قانداق قىلغاندا ئاز ۋاقىت ۋە ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا ئاز ۋاقىت ۋە ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھاياتنىڭ ئالدىراشچىلىقى ۋە ياشاشنىڭ تەلەپلىرى ھەممىلا ئادەمنى مەشغۇل قىلىپ قويماقتا. كىشىلەرنىڭ ۋاقتى، ئېنېرگىيەسى چېچىلىپ كېتىۋاتقان مۇشۇ دەۋردە ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئاز تىرىشچانلىق بىلەن كۆپ پايدىغا ۋە چوڭ ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى خالىمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك.

  بەزى تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەگەر بىز قىلماقچى بولغان ھەربىر ئىشنىڭ قانۇنىيىتىنى ياخشى بىلىپ، مۇكەممەل پىلان بىلەن قىلىدىغان بولساق، ئۇنى ئارتۇق ۋاقىت ۋە كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايلا پۈتتۈرگىلى بولىدىكەن. ئاز ۋاقىت ۋە ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ كۆپ پايدىغان ۋە چوڭ ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاكتىپچانلىق كېرەك. ئاكتىپچانلىق ئىشنى ئاز كۈچ بىلەن تېز ۋە مۇكەممەل پۈتتۈرۈش دېگەنلىكتۇر. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت ۋە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ ئاز ئۈنۈم ۋە ئاز پايدا كۆرۈشتىن ئىبارەت ناچار ئادەتتىن دەرھال قۇتۇلۇش لازىم.

  ئالىملار دەيدۇكى، ئەرزىمەيدىغان ئىشلار ئۈچۈن كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىش ئىسراپچىلىقتۇر. شۇڭا بىر قاراش بىلەنلا ئوۋنىڭ ئوۋلاشقا ئەرزىيدىغان ياكى ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالىدىغان يىلپىزدەك بولۇش كېرەك.

  80/20 قانۇنىيىتى ۋە ۋاقىت باشقۇرۇش

1897- يىلى ئىتالىيەلىك مەشھۇر ئىقتىسادشۇناس ۋىلفرىدو پارىتو 80/20 قانۇنىيىتىنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، بۇ قانۇنىيەت شۇنى كۆرسىتىدۇكى، قانداقلا بىر شەخسنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ 80% كىرىمى ئارانلا 20% ئىشلىگەندىن كېلىدىكەن. دۆلەتلەرنىڭ كىرىمىنىڭ 80% مۇ 20% يەتمەيدىغان ئىشلەپچىقىرىش مەنبەلىرىدىن كېلىدىكەن. شۇنىڭدەك، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئىچىدىكى 20% بايلار قالغان 80% پۇقراغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ 20% زېمىن بايلىقىنىڭ 80% ئىشلىتىشكە قادىر ئىكەن. يەنە خەلقئارالىق شىركەتلەردىن 20%ئى بازار سودىسىنى مونۇپۇل قىلىشقا قادىر ئىكەن. (دورا شىركەتلىرى، تاللا بازارلىرى دېگەنگە ئوخشاش).

مەزكۇر كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «80/20 قانۇنىيىتىنى ھەربىر كىشى ئۆز تۇرمۇشىدا، ئىشىدا ۋە كەسپىدە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بولسا زايە بولۇپ كېتىۋاتقان كۆپ ۋاقتىنى ۋە ئارتۇقچە كۈچىنى تېجەپ قالايدۇ. نورمالدا ھەرقانداق ئادەمنىڭ 80% كىرىمى 20% دىن كۆپ كۈچ ياكى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىنمىغان ئىشلاردىن كېلىدۇ. بۇ دېگەنلىك سىزنىڭ بىر كېچە-كۈندۈزدىكى 24 سائەت ۋاقتىڭىز ئىچىدە بوش ۋاقتىڭىز ئىنتايىن كۆپتۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق نۇرغۇن كىشىلەر ۋاقىتنىڭ يوقلۇقىدىن دەردلىنىدۇ، كىمدىن سورىسىڭىز «ۋاقتىم يوق» دەيدۇ. ئەمما ئۆزى 80% ۋاقتىنىڭ ئەقىللىق تېلېفون، تېلېۋىزور، تۈگىمەس پاراڭلار بىلەن زايە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ.

ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق، بىز كەسىپكە ياكى خىزمەتكە ۋەياكى قانداقلا بىر ئىشقا ئاتىغان ۋاقتىمىزنىڭ كۆپ قىسمىدا شۇ ئىش بىلەن بولمايمىز، ئۇنىڭغا پەقەت 20% ياكى 30% چىلىك ۋاقتىمىزنى ۋە كۈچىمىزنى ئىشلىتىمىز، قالغان ۋاقتىمىز قۇرۇق گەپ ۋە بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ئەگەر سىز ئاز ۋاقىت ئىچىدە، ئاز جاپا بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولسىڭىز، ياكى پائالىيەت دائىرىڭىزنى كېڭەيتىپ، بوش ۋاقىتلىرىڭىزدىن پايدىلانماقچى بولسىڭىز، ھاياتىڭىزدا 20%نىڭ پائالىيەتچانلىقىنى ئاشۇرۇڭ ۋە 80%نى ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈڭ»[1].

ئاز جاپا بىلەن كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشىڭ

مەزكۇر كىتابتا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «چوڭ پايدىلار جاپالىق ئىشلەش ۋە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىشتىن كېلىدۇ، دەيدىغان قاراش توغرا ئەمەس. ئەكسىچە، چوڭ پايدىلار ئاز ۋاقىت ۋە ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ پىلانلىق ۋە ئىزچىل ئىش قىلىشتىن كېلىدۇ. چۈنكى، پىلانلىق ۋە ئىزچىل داۋاملاشقان ئىشلار ھەر زامان مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. ھايۋاناتلار دۇنياسىغا قارايدىغان بولساقمۇ، يىرتقۇچلار ئاز ۋاقىتتا ۋە ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن ئۇنى كۆزىتىدۇ. بەزىدە ئوۋنى قوغلاۋېتىپ تۇيۇقسىز توختاپ قالىدۇ ۋە قوغلاشتىن ۋاز كېچىدۇ. بۇ ئوۋنىڭ بۇنچىلىك ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىشقا ئەرزىگۈدەك ئەمەسلىكىدىن بولىدۇ. دېمەك، يىرتقۇچلارمۇ ئاز جاپا بىلەن ئاز ۋاقىت ئىچىدە چوڭ پايدا ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ»[2].

پېقىر ئۆزۈمنى ئالسام، قازاقىستاندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان چاغلىرىمدا كۈندۈزى سەككىز سائەت دەرس ئۆتكەندىن كېيىن، ئاشاملىرى ئۆيدە ئاز دېگەندە ئالتە سائەت ئىزدىنىش ۋە يېزىش بىلەن شۇغۇللىناتتىم. ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى ۋە باشقا ئىشلارنى ئالدىن پىلانلاش بىلەن ئېلىپ باراتتىم. نەتىجىدە، مەكتەپتىكى دەرسلىرىم، ئۆيدىكى ئىزدىنىش ۋە يېزىش ئىشلىرىم، شۇنداقلا ئائىلەمنىڭ ئىشلىرى ئۆز يولىدا يۈرۈشۈپ تۇراتتى. كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارا رادىيوسى تۈركىستان بۆلۈمىدە بۆلۈم باشلىقى ۋە دىكتور بولۇپ ئىشلىگەن كۈنلىرىمدىمۇ، رادىيودا قول ئاستىمدا ئىشلەيدىغان 20 كىشىنىڭ يوقلىمىنى قىلىش، پروگراممىلىرىنى تەكشۈرۈش، كۈندىلىك خەۋەر ۋە پروگراممىلارنى تەييارلاپ ئاۋازغا ئېلىش، ئاڭلىتىشقا رىئاسەتچىلىك قىلىش قاتارلىق ئىشلىرىم ئىككى سائەتتە تۈگەيتتى، قالغان تۆت سائەت ۋاقتىمنى ئۆزۈمنىڭ ئىزدىنىش ۋە يېزىش ئىشلىرىغا ئاجرىتاتتىم. ئۆيدىمۇ ئاز دېگەندە بەش سائەت ئىشلەيتتىم.

ئاز ۋاقىت ۋە ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ ئۈنۈم قازىنىش ئەنە شۇنداق پىلانلىق ئىش قىلىش ۋە ۋاقىتنى يانچۇقتىكى پۇلدىنمۇ قىممەتلىك بىلىش بىلەن بولىدىكەن.

ئۈچ مىنۇتتا نېمە قىلغىلى بولىدۇ؟

بىرى مۇنداق دەيدۇ: «دادام زەرگەرچىلىك قىلىدىغان ئادەم بولۇپ، شۇ قەدەر بېخىل ئىدىكى، ئالتۇننى قىزىتىش ۋە تازىلاش دېگەندەك ئىشلاردا ئالتۇننىڭ چاڭ- توزانلىرىنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن يەرگە ئاپئاق رەختنى سالاتتى، ئاندىن ئىش تۈگىگەندە پۇتىنى ھۆل قىلىپ رەختنىڭ ئۈستىگە تەكشى دەسسەپ چىقاتتى. رەختنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئالتۇن توزانلىرى دادامنىڭ پۇتىغا چاپلىشاتتى، ئاندىن دادام ئۇلارنى دىققەت بىلەن يىغىپ چىقاتتى. دادام مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىر قانچە گرامما ئالتۇن يىغىۋالاتتى».

بىزنىڭ ھاياتىمىزدا ئاشۇ ئالتۇن توزانلىرىدىن قىممەتلىك بولغان مىنۇتلىرىمىز، سائەتلىرىمىز ۋە كۈنلىرىمىز بىھۇدە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەممىمىز ۋاقىتنىڭ قىسلىقىدىن، ئىشىمىزنىڭ كۆپلۈكىدىن دەردلىنىمىز. كۈندىلىك مەشغۇلىيىتىمىز قانچىلىك كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، بىز يەنىلا ئۆمرىمىزنىڭ ئالتۇندىن قىممەتلىك دەقىقىلىرىنى ۋە سائەتلىرىنى زايە قىلىۋېتىمىز. يول ئىشارەتلىرىدە توختاش، قاتناش كۈتۈش، ئۆچىرەتتە تۇرۇش، ئائىلىنىڭ سودا ئىشلىرىنى قىلىش ئۈچۈن چىقىش قاتارلىق ئىشلاردا ئەڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىمىز زايە بولۇپ كېتىدۇ. ئاشۇ ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىش يەنىلا بىزنىڭ ئىلكىمىزدە بولۇپ، ئۇنى زىكىر، تەسبىھ، دۇئا ۋە تەپەككۇر بىلەن ئۆتكۈزەلەيمىز.

ئۈچ مىنۇتتا نېمە قىلغىلى بولىدۇ؟

-        ئۈچ بەت قۇرئان ئوقۇغىلى بولىدۇ.

-        تۆت-بەش ئايەت يادلىغىلى بولىدۇ.

-        ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا، تەسبىھ، تەھلىل ۋە تەكبىر ئېيتقىلى بولىدۇ.

-        پەيغەمبىرىمىزگە ئون قېتىم دۇرۇد ئېيتقىلى بولىدۇ.

-        ئىخچام ۋە سەمىمىي دۇئا قىلغىلى بولىدۇ.

-        يۈز قېتىم ئىستىغپار ئېيتقىلى بولىدۇ.

-        ئۆزىمىزدىكى نېمەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ساناپ چىققىلى بولىدۇ.

-        بىرەر دۇئانى ياكى بىرەر ھېكمەتنى يادلىۋالغىلى بولىدۇ.

-        بىرەر دوستىمىزغا ياكى تۇغقىنىمىزغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سورىغىلى بولىدۇ.

-        ئۆينىڭ ئىشلىرىدىن بىرەر ئىشنى قىلىۋەتكىلى بولىدۇ.

-        جورىمىز بىلەن مەزمۇنلۇق سۆھبەتلەشكىلى بولىدۇ.

-        پەرزەنتلىرىمىزدىن بىرەرسىنىڭ دەردىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

-        ساقال - بۇرۇتنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.

-        ئۆزىمىز ئىشلەتكەن قاچىنى يۇيۇۋەتكىلى بولىدۇ.

-        بۈگۈن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىمىزنى ئويلاپ چىققىلى بولىدۇ.

-        ئەتىنىڭ پىلانىنى تۈزگىلى بولىدۇ.



[1] نظرية الفستق، 213- بەت.
[2] نظرية الفستق، 219- بەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار