ھېسسىيات دۈشمەنلىرىدىن يىراق تۇرۇڭ!

ھېسسىيات دۈشمەنلىرىدىن يىراق تۇرۇڭ!

ئەتراپىڭىزدىكىلەر يا سىزگە بىرىدۇ ياكى سىزدىن ئالىدۇ. ئىجابىي كىشىلەر سىزنى نەتىجە قازىنىشقا، يولىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق سىزگە ئېنېرگىيە بېرىدۇ، ئەمما سەلبىي كىشىلەر روھىڭىزنى چۈشۈرۈش، ئىشىڭىزدىن سوغۇتۇش ۋە يولىڭىزدىن توختىتىشقا ئۇرۇنۇش ئارقىلىق سىزدىكىلەرنى ئالىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىجابىي ياكى سەلبىي سۆزلىرى، يۈرۈش-تۇرۇشلىرى ئەلۋەتتە سىزگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. چۈنكى، بىز ئىجتىمائىي مەخلۇقات بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئەتراپىمىزدىكىلەردىن ئىجابىي يا سەلبىي نەرسىلەرنى ئىختىيارسىز ھالدا قوبۇل قىلىمىز، ئاندىن ئۇنى باشقىلارغا بېرىمىز.

 

ياخشىلىق ئادەتتۇر

بىز قانداقلا بىر ئىشنى مەشىق قىلساق شۇ ئىش بىزنىڭ كىملىكىمىزنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ يولباچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ياخشىلىق ئادەتتۇر» دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى: سىز ياخشى ئىشنى قىلىشنى مەشىق قىلىۋەرسىڭىز، ئاشۇ ياخشىلىق سىزنىڭ ئادىتىڭىزگە ئايلىنىدۇ-دە، سىز ياخشى ئىشلارنى ئىككىلەنمەستىن، ھەتتا ئىختىياسىز قىلىدىغان بولۇپ كېتىسىز، دېگەنلىكتۇر.

بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر سىز تولا غەمكىن بولسىڭىز، غەمكىنلىكنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالىسىز-دە، ئاددىي ۋە كىچىك ئىشلارچىمۇ غەمكىن بولىدىغان بولۇپ قالىسىز. ئەگەر سىز تولا ئاچچىقلىسىڭىز، ئاچچىقلاشنى ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرۇۋالىسىز-دە، ئادەتتىكى ئىشلارچىمۇ ئاچچىڭلايدىغان بولۇپ قالىسىز. ئەگەر سىز دەردلىنىۋەرسىڭىز، دەردلىنىشكە ئادەتلىنىپ قالىسىز-دە، ئادەتتە باشقىلار دەردلەنمەيدىغان ئىشلار ئۈچۈنمۇ دەردلىنىدىغان بولۇپ قالىسىز.

پىسخولوگىيە ئىلمىدە دەيدۇكى، ئىنسان قانداق بىر ئىشنى مەشق قىلسا، شۇ ئىشتا ئۇستىلىشىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى كېسەل دەپ قارايۋەرسىڭىز كېسەل بولىسىز. ئەگەر ئۆزىڭىزنى خار-زەبۇن دەپ قارىسىڭىز خار بولىسىز. ئەگەر ئۆزىڭىزنى نامرات دەپ قارىسىڭىز نامرات بولىسىز. ئەگەر سىز دۇنيانى قاراڭغۇلۇق دەپ قارىسىڭىز، قۇياش چاقنىغان سائەتتىمۇ يورۇقلۇقنى كۆرەلمەيسىز. چۈنكى سىز ئۆز تەپەككۇرىڭىزنىڭ مەھسۇلى. شۇڭا ھەمىشە ئىجابىي بولۇڭ ۋە ئىجابىيلىقنى تارقىتىڭ.

 

ھەر نەرسىنىڭ گۈزەل تەرىپىگە قاراڭ

بىر كۈنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەمراھلىرى بىلەن كېتىۋاتاتتى. چىرىپ كەتكەن ۋە چىۋىنلار ئولىشىۋالغان بىر  ئۆلۈك ئىتنى كۆرىدۇ. ساھابىلەر ئۆلۈك ئىتنىڭ سېسىق پۇرىقىدىن بۇرۇنلىرىنى ئۆگەپ سەسكىنگەندە، شۇ ئەسنادا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەمراھلىرىگە: «قاراڭلار، ئۇنىڭ چىشلىرىغا، چىشلىرى مەرۋايىتتەك ئىكەن» دېيىش ئارقىلىق ئۇلارغا ھەر نەرسىنىڭ گۈزەل تەرىپىگە قاراشنى ۋە ئىجابىي بولۇشنى ئۆگەتكەن.

 

ئىنسانلارنى ئۆزىڭىز تاللاڭ

ئادەم دوستلىرىدىن، ئارىلىشىدىغان كىشىلىرىدىن ۋە ئۇچراشقان بىرھەر كىشىدىن يا ئىجابىي ياكى سەلبىي جەھەتتىن چوقۇم تەسىرات ئالماي قالمايدۇ. شۇڭا سىز بۈگۈندىن باشلاپ ئارىلىشىدىغان ئادەملىرىڭىزنى تاللاڭكى، ئۈمىدۋار، ئىجابىي ئېنېرگىيەلىك، تىرىشچان، غايىلىك، دۇنيانى گۈزەل دەپ قارايدىغان، ھەربىر قاراڭغۇلۇقتىن بىرە يوچۇقنى كۆرەلەيدىغان ئىنسانلارغا يېقىنلىشىڭ. بۇلارنىڭ ئەكسىچە، ئۈمىدسىز، سەلبىي ئېنېرگىيەلىك، سوغۇتقۇچى، شۇم ئىنسانلاردىن يىراق تۇرۇڭ!.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىراۋ <ئىنسانلار ھالاك بولىدۇ> دېسە، ئۆزى ھالاك بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق شۇم ئىنسانلاردىن ئاگاھلاندۇرغان.

 

ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار