ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم –سۈپەتلىرىنى بىلىشنىڭ پايدىلىرى

ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم –سۈپەتلىرىنى بىلىشنىڭ پايدىلىرى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى ئۆگىنىش ۋە مەنىسىنى بىلىش ھەربىر مۇئمىن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ۋە پايدىسى كۆپتۇر. ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلغاندا، ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن دۇئا قىلىش دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم» بىزگە دۇئادا ۋە ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھ تائالانى گۈزەل ئىسىم –سۈپەتلىرى بىلەن ئاتاشنى ۋە چاقىرىشنى ئۆگەتكەن: وَلِلَّهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَى فَادْعُوهُ بِهَا «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار. ئاللاھنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار»( ) دەپ بۇيرىغان.

شەكسىزكى، ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بىلىش غەمكىنلىككە تەسەللى، قىيىنچىلىققا چىقىش يولى، قورقۇنچقا ئامانلىق، ئاجىزلىققا كۈچ-قۇۋۋەت، يوقسۇللۇققا چارە، ئۈمىدسىزلىككە ئۈمىد مەنبەسىدۇر. پادىشاھتىن پۇقراغىچە، ئالىمدىن ئاۋامغىچە، بايدىن يوقسۇلغىچە ھەممە ئادەم ئاللاھ تائالاغا موھتاج، ھەممىسى ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەيدۇ. ھەتتا ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بېشىغا قاتتىق كۈن كەلگەندە ئىختىيارسىز ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرىدۇ. پىرئەۋن ئۆزىنىڭ ئىلاھلىقىنى دەۋاس قىلىپ: أَنَا رَبُّكُمُ الْأَعْلَى «مەن سىلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈن رەببىڭلار بولىمەن»  دېگەن. دېڭىزدا غەرق بولۇش ئالدىدا ئاللاھ تائالانى ئېتىراپ قىلىپ: آَمَنْتُ أَنَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا الَّذِي آَمَنَتْ بِهِ بَنُو إِسْرَائِيلَ وَأَنَا مِنَ الْمُسْلِمِينَ «ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، مەنمۇ مۇسۇلمان بولدۇم»  دېگەن.

1. ئاللاھ تائالا ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بىلىش جەننەتكە كىرىشنىڭ يولىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ 99 ئىسمى بار، كىمكى ئۇنى سانىسا جەننەتكە كىرىدۇ»( ) دەپ كۆرسەتكەن.

 ئەمدى، ھەدىستىكى «سانىسا» دېگەن ئىبارىنىڭ مەنىسى نېمە؟

 ھەدىستىكى «سانىسا» دېگەن ئىبارە تۆۋەندىكىدەك  ئۈچ خىل مەنىگە ئىشارەت قىلىدۇ:

(1) سانىنى سانىسا ۋە تەلەپپۇز قىلىپ ئوقۇسا دېگەنلىك بولۇپ، تىلى ۋە قەلبى بىلەن ئۇلارنى زىكىر قىلغاننى ئىپادىلەيدۇ.

(2) مەنىسىنى چۈشىنىپ ئىمان ئېيتسا ۋە ئېتىقاد قىلسا دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: بىراۋ: الْحَكِيمُ  «ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دەپ ئېتىقاد قىلسا، ئۇ ھەممە ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزىدۇ. چۈنكى پۈتۈن ئىشلار ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە بارلىققا كېلىدۇ. بىراۋ الْعَدْلُ «ئاللاھ ئادالەتلىكتۇر» دەپ ئېتىقاد قىلسا، ئاللاھنىڭ ئادالىتىگە قايىل بولىدۇ-دە، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا تېگىشلىك ھەققىگە ئىگە بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، خاتىرجەم، بەھۇزۇر ھايات كەچۈرۈشكە داۋام قىلىدۇ.

(3) ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن دۇئا قىلىش. بۇ ئىككى تۈرلۈك بولۇپ: بىرىنچىسى: ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلەش ۋە ئۇنى ياد ئېتىش، ئىككىنجىسى: ئاللاھ تائالادىن ھاجىتىنى سوراش قاتارلىقلارمۇ ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئەمەل قىلغانلىق سانىلىدۇ.

2. ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بىلىش ئاللاھ تائالانى تونۇشنىڭ يولىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانى پەقەت ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەنلا مۇكەممەل تونۇغىلى بولىدۇ. ئەللامە ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىسىنى تونۇشتىن مۇھىم ھاجىتى يوقتۇر. ئاللاھ تائالانى تونۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى تونۇشتىن باشقا يول يوقتۇر. ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى قانچىلىك ياخشى ۋە تولۇق بىلسە، ئاللاھ تائالانىمۇ شۇنچىلىك ياخشى تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىن بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بىلمىگەن كىشى ئاللاھ تائالانىمۇ بىلمەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ» .

   «ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بىلمىگەن ئادەم ئەمەل-ئىبادەتلەرنىمۇ تەلەپكە لايىق ئورۇندىيالمايدۇ. بىراۋ قىزىنى ياتلىق قىلماقچى بولسا، قىزىنى بەرمەكچى بولغان يىگىتنى بارلىق تەپسىلاتى بىلەن بىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ئىگىمىز، ئۇنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئازابىدىن قورقىمىز. ئاللاھ تائالا بىلىش ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىمدۇر» .

  ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، رەببىڭنى بىزگە سۈپەتلەپ بەرگىن دېگەندە، ئاللاھ تائالا قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ. اللَّهُ الصَّمَدُ. لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ. وَلَمْ يَكُنْ لَهُ كُفُوًا أَحَدٌ «(ئى پەيغەمبەر! سەندىن سورىغانلارغا) ئېيتقىنكى، (سىلەر بىلمەكچى بولغان) ئۇ ئاللاھ يەككە _ يېگانىدۇر، ئاللاھ ھېچكىمگە موھتاج ئەمەس، ئەكسىچە، ھەممە ئۇنىڭغا موھتاجدۇر. ئۇ بالىلىق بولغانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ» دېگەن ئىخلاس سۈرىسىنى نازىل قىلغان.

3. ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بىلىش بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ئەسلىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداپ، توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتا ئاللاھ تائالانى تونۇش ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. چۈنكى بۇيرۇغۇچىنى ۋە توسقۇچىنى بىلمىگەن ئادەم ئىتائەت قىلمايدۇ، ئۇنى قانچىلىك ياخشى بىلگەن كىشىنىڭ ئىتائىتى سۇنچىلىك كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ۋالىي قىلىپ ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنى ئەڭ ئاۋۋال دەۋەت قىلىدىغان ئىشىڭ ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتۇر. ئۇلار ئاللاھنى تونۇغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن، ئۇلار ئۇنى ئورۇندىغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بايلىرىدىن ئېلىپ پېقىرلىرىغا بېرىىلىدىغان زاكاتنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن» .

4. ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بىلىش دۇئا ئىجابەت بولۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ تۈرتكىلىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ وَلِلَّهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَى فَادْعُوهُ بِهَا «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار. ئاللاھنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار»( ) دېگەن سۆزى بۇنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنى ئۆزىنىڭ گۈزەل ئىسمى بىلەن دۇئا قىلىسقا بۇيرىدى، ئاندىن دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلىسقا ۋەدە قىلدى. ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن» . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلسا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى ئاتاپ دۇئا قىلاتتى. ئۇ مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: «اَللَّهُمَّ رَحْمَتَكَ أَرْجُو، فَلاَ تَكِلْنِي إِلَى نَفْسِي طَرْفَةَ عَيْنٍ، وَأَصْلِحْ لِي شَأْنِي كُلَّهُ، لاَ إِلٰهَ إِلَّا أَنْتَ » «ئى ئاللاھ! رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، مېنى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ ئۆز ھالىمغا قويۇۋەتمىگىن، بارلىق ئىشلىرىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، سەندىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر»( ). يەنە مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «اَللَّهُمَّ إِنِّي عَبْدُكَ وَابْنُ عَبْدِكَ وَابْنُ أَمَتِكَ نَاصِيَتِي بِيَدِكَ، مَاضٍ فِيَّ حُكْمُكَ، عَدْلٌ فِيَّ قَضَاؤُكَ، أَسْأَلُكَ بِكُلِّ اسْمٍ هُوَ لَكَ، سَمَّيْتَ بِهِ نَفْسَكَ، أَوْ أَنْزَلْتَهُ فِي كِتَابِكَ، أَوْ عَلَّمْتَهُ أَحَداً مِنْ خَلْقِكَ، أَوْ اِسْتَأثَرْتَ بِهِ فِي عِلْمِ الْغَيْبِ عِنْدَكَ، أَنْ تَجْعَلَ الْقُرْآنَ رَبِيْعَ قَلْبِي وَنُوْرَ صَدْرِي وَجَلاَءِ حُزْنِي َوذِهَابَ هَمِّي» «ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ قۇلۇڭمەن، قۇلۇڭنىڭ ۋە دېدىكىڭنىڭ ئوغلىمەن، تەقدىرىم سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. مېنىڭ ئۈچۈن تەقدىر قىلغانلىرىڭ ھەر زامان يۈرگۈچى ۋە ئادالەتنىڭ ئۆزىدۇر. ئى ئاللاھ! ئۆزۈڭ  شۇنداق ئاتىغان ياكى كىتابىڭ ئارقىلىق چۈشۈرگەن ياكى بەندىلىرىڭدىن بېرەرسىگە بىلدۈرگەن ياكى ئۆز دەرگاھىڭدىكى غەيبلەر قاتارىدا بىزلەرگە بىلدۈرمىگەن بارچە ئىسىملىرىڭنى ۋاسىتە قىلىپ سەندىن قۇرئان كەرىمنى كۆڭلۈمنىڭ باھارى، قەلبىمنىڭ نۇرى، قايغۇلىرىمنى يوق قىلغۇچى ۋە ئەندىشىلىرىمنى كەتكۈزگۈچى قىلىشىڭنى سورايمەن»( ).

 ئۆلىمالار ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى ئاتاپ دۇئا قىلىش بارچە غەم-قايغۇلارنىڭ يوقىلىشىغا ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەل بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

5. ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بىلىش ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولۇشنىڭ يولىدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەلۇم بىر جايغا قوشۇن ئەۋەتكەن بولۇپ، قوشۇنغا ئىمام بولغان كىشى نامازلىرىنىڭ ھەممە رەكئەتىدە ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇغان. قوشۇن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ ئەھۋالنى بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا «نېمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىنى ئۆزىدىن سوراپ بېقىڭلار» دېگەن. ئۇلار ھېلىقى ئىمامدىن نېمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ «مەن ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭ جاۋابى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار، ئاللاھ ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ»  دېگەن.

ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن ئادەم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ، ئاسىيلىق قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيدۇ، ئۇنى سېغىنىدۇ ۋە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. چۈنكى مۇئمىنلەر ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مۇشەررەپ بولىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇر تېغىدا ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنى بىۋاسىتە ئاڭلىغاندا ئاللاھ تائالانى كۆرۈشنى قاتتىق ئارزۇ قىلىدۇ، ھەتتا ئاللاھ تائالادىن شۇنى تىلەيدۇ. وَلَمَّا جَاءَ مُوسَى لِمِيقَاتِنَا وَكَلَّمَهُ رَبُّهُ قَالَ رَبِّ أَرِنِي أَنْظُرْ إِلَيْكَ قَالَ لَنْ تَرَانِي وَلَكِنِ انْظُرْ إِلَى الْجَبَلِ فَإِنِ اسْتَقَرَّ مَكَانَهُ فَسَوْفَ تَرَانِي فَلَمَّا تَجَلَّى رَبُّهُ لِلْجَبَلِ جَعَلَهُ دَكًّا وَخَرَّ مُوسَى صَعِقًا فَلَمَّا أَفَاقَ قَالَ سُبْحَانَكَ تُبْتُ إِلَيْكَ وَأَنَا أَوَّلُ الْمُؤْمِنِينَ «مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا (تۇر تېغىغا) كەلگەن ۋە رەببى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلغان چاغدا: «ئى رەببىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرۈۋالاي» دېدى. ئاللاھ: «سەن مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن. لېكىن، تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. رەببى تاغقا ئۆز نۇرىنى غىل _ پال چۈشۈرۈش بىلەن تاغنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى، مۇسا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ: «(ئى رەببىم!) سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (قەۋمىم ئىچىدە ساڭا( ئىشەنگۈچىلەرنىڭ تۇنجىسىمەن« دېدى» .

6. ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى تولۇق بىلگەن كىشى نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى بىلگەن بولىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقۇچى دېگەن سۈپىتىنى بىلەگەن ئادەم ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھ تائالا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. اللَّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ « ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر» . ئاللاھ تائالانىڭ رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئادەم ئاللاھ تائالادىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ رىزىق بېرىشىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. وَمَا مِنْ دَابَّةٍ فِي الْأَرْضِ إِلَّا عَلَى اللَّهِ رِزْقُهَا «يەر يۈزىدىكى ھەربىر جانلىققا رىزىق بېرىشنى ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان» . ئاللاھ تائالانىڭ ئالىم ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئادەم ئۆزىنىڭ نەقەدەر جاھىل ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ «ئاللاھ ھەممىنى بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر» .

شۇڭا، «رەببىنى بىلگەن ئادەم ئۆزىنى بىلىدۇ» دەپ توغرا ئېيتىلغان. چۈنكى ئاللاھ تائالانى بارلىق گۈزەل سۈپەتلىرى ۋە ئۇلۇغ ئىسىملىرى بىلەن مۇكەممەل تونۇغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، كەمچىلىكىنى ۋە يېتەسىزلىكىنى بىلىدۇ. نەتىجىدە، ئاللاھ تائالاغا بولغان باغلىنىشى ۋە ئىخلاسى ئاشىدۇ، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىزھار قىلىپ ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىدۇ، ئىبادەت قىلىدۇ ۋە ھاجەتلىرىنى تىلەيدۇ.

7. ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بىلىش تەقۋادارلىققا ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن ئەيمىنىشكە تۈرتكە بولىدۇ. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنى بىلىش ئۇنىڭدىن قورقۇش ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر، شۇنىڭدەك ئاللاھنى بىلمەسلىك مەغرۇرلۇق ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر» . ئىنسان ئاللاھ تائالانى قانچىلىك مۇكەممەل تونۇسا ئۇنىڭ تەقۋالىقى شۇنچىلىك ئاشىدۇ، ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنى قانچىلىك ياخشى بىلسە، ئۇنىڭ ئەقىدىسى شۇنچىلىك مۇستەھكەم بولىدۇ. إِنَّمَا يَخْشَى اللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن ھەممىدىن بەك قورقىدىغان زات ئىدى. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالانى ھەممىدىن بەك ئوبدان بىلەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىپادىلەپ:«مەن ئاراڭلاردا ئاللاھنى ھەممىدىن بەك بىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ھەممىدىن بەك قورقىدىغان بىرىمەن»  دېگەن.

8. ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بىلىش گۇناھ- مەئسىيەتلەردىن ساقلىنىش ۋە تائەت –ئىبادەتكە رىغبەتلىنىشنىڭ يولىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىنىڭ قاتتىقلىقىنى، رەھمىتىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكىنى ۋە مۇكاپاتىنىڭ مول ئىكەنلىكىنى بىلەگەن كىشى ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ كاتتا مۇكاپاتىغا ئۆزىنى سازاۋەر قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ. بۇ خۇددى ئىش ئورنىدىكى باشلىقىنىڭ ھەرقانداق بىر كەمچىلىكنى كۆزدىن ساقىت قىلمايدىغان، ياخشى ئىشلىگەنلەرنىڭ مۇكاپاتىنى ئاشۇرۇپ بېرىدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشىنىڭ باشلىقنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ قېلىشتىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭ مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولۇش ئۈچۈن زور ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرگىنىگە ئوخشايدۇ.

9. ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بىلىش گۈزەل سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇشنىڭ يولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ناھايىتى رەھىم – شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە رەھىم –شەپقەتلىك بولغانلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلگەن ئادەم ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتىغا رەھىم-شەپقەتلىك بولۇشقا تىرىشىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنتايىن كەرەملىك سېخىي زات ئىكەنلىكىنى ۋە سېخىيلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلگەن ئادەم ئەلۋەتتە سېخىلىقتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلىنىشقا تىرىشىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار