
ئىسلام دىنىنىڭ غايىسى ۋە ئىبادتنىڭ مەنىسى
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنى تۈرلۈك خۇراپاتلاردىن ۋە ھەرخىل خورلۇق ھەم ئېزىلىشلەردىن ئازاد قىلىپ، ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى كۆتۈرۈش ۋە ئىززىتىنى قوغداش، شۇنداقلا ھاياتىنى رەتكە سېلىش ئارقىلىق ئۇنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن كەلگەن دىندۇر. بۇ مەنە قادىسيە غازىتى جەريانىدا ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ قوماندىنى سەئد تەرىپىدىن شۇ ۋاقىتتىكى ئىرانلىقلارنىڭ ھەربى قۇماندىنى رۇستەمگە ئەۋەتىلگەن ئەلچى رىبىئ ئىبنى ئامىرنىڭ سۆزىدە تېخىمۇ تولۇق ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇ رۇستەمگە مۇنداق دېگەن: «بىز پەقەت ئىنسانلارنى ئىنسانلارغا چوقۇنۇشنىڭ خورلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتەك ئەزىزلىققا ۋە دىنلارنىڭ جەۋر-زۇلۇملىرىدىن ئازات قىلىپ ئىسلامنىڭ ئادالىتىگە چىقىرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق» دېگەن.
ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشىغا ئەۋەتىلگەن ئەلچى جەفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەجاشىنىڭ ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئىسلام دىنىنىڭ غايىسى تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەنگەن. ئۇ مۇنداق دەپ نۇتۇق سۆزلىگەن: « ئى پادىشاھىم! بىز بۇتلارغا چوقۇنىدىغان، زىنا-پاھىشە قىلىدىغان، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىققا رىئايە قىلمايدىغان، كىشىلەرنى قۇل قىلىدىغان، ھارامنى يەيدىغان، كۈچلۈكلىرىمىز ئاجىزلىرىمىزنى بوزەك قىلىدىغان بىر قالاق مىللەت ئىدۇق. بىزگە بىز نەسىبىنى، راستچىللىقىنى، ئىپپىتىنى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئوبدان بىلىدىغان بىر پەيغەمبەر كەلدى. ئۇ بىزنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگىلا ئېتىقاد ۋە ئىبادەت قىلىشقا، راست سۆزلەشكە، ئامانەتكە ئىشەنچلىك بولۇشقا، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا سىلە-رەھىم قىلىشقا، قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشكە، ھارام يىراق تۇرۇشقا، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بىزنى زىنا-پاھىشىدىن، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن، يېتىملارنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىشتىن، ئىپپەتلىك ئاياللارغا قارا چاپلاشتىن ۋە بارلىق يامانلىقلاردىن مەنئى قىلىدۇ. ئۇ يەنە بىزنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە، روزا تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ» .
ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلار ئارا مۇناسىۋىتىنىڭ قايسى شەكىلدە بولىدىغانلىقىنى ۋە قانداق قىلغاندا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك خاتىرجەملىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەن ھەم شۇنىڭ يولىنى روشەن قىلىپ سىزىپ بەرگەن. ئىسلام دىنىنىڭ تەلىماتلىرى ۋە قانۇن-تۈزۈملىرى ھاياتلىق ساھەلىرىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ تولۇق بېكىتىلگەن.
توماس كارلايل مۇنداق دەپ يازغان: «چۆلدە ياشايدىغان، ھەممە تەرەپتىن ئارقىدا قالغان ئەرەب مىللىتىگە بىر پەيغەمبەرنىڭ كېلىشى بىلەن ئۇلار ئىلىم-ئىرپاندا دۇنيانىڭ قىبلىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەرەبلەر بۇرۇنقى ئاجىزلىقىدىن كۈچلەندى، سان جەھەتتىكى ئازلىق كۆپەيدى، خورلۇقتىن ئەزىزلىققا ئېىرىشتى. چارەك ئەسىر ئۆتمەستىن، دۇنيا ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە ئىلىم-مەرىپىتى بىلەن گۈللىنىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئەرەبلەر ئىسلامدىن ئىلگىرى ئاياللارنى ئىنسان قاتارىدا كۆرمەيتتى. ئىسلامدىن كېيىن، ئاياللارنى ھۆرمەتلەشتە دۇنيا خەلقىگە ئۈلگە بولۇپ قالدى. ئەرەبلەر ئىسلام دىنىنىڭ سايىسىدا ئادالەتنى سۆيىدىغان، ئىنسانلارغا يول كۆرسىتىدىغان، زۇلۇمغا قارشى تۇرىدىغان، ئاجىزلارنى يۆلەيدىغان پەزىلەتلىك ئىنسانلارغا ئايلىنىپ قالدى. بىر قانچە ئون يىل ئىچىدىلا ئەمەلگە ئاشقان مۇنداق جىددىي ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى. گويا ئەرەبلەرنىڭ قەلبىگە پەرىشتىلەر چۈشۈپ يەرلەشكەن ۋە ئۇلارنى جىمى ياخشى ئىشلارغا ئۈندەپ، يامان ئىشلاردىن يىراقلاشتۇرغان».
ئىبادتنىڭ مەنىسى
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە بارلىق ئىنسانلارنى ئىبادەتكە بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! (ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ۋە سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنى ياراتقان رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار». يەنە ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىش غايىىسىنىڭ پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «مەن ئىنسانلارنى ۋە جىنلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم» دېگەن.
يۇقىرىقى ئىككى ئايەتتە مەقسەت قىلىنغان ئىبادەتنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ بىز بىلىدىغان شۇ زاھىرى ئىبادەتلەر ئەمەس. چۈنكى ئىبادەت دېسە، بىزنىڭ ئەقلىمىزگە ناماز ئوقۇش، قۇران ئوقۇش، ھەج قىلىش روزا تۇرۇش، زاكات بېرىش قاتارلىق زاھىرى ئىبادەتلەر كېلىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە ۋە «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن بارلىق «ئىبادەت» سۆزىدىن مەقسەت ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىش، ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنى بويىچە ياشاشتۇر. مۇپەسسىرلەر يۇقىرىقى: «ئى ئىنسانلار! (ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ۋە سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنى ياراتقان رەببىڭلارغا قۇلچىلىق قىلىڭلار» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتقان:
«تەپسىرى سەئدى»دە، «بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداش ۋە توسقانلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئومۇمىي ئىبادەتتۇر» دېگەن.
«تەپسىر قۇرتۇبى»دە «بۇ يەردىكى ئىبادەت ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش، ئۇنىڭ دىنىدا كۆرسىتىلگەن شەرىئەت قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىبادەتنىڭ ئەسلى بويسۇنۇش ۋە ئىتائەت قىلىش دېگەنلىكتۇر»
«ئەيسەرۇتتەفاسىر»دە، «ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش، ئۇنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداش ۋە توسقانلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاللاھنى چىن سۆيۈش ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەنلىكتۇر.
«مەن ئىنسانلارنى ۋە جىنلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم» دېگەن ئايەتنى مۇتلەق كۆپ سانلىق مۇپەسسىرلەر: «ئاللاھ ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنى ۋەتەلەپ قىلغىنى بويىچە ھايات كەچۈرسۇن دەپ ياراتقان. شۇڭا ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ھايات تەرىزىنى ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنىغا ئۇدۇللاپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئۇ تەلەپ قىلغاندەك ياشىشى لازىم» دەپ تەپسىر قىلغان

