
ھېيت كۈنلىرىدىكى ئەڭ ساۋابلىق ئەمەل
مۇھەممەد يۈسۈپ
ھېيت ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا ئاتا قىلغان كاتتا خۇشاللىق بولۇش بىلەن بىرگە شۈكۈر قىلىش پەيتىدۇر. ھېيت دىنىمىزدا يولغا قويۇلغان پائالىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىبادەتتۇر. شۇڭا بۇ ئىبادەتنى ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش، ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى خۇشال قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.
نېمە ئۈچۈن شۈكۈر قىلىش كېرەك؟ چۈنكى روزا ۋە قۇربان ھېيتلىرى ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدىن بولغان ئىككى چوڭ ئىبادەت ئادا قىلىنىپ بولغانلىقىغا خۇشاللىق تەنتەنىسى قىلىشىمىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بەلگىلەپ بەرگەن پائالىيەتلەردۇر. ئەمدى ئىبادەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈنمۇ شۈكۈر قىلامدۇق دېگەن سوئالغا شۇنداق جاۋاب بېرىمىزكى، ھەرقانداق بىر ئىنساندا ئېتىقاد ۋە چوقۇنۇش ئېھتىياجى بار بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئاشۇ ئېھتىياجى بىلەن ياراتقان. شۇڭا باي، كەمبەغەل، مۇسۇلمان، كاپىر ھەر قانداق ئىنسان بۇ ئېھتىياجنى ھېس قىلىدۇ. ئىسلام دىنىغا يېتەكلەنگەن مۇسۇلمانلار بۇ ئېھتىياجىنى ئاللاھ تائالاغا ئېتىقاد قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق قاندۇرسا، باشقىلار بۇتقا، كالىغا ۋە ھەر خىل تەبىئەت كۈچلىرىگە چوقۇنۇش بىلەن قاندۇرماقچى بولۇشىدۇ. بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى ئۆز دىنىغا يېتەكلىگەنلىكى ۋە شۇ ئىبادەتلەرنى ئورۇنداشقا مۇۋەپپەق قىلغانلىقى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىمىز.
ئەمدى خۇشال بولۇش ۋە خۇشال قىلىشقا كەلسەك، ھېيت ئەرەبچىدە خۇشاللىقنىڭ قايتىلىنىشى دېگەنلىك بولۇپ، ھەربىر ھېيتتا خۇشاللىقنىڭ تەكرارلىنىشىنى ئىپادىلەيدۇ.
ھېيت كۈنلىرىدە ھەربىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆز ئائىلە ئەزالىرىنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى خۇشال قىلىشى، قوشنىلىرىنى، تۇغقانلىرىنى ۋە خىزمەتداشلىرىنى زىيارەت قىلىشى، يوقسۇللارنىڭ ۋە يېتىملەرنىڭ يۈزىنى كۈلدۈرۈشى ساۋابلىق ئەمەللەردۇر. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ساۋابلىق ئەمەل ۋە كاتتا ئىبادەت كېسەل كارتىۋىتىدا يېتىپ قالغانلارنى، ياشانغانلارنى، پەرزەنتلىرى يېنىدا بولمىغانلىقتىن يالغۇز قالغانلارنى زىيارەت قىلىش، ئاتا-ئانىسىنىدىن يىراقتا بولغانلىقتىن بوينى قىسىلىپ يۈرۈۋاتقان ياشلارنى ئارىمىزغا ئېلىپ بىللە ھېيتلىشىش، قىيىنچىلىقى بولسا ھەل قىلىشتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان ئەمەل كىشىلەرنىڭ قەلبىگە خۇشاللىق كىرگۈزۈشتۇر» دەپ كۆرسەتكەن. شۇڭا ھېيت كۈنلىرىدىكى ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى كىشىلەرنى خۇش قىلىش دېسەك ھەرگىز مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز.
گەرچە بۇ ئىشلار ھەممە ۋاقىتتا تەلەپ قىلىنغان ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاق بولسىمۇ، ھېيت كۈنلىرىدە جىددىي تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە ساۋابى ھەسسىلەپ بولىدۇ. جامائەت بىلەن ھېيتلىشاي دېسە كېسەللىك ياكى قېرىلىق توسالغۇ بولغان، بىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشىدىن ياكى ئەھۋال سورىشىدىن ئالەمچە خۇشاللىق ھېس قىلىدىغان كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش ئەلۋەتتە ساۋابلىق ئەمەلدۇر. مەيلى ئۇلار سىزنىڭ تۇغقىنىڭىز بولسۇن ياكى قوشنىڭىز بولسۇن ۋە ياكى يىراقتىن تونۇشىڭىز بولسۇن، ئۇلارنى زىيارەت قىلىش ياكى ھېچ بولمىغاندا تېلېفوندا بولسىمۇ ئەھۋالىنى سوراش ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىق ھاسىل قىلىش يولىدىكى كاتتا ئەمەل سانىلىدۇ.
مۇساپىرلىق كوچىلىرىدا پەرزەنتلىرىنى كۆرەلمەيدىغان، ئائىلىسى بۆلۈنگەن، يۈرىكى زەرداپ بولغان مىڭلارچە ياشانغانلار بار. ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالانى سۆيۈندۈرىدىغان ياخشى ئەمەلدۇر. بىزنىڭ دىنىمىز رەھىم-شەپقەتنى ئاساس قىلغان ۋە كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىشقا بۇيرۇغان ئىلغار دىندۇر.
بىزنىڭ ئۈلگىمىز ۋە يولباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدىمۇ بىزگە گۈزەل ئۆرنەكلەرنى قالدۇرغان. مەككە فەتھى قىلىنغان كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى ئالدىراش ئىدى، ئۇنىڭغا سالام بەرگىلى كەلگەنلەر، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يامانلىقلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغىلى كەلگەنلەر، يېڭىدىن ئىمان ئېيتىپ كەلگەنلەر، ئۇنى ئۇزۇن زامان كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەھۋاللاشقىلى كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىپ ئولتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن بەكمۇ ياشىنىپ قالغان بىر ئايالنى كۆرۈپ قېلىپ، باشقىلارنى قايرىپ قويۇپ شۇ ئايالنىڭ يېنىغا بارىدۇ، چاپىنىنى يەرگە سېلىپ ئۇنى چاپاننىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتكە كىرىشىپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېلىقى ئايال بىلەن بىر سائەت مىقدارى سۆھبەتلىشىپ، ئۇنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئەھۋالنى يىراقتىن كۆزىتىپ تۇرغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ئۇ ئايال خەدىجىنىڭ دوستى ئىدى، خەدىجە ھايات ۋاقتىدا بۇ ئايال بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ تۇراتتى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇ ئايال بىلەن نېمە توغرۇلۇق سۆھبەتلەشكەنلىكىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆتكەن كۈنلەرنى، خەدىجەنى ئەسلەپ پاراڭلاشتۇق» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ كۈندەشلىكى قوزغىلىپ: «سىلە ھازىرمۇ شۇ تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن قېرى خوتۇننى ئەسلەۋاتاملا؟ ئاللاھ سىلىگە ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى بەردى ئەمەسمۇ؟» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ياق، ئاللاھ ماڭا ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى بەرمىدى. ئىنسانلار مېنى ھەر نەرسىسىدىن مەھرۇم قىلغاندا، ئۇ ماڭا بارلىقىنى ئاتىغان، ئىنسانلار مېنى ئىنكار قىلغاندا، ئۇ ماڭا ئىمان ئېيتقان ئىدى» دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى بىر يەھۇدىي بالىنىڭ كېسىلىنى يوقلىغان بولۇپ، ئۇ بالا ئاخىرقى ئۆمرىنى ياشاۋاتاتتى. بۇ زىيارەتتىن بالا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئالەمچە خۇشاللىققا تولىدۇ. شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىنى ئىمانغا دەۋەت قىلىدۇ، بالا دادىسىغا قارايدۇ. دادىسى : «ئوغلۇم! ئەبۇلقاسىمنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىل» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا ئىمان ئېيتىدۇ ۋە ئۇزاق ئۆتمەي نەپەس ئۈزىدۇ. دېمەك، بىر زىيارەت سەۋەبى بىلەن بالا ئىمان ئېيتىدۇ.
ئۆلىمالار كېسەل يوقلاشنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ. چۈنكى، كېسەل يوقلىماق بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەقلىرىدىن بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەققى بەش بولۇپ، ئۇلار: سالامىنى قايتۇرۇش، چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇلىللاھ دېسە، يەرھەمۇكەللاھ (ئاللاھ رەھىم قىلسۇن) دېيىش، چاقىرسا بېرىش، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش، ئۆلۈپ كەتسە جىنازا نامىزىغا بېرىشتۇر» دەپ كۆرسەتكەن.
زامانىمىزدا ئىشنىڭ كۆپلۈكى، قاتناش زىچلىقى، ئالدىراشچىلىق سەۋەبلىك بىرلىرىنى زىيارەت قىلىش ئوڭايغا توختىمايدۇ. شۇنداق ئەھۋال ئۈستىدىمۇ بىر كىشىلىك مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ۋە كېسەلنى خۇشال قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىش ئىستىكىدە بولغان كىشى ئۈچۈن بۇ سەۋەبلەر باھانە بولالمايدۇ. كېسەللەرنى زىيارەت قىلىش، بولۇپمۇ مۇشۇنداق ھېيت كۈنلىرىدە زىيارەت قىلىش بىزگە ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ، ساقلىقتىن ئىبارەت كاتتا نېمەتنىڭ قىمىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. چۈنكى، ياپونلۇقلار ئېيتقاندەك، «تەن ساقلىقى ساق كىشىلەرنىڭ بېشىدىكى تاجى بولۇپ، ئۇنى كېسەللەردىن باشقىسى كۆرەلمەيدۇ».

