
مېھرىبانلىق ئىنسان تەبىئىتىنىڭ مۇكەممەللىكىدۇر
مۇھەممەد يۈسۈپ
مېھرىبانلىق ئىنسان تەبىئىتىنىڭ مۇكەممەللەشكەنلىكى بولۇپ، مېھرىبانلىق دېگەن ئىنساننى باشقىلارنىڭ ئازابلىنىشلىرىغا، قىيىنچىلىقلىرىغا ئىچ ئاغرىتىدىغان، ئۇنى خالاس قىلىشقا تىرىشىدىغان، باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىغا ئەپسۇسلىنىپ، ئۇلارنىڭ توغرا يول تېپىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرىدىغان بىر ئەخلاقىي مۇكەممەللىكتۇر.
بىزنىڭ دىنىمىز مېھرىبانلىقنى ئىنسانلارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن جانلىقلارغا قىلىشقا بۇيرۇغان. ئىنسانلار بىر – بىرىگە كۆيۈنۈش ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىقلا بۇ ھاياتلىقتا ئۆزىنىمۇ ۋە باشقىلارنىمۇ بەختلىك ياشىتالايدۇ. مېھرىبانلىق تۇيغۇسى بولمىغان قەلبتىن ياخشىلىق كۈتكىلى بولمايدۇ. ناۋادا، ئىنساننىڭ تۇيغۇسى خۇنۇكلەشسە ۋە تاش يۈرەك بولۇپ كەتسە، ئۇ ئۆزىنى باشقا جانلىقلاردىنمۇ ئىنتايىن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان ۋە جانسىز مېتاللارغا ئوخشاش ھېچ نەرسە تەسىر قىلمايدىغان ۋە ھېچ نەرسىنى ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئىنساندىن باشقا جانلىقلاردىمۇ مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش بار بولغان يەردە، ئىنسان شۇ جانلىقلارچىلىكمۇ بولالمىسا، ئۇنىڭ ئىنسانلىق خىسلىتى قالمىغان ۋە باشقا جانلىقلاردىنمۇ تۆۋەنكە ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بولىدۇ. كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ئەڭ مېھرىباندۇر. مېھرىبانلىق ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى ئۇ مېھرىبانلىقنى ياراتقان ۋە قەلبلەرگە ئۇنى بەخش ئەتكەن زاتتۇر. كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا كۆيۈنۈش ۋە مېھرىبانلىق ئاشۇ مېھرىبانلىقنىڭ ئىزناسىدۇر.
كىرىزىس زامانىدا كۆرسىتىلگەن مېھرىبانلىق ئۇنتۇلمايدۇ
بارلىق جانلىقلارغا ياخشىلىق قىلىش ئىسلام دىنىمىزنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئىنسانلىقنىڭ خىسلىتى بولغاندەك، ئىنسانلار ياردەمگە قاتتىق موھتاج بولغان كىرىزىس زامانلىرىدا ئۇلارغا مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىشنىڭ ساۋابى ۋە ئەجىرى ئەلۋەتتە كاتتا بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بېرىشكە تەشەببۇس قىلىپ: «كىمكى بىرەر مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بەرسە، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدۇ»( ) دېگەن. ئۇ يەنە : «بەندە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ياردىمىدە بولغان مۇددەتچە ئاللاھ ئۇنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ»( ) دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىمۇ ھەمىشە كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش بىلەن بولاتتى. ھەر قانداق ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن تارتىنمايلا ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى سورايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇنى راۋا قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلاتتى، ھەتتا يولدا كېتىپ بارسىمۇ كىشىلەر ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى بىمالال ئېيتاتتى. بەزى نامرات كىشىلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قول ئىلكىدە بار ساھابىلەرنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بېرەتتى. ئىشقىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەن ئادەم ھاجىتىنى راۋا قىلماي قايتمايتتى.
جەرىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: « بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدتە ساھابىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇراتتى، نەجدە تەرەپتىن مۇزەر قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى ئاچلىقتىن، يوقسۇللۇقتىن ۋە چارىسىزلىكتىن دەردلىنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ قاتتىق كەمبەغەللىكتىن ناھايىتى كىيىملىرى كونا ۋە يىرتىق ئىدى، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن غەمكىنلىك چىقىپ تۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قاتتىق ئىچ ئاغرىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنبەرگە چىقىپ خۇتبە ئوقۇيدۇ، خۇتبىدە ئاللاھ تائالا تەقۋادارلىققا ۋە خەير_ ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇغان ئايەتلەردىن بىر قانچىسىنى ئوقۇيدۇ، ئاندىن جامائەتكە: ‹ سەدىقە قىلىڭلار! سەدىقە قىلالمايدىغان بولۇپ قېلىشتىن بۇرۇن سەدىقە قىلىۋېلىڭلار، سەدىقە قىلىڭلار! بىرەر دىنار بولسىمۇ، بىرەر دىرھەم بولىسمۇ سەدىقە قىلىڭلار، بۇغداي بولسىمۇ، ئارپا بولسىمۇ سەدىقە قىلىڭلار، بىر خورمىنىڭ يېرىمى بولسىمۇ ئېلىپ كېلىڭلار، سەدىقىدىن ھېچ نەرسە ئاددىي سانىماڭلار› دەيدۇ. شۇ چاغدا ئەنسارلاردىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېنىدىكى ھەميانىنى ئۇزىتىدۇ، ھەمياننىڭ ئېغىرلىقىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىككى قولىدا ئاران تۇتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قاتتىق خوشال بولغانلىقى چىرايىدىن جىلۋىلىنىدۇ. ئاندىن باشقا ساھابىلەرمۇ ئۆيلىرىگە كېتىپ ھەممىسى بىر نەرسە ئېلىپ كېلىدۇ، نەتىجىدە ئىككى دۆۋە ئاشلىق ۋە كىيىم _ كېچەك توپلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ خوشال بولۇپ كېتىدۇ ۋە ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ، ئاندىن ئۇنى ھېلىقى يوقسۇللارغا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ»( ).
مېھرىبانلىق قىلمايدىغانلار مېھرىبانلىق كۆرەلمەيدۇ
ئادەم بەزىدە دوستلىرىغا ئۇچراشقاندا خۇش چىراي ئاچىدۇ، پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەممە كىشىدە تېپىلىدىغان بىر ئەھۋال. بۇنى ھەركىم قىلالايدۇ. ئەمما پۈتۈن ئىنسانلارغا كۆيۈنۈش، تونۇمايدىغان بىرىنىڭمۇ ھاجىتىنى راۋا قىلىش، باشقىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە، خۇسۇسەن يېتىملارغا ئۇلارنى ئۆز پەرزەنتىم ئەمەسقۇ دېمەستىن مېھرىبانلىق ۋە غەمخورلۇق قىلىش، قوشنىلىرىغا، خىزمەتداشلىرىغا ۋە ئۇچراشقان ھەر قانداق كىشىگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىش پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ خىسلىتىدۇر. مۇنداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ ۋە خەلقنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولىدۇ. بىر ھەدىستە: «كىشىلەرگە مېھرىبانلىق قىلمىغان ئادەمگە ئاللاھ مېھرىبانلىق قىلمايدۇ»دەپ كەلگەن. بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىگە سوۋغا قىلىنغان بۇ مېھرىبانلىقتىن ئىبارەت ئېسىل خىسلەتنى قوبۇل قىلماستىن، ئۇنىڭ يولىغا تاش توسۇقلارنى قويۇپ ئۇنىڭ ئېقىنىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. ھەتتا كىشىلەرنىڭ چىرايىغا تەبەسسۇم بىلەن قاراشتىن ئىبارەت ھېچقانداق كۈچ ياكى بەدەل تەلەب قىلمايدىغان، ئاددىغىنە مېھرىبانلىق ئىشارىسىنى كۆرسىتىشكىمۇ بېخىللىق قىلىدۇ. ئەتراپىدىكىلىرىگە ئوچۇق چىراي ئاچمايدۇ، پەرزەنتلىرىگە قوپال مۇئامىلىدە بولىدۇ. دوستلىرىنى رەنجىتىدۇ. قوشنىلىرىنى بىزار قىلىدۇ، خىزمەتداشلىرىنى راھەتسىز قىلىدۇ. مۇنداق ئىنسانلار ئۆزلىرىنىمۇ ۋە باشقىلارنىمۇ بەختسىز قىلغاندىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ ۋە خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ.
مېھرىبانلىق پۈتۈن جانلىقلاردا ئورتاق خىسلەت
مېھرىبانلىق پۈتۈن جانلىقلاردا بولىدىغان ئورتاق خىسلەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ مېھرىبانلىقنى يۈزگە بۆلۈپ، ئۇنىڭ بىرىنى زېمىنگە ئەۋەتكەن. ئاشۇ بىرى بىلەن مەخلۇقاتلار ئۆزئارا مېھرىبانلىق قىلىشىدۇ. ھەتتا ھايۋان بالىسىغا دەسسەپ سېلىشتىن ئەنسىرەپ تۇيىقىنى كۆتۈرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. دېمەك، مېھرىبانلىق ئىنسانلارغىلا خاس ئەمەس، بەلكى بارلىق جانلىقلاردا بار بولغان بىر خىسلەتتۇر. مېھرىبانلىقنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلاش، ئاجىزلارغا ياردەم قىلىش، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش، ھايۋانلارغا رەھىم _ شەپقەت قىلىش، ئۇلارنى ئاسراش ۋە كۆيۈنۈش قاتارلىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئادەمنىڭ بىر قوينى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن پۇتىدىن سۆرەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا : «ھەي سېنى! ئۇنى ئۆلۈمگە سىلىق يېتىلەپ ماڭ» دەپ كايىغان. چۈنكى ھايۋانمۇ ئىنسانغا ئوخشاش ئاغرىق ھېس قىلىدىغان جانلىق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ جېنىنى ئاغرىتماسلىقمۇ مېھرىبانلىقتۇر.

