ئىشىڭىز مۇكەممەل بولسا تەنقىدچىلەردىن قورقماڭ!

ئىشىڭىز مۇكەممەل بولسا تەنقىدچىلەردىن قورقماڭ!

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئاللاھ تائالا بىزنى دىن ۋە دۇنيالىق قانداقلا بىر ئىشنى قىلغاندا، ئۇنى قېتىرقىنىپ، ئىخلاس قىلىپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ دىنىمىزنىڭ ئىسلام ۋە ئىماندىن كېيىنكى ئۈچىنچى مەرتىۋىسى بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە «ئېھسان» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا ئەگەر سىز ئىشىڭىزنى ھىيلە ۋە كۆزبويامچىلىقتىن يىراق تۇتۇپ، پۇختا، مۇكەممەل ئادا قىلسىڭىز، سىزگە قارىتىلغان تەنقىد ۋە سۆز-چۆچەكلەردىن قىلچە قورقۇپ قالماڭ. قورقىدىغانلار ئىشىنى چالا قىلىپ قويغان ياكى ھىيلە بىلەن ئىش كۆرگەنلەردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىر يەرلەردە قورقۇنچىسى بار، شۇڭا تەنقىدتىن قورقىدۇ، ھەققىدە سۆز-چۆچەكلەرنىڭ تارقىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمما سىز ئۆزىڭىزگە ۋە قىلغان ئىشىڭىزغا ئىشەنسىڭىز ھەرگىز قورقمايسىز. چۈنكى قورقۇش ئىشەنسىزلەرگە خاستۇر.

يەنە سىز ھەققىڭىزدە تارقالغان سۆز-چۆچەكلەرنىڭ ھەممىسىنى زىيانلىق دەۋالماڭ، ئۇنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنىمۇ كۆزدىن ساقىت قىلماڭ. چۈنكى، ئۇ سۆز-چۆچەكلەر سىزنىڭ پەزىلىتىڭىزنى تەشۋىق قىلىدۇ، سىزنى خەققە تونۇتىدۇ.

خاتىرجەم بولۇڭكى، تەنقىدچىلەر سىزنى يىقىتالمايدۇ، بەلكى كۈچلەندۈرىدۇ.

ئۇنۇتماڭكى، ئىنسانلار تەنقىدچىلەرنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەپ باقمىدى، ئەمما تەنقىدچىلەرگە پىسەنت قىلماي يولىنى داۋانلاشتۇرغانلارنىڭ ھەيكەللىرىنى تىكلىدى ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ قەلب قاتلىرىدا مۇنارىلەرنى يۈكسەلتتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار