
قىزلارنىڭ يىگىتلىرى توغرۇلۇق بىلىشى زۆرۈر بولغان ئىشلار
مۇھەممەد يۈسۈپ
دۇنيادا ھېچقانداق نەرسە كۆرۈنگەندەك بولمىغاندەك، ھېچقانداق ئادەممۇ كۆرۈنگەندەك ئەمەس. شۇڭا ئادەملەرنى تونۇماق ئوڭاي ئەمەس. بولۇپمۇ ئۆيلىنىش ئالدىدىكى قىز-يىگىتلەرنىڭ بىر-بىرىنى تولۇق تونۇيالىشى بەسى مۈشكىلە. چۈنكى بۇ باسقۇچتا قىز-يىگىتلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزىنىڭ گۈزەل ۋە بولىدىغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىشكە، ناچار ۋە بولمايدىغان تەرەپلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا ئۇلار بىر-بىرىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى ۋە شۇ چاغدىكى دۇرۇسلۇقىنى كۆرىدۇ، ئەمما بىر-بىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ۋە ئەسلى خاراكتېرىنى تويدىن كېيىن بىلىدۇ. شۇڭا قىزلار يىگىتلەر بىلەن تونۇشقاندا ھېسسىياتقا بېرىلىپ كەتمەستىن ئەقىلنىڭ يول كۆرسىتىشىگە ئەگىشىشى لازىم.
قىزلار بولماقچى بولغان جورىسى ھەققىدە بىلىشكە تېگىشلىك ھەقىقەتلەر تۆۋەندىكىچە:
1. ھېسسىيات بىلەن قارار قىلماڭ
بىر كۆرۈش بىلەن پەيدا بولغان ھېسسىياتقا بېرىلىپ كەتمەڭ. چۈنكى ئۇ مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى ياقتۇرۇپ قېلىش بولۇپ، ئۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. سىز بولماقچى بولغان جورىڭىزنى تويدىن بۇرۇن تونۇمايسىز، ھەتتا تولۇق بىلىمەن دەپ قانائەت قىلغان بولسىڭىزمۇ تويدىن كېيىن سىز بىلمىگەن ھەقىقەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇ چاغدا سىز تونۇغان ۋە ئىشەنگەن جورىڭىزنىڭ باشقىچە بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىز.
شۇ چاغدا ئۆزىڭىزنىڭ ئالدىراپ قارار بەرگەنلىكىڭىزنى، ئاتا- ئانا، قېرىنداشلار ۋە دوستلارنىڭ سەمىمىي نەسىھەتلىرى بىر-بىرلەپ ئەقلىڭىزدىن ئۆتىدۇ. شۇڭا سىز ھاياتىڭىزنىڭ شېرىكى، ياخشى-يامان كۈنلەردە تايانچىڭىز بولىدىغان ۋە بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىدىغان جورىڭىزنى تاللاشتا ھېسسىياتقا ۋە مۇھەببەتكىلا تايىنىپ ئىش كۆرمەڭ، چوڭلارنىڭ، ئىش كۆرگەنلەرنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاڭ، يۈرىكىڭىزنى تىڭشاڭ. ئاۋۋال ئىستىخارە قىلىڭ. ئستىخارە _ ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق سوراش دېمەكتۇر. بىرەر ئىشنىڭ خەيرلىك بولۇپ_ بولماسلىقى توغرۇلۇق ئاللاھ تائالادىن مەنىۋى بىشارەت ئېلىشنى خالىغان ئادەم ئاللاھ ئۈچۈن ناماز ئوقۇيمەن دەپ نىيەت قىلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ تىلىكىنى سورايدۇ. سىز تاللىماقچى بولغان جورىڭىز توغرۇلۇق ئاللاھ تائالادىن ئاشۇنداق مەنىۋى ئىشارەت ئالسىڭىز بولىدۇ. بىر قانچە كۈن شۇنداق ئىستىخارە قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا خالىسا سىزگە جورىڭىز توغرۇلۇق ئىشارەت بېرىدۇ. سىز بۇ ئىشارەتنى كۆكلىڭىزنىڭ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭغا تارتىشى ياكى سوۋۇشى ئارقىلىق بىلىسىز.
2. ئەخلاقى ناچار دىندارغا ئىشەنمەڭ
سىز تاللايدىغان يىگىت قەلبى ئاللاھ تائالاغا باغلانغان، ئىبادەتلىرىنى جايىدا قىلىدىغان، ئۆزى راستچىل، مۇئامىلىسى دۇرۇس، ئىشچان بولسا يېتىدۇ. ئۆيى، كۆپ پۇلى، ماشىنىسى بولمىسىمۇ، ئىشى بولسا يېتەرلىكتۇر. شۇڭا سىز ئەخلاقسىز دىنداردىن ھەزەر ئەيلەڭ. ئەخلاقى ناچار دىندار ساختا دىنداردۇر. چۈنكى، ھەقىقىي دىندار ئادەم ئەخلاقلىق بولىدۇ. ئەپسۇسكى، بىزدە بىرەر ئادەمنى ماختىسا ياكى بىرەر يىگىتنى تونۇشتۇرماقچى بولسا، ئۇنى «بەش نامىزى جايىدا،تەقۋادار» دەپ سۈپەتلەيدىغان ئادەت ئومۇملىشىپ كەتكەن. ئەسلىدە بۇنىمۇ خاتا دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ناماز ئوقۇيدىغان تەقۋادار ئادەم رەببىنى تونۇغان، ئۇنىڭ يولىدا ماڭغان، مەسئۇلىيەتچان ئادەمدۇر. چۈنكى تەقۋادار ئادەم مەسئۇلىيەتچان بولىدۇ. ئەمما كۆرۈۋاتىمىزكى، ناماز ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسىلا ياخشى ئادەم بولۇپ كېتەلمىگەن. ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرى ئۇلاردىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق، ئالدامچىلىق دېگەندەك ناچار ئەخلاقنى تۈزىتەلمىگەن. شۇڭا دەيمىزكى، بىر ئادەمنى ياخشى دېيىش ۋە بىر يىگىتنى تەقۋادار دەپ تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ نامىزى ۋە ئىبادەتلىرى كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئەخلاقىمۇ گۈزەل بولۇشى شەرتتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «بىرى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئەگەر ئۇنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى سىلەرنى قايىل قىلسا، قىزىڭلارنى ئۇنىڭغا ئۆيلەندۈرۈڭلار» دەپ كۆرسەتكەن.
3. رومانتىك مۇھەببەتكە ئىشەنمەڭ
بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى سۆز بىلەن ئىپادىلەشتىن بەكرەك ئەمەلىيىتى ۋە مۇئامىلىسى بىلەن ئىپادىلەيدىغان بىر خەلق. چۈنكى بىزدىكى رومانتىك مۇھەببەت چەتئەل فىلىملىرىدىكىگە ۋە چەتئەللىكلەرگە ئوخشاش سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت ۋە ھېس قىلدۇرۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا بىزدە بىراۋ جورىسىنى جېنىدىن بەك ياخشى كۆرسىمۇ، «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن گەپنى قىلمايدۇ. توغرىسى قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇنى دېيىشتىن ئۇيۇلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، چەتئەللەردە، بولۇپمۇ ئامېرىكا، كانادا، ئاۋۇسترالىيە، ياۋروپا، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن سۆزنى ناھايىتى كۆپ ئاڭلايمىز. ھەممىدىن كۆپ قىزلار ئاڭلايدۇ. بۇ سۆزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرگەن ياكى ياخشى كۆرمىگەن كىشىلەرمۇ قىلىۋېرىدۇ. بۇ سۆز شۇ قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدۇكى، بىرەر چەتئەل تىلىنى ئۆگەنمەكچى بولغان ئادەم ئاۋۋال شۇ تىلدىكى «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن سۆزنى ئۆگىنىدۇ.
ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى سۆز بىلەن ئىپادىلەشتىن ئۇيۇلىدىغان بىر جەمئىيەتتە ۋە شۇنداق ئائىلىلەردە يېتىلگەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇلارمۇ بۇ سۆزگە ناقىس كېلىدۇ، ھەتتا بۇ سۆزنى قىلمايدۇ. قىزلار ئۇلارنىڭ كەم سۆزلۈكىگە قاراپ، ئۇلاردا مېھىر-مۇھەببەت دەيدىغان نەرسە يوق ئوخشايدۇ، دەپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار ئۇ قەدەر سەمىمىي يىگىتلەركى، ئۇلاردىكى مېھىر-مۇھەببەت كۆزلىرىدىكى ئۇياتچانلىقتىن، ئەخلاقىدىكى سىلىقلىقتىن، قەلبىدىكى كۆيۈمچانلىقتىن ۋە مۇئامىلىسىدىكى دۇرۇسلۇقتىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ. گەرچە ئۇلار «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن سۆزنى دېمىسىمۇ، ساداقىتى ۋە كۈتۈلمىگەندە تەقدىم قىلىدىغان ھەدىيەلىرى بىلەن «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەننى زىيادىسى بىلەن ئىپادىلىيەلەيدۇ.
شۇڭا ئۇيغۇر قىزلىرى باشقا مىللەت يىگىتلىرىنىڭ شېرىن-شېكەر سۆزلىرىگە ۋە ئۇچراشقان ھەممىلا قىزغا راھەت ئېيتالايدىغان «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن مودا سۆزىگە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى، ئۆزىگە جور تاللاشتا ئۇيغۇر، مۇسۇلمان، مەسئۇلىيەتچان، ئىشچان، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار يىگىتنى تاللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. چۈنكى، سىز ئۈچۈن ئۆز مىللىتىڭىز ھەممىدىن ياخشى، ھەتتا ئۆز مىللەتنىڭ يىگىتلىرى مېھىر-مۇھەببەت، پۇل-مال ۋە مەسئۇلىيەت جەھەتتە باشقا مىللەتنىڭ يىگىتلىرىدىن تۆۋەن تۇرغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئۆز مىللەت يىگىتلىرى ياخشى. سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە باشقا مىللەت بىلەن تۇرمۇش قۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيەلىرى ئىبرەت ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئاخىرقى ھاياتىدا بەختلىك بولالمىغان. بۇ ھەقتە ئېچىنىشلىق قىسسىلەر بار.
4. ئېرىڭىز ھەمىشە سىزگە ماسلىشالمايدۇ
ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئەكسىچە كۆپ سۆزلەشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، مەيلى ئۆيدە ياكى سىرتتا كۆپ سۆزلەشتىن زېرىكىدۇ، ئۇلار بىرلىرىگە دەردلىرىنى ئېيتىپمۇ كەتمەيدۇ. ئەمما ئاياللار كۆپ سۆزلەشنى ۋە كۆپ ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا سائەتلەرچە تېلېفوندا سۆزلىشىپ ھېرىپ قالمايدۇ. ئەرلەر مەقسەتلىك سۆزلەيدۇ، ئاياللار مەقسەتسىزمۇ سۆزلەيدۇ. شۇڭا ئۇلار سۆزلىگىلى ئامراق. رەسمىي بولمىغان ستاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ئايال بىر كۈندە تەخمىنەن 24000 مىڭ كەلىمە سۆزلەيدىكەن، ئەرلەر بۇ ساننىڭ تەڭ يېرىمىنى، يەنى 12000 كەلىمە سۆزلەيدىكەن. شۇڭا ئەر سىرتتا تىرىكچىلىك يولىدا سۆزلەش ئارقىلىق بۇ 12000 سۆزنى تۈگىتىپ بولۇپ ئۆيىگە قايتقاندا، ئايال ئېرى بىلەن پاراڭلىشىشنى كۈتۈپ ئولتۇرغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ 24000 كەلىمىنى ئۆيدە تېلېفوندا سۆزلىشىپمۇ تۈگىتىپ بولالمايدۇ.
شۇڭا يېڭى ئۆيلەنگەن قىزلار يىگىتىنى تويدىن بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭغا ماسلىشىپ كۆپ سۆزلەپ بەرمىگىنىگە قاراپ، يىگىتىنى ئۆزگىرىپ قالدى ياكى مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدى، دەپ ئويلاپ قالماسلىقى لازىم. چۈنكى يىگىتنىڭ تويدىن بۇرۇنقى سىز بىلەن ماسلىشىشى ۋاقىتلىق جەريان، تويدىن كېيىنكى كەم سۆزلۈكى ئۇنىڭ ئەسلى خاراكتېرىدۇر. شۇڭا ئۇنى ئەيىبلىمەسلىكىڭز ۋە يامان گۇماندا بولماسلىقىڭىز لازىم. ئائىلىنى بەختلىك ھالدا داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەر-ئايال ئىككىسى بىر-بىرىنىڭ خاراكتېرىنى چۈشىنىشى ۋە بىر-بىرىگە قارىتا ئەپۇچان بولۇشى لازىم.
5. تويدىن ئىلگىرىكى باسقۇچنى ئۇنتۇپ كېتىڭ
سىز تويدىن كېيىن كۆپ نەرسە كۈتۈپ كەتمەڭ. چۈنكى، بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلغانلىرىڭىز ياكى سىزگە بېرىلگەن ۋەدىلەر تويدىن كېيىن تولۇق ئەمەلگە ئېشىپ بولالماسلىقى ياكى ئەمەلگە ئېشىشى ۋاقىتقا ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن. تويدىن ئىلگىرىكى باسقۇچ بىلەن تويدىن كېيىنكى باسقۇچ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. قىز-يىگىتلەر تويدىن ئىلگىرى لەيلى - مەجنۇن، پەرھاد –شېرىن ۋە غېرىپ – سەنەمدۇر.ئەمما تويدىن كېيىن ھەممىسى نورمال ئىنسان بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئارمانغا يېتىلدى، مەقسەت ئورۇندالدى. يۇقىرىقى ئاشىق-مەشۇقلار ناۋادا بىر-بىرى بىلەن ئۆيلىنەلىگەن بولسا ئۇلارنىڭ قىسسىلىرى بۈگۈنكىدەك ساقلىنىپ قالمىغان ۋە تىللاردا داستان بولمىغان بولاتتى. ئۇلار سۆيگىنىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇلارنىڭ مۇھەببەت داستانلىرى يېزىلغان ۋە دۇنياغا تارقالغان، ئەمما ئۇلاردەك مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلارنىڭ ھېچقانداق داستانى بولمىغان. چۈنكى، ئۇ چاغدا مۇھەببەت غايىسىگە يېتىش بىلەن بېسىقىپ قالغان. شۇڭا مۇھەببەت باشقا، تۇرمۇش باشقا نەرسىدۇر.
قىزلار بۇنى ياخشى بىلىشى ۋە تويدىن كېيىنمۇ تويدىن بۇرۇنقىسىنى كۈتۈپ تۇرمۇشىنى بەختسىزلىككە ئېلىپ بارماسلىقى لازىم. بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش دېگەنلىكتۇر.
6. ھورمونلارنىڭ ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ
نېمە ئۈچۈن تويدىن بۇرۇنقى مۇھەببەت – ئەگەر ئۇنى بار دەپ پەرەز قىلغاندا- تويدىن كېيىن سۇسلىشىپ قالىدۇ؟ چۈنكى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھەببەت مېڭىدە خىمىيەلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ تويدىن كېيىن ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھالىتىگە قايتىدۇ، ئاندىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يەنە باشقا خمىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئايالنىڭ قورساق كۆتۈرۈشى ۋە ئانىلىق ھورمونلىرى ئۇنىڭ روھىغا ۋە بەدىنىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئەرنىڭ دادىلىق باسقۇچى ئۇنىڭدىكى ھورمونلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ سەۋرچان ۋە مەسئۇلىيەتچان قىلىۋېتىدۇ.
شۇڭا ئەر-ئاياللار ئۆز ئارىسىدىكى بۇرۇنقى مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىپ قالغانلىقىنى بىر-بىرىگە دۆڭگەشتىن ساقلىنىشى ۋە رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا ھازىر بولۇشى لازىم.
7. باراۋەرلىك دەۋاسى قىلماڭ
ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدا باراۋەرلىك دەيدىغان نەرسە يوق، ئەمما ئادالەت بار. چۈنكى ئۇلار باراۋەر يارىتىلمىدى ۋە باراۋەرلىككە بۇيرۇلمىدى، ئەمما ئادالەتلىك بولۇشقا بۇيرۇلدى. گەرچە ئائىلە ئەر - ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەسئۇلى ئەردۇر. شۇڭا سىز ھەرگىز باراۋەرلىك دەۋاسى قىلماڭ ۋە ئائىلىنى باشقۇرىمەن دەپ تۇرۇۋالماڭ. چۈنكى، ھەرقانداق بىر مۇئەسسەسەنى باشقۇرىدىغان بىرەر باشلىقنىڭ بولۇشى تەبئىي زۆرۈرىيەت بولغاندەك، ئائىلە مۇئەسسەسەسىنى باشقۇرۇش ئۈچۈنمۇ بىر باشلىقنىڭ بولۇشى زۆرۈر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: )الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ( «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر»([1]) دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ئايەتكە ئاساسەن، ئەرنىڭ ئائىلىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتى بار. ئەمما ئەر بۇ ھوقۇقنى توغرا ئىشلىتىشكە بۇيرۇلغان. ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى خوجايىن، ئايالىنى خىزمەتچى ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇنى ھەدەپ خارلايدىغان، ئۇرۇپ تىللايدىغان ئەر ھەقىقەتەن نادان ۋە ئاڭسىز ئەردۇر.
ئەر ئائىلىدە يېگانە قارار ئىگىسىمۇ ئەمەس، قارار ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ ئورتاق ھەققىدۇر. ئەمما ئايال ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان، توغرا ۋە ھەققانىي ئىشلاردا ئېرىگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇلغاندەك، ئەر ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇلغان.
ئىبرەت:
- ئەر ئەردۇر، ئايال ئايالدۇر. چوڭ خاتالىق ئۇلار ھەممە ئىشتا بىرلىككە كېلەلەيدۇ دەپ ئويلاشتۇر.
- ئاشىق –مەشۇقلارنىڭ قىسسىسىلىرى ئۇلارنىڭ ئارمانلىرىغا يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا تىللاردا داستان بولغان.
- ھەقىقىي مۇھەببەت تويدىن كېيىنكى مۇھەببەتتۇر.
[1])) نىسا سۈرىسى 34 ـ ئايەت

