ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە!

ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە!

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەجدادلىرىمىز بىزگە نۇرغۇنلىغان بىباھا ھېكمەتلىك سۆزلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن. «ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە» دېگەن بۇ ھېكمەت ھەربىر ئادەمنىڭ ئەمەل قىلىشىغا يارايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان نەرسىگە ئەگەشمە. چۈنكى قۇلاق، كۆز، دىل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سوراققا تارتىلىدۇ»  دەپ تەلىم بەرگەن. ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرمىگەن  ياكى  راستچىل گۇۋاھچىلار ئارقىلىق راستلىقى ئىسپاتلانمىغان ھەرقانداق ئىشنى «بىلىمەن»، «شۇنداق» دەپ سۆزلەش ھېسابىنى بېرىپ بولغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەتتۇر. ئەگەر شۇنداق بولمىسا چوڭ بوھتان چاپلىغانلىق بولىدۇ. ئېغىزدىن چىققان ھەربىر سۆزنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ھېسابى بار. بەزىدە بىر كەلىمە سۆز جەننەتكە ئېرىششكە سەۋەب بولۇپ قالسا، بەزىدە بىرەر ئېغىز سۆز دوزاخ ئەھلى بولۇپ قېلىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. سۆزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە سورىقى بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئىنسان ئۆزى ھېس قىلماستىن شۇنداق بىر سۆزنى ئېيتىدۇكى، ئۇنىڭ يەتمىش يىل دوزاختا قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ» دېگەن. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاچچىقتا ئۆزىنى تۇتالماي بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى »قارا خوتۇننىڭ بالىسى« دەپ قويغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غەزەپتىن چىرايى ئۆزگىرىپ كەتكەن ۋە ئەبۇ زەرنى «سەن جاھىلىيەتنىڭ ئىللەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىغان ئادەم ئىكەنسەن» دەپ ئەيىبلىگەن. ئەبۇ زەر قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، بۇ خاتالىقىدىن ئۆزرە تىلەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇبارەك يۈزىنى بىلالنىڭ تاپىنى ئاستىغا قويماقچى بولغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يولدا كېتىپ بارغان بىر ئادەمنى كۆرۈپ: «قارىسىلا ماۋۇ ئادەم ئەجەب پاكاركىنا» دەپ قويغانلىقى سەۋەبلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، سىز ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلدىڭىز، دەرھال تەۋبە قىلىڭ» دېگەن. مۇسۇلمانلار ئەنە شۇنداق ھوشيار ۋە مەسئۇلىيەتچان بولغان. ئۇلار شۇنداق ئېھتىيات قىلاتتى، ئاللاھ تائالادىن شۇنداق قورقاتتى. ئەمدى بىزگە نېمە بولدى؟ مۇسۇلمانلارنىڭ غېمىنى يەپ ئۇلاردىكى خاتا يۆنىلىشلەرگە تۈزىتىش بېرىش ئۈچۈن باش قاتۇرغان ئۆلىمالارنى، خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان، ۋەتەننىڭ دەۋاسىنى قىلىپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنى كىشىلەر دېتىگە ياقمىغانلىقى ئۈچۈنلا ھەر خىل ھاقارەتلەر بىلەن تىللىسا، بۇنىڭ سورىقى يوقمۇ؟ ئاللاھ تائالا بۇنى بىلمەمدۇ؟ ھېسابىنى سورىمامدۇ؟ يەنە كېلىپ تارىختىن بېرى ئادەم تىللايدىغانلار، كىشىلەرگە ھاقارەت قىلىدىغانلار، ياخشىلارنى سۆكۈدىغانلار ئازغۇنلۇقنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ كەلگەن بولسا، چىرايلىق نەسىھەت قىلىدىغانلار، سەۋرچانلىق قىلىدىغانلار ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغانلار ئىمان ۋە ھىدايەتنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ كەلگەن. بۇ سۆزۈمگە ئىشەنمىسىڭىز ئىسلام تارىخىنى ئوقۇڭ، ئىنسانىيەت تارىخىنى ئوقۇڭ. چۈنكى دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى پەيغەمبەرلەرنى، ئىسلاھ قىلغۇچىلارنى تىللىغانلار پەقەت ئازغۇنلار تەبىقىسىدىكىلەر بولۇپ كەلدى. پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى «گېپىنىمۇ ئۇقتۇرالمايدىغان پەس ئادەم» دېگەن بولسا، مۇسا ئەلەيھىسسالام «مەن ساڭا رەببىمنىڭ ئەلچىسىمەن» دەپ چىرايلىق جاۋاب بەرگەن. ئۆز ۋاقتىدا ھەقىقەتنىڭ دۈشمەنلىرى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان ئەبۇ لەھەب ۋە ئەبۇجەھل قاتارلىقلار ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، بارلىق ياخشى ئىشلارنىڭ نەمۇنىسى ۋە گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئابىدىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «مەجنۇن»، «سېھىرگە»، «يالغانچى» دېگەن قەبىھ سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن. مەجنۇن دېگەن ساراڭ، ئەقلى يوق دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن ھېچبىرىنى تىللىمىغان. كاپىرلار ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىلىرى بولغان ئۇلۇغ ساھابىلەرنىمۇ دىندىن ئازغۇنلار، ئەقىلسىزلەر، يالاڭتۆشلەر دېگەندەك ھاقارەتلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن. ئەمما ئۇلار «سىلەرگە ھىدايەت تىلەيمىز» دەپ يولىنى داۋاملاشتۇرغان. ئاخىرى شۇلار غەلىبە قىلغان.

يەنە ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارا قىلىشقا پېتىنالمايدىغان، ھەتتا دادىسى قويغان ئىسمى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى تور قەھرىمانلىرى كۆپىيىپ كەتتى. ئۇلار توخۇ يۈرەك تور لالمىلىرى بولۇپ، بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى بىلمىگەندىن كېيىن ھېچكىم بىزگە چېقىلالمايدۇ، بىزدىن ھېساب ئالالمايدۇ، دەپ ئېغىزىنى قويۇۋېتىدۇ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ غېمىنى يەۋاتقان تەشكىلات مەسئۇللىرىنى، خەلقىمىزنىڭ دىلىغا ئىمان ۋە ئىلىمنى يەرلەشتۈرۈش يولىدا جاپا چېكىۋاتقان ئۆلىمالارنى خالىغانچە ھاقارەتلەيدۇ، ئۇلارغا تۆھمەتلەرنى توقۇيدۇ، قولىدىن كەلگەن يامانلىقلارنىڭ ھەممىنى ئىككىلەنمەستىن قىلىدۇ. ئەركەك بولساڭ ئوتتۇرىغا چىق! ھەممە گېپىڭنى ئۆز سالاھىيىتىڭ بىلەن ئوتتۇرىغا قوي! خوش، سېنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭنى ئىنسانلار بىلمەيدۇ، شۇڭا سېنى تاپالمايدۇ. ئەمما سېنى ئاللاھ تائالامۇ بىلمەمدۇ؟ سېنى ياراتقان زات سېنىڭ بۇ نامەردلەرچە قىلغان ھاقارەتلىرىڭنى بىلمەمدۇ؟ سەن ئىسمىڭنى يوشۇرۇش بىلەن ئاللاھ تائالانىمۇ ئالداپ كېتەلەمسەن؟ ئىسمىڭنى ۋە كىملىكىڭنى ئاللاھ تائالادىنمۇ يوشۇرۇپ قالالامسەن؟ ساڭا سەمىمىي نەسىھىتىم بولۇپ قالسۇنكى، ئەگەر سەندە زەررىچىلىك ئىمان ياكى ئازراق بولسىمۇ ۋىجدان بولسا، بۇ سۆزۈمنى ئوبدان مۇلاھىزە قىل!


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار