بىر ئايەت ھەققىدە تەپەككۇر

بىر ئايەت ھەققىدە تەپەككۇر

(نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى«تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق تەپسىردىن)

 

﴿وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنْسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ ﱠ «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتىم»  بۇ ئايەت كىشىلەرگە ۋەز _ نەسىھەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن كەلگەن يېڭى بىر باشلىنىش بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئىبادەت ئۈچۈن ياراتقان ئىكەن، ئۇلارغا ھەمىشە چىرايلىق ۋەز _ نەسىھەت قىلىپ ۋە تەسىرلىك ئۈگۈتلەرنى بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا يارىتىلغانلىقىنى ھەر زامان ئەسلىتىپ تۇرۇش پايدىلىقتۇر.

«جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتىم   » دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئەللامە ئىبنى جەرىر تەبەرىي بۇ ئايەتنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ «جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىتائەت قىلسۇن ۋە مېنىڭ ئەمرىمگە بويسۇنسۇن دەپ ياراتتىم»  دەپ تەپسىر قىلغانلىقىنى بايان قىلغىپ، مۇشۇ تەپسىرنى كۈچلەندۈرگەن. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ئىبادەت — ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ۋە تەلەپ قىلغان بويىچە ياشاش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا بەندىچىلىك بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر.

ئۇنداقتا، «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتىم »دېگەن ئايەت بىلەن  «شەك _ شۈبھىسىزكى، جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخ ئۈچۈن ياراتتۇق» ( ) دېگەن ئايەتنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ يەنى ئىنسانلار بىلەن جىنلاردىن نۇرغۇنلىرىنىڭ جەھەننەم ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن كېيىنكى ئايەت ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلسۇن دەپ يارىتىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئالدىنقى ئايەتكە زىت كەلمەمدۇ؟ جاۋاب شۇكى، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغان ھەرقانداق ئىبادەتنى ۋە ھەرقانداق ئەمر-پەرماننى ئورۇنداشقا سالاھىيەتلىك قىلىپ يارىتىپ، ئۇلارغا يېتەرلىك ئەقىل – ئىدراك ۋە ئىقتىدار ئاتا قىلغان. ئاللاھ تائالا ئىنساننى بۇنداق ئىقتىدارلىق ۋە ئەقىل _ ئىدراكلىق قىلىپ ياراتقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يارىتىلىشىنىڭ غايىسىنى تەلەپكە لايىق ياشاش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا بەندىچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىگە باغلىغان. كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ بۇ غايە ئۈچۈن ياشىمىغانلىقى ئۇلارنىڭ شۇ غايە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىدىكى ھېكمەتكە زىت كەلمەيدۇ. مەسىلەن: مەلۇم بىر دورا مەلۇم كېسەللەرنىڭ ئىستېمال قىلىشى ئۈچۈن يارىتىلغان بولسىمۇ، بۇ خىل كېسەللەرنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ ئۇ دورىنى ئىستېمال قىلمىغانلىقى دورىنىڭ ياسىلىشىدىكى مەقسەتكە زىت كەلمەيدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار