
پەرۋىش بىلەن تەربىيەنىڭ پەرقى
مۇھەممەد يۈسۈپ
نۇرغۇن كىشىلەر بالىلارنى پەرۋىش قىلىش بىلەن تەربىيەلەشنىڭ پەرقىنى ئايرىيالمايدۇ. شۇڭا ئۇلار بالىلىرىنى ئاچ قويماسلىق، خەتەرلەردىن قوغداش ۋە بېقىش دېگەندەك ھەرقانداق بىر جانلىقنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى تەربىيە دەۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت پەرزنى ئورۇندىمايدۇ.
بالىلارنى پەرۋىش قىلىش بىلەن تەربىيەلەش ئوتتۇرىسىدا كۆپ پەرقلەر بار.
پەرۋىش تۆۋەندىكى بەش ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1.بالىلارنى ئوبدان بېقىش.
2.ئۇلارنى تەن ساقلىققا ئۇيغۇن غىزالاندۇرۇش
3.چىرايلىق، پاكىز كىيىندۈرۈش
4. ئوقۇتۇش ياكى ھۈنەر ئۆگىتىش.
5. قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش.
تەربىيە مۇنۇ بەش ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. بالىلاردا ئەقىدە، ئەخلاق ۋە قىممەت قاراش يېتىلدۈرۈش.
2. ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى ۋە ئۆمۈرنىڭ قىممىتىنى ئۆگىتىش.
3. ئۇلاردىكى مەخپىي تالانتلارنى ۋە ھەرخىل ماھارەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىغا ياردەم قىلىش.
4. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت پىرىنسىپلىرىنى، قانداق كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ، قانداق كىشىلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈىش.
5. ئۇلارنىڭ ھاياتنى چۈشىنىشىگە ۋە ئۈلگىلەرنى تاللىشىغا ياردەم قىلىش.

