
كىشىلەرنى قەدىرلەش سىزنى يۈكسەلتىدۇ
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئىنسان جىمى مەۋجۇداتنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ھۆرمەتلىك يارىتىلغان قىممەتلىك بارلىق بولۇپ، بارچە كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلغان. وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آَدَمَ وَحَمَلْنَاهُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَفَضَّلْنَاهُمْ عَلَى كَثِيرٍ مِمَّنْ خَلَقْنَا تَفْضِيلًا «شەكسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ئەزىز قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرىغا)، دېڭىزدا (كېمە ۋە پاراخوتلارغا) چىقاردۇق. ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، يەنە ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئالاھىدە ئۈستۈن قىلدۇق« ، اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَأَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجَ بِهِ مِنَ الثَّمَرَاتِ رِزْقًا لَكُمْ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْفُلْكَ لِتَجْرِيَ فِي الْبَحْرِ بِأَمْرِهِ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْأَنْهَارَ «ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، شۇ يامغۇر بىلەن سىلەرگە رىزىق قىلىپ نۇرغۇن مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن ۋە سىلەرگە كېمىلەرنى ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا قاتنايدىغان قىلىپ بەرگەن، سىلەرگە دەريالارنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زاتتۇر» . ئاللاھ تائالا ئىنساننى ھۆرمەتلىك ۋە جىمى مەۋجۇداتتىن ئۇلۇغ قىلىپ ياراتقان ئىكەن، ئىنسانلارنىڭمۇ بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى ۋە قەدىرلىشى ئەقەللىي تەلەپتۇر. ئىنسان باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەنسېرى، ئۇلارغا قىممەت بەرگەنسېرى ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشۇرالايدۇ ۋە ئۆزىنى يۈكسەلتەلەيدۇ.
ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ نەمۇنىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھېچقانداق ئادەمنى تۆۋەن سانىمايتتى، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئاددىي سانىلىدىغان كىشىلەرگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۇلارنى قەدىرلەيتتى، بىراۋ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇتاتتى، ئۇ قولىنى تارتمىغۇچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىنى تارتمايتتى، ئۇ يۈزىنى باشقا ياققا بۇرىمىغىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۈزىنى ئۇنىڭدىن باشقا ياققا بۇرىمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەزىرىدە قىممەتسىز ئادەم يوق ئىدى، ئۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە شۇنداق ئۇنتۇلماس گۈزەل تەسىرلەرنى قالدۇراتتىكى، ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان ھەرقانداق ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ، دەپ قالاتتى.
ساھابىلىرىنىڭ ئىچىدە ئابدۇللاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ لەقىمى ئېشەك ئىدى. كىشىلەر ئۇنى ئېشەك دەپ چاقىراتتى. بۇنداق چاقىرىش ئۇنى ھايۋانغا ئوخشاتقانلىقتىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئەرەبلەر پەرزەنتلىرىگە شۇڭقار، بۆرە دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملارنى كۆپ قويىدۇ. چۈنكى شۇڭقار ھۆرمەت ۋە ئىززەتنى ئىپادىلىسە، بۆرە جەسۇرلۇقنى ۋە شىجائەتنى ئىپادىلەيدۇ. ئېشەك دېگەن ئىسىممۇ سەۋر ۋە چىدامچانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. ئابدۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنتايىن بەك ياخشى كۆرەتتى، بازارلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، يېمەك-ئىچمەك، مېۋە-چىۋە ۋە كىيىم-كېچەك دېگەندەك كۆزىگە نېمە چىرايلىق كۆرۈنسە شۇنى سېتىۋېلىپ كېلىپ، ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەدىيە قىلاتتى. بىر كۈنى ئۇ بازاردا كېتىۋېتىپ، بىر نەرسىنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ (ئۇنىڭ كىيىممۇ، يېمەك-ئىچمەكمۇ نېمە ئىكەنلىكىنى راۋى بايان قىلمىغان)، ئەمما سېتىۋالغىلى پۇلى بولمىغانلىقتىن، ساتقۇچىغا: «ئارقامدىن ماڭ، پۇلۇڭنى بېرىمەن» دەپ، ساتقۇچىنى ئېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ. ئابدۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام بەرگەندىن كېيىن، «يارەسۇلۇللاھ! بۇنى ئۆزلىرىگە ھەدىيە قىلىپ ئېلىپ كەلدىم» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ قايتاي دەپ تۇرۇشىغا، ئابدۇللاھ: «يارەسۇلۇللاھ! بۇنىڭ پۇلىنى بېرىۋەتكەيلا» دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سەن بۇنى ھەدىيە دېگەن ئەمەسمىدىڭ؟» دەيدۇ. ئابدۇللاھ: «توغرا دەيلا، بۇ سىلىگە ھەدىيە، ئەمما بېرىدىغان پۇلۇم يوق» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبەسسۇم قىلىدۇ ۋە پۇلىنى بېرىۋېتىدۇ. ئابدۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن ناھايىتى بەك ياخشى كۆرەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت بارغانسېرى كۈچلىنىپ كەتكەن ئىدى. بىر كۈنى ئابدۇللاھ ھاراق ئىچكەنلىكى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىنىپ دەررە ئۇرۇلىدۇ (ئىسلام شەرىئىتىدە ھارقكەشنى سەكسەن قامچا ئۇرۇپ جازالاش بار). شۇ چاغدا، ساھابىلەردىن بىرى: «ئاللاھ لەنەت قىلسۇن! بىر قېتىم ئەمەس، كۆپ قېتىم مۇشۇنداق جازالاندى» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ساھابىگە ئاچچىقلىنىپ: «ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇما! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ئادەم ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرىدۇ» دەيدۇ. ئابدۇللاھ ھاراق ئىچكەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار سانالسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىنى ھېسابقا ئالغان ۋە شۇ ياخشى تەرىپى يۈزىسىدىن ئۇنى ياخشى كۆرگەن. كاشكى بىزمۇ ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ يامان تەرەپلىرىنى ئەمەس، ياخشى تەرەپلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەنگەن بولساق، نېمىدېگەن ياخشى بولار ئىدى، ھە!
مەلۇمكى، ئىسلامدىن ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەردە ھاراق ئىچىش كۆپ ئىدى. ئىسلام كەلگەندىن كېيىن، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بىلەن ھاراق ئىچىش ھارام قىلىنغاندىن كېيىن، ساھابىلەر ھاراقنى پۈتۈنلەي تاشلىغان. شۇنداقتىمۇ ساھابىلەردىن ئىنتايىن ئاز كىشىلەر بەزىدە ھاراق ئىچىپ قويۇپ دەررە جازاسىغا ئۇچرايتتى. ئەبۇ مەھجەن ئىسىملىك ساھابىمۇ شۇنداق سىناققا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، شەيتاننى يېڭىشتە غەلىبە قىلغان ۋە ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ كاتتا مۇجاھىدلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەسجىدتە ئولتۇراتتۇق، شۇ پەيتتە سەھرالىق بىر ئادەم مەسجىدكە كىرىپ كىچىك تەرەت قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇنى كۆرگەن ساھابىلەر كۈتۈلمىگەن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا يۈگۈرىدۇ. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «توختاڭلار! ئۇ ئادەمنى ئالدىراتماڭلار، سۈيدۈكىنى قىسىۋالمىسۇن» دەپ ئۇلارنى پەس قىلىدۇ. ئاندىن ھېلىقى ئادەم تەرىتىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى يېنىغا چاقىرىپ ئۇنىڭغا: «بۇ مەسجىدلەر تەرەت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ناماز ئوقۇش ۋە قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن سېلىنغان» دەپ چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىدۇ. ھېلىقى ئادەم ئەتراپتىكىلەرنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ كېتىپ، سۆز قىلماستىن مەسجىدتىن چىقىپ كېتىدۇ. نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە بۇ ئادەم مەسجىدكە كىرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن تۇرۇپ «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دېگىنىدە ھەممە جامائەت بىرلىكتە «رەببەنا ۋەلەكەلھەمدۇ» دەيدۇ. پەقەت ھېلىقى ئادەم ئۈنلۈك ئاۋازدا "ئى ئاللاھ! ماڭا ۋە مۇھەممەدكە رەھىم قىلغىن، بىز ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىمگە رەھىم قىلمىغىن"دەپ دۇئا قىلىدۇ. ناماز تۈگىگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جامائەتكە يۈزلىنىپ، ھېلىقى دۇئانى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇ ئادەم "مەن" دەپ ئالدىغا چىقىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاللاھنىڭ كەڭ رەھمىتىنى تار قىلىۋالدىڭغۇ»( ) دەيدۇ.
ھەدىستىن مەلۇمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدكە تەرەت قىلغان سەھرالىق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چىرايلىق نەسىھىتى ۋە چەكسىز مېھرىبانلىقى بىلەن ئالغان ۋە ئۇنىڭ قەلبىگە كىرىپ چەكسىز سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولغان.
بۇددا دىنىنىڭ پېشۋالىرىدىن رىيۇكان ئىسىملىك بىر كىشى ئۆزىنىڭ كەمتەرلىكى بىلەن مەشھۇر ئىكەن. بىر كۈنى ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ قاراقچى ئىنىسىغا نەسىھەت قىلىپ قويۇشىنى ئۆتۈنىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قېرىندىشى شەھەردە تونۇلغان قاراقچى ۋە مەشھۇر ئوغرى بولۇپ، ئۇ ئاكىسىنىڭ نەسىھەتلىرىگە قەتئىي قۇلاق سالمىغان ۋە قاراقچىلىقتىن قەتئىي قول ئۈزمىگەن ئىكەن. رىيۇكان مۇخلىسىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالماي، قاراقچىنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ھېچقانداق نەسىھەت قىلمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدۇ، ئاندىن شۇ كېچىسى ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالىدۇ. رىيۇكان ئەتىسى قاراقچى بىلەن خوشلىشىپ ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلاي دەپ ماڭغاندا، قاراقچى كېلىپ ئۇنىڭ ئايىغىنى كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭ بوغۇچلىرى ئېتىپ قويىدۇ، بۇ ئارىدا ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى رىيۇكاننىڭ ئايىغىنى ھۆل قىلىۋېتىدۇ. ئاندىن قاراقچى ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ تېخىمۇ قاتتىق يىغلاپ كېتىدۇ، ئۇ بىر ھازادىن كېيىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ، «مۇشۇ كۈنگە قەدەر مېنى سىزدەك بىرەر پېشۋا زىيارەت قىلىپ باقمىغان ۋە ماڭا ھېچكىم ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىدى. سىزدەك كاتتا بىر زاتنىڭ مەندەك بىر قاراقچى بىلەن بىر كېچىنى بىللە ئۆتكۈزگىنىڭىزگە قارىغاندا مېنىڭ ئاز-تولا قىممىتىم بار ئىكەن» دەيدۇ. ھېلىقى قاراقچى شۇ كۈنىدىن باشلاپ قاراقچىلىقنى تاشلايدۇ ۋە بۇتخانىغا ئۆزىنى ئاتاپ، قالغان ئۆمرىنى راھىبلىق بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.
ئەسلىتىش:
— ئىنسانلار سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىزنى ۋە قىلغانلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما سىزنىڭ ئۇلاردا قالدۇرغان تەسىراتىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا گۈزەل تەسىراتلارنى قالدۇرۇشقا تىرىشىڭ.
— كىشىلەرنىڭ قىلمىشىغا قاراپ ئۇلارنى «گۇناھكار»غا چىقىرىۋەتمەڭ. چۈنكى سىز ئۇلارنىڭ قەلبىدىكىلەرنى بىلمەيسىز. بەلكى ئۆزرىسى باردۇ.
— سىز ئۇچراشقان ھەربىر كىشىگە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشىڭ. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
— ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن ھەرگىز ئارتۇق سانىماڭ. چۈنكى كىبىر دېگەن ئۆزىگە ئىشىنىپ كېتىشتىن باشلىنىدۇ.
— ھەربىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىنسان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىغا ياردەم قىلىڭ. چۈنكى ھەربىر ئىنسان ئۆز ئالدىغا بىردىن جەۋھەردۇر.
— ئۆزىڭىزنىڭ باشقا ئىنسانلار قاتارىدىكى ئاددىي بىر شەخس ئىكەنلىكىڭىز بىلەن پەخىرلىنىڭ. چۈنكى بۇنداق قىلىش سىزنى يۈكسەلتىدۇ، قىممىتىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.
— يا كۆرۈنگەندەك بولۇڭ، ياكى بولغىنىڭزدەك كۆرۈنۈڭ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولمىغانلارنى ياقتۇرمايدۇ.
سۆيۈملۈك ئۇستازىمىز مۇھەممەت يۈسۈپ قارى ھاجىمنىڭ <كىشىلەرنى قەدىرلەش سىزنى يۈكسەلتىدۇ>دېگەن ماقالىسىدىن ئۈزۈندە ئېلىندى.

