
ئاللاھ تائالانىڭ «ئەلقەۋىي» دېگەن ئىسمى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئاللاھ تائالانىڭ «القَوِيُّ»دېگەن ئىسمى «قۇرئان كەرىم»دە توققۇز ئورۇندا كەلگەن. ]إِنَّ اللَّهَ قَوِيٌّ شَدِيدُ الْعِقَابِ[[1]، ]إِنَّ رَبَّكَ هُوَ الْقَوِيُّ الْعَزِيزُ[[2]، ]إِنَّ اللَّهَ هُوَ الرَّزَّاقُ ذُو الْقُوَّةِ الْمَتِينُ[[3] قاتارلىق ئايەتلەر شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
«القَوِيُّ» ئاللاھ تائالانىڭ مۇتلەق كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە، ھېچ نەرسىدىن ئاجىز كەلمەيدىغان، كۈچ-قۇدرىتى خوراپ كەتمەيدىغان، ئەڭ كۈچلۈك زات ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن كۈچلۈكتۇر
مۇتلەق كۈچ-قۇۋۋەت ئىگىسى بولغان، بەندىلىرىگە ئاجىزلىقتىن ئىبارەت سۈپەتنى ئاتا قىلغان ۋە ئۇلارغا چەكسىز مېھىر-شەپقىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئۇلۇغ رەببىمىزگە شۈكۈرلەر بولسۇن! ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئۆزىگە ئىلتىجا قىلسۇن دەپ ئاشۇنداق ئاجىز ياراتقانكى، ئۇنىڭ ئاجىزلىقى كېسەل بولغاندا، يوقسۇللۇققا قالغاندا، كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغاندا، چارىسىز قالغاندا ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. شۇ چاغدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان ھەقىقىي موھتاجلىقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان موھتاجلىقى مەڭگۈلۈك ۋە تەبىئىي موھتاجلىق بولۇپ، ئۇلار ئاللاھ تائالادىن بىھاجەت بولالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ چەكسىز قۇدرىتى ۋە تەڭداشسىز مېھىر-شەپقىتى بىلەن ئاجىزلارغا ياردەم قىلىدۇ، كېسەللەرگە شىپالىق بېرىدۇ، موھتاجلارغا بېرىدۇ، زالىملارنى جازالايدۇ.
رەببىمىزنىڭ ئىلاھىي قۇدرىتى ئالدىدا دۇنيانىڭ كۈچلۈكلىرى ئاجىز، ئۇلۇغلۇقى ئالدىدا بارلىق مۇتەكەببىرلەر بىچارە، ئادالىتى ئالدىدا بارچە زالىملار خاردۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى جازالىماقچى بولسا، ئەڭ كىچىك ھاشارەتنى ئەۋەتىپ ياكى ئاددىي بىر كېسەلگە دۇچار قىلىپ ۋەياكى تۇيۇقسىز ھالاك قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەممىگە قادىردۇر.
بارچە كۈچ-قۇۋۋەت ئاللاھ تائالادىن كېلىدۇ
ئاللاھ تائالا ئۆزىدىن ياردەم تىلىگەن بەندىلىرىگە ياردەم بېرىدۇ، كۈچ-قۇۋۋەت تەلەپ قىلغانلارغا كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ياردىمى ۋە مەدەت بېرىشى بىلەن دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىنى ئادا قىلىدۇ ۋە ھاياتتىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئورۇندايدۇ. شۇڭا بىز ھەمىشە )لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلا باللَّهِ( «ھەرقانداق كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا بولىدۇ» دېگەن كەلىمىنى چىن ئېتىقادىمىز بىلەن ئوقۇيمىز.
كېسەللىكمۇ ئاجىزلىقتۇر
ھەر قانچە كۈچلۈك ئىنسانمۇ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرمەكچى بولسا كېسەللەرنىڭ ئەھۋالىغا قارىسا بولىدۇ. چۈنكى، ئاددىي بىر كېسەللىكمۇ ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىدىغان پەند-نەسىھەتتۇر. ئەمەۋىيلەر خەلىپىلىكىىنىڭ خەلىپىسى سۇلەيمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەدە قۇدرىتى ۋە ھەيۋىسى تونۇلغان ئەڭ شان-شەۋكەتلىك پادىشاھ ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق قەسرىنى يىراقلاردا قويۇپ، ئۇزۇن سەپەرگە چىققان بىر كۈنى قاتتىق كېسەلگە گىرىپتار قالىدۇ، گەرچە يېنىدىكى تېۋىپلار قولىدىن كەلگەن چارىلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دورىلىرى مەنپەئەت قىلمايدۇ، پايتەختكە قايتىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئىككى ئايلىق مۇساپە بار ئىدى. پادىشاھ بىر ئاخشىمى ئاشۇ قاتتىق كېسەللىك ھالىتىدە ئەسكەرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چىقىدۇ، كۆز يەتمىگۈدەك ئۇزۇن سەپلەرگە تىزىلغان ئەسكەرلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ سەلتەنىتىنىڭ كاتتىلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ ئىنتايىن چارىسىز ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، كېسىلىنى داۋالىتالمىغۇدەك دەرىجىدە ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، ئاندىن ئاسمانغا قاراپ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ، ئىنتايىن بىچارىلىك بىلەن : «ئى پادىشاھلىقى مەڭگۈ يوقالمايدىغان قۇدرەتلىك ئىگەم! مەندەك پادىشاھلىقى زاۋال تاپقان ئاجىز بەندەڭگە رەھىم قىلغايسەن» دەپ ئىلتىجا قىلىدۇ ۋە ئائىلىسىدىن، ھەشەمەتلىك ئوردىسىدىن يىراق بىر جايدا ھەسرەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
قولى ھەممىلا يەرگە يېتىدىغان، بىر پەرمان بىلەنلا ھەرقانداق ئىشنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىدىغان شان-شەۋكەتلىك پادىشاھ سۇلەيمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئۆزىنىڭ بۇنداق چارىسىز قالىدىغانلىقىنى، كېسىلىگە دورا تاپالمايدىغانلىقىنى ۋە ئاخىرقى نەپىسىنى چۆل-جەزىرىدىكى بىر چېدىردا بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى ھارۇن رېشىد كۈچ-قۇدرىتى ۋە ئادالىتى بىلەن تونۇلغان كاتتا پادىشاھلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ بىر كۈنى باغدادتىكى قەسىرىسىدە ئاخىرقى كۈنلىرىنى ياشاۋاتاتتى، تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن، كېسىلى ئېغىرلاشقان شۇ لەھزىلىرىدە، قەسرىنىڭ ئارقىسىدىكى دەريا بويىدا بىر دېھقاننىڭ خۇشاللىقتىن ناخشا ئېيتىپ كىر يۇيۇۋاتقانلىقىغا قاراپ، ھەسرەت بىلەن «كاشكى، پادىشاھلىق دېگەننى بىلمىگەن بولسام، ئاشۇ دېھىقاندەك ئاددىي بىر ئادەم بولۇپ بىرەر كۈن بولسىمۇ غەمسىز ياشىۋالغان بولسام» دەيدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي نەپەس ئۆزىدۇ. ئىنسان ئەنە شۇنداق ئاجىز مەخلۇق بولۇپ، ئۇئاددىي كېسەلگىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
ئىنساننىڭ بەزىدە پاشىغىمۇ كۈچى يەتمەيدۇ
ئاللاھ تائالا خالىسا مۇتەكەببىرلەرنى ئەڭ ئاددىي ھاشارەت بىلەنمۇ ھالاك قىلىۋېتىدۇ، ئۆزىنى كۈچلۈك سانىغانلارنى ئەڭ ئاجىز ھالەتلەرگە چۈشۈرۈپ يوق قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بۇنداق قىلىشى ئاجىزلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋەت پەقەتلا ئاللاھ تائالاغا خاسلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ ئاجىز ۋە ھالاك بولغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈندۇر. )انَا۠ أُحْىِۦ وَأُمِيتُ( «مەنمۇ تىرىلدۈرەلەيمەن، ئۆلتۈرەلەيمەن»[4] دەپ كۆرەڭلىگەن نەمرۇدنىڭ بۇرنىدىن كىرگەن پاشا ئۇنىڭ مېڭىسىگە يېتىپ بېرىپ، ئۇنى ئەڭ قاتتىق ئازابلار بىلەن ئازابلاپ ئۆلتۈردى. پاشا ئۇنىڭ مېڭىسىدە تۇرماستىن ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ئەڭ قاتتىق ئازابىنى تېتىتقان بولۇپ، نەمرۇد ئاغرىققا چىدىيالماي ئۆزىنىڭ ئاياق كىيىمى بىلەن ئۆز بېشىغا ئۇرۇپ زىدە قىلىۋەتكەن ۋە شۇ ئازابلاردىن قۇتۇلالماي ئۆلگەن ئىدى. ئەگەر ئۇ راستتىنلا تىرىلدۈرۈشكە ۋە ئۆلتۈرۈشكە قادىر بولسا ئىدى، ئاۋۋال مېڭىسىنى ئازابلىغان پاشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قوغدىغان بولار ئىدى.
مۇتەكەببىرلەرنىڭ جازاسى ئىبرەتلىك بولىدۇ
ئۆزىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئىلاھى ساناپ: )أَنَا۠ رَبُّكُمُ ٱلْأَعْلَىٰ( «مەن سىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك رەببىڭلار بولىمەن»[5] دېگەن پىرئەۋننى ئاللاھ تائالا تا قىيامەتكىچە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئىبرەت بولىدىغان شەكىلدە جازالىدى. پىرئەۋن بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ۋەزىرى ھامانغا )يَـٰهَـٰمَـٰنُ ٱبْنِ لِى صَرْحًا لَّعَلِّىٓ أَبْلُغُ ٱلْأَسْبَـٰبَ . أَسْبَـٰبَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ فَأَطَّلِعَ إِلَىٰٓ إِلَـٰهِ مُوسَىٰ( «ئى ھامان! سەن ماڭا بىر ئېگىز مۇنار ياسىغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن يوللارغا- ئاسماننىڭ يوللىرىغا ئۇلىشىپ، مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرۈشۈم مۇمكىن»[6] دەپ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ «رەببىمىز ئەرشنىڭ ئۈستىدە» دېگەن سۆزىنى مەسخىرە قىلغان ۋە «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريا مېنىڭ ئەمەسمۇ؟»[7] دېگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇنى مېنىڭ دەپ دەۋا قىلغان سۇدا غەرق قىلىش ئارقىلىق جازالىدى ۋە جەسىتىنى كېيىنكى مۇتەكەببىرلەرگە دەرس بولسۇن ئۈچۈن ساقلاپ قويدى.
دېمەك، ئۆزىنى ئىلاھ دەپ ئېلان قىلغان ۋە ئاستىدىن ئاققان دەريا سۈيى بىلەن كۆرەڭلىگەن زالىم سۇدا غەرق بولدى، ئۆزىنى تىرىلدۈرگۈچى ۋە ئۆلتۈرگۈچى دەپ سانىغان ھاكاۋۇرنى بىر پاشا ئۆلتۈردى، مال- دۇنياسىنى ئۆز ئىلمى ۋە ئىقتىدار بىلەن تاپقانلىقىنى دەۋا قىلغان بېخىل مال-دۇنياسى بىلەن يەرگە كۆمتۈرۈلدى. ««Gott ist tot (ئاللاھ ئۆلدى) دېگەن سەپسەتىنى يازغان گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ فېرىدرىك ئەقلىدىن ئېزىپ، رەسمىي ساراڭ بولۇپ، دوختورخانىدىن دوختورخانىغا يۆتكىلىپ يۈرۈپ خارلىق ۋە رەزىللىك ئىچىدە ئۆلدى.
ئاللاھ تائالا زالىملارنى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ، ھامان بىر كۈنى ئىبرەتلىك جازالايدۇ، جازالىغاندىمۇ تولىمۇ قاتتىق جازالايدۇ. بىز ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتىنى بىلمەيمىز. شۇڭا ئالدىراپ كەتمەسلىكىمىز ۋە رەببىمىزنىڭ ئادالىتىگە تامامەن ئىشىنىشىمىز لازىم.
ئاللاھ تائالا كۈچلۈلەرنىڭ كۈچلۈكىدۇر
مەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ۋاقتىمدا بىر ئۆلىمانىڭ لېكسىيەسىدىن مۇنۇلارنى ئاڭلىغان ئىدىم: مەلۇم بىر مەھەللىدە ناھايىتى بەستلىك ۋە كۈچلۈك بىر ئادەم بار بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلاتتى. بىر كۈنى قۇشنىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا ئوتتۇرا ياشلىق بىر قوشنىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، «ئۇ ئادەم سىز ئۆيىڭىزدە بولمىغان ۋاقىتلاردا، ئۆگزىسىدىن سىزنىڭ ھويلىڭىزغا قارايدۇ ۋە ئائىلىڭىزدىكى نامەھرەملەرگە كۆز تىكىدۇ» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنى دېگەن ئادەم ھېلىقى قوشنىسىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يالغاندىن دېگەن ئىكەن. لېكىن ئۆي ئىگىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ ۋە ئۇ ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن يېتىۋېلىپ، ئۇنى قاتتىق ئۇرىدۇ، ئۇرغاندىمۇ شەپقەتسىزلەرچە ئۇرىدۇ. تاياق يېگەن ئادەم تاياق زەربىسى بىلەنمۇ ياكى ئىزاغا چىدىيالمايمۇ، خۇددى كىچىك بالىدەكلا يىغلاپ كېتىدۇ، تاياق ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دەرھال مەسجىدكە يول ئالىدۇ، تاھارەتنى كامىل ئېلىپ نامازغا تۇرىدۇ، مەسجىدتە تولۇق ئامانلىقنى تاپىدۇ، كۆڭلىنى سەگىتىدۇ، ناماز تۈگىگەنگە قەدەر يىغلاپ چىقىدۇ، ھەتتا سەجدە قىلغان جاينى ھۆل قىلىۋېتىدۇ، پۈتۈن دەردىنى ئاللاھ تائالاغا تۆكىدۇ، «ئى رەببىم! سەن كۈچلۈكلەرنىڭ كۈچلۈكىسەن، مېنىڭ ئىنتىقامىمنى ئېلىپ بەر» دەپ ئىلتىجا قىلىدۇ. ئۇنىڭ گۇناھسىز تۇرۇقلۇق، ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا تاياق يېگەنلىكى ۋە بەدىنىنىڭ ھەممە يېرى سۇنۇپ كەتكەندەك ئاغرىپ كەتكەنلىكى ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر كەلگەن ۋە ئاللاھ تائالاغا دەردىنى تۆككەن ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، سۆرەلگەن ھالدا ئاستا-ئاستا ئۆيىگە يېتىپ كېلىدۇ، نومۇستىن ھېچكىمگە كۆرۈنگۈسى ۋە ھېچكىمگە گەپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئۆيىدە يېتىپ قاتتىق ئويغا چۆكىدۇ، زۇلۇمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئاجىزلىقنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، چارىسىزلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تولۇق مەنىسى بىلەن ھېس قىلىدۇ. ئەتىسى ناماز بامداتنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئاكىسى خەۋەر يەتكۈزگىلى كېىلىدۇ. ئۇ نېمە خەۋەر ئىكەن دېگەندە، ئۇنى كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇشىغا ئۇرغان ھېلىقى كۈچلۈكنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئىدى.
كۈچلۈكلەرنىڭ كۈچلۈكى بولغان ئاللاھ تائالا ھەممىنى كۆرۈپ تۇراتتى، تاياق يېگۈچىنىڭ نالە-پەريادىنى ۋە دۇئاسىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.
زۇلۇم ئەۋجگە چىققاندا
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر خىزمەتدىشىم تەبۇك رايونىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: سىڭلىم ھامىلىدار ئىدى، بىر كۈنى ئۇ يولدىشى بىلەن ئاپتوموبىلدا سىرتقا چىققان بولۇپ، قىزىل چىراقتا توختاپ تۇرغاندا، قارشى تەرەپتىن ناھايىتى تېز كەلگەن بىر ياش ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئۇرۇلدى، ۋەقەدە سىڭلىم قازا تاپتى. قازادا ھېلىقى ياش يۈزدە يۈز سەۋەبكار ئىدى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن سوت بولدى. سوتقا ھېلىقى ياش بىر گۇۋاھچىنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، گۇۋاھچى يالغاندىن نەچچە قەسەملەرنى ئىچىپ، سىڭلىمنىڭ يولدىشىنى قازانىڭ سەۋەبكارى قىلىپ كۆرسەتتى. سوتچى بۇ ئەھۋالغا قاراپ سوتنى بىر ھەپتە كېچىكتۈرۈپ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ناھەقچىلىكتىن پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىمىز قاتتىق بىئارام بولدى. ئاخىر ھەممىمىز ئاشۇ كېچىنى دۇئا بىلەن ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا دەردىمىزنى ئېيتتۇق. سوت بولىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كېچىسىمۇ ھېچبىرىمىز ئۇخلىمىدۇق، كېچىنى دۇئا بىلەن ئۆتكۈزدۇق. ئەتىسى سوتقا بارساق، ھېلىقى ياش سوتچىنىڭ ئالدىدا قازادا خاتالىق ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ جازغا لايىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھەممىمىز ھەيران قالدۇق. سوتچى ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇرۇن يالغان ئېيتىپ، يالغان گۇۋاھچىنى كەلتۈرۈپ، ئەمدى بۈگۈن توغرىسىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ «مەن بۇرۇن كەلتۈرگەن گۇۋاھچى بۈگۈن كېچە ئۆلدى» دېدى. ھەممىمىزسۈكۈت ئىچىدە قالدۇق، ئاندىن سوتچى ئاخىرقى قارارىنى چىقاردى ۋە ھېلىقى ياشنى تۈرمىگە ئېلىپ كەتتى».
ئاللاھ تائالا ئاجىزلارغا يار- يۆلەكتۇر
بىر ئۆلىما ھېكايە قىلىدۇكى، يىگىرمە ياشلاردىكى بىر قىز يىگىتى بىلەن يامغۇرلۇق بىر كۈندە تار كوچىدا كېتىپ باراتتى، يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەمنىڭ ئاياق تېۋىشىدىن ئۆرلىگەن پاسكىنا سۇ قىزنىڭ كىيىمىگە چاچراپ كېتىدۇ. قىز قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، يىگىتىگە ئۇ ئادەم ئۈستىدىن دەردلىنىدۇ. يىگىت قىزنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ كۈچىنى بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بولىدۇ-دە، ھېلىقى ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن يېتىشىپ بېرىپ، ئۇنى قاتتىق بىر مۇشت بىلەن ئۇرۇپ يەرگە يىقىتىۋېتىدۇ. ئادەم ئۇ كۈچلۈك يىگىتگە قاراپ ئىچىدە بىر نەرسىلەرنى دەپ پىچىرلاپ قالىدۇ. بىرەر سائەتتىن كېيىن قىز يىگىتى بىلەن بىللە ئۆيىگە يېتىپ كېلىدۇ ۋە ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەندە، ئىشىكنىڭ يۇقىرى تەرىپى ئۆرۈلۈپ يىگىتنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ، يىگىت شۇ يەردە جان ئۆزىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى قىز سوتچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، «بىر ئادەم ئەپسۈن ئوقۇپ، مېنىڭ يىگىتىمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى» دەپ تاياق يېگەن ئادەم ئۈستىدىن ئەرز قىلىدۇ. سوتچى ئادەمنى چاقىرتىپ ئەكىلىپ ئۇنىڭدىن «سەن قانداق قىلىپ ئۇ يىگىتنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدۇڭ؟» دەپ سورايدۇ. ئادەم: «مەن ھېچ ئىش قىلمىدىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. قىز: «ئۇ ھېچ ئىش قىلمىدى، ئەمما بىر نەرسىلەرنى دەپ يىگىتىمگە قەست قىلدى» دەيدۇ. سوتچى ئادەمدىن: «سەن شۇ چاغدا نېمە دېگەن ئىدىڭ؟» دەپ سورايدۇ. ئادەم «مەن ئۇ چاغدا"ئى كۈچلۈكلەرنىڭ كۈچلۈكى بولغان ئاللاھ! ئۇ ماڭا كۈچىنى كۆرسەتتى، سەنمۇ ئۇنىڭغا كۈچۈڭنى كۆرسەتكىن" دېگەن ئىدىم» دەيدۇ. سوتچى قىزغا قاراپ: «سىز يىگىتىڭىزگە ئۇ ئادەم ئۈستىدىن ئەرز قىلغان ئىكەنسىز، يىگىتىڭىز ئۇ ئادەمنى جازالاپ بېرىپتۇ، ئۇ ئادەممۇ رەببىگە يىگىتىڭىز ئۈستىدىن ئەرز قىلغان ئىكەن، رەببى يىگىتىڭىزنى جازالاپتۇ» دەپ قىزنى قايتۇرۈۋېتىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ«قەۋىي» دېگەن ئىسمىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟
ئاللاھ تائالانىڭ «قەۋىي» دېگەن ئىسمىدىن ئىمان- ئېتىقادتا، ئەمەل-ئىبادەتتە، تەن ساقلىقتا، ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ۋە بىزگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا كۈچلۈك بولۇشنى، ئاللاھ تائالانىڭ كۈچلۈك مۇئمىننى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇتلەق كۈچ-قۇۋۋەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەشنى ئۆگىنىمىز.
[1] ئەنفال سۈرىسى 52- ئايەت.
[2] ھۇد سۈرىسى 66- ئايەت.
[3] زارىيات سۈرىسى 58- ئايەت.
[4] بەقەرە سۈرىسى: 258- ئايەت.
[5] نازىئات سۈرىسى:24- ئايەت.
[6] غافىر سۈرىسى: 36-37- ئايەتلەر.
[7] زۇخرۇف سۈرىسى: 51- ئايەت.

