بىلەن بولىدۇ. مەسىلەن، زامانىمىزدا باش كۆتۈرگەن «قۇرئانچىلار»، «تەكفىرچىلەر» دېگەنگە ئوخشاش ئېقىملارنىڭ پىكىرلىرىگە ئەگەشمەسلىك لازىم.
3. ئەخلاق جەھەتتىن ساغلام بولۇش
ئەخلاق جەھەتتىن ساغلام بولۇش ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلاردىن ۋە بارلىق گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇش، زىنا، جازانە، ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق دېگەندەك ئەخلاقىي قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىق ۋە ئۆزىنى ئەخلاقىي قورغاننىڭ ئىچىدە مۇھاپىزەت قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، بۇنىڭدا تەقۋالىقنى يېتەكچى قىلىپ، ئەقىلنى ۋە نەپسنى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ تەلىپىگە بويسۇندۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەخلاق جەھەتتىن ساغلام بولمىغان كىشىلەر تەقۋادار مۇئمىنلەر قاتارىدىن بولالمايدۇ، نەتىجىدە، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ۋە مەغپىرىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئەخلاقى گۈزەل بولغان كىشىلەر بۇ دۇنيادا ئاللاھ تائالانىڭ سۆيگۈسىگە ۋە ياردىمىگە سازاۋەر بولۇپ، ئاخىرەتتە جەننەتكە لايىق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «مۇسۇلمان ئادەم گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كېچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇغان ۋە كۈندۈزى روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ»([1]) دەپ كۆرسەتكەن.
4. پسىخىك جەھەتتىن ساغلام بولۇش
پسىخىك جەھەتتىن ساغلام بولۇش ئىماننى كۈچەيتىش ۋە تەقۋالىقنى ئاشۇرۇش بىلەن قولغا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالاغا، شۇنداقلا ياخشىلىق - يامانلىق، پايدا – زىيان، خۇشاللىق ۋە كۆڭۈلسىزلىكنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى ھەم تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىمانى بار ئادەم ھەرگىزمۇ پسىخىك كېسەلگە گىرىپتار بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆتكەن ئىشقا ھەسرەت چەكمەيدۇ، كەلمىگەن ئىشنىڭ ئارتۇقچە غېمىنى يەپ ئۆزىنى ئۇپراتمايدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرىگە ۋە تەقسىماتىغا رازى بولۇپ، ھۇزۇر ئىچىدە ھايات كەچۈرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئمىن ئادەمنىڭ بۇ خىسلىتىنى ماختاپ مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن ئادەمنىڭ ئىشى ھەقىقەتەن ئەجەبلىنىشكە ئەرزىيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ھەممە ئىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىق بولۇپ، بۇ پەقەت مۇئمىن ئادەمگىلا خاس خىسلەتتۇر. ئۇنىڭغا بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ؛ بىرەر يامانلىق يەتسە، سەۋر قىلىدۇ، بۇمۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ»[2].
5.تەننىڭ ساغلام بولۇشى
تەننىڭ ساغلام بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى قانۇنى بولۇپ، بىرى شەرىئەت قانۇنى، يەنە بىرى تەبىئەت قانۇنىدۇر. شەرىئەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۇنىڭ جازاسىنى ئاخىرەتتە تارتىدۇ، ئەمما تەبىئەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۇنىڭ جازاسىنى مۇشۇ دۇنيادا تارتىدۇ. ئاللاھ تائالا شەرىئەت قانۇنىنى ئىنسانلارنىڭ ئىككىلى ئالەملىك بەخت- سائادىتى ئۈچۈن نازىل قىلغان بولسا، تەبىئەت قانۇنىنى ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا بەختلىك، ھۇزۇر-ھالاۋەتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن بەلگىلىگەن. مەسىلەن، كېچىدە ئۇخلاپ، كۈندۈزى تىرىكچىلىك قىلىش ئاللاھ تائالا بېكىتكەن تەبىئەت قانۇنى بولۇپ، ئۇنىڭغا رىئايە قىلغانلارنىڭ ئىشى غەلىبىلىك، تېنى ساق بولۇپ داۋاملاشقىنىغا، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاخشىمى بەك كەچ ئۇخلاپ ياكى ئۇخلىماي، كۈندۈزى ئۇخلايدىغانلارنىڭ ئىشى غەلىبىسىز، تۇرمۇشى بەرىكەتسىز ئۆتكىنىگە، تەن ساقلىقى بولسا ناچارلىشىشقا قاراپ يول ئالغىنىغا، توقلۇق ئۈستىگە زورلاپ يېيىشنىڭ ياكى تاماقلىنىپ بولۇپلا ئۇخلاشنىڭ تەن ساقلىقىغا ئىنتايىن زىيانلىق بولغىنىغا ئوخشاش. دىنىمىزدا تەن ساقلىمىزنى ساقلاشقا كېپىللىك قىلىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئەمەللەر بار. ئەگەر بىز دىنىمىزغا ئىزچىل ئەمەل قىلىدىغان، ئەمەل-ئىبادەتلەرنى جايىدا ئورۇندايدىغان، ھارام ئىشلارنى قىلىشتىن ۋە ھارامنى يېيىشتىن يىراق تۇرىدىغان، دىنىمىز بەلگىلىگەن ۋە ئۈلگىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەتبىقلاپ كۆرسەتكەن ئىشلارغا رىئايە قىلىدىغان بولساق، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن بارلىق مەنىۋى ۋە جىسمانىي كېسەللىكللەردىن ساقلىنىپ قالغان بولىمىز ، شۇنداقلا ھەر تەرەپتىن ساغلاملىق ئىچىدە بەھۇزۇر ھايات كەچۈرىمىز.
([1]) ئىبنى ھىببان، ھاكىم رىۋايىتى
[2]ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

