12- نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنىمىز قۇتلۇق بولسۇن!

12- نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنىمىز قۇتلۇق بولسۇن!

مۇھەممەد يۈسۈپ

ۋەتەننى قوغداشنى ئىمانىي ۋە ۋىجدانىي بۇرچ دەپ تونۇغان، ھاياتىنى خەلقىنىڭ ھۆر- ئازادلىقى ئۈچۈن ئاتاپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇپ چىقىپ تارىخىمىزنى نۇرلاندۇرغان سۆيۈملۈك ئەجدادلىرىمىزنى سەمىمىي دۇئالىرىم بىلەن ياد ئېتىمەن. جانابى ئاللاھ تائالادىن ئۇلارغا رەھمەت، مەغپىرەت ۋە يۇقىرى مەرتىۋە تىلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان جەڭگىۋار ئەزىمەتلەرنى كۆپلەپ چىقىرىپ بېرىشىنى تىلەيمەن.

 

جەننەتنىڭ يولى ۋەتەندىن ئۆتىدۇ

   ئىسلام دىنىمىزدا ۋەتەننى قوغداش ئەڭ ئالدىنقى پەرزلەرنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى، مۇستەقىل ۋەتەن بولغاندىلا قالغان پەرزلەرنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ. ئىسلام قانۇشۇناسلىق پىرىنسىپىدا، «مالا يتم الواجب الا به فهو واجب» (پەرزنى ئورۇنداش ئۈچۈن كېرەك بولغان نەرسە پەرزدۇر) دەيدىغان قائىدە بار. بارلىق ئىسلام ئالىملىرى بۇنىڭدا بىرلىككە كەلگەن. بۇ خۇددى ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشنىڭ شەرت بولغىنىغا ئوخشاشتۇر. قۇرئان كەرىمدە جىھادقا بۇيرۇغان تۇنجى ئايەت ۋەتەن سەۋەبلىك نازىل بولغان. ﴿أُذِنَ لِلَّذِينَ يُقَاتَلُونَ بِأَنَّهُمْ ظُلِمُوا وَإِنَّ اللَّهَ عَلَى نَصْرِهِمْ لَقَدِيرٌ.  الَّذِينَ أُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ بِغَيْرِ حَقٍّ إِلَّا أَنْ يَقُولُوا رَبُّنَا اللَّهُ﴾ «ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى، شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. ئۇلار پەقەت «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلغان ئىدى». يەنى بۇ ئايەتتە، مۇھاجىرلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىنى، ئۆي-جايلىرىنى ۋە مال-مۈلكىنى تارتىۋالغان زالىملارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلغان.

 

ۋەتەننى سۆيۈش ۋىجداندىن

كىچىك ۋاقتىمىزدا «ۋەتەننى سۆيۈش ئىماندىن» دېگەن سۆزنى ھەدىس دەپ بىلەتتۇق، كېيىنچە ھەدىسشۇناس ئالىملارنىڭ بۇ سۆزنى ھەدىس ئەمەس، ھېكمەتلىك سۆزدۇر، دېگەن بايانىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قايىل بولدۇق. چۈنكى، پەيغەمبەر ھەقىقەتكە زىت كېلىدىغان سۆزنى قەتئىي ئېيتمايدۇ. ھەقىقەت شۇكى، ۋەتەننى سۆيۈش ئىمانى بار ئادەملەرگىلا خاس ئەمەس، ۋىجدانى بولغان ھەرقانداق ئادەم ئۆز ۋەتىنىنى سۆيىدۇ. چۈنكى، ۋىجدان شۇنى تەلەپ قىلىدۇ، ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشنى تەبىئىي زۆرۈرىيەت دەپ بىلىدۇ. ۋەتەننى سۆيۈش ۋىجدانلىقلارنىڭ خىسلىتىدۇر. پەيغەمبەرلەر بارلىق گۈزەل خىسلەتلەردە ئىنسانىيەتكە ئۈلگە بولغاندەك، ۋىجدانىي خىسلەتلىرىدە ۋە ۋەتىنىنى سۆيۈش جەھەتتىمۇ ئەڭ ۋاپادار زاتلاردۇر.  

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن ئۆز تۇرمۇشىنىڭ غېمى ياكى كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرى بىلەنلا بولۇپ قالمىدى، ئۇ زاتنىڭ مەدىنىدىكى ھاياتى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى دۆلىتى بولغان مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇھاجىرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنى ئازاد قىلىش ئارزۇسى ۋە تەييارلىقى بىلەن ئۆتكەنلىكىنى، ھەتتا مەككىگە بېرىش ئارزۇسى ئۇنىڭ چۈشلىرىگىچە كىرگەنلىكىنى بىلىمىز.  ﴿لَقَدْ صَدَقَ اللَّهُ رَسُولَهُ الرُّؤْيَا بِالْحَقِّ لَتَدْخُلُنَّ الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ إِنْ شَاءَ اللَّهُ آَمِنِينَ مُحَلِّقِينَ رُءُوسَكُمْ وَمُقَصِّرِينَ لَا تَخَافُونَ﴾ «ئاللاھ پەيغەمبىرىگە راست چۈش كۆرسەتتى. (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھ خالىسا، سىلەر خاتىرجەم بولغان (بەزىلىرىڭلار) باشلىرىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار) قىرقىغان ھالدا، قورقماي چوقۇم مەسجىدى ھەرەمگە كىرىسىلەر» دېگەن ئايەتمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ۋەتىنى مەككىنى قانچىلىك بەك سېغىنغانلىقىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا كىرىشكە قانچىلىك تەقەززا بولغانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرىدىن بىرىدۇر. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئادەم ئۆزى قاتتىق تەشنا بولغان ۋە ئېسى- يادى شۇنىڭدا بولغان نەرسىسىنى چۈشەيدۇ. بۇ خۇددى قاتتىق ئۇسساپ كەتكەن ئادەمنىڭ سۇ ئىچىپ ياكى سۇ ئىزدەپ چۈش كۆرگىنىگە ئوخشاش بىر ئىشتۇر.

 

ئىگىسى يوق دەۋا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ

ھەرقانداق بىر دەۋانىڭ پۇت تىرەپ تۇرالىشى ۋە كېچىكىپ بولسىمۇ نەتىجە قازىنىشى ئۈچۈن، دەۋا ئىگىلىرىنىڭ پىداكارانە ئىزچىللىقى شەرت بولغاندەك، ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارنىڭمۇ توختاپ قالماسلىقى ۋە ئايىغى ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى زۆۈر. شۇڭا دەۋاغا ئىگە بولىدىغان ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش ناھايىتى مۇھىمدۇر.

ئاۋسترالىيەنى بېسىۋالغان ئەنگلىيەلىك ئىنگلىزلار ئاۋسترالىيەنىڭ ئەسلىي پۇقرالىرى بولغان ئابۇرجىن مىللىتىنى قىرىپ تۈگىتىۋېتىشنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنى قوغلاپ بارغاندا ئاۋسترالىيەنىڭ ئىسسىق بەلۋاغقا جايلاشقان رايونلىرىنىڭ ئىسسىقىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكتىن، قوغلاشتىن ۋاز كېچىش سەۋەبلىك ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىدىن ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ھايات قالغان ئىكەن. ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان بىر دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، ھازىر ئاۋسترالىيەدىكى يەرلىكلەرنىڭ نىسپىتى پۈتۈن ئاۋسترالىيە نوپۇسىنىڭ يۈزدە بىر پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ھازىرغىچە، ۋەتىنىمىزدىن ئىنگلىزلارنى قوغلاپ چىقىرىمىز، ئاۋسترالىيەنى ئازاد قىلىمىز، دەيدىغان بىرەر ئابۇرجىننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. چۈنكى، ئۇلار تۈگەشتى، ئۇلارنىڭ تۈگىشىشى بىلەن ئۇلاردىكى روھ ۋە ئىرادىمۇ تۈگەشتى. ھېچقانداق دۆلەت ياكى مىللەت ئابۇرجىنلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ دۆلىتىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپ باقمىدى.

  ئەندەلۇس (ھازىرقى ئىسپانىيە) ئۆز ۋاقتىدا ئىسلام دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئىدى. مىلادىيە 710 - يىلىدىن 1492 - يىلىغىچىلىك ئىسلام ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈلگەن، شانلىق مەدەنىيەتلەر يارىتىلغان، ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلغان ئىسلام مەركىزى ئىدى. پۈتۈن ياۋروپالىقلار بۇ مەركەزگە كېلىشنى ۋە ئۇنىڭ مەدرىسىلىرىدە ئىلىم - مەرىپەت ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بۇ شانلىق ئىسلام مەركىزى خىرىستىيان مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ جايدىكى مۇسۇلمانلار يا خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلىشقا، يا ئۆلۈپ تۈگىشىشتىن ئىبارەت ئىككى تاللاشقا مەجبۇرلانغان بولۇپ، كۆپلىرى ئۆلۈپ تۈگىگەن. شۇنىڭ بىلەن 800 يىلغا يېقىن ئىسلام ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈلگەن ۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بولۇپ كەلگەن ئەندەلۇس دۆلىتى خىرىستىيان دۆلىتىگە، ئاھالىسى خىرىستىيانلارغا ئايلىنىپ قالغان. بۈگۈنكى كۈندە ھېچقانداق مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ ياكى مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ «ئەندەلۇسنى قايتۇرۇپ ئالىمىز» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. چۈنكى، ئۇ ئۇنتۇلۇپ كەتتى، ئىنتىقام ئالىدىغان، ئۆز ۋەتىنىنى قايتۇرۇپ ئالىدىغان جانلار ئۆلۈپ تۈگىدى، كېيىنكىلەر ئۆزلىرىنىڭ دەردى بىلەن قالدى.

 

ۋەتەن پىداكار شەخسلەرگە موھتاج

مەن بۇرۇن «شىراق رىۋايىتى»دېگەن ماۋزۇدا بىر ماقالە ئوقۇغان ئىدىم. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئىران شاھى ئىسكەندەر دارا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ساكلارغا قارشى قوشۇن تەيياپ ھۇجۇم قىلىپ چېگرا بويىغا كېلىدۇ. ساكلار ھۇجۇمغا قاندا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ تۇرغان پەيتتە، شىراق ئىسىملىك بىر پادىچى ساكلارنىڭ ئاقساقاللىرىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىنى توسالايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇلار پەرزەنتلىرىگە ئىگە چىقسا، ئۆز جېنىنى پىدا قىلىپ ۋەتەننى قوغداپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاقساقاللار مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئاندىن شىراق ئۆزىنىڭ ئىككى قۇلىقىنى ۋە بۇرنىنى كېسىپ تاشلاپ، ئىسكەندەر دارانىڭ قوشۇنى جايلاشقان ئورۇنغا بارىدۇ ۋە ئۆز قەۋمى بولغان ساكلاردىن ئىنتىقام ئېلىشقا ياردەم قىلىشىنى سورايدۇ. ئىسكەندەر دارانىڭ ھەربى قوماندىنى رانوس ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىدۇ. ئاندىن شىراق ئۆزىنىڭ ئىران ئەسكەرلىرىگە يول باشلاپ ساكلارنىڭ ۋەتىنىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئەسكەرلەرنىڭ پەقەت يەتتە كۈنلۈكلا ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىۋېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار يولغا چىقىپ يەتتىنچى كۈنى بولغاندا ئوزۇق-تۈلۈكلەر تۈگەيدۇ، ئەسكەرلەر ئاچلىق ۋە يول ئازابىدا قىينىلىشقا باشلايدۇ. شۇ چاغدا ئەسكەر باشلىقى رانوس ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە شىراقتىن ئۆزىنى نەگە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى سورايدۇ. شىراق ئۇلارنى دوزاخقا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، تۆت تەرەپنىڭ قايسىسىغا ماڭسا يەتتە كۈنلۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، شىراقنى رانوس ئۆلتۈرىدۇ، ئەسكەرلەرمۇ سۇسىزلىق ۋە ئاچلىق دەردىدىن ئۆلۈپ پۈتۈنلەي تۈگىشىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر بۇ رىۋايەتنى ۋەتەنپەرۋەرلىككە سىمۋول قىلىپ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالدۇرۇپ كەلمەكتە.

19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياپونىيەلىك ئىككى ئوقۇغۇچى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت ئەنگىلىيەنىڭ ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتىغا سانائەت پەنلىرىنى ئوقۇشقا چىقىپتۇ. ئۇلار بىر مىنۇت ۋاقتىنىمۇ زايە قىلىۋەتمەي دېگۈدەك بېرىلىپ ئۆگىنىپتۇ. بىر تىيىن پۇلنىمۇ بىھۇدە خەجلىمەي سانائەتكە ئائىت ئەڭ يېڭى قوللانمىلارنى، نازۇك تېخنىكىلارغا ئائىت چېرتىيوزلارنى توپلاپتۇ. ئۇلار ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتىدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ، ئانا ۋەتىنى ياپونىيەگە قايتىشقا جابدۇنۇپتۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئەنگىلىيە تاموژنىسى ئۇلارنىڭ توپلىغان ماتېرىيال -چېرتىيوزلىرىنى چېگرادىن ئېلىپ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلماپتۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر بولغان بۇ ماتېرىياللارنى تاشلاپ قايتقۇسى كەلمەپتۇ. ئىككىسى بىر مەقسەتكە كېلىپ مەردانىلىك بىلەن چەك تاشلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بىرى ئۆلۈم يولىنى تاللاپتۇ، يەنە بىرى، ئۆلگۈچىنىڭ قورساق بوشلۇقىنى پاك-پاكىز ئادالاپ، ئىچىگە ئەڭ زۆرۈر ماتېرىياللارنى قاچىلاپ تىكىپتۇ، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا "ئوپېراتسىيەدە ئۆلۈپ كەتكەن، جەسىتىنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرمىسەم بولمايدۇ" دەپ مەلۇم قىلىپ، جەسەتنى پاراخوت بىلەن ياپونىيەگە قايتۇتۇپ كېتىپتۇ.

 

ئاللاھ ھەقىقىي مۇئمىنلەرگە ياردەم قىلىدۇ

قۇرئان كەرىمنىڭ نىسا سۈرىسى 141- ئايەتتە:« ئاللاھ كاپىرلارغا مۇئمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ» دېگەن ئايەت بار. ئەللامە مۇھەممەد مۇتەۋەللىي شەئراۋى ئامېرىكىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىگە بارغاندا، شەرقشۇناسلاردىن بىرى ئۇنىڭدىن «سىلەرنىڭ قۇرئانىڭلار ھەقمۇ؟» دەپ سورايدۇ. شەئراۋىي «ھەئە، ئەلۋەتتە ھەقتۇر» دەپ جاۋاب بەرگەندە، ھېلىقى شەرقشۇناس «ئۇنداقتا، قۇرئانىڭلاردا " ئاللاھ كاپىرلارغا مۇئمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ" دېگەن تۇرۇقلۇق، ئاللاھ نېمە ئۈچۈن كاپىرلارغا سىلەرگە قارشى يول بەردى؟" دەيدۇ. شەئراۋىي ئۇنىڭغا: «چۈنكى، بىز مۇسۇلمان، تېخى مۇئمىن ئەمەس» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.  

«مۇسۇلمان» بىلەن «مۇئمىن» گەرچە ئىككىلىسى ئىسلام دىنىمىزغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى ئىپادىلىسىمۇ، ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ. مۇسۇلمان – بويسۇنغۇچى، مۇئمىن – ئىشەنگۈچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق مۇئمىننى مۇسۇلمان دېگىلى بولىدۇ، ئەمما ھەرقانداق مۇسۇلماننى مۇئمىن دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿قَالَتِ الْأَعْرَابُ آَمَنَّا قُلْ لَمْ تُؤْمِنُوا وَلَكِنْ قُولُوا أَسْلَمْنَا وَلَمَّا يَدْخُلِ الْإِيمَانُ فِي قُلُوبِكُمْ﴾ «سەھرالىق ئەرەبلەر ئىمان ئېيتتۇق دەيدۇ، ئۇلارغا ئېيتقىنكى سىلەر ئىمان ئېيتمىدىڭلار، لېكىن مۇسۇلمان بولدۇق دەڭلار. چۈنكى، ئىمان سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارغا كىرمىدى»[1]. ئاللاھ تائالا ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە قىلغان دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك پۈتۈن ۋەدىلىرىدە «مۇئمىنلەر» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن،  مەيلى دۇنيالىق ياكى ئاخىرەت ھېچبىر ۋەدىنى مۇسۇلمانلارغا قىلمىغان، ئەمما مۇئمىنلەرگە ۋە تەقۋادارلارغا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى قىلغان. ﴿ وَكَانَ حَقًّا عَلَيْنَا نَصْرُ الْمُؤْمِنِينَ﴾ «مۇئمىنلەرگە ياردەم قىلىش بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىزدۇر»[2]، ﴿ وَأَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُؤْمِنِينَ﴾ «شەكسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلەر بىلەن بىللىدۇر»[3] دېگەن ئايەتلەر بۇنىڭ مىسالى. ئاللاھ تائالانىڭ بىللىلىكى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى پۈتۈن مەخلۇقاتى بىلەن بىللىدۇر، يەنى ئۇلارنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرىدۇ، يەنە بىرى مۇئمىنلەر بىلەن بولغان بىللىلىكى بولۇپ، ئۇلارنى قوغدايدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان ھېچقانداق ۋەدىسى ئورۇن ئالمىغان. چۈنكى، مۇسۇلمانلىق ئەڭ تۆۋەن دەرىجە بولۇپ، ئۇنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىسى مۇئمىنلىك، يەنە بىر يۇقىرىسى تەقۋالىق، ئەڭ يۇقىرىسى ئېھساندۇر. ئېھسان دىن ۋە دۇنيالىق ھەرقانداق ئىشنى قېتىرقىنىپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر. ﴿ وَإِنَّ اللَّهَ لَمَعَ الْمُحْسِنِينَ﴾ « ئاللاھ (بۇيرۇلغان ھەر ئىشنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»[4] دېگەن ئايەت بۇنىڭ مىسالى.



[1] مائىدە سۈرىسى: 14- ئايەت.
[2] رۇم سۈرىسى: 47- ئايەت.
[3] ئەنفال سۈرىسى: 19- ئايەت.
[4] ئەنكەبۇت سۈرىسى: 69- ئايەت.

 ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ياردەمگە سالاھىيەتلىك بولۇش شەرت. بىر مىللەتنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە سالاھىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشى شەرت. بىر مىللەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە بىر ئەۋلاد ئالمىشىشى كېرەك. ئىسلام تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىنى سىينا چۆلىدە 40 يىل ئاداشتۇرۇۋەتكەنلىكى ۋە 40 يىلدىن كېيىن يۇشەئ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇلارنى بەيتۇلمۇقەددەسكە كىرىشكە مۇۋەپپەق قىلغانلىقىنى دەلىل قىلىپ بۇ يەكۈننى چىقارغان.

چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۇلار توغرۇلۇق: ﴿ فَإِنَّهَا مُحَرَّمَةٌ عَلَيْهِمْ أَرْبَعِينَ سَنَةً يَتِيهُونَ فِي الْأَرْضِ فَلَا تَأْسَ عَلَى الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ﴾ ««(ئى مۇسا!) ئۇلارنىڭ مۇقەددەس زېمىنغا كىرىشى قىرىق يىلغىچە چەكلەندى، (بۇ جەرياندا) ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ. بۇ پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن»[1] دەپ ھۆكۈم قىلىۋەتكەن. ئۇلار كاپىرلار ئەمەس ئىدى، بەلكى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەن قەۋم ئىدى. ئەمما ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا «پاسىق قەۋم» دەپ تامغۇ ئۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكى ياكى زىنا قىلغانلىقى ياكى ئوغرىلىق قىلغانلىقى ۋەياكى جازانە قىلغانلىقىدىن ئەمەس، ئۇلار ئۇنداق قىلمىغان، بەلكى ئاسىيلىق قىلغانلىقىدىن ئىدى. زامانىمىزدىكى دىندار مۇسۇلمانلارمۇ ھاراق ئىچمەيدۇ، زىنا قىلمايدۇ، جازانە يېمەيدۇ، ئوغرىلىق قىلمايدۇ، ئەمما بىر-بىرىنىڭ ھەققىنى يەيدۇ، ئابرۇيىنى تۆكىدۇ، ھەسەت قىلىدۇ، غەيۋەت قىلىدۇ، ۋەدىسىگە تۇرمايدۇ، يالغان ئېيتىدۇ، ئادەم ئالدايدۇ... ۋاھاكازالار.

بىزنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە سالاھىيەتلىك بولالماسلىقىمىزدا چوقۇم ئاللاھ تائالاغا ياقمىغان ئېغىر قىلمىشلىرىمىز بولۇشى مۇمكىن. ئوت ئالمىغان ماشىنىنىڭ بېنزىن يوللىرىدا ياكى باشقا بىر يېرىدە بىرەر چاتاقنىڭ چىققانلىقى ئېنىق بولغاندەك، بىزنىڭ بۇ ھالدا قېلىشىمىزدا چوقۇم يولىدا كەتمىگەن بىر سەۋەب ياكى سەۋەبلەر بار. شۇڭا، ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىمىز ۋە ئەمەللىرىمىزنى شەرىئەت مىزانىغا سېلىپ بېقىشىمىز لازىم.

[1] مائىدە سۈرىسى: 26- ئايەت.

 

  ياردەمگە سالاھىيەتلىك ئەۋلاد يېتىشتۈرۈش يوللىرى

ۋەتەن ئۈچۈن جېنىنى ئاتاشتىن ئىككىلەنمەيدىغان پىداكارلىق روھى بىلەن يېتىلگەن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە لايىق بولغان يېڭى بىر نەسىلنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتا، ئالدى بىلەن ئۇلارنى سىستېمىلىق ئوقۇتۇش، ئىمان ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن تويۇندۇرۇش لازىم. بالىلارغا ۋەتەننىڭ قىسسىلىرىنى، ئەجدادلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى، قەھرىمانلارنىڭ باتۇرلۇقلىرىنى سۆزلەپ بېرىش، ئۆزىمىزنىڭ دىنىي ئەقىدىمىزنى، ئەخلاق دەستۇرلىرىمىزنى ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزنى ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش لازىم. بۇنىڭدىن باشقا ئۆز مىللىتىمىزگە ئائىت بولغان نەرسىلەرنى ۋە ئىشلارنى قەدىرلەش، ماختاش ۋە ئۇلارنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىش بالىلاردا ئۆز مىللىتىنى ۋە مىللىتىنىڭ بايلىقلىرىنى قەدىرلەيدىغان، ئۆز مىللىتى بىلەن پەخىرلىنىدىغان كەيپىياتنى يارىتىدۇ.

بالىلارغا ئۆزىمىزدىن چىققان شىراق، كۈرشاد، نۇزۇگۇم، يەتتە قىزلىرىم، ئىپارخان، مايىمخان، غېنى باتۇر، ئوسمان باتۇر ۋە زەيدىن يۈسۈپ قاتارلىق قەھرىمانلىرىمىزنىڭ قىسسىلىرىنى سۆزلەپ بېرىش، ھەتتا ئۇ قىسسىلەرنى كۆچۈرۈپ يازدۇرۇش ئۇلارنى ۋەتەنگە يېقىنلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئويغىتىدۇ. پېقىر بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ئىككىنچى قىزىمغا شىراق رىۋايىتىنى ئتۈركچە يازدۇرغان ئىدىم. يېقىندا قىزىمدىن شۇ رىۋايەتنى سورىسام ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق ئېيتىپ بېرەلىدى. بۇنىڭدىن بىلدىمكى، بىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مېڭىسىگە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدە قانچىلىك كۆپ نەرسىلەرنى كىرگۈزەلىسەك، ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان باغلىنىشى شۇنچىلىك كۈچلۈك بولىدىكەن.

 

مۇستەقىللىق ئالدىرىغانغا كەلمەيدۇ

مۇستەقىللىق دېگەن پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا، ئىزچىل ئىشلەش، ھارماي - تالماي كۈرەش قىلىش، ئەۋلادلارنى شۇ يولدا يېتىشتۈرۈش، «قىلغان ئەمگەكلىرىمنىڭ نەتىجىسىنى مەن كۆرەلمىسەم قانداق بولىدۇ؟» دېمەي، «نەتىجىنى ئەۋلادىم كۆرسۇن، خەلقىم ھۆر، ئەركىن ياشىسۇن، مەن ئۇلارنىڭ پارلاق كېلەچىكى ئۈچۈن ئىشلەي» دەيدىغان ئىزگۈ نىيەت ۋە پىداكارلىق بىلەنلا قولغا كېلىدۇ. شۇڭا بىزدە: «ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى يولىدىكى جاپالىرىمنى ئاللاھ تائالا، نەتىجىسىنى ئەۋلادلىرىم كۆرسە ماڭا يېتەرلىكتۇر» دېگەن قانائەت تىكلەنگەن ۋاقتىدا، بىز ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە لايىق بولۇشىمىز مۇمكىن.

 

ئادەملەر دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ

دەۋا ئادەملىرىنى يېتىشتۈرۈش مۇستەقىللىققا ئېرىشىش يولىدا ئېلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ بىرىنچىسىدۇر. چۈنكى، ئادەملەر دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ئۇلار دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياكى يىقىلىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋەتەن دەۋاسىنى توختىتىپ قويماسلىق ۋە تېخىمۇ يۇقىرى بالداقلارغا كۆتۈرۈش ئۈچۈن، يېڭى نەسىل دەۋا ئادەملىرىگە بولغان ئېھتىياج ناھايىتى زوردۇر. شۇڭا ھازىرقى ۋاقىتتا ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئاددىي، ئەمما نەتىجىسى كاتتا بولغان بىردىنبىر خىزمەت ئاللاھقا باغلانغان، ئۆز ۋەتىنىنى سۆيىدىغان ۋە ئۇنىڭ غېمىنى يەيدىغان پىداكار ۋە ۋاپادار پەرزەنت يېتىشتۈرۈشتۇر.

 «ئوسمانىيلار دۆلىتىنى تيودور ھېرسىل ۋە ئىمانوۋىل قاراسۇدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر يەھۇدىي يىقىتقان» دېيىلىدۇ. «پايتەخت ئابدۇلھەمىد» دېگەن كۆپ قىسىملىق فىلىممۇ مۇشۇ ۋەقەلىكنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تيودور ھېرسىل بىلەن ئىمانوۋىل قاراسۇدىن ئىبارەت بۇ ئىككى يەھۇدىي ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن ياشىغان ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار قۇرۇلماقچى بولغان ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى سالدى، ئاندىن دۆلەتنى مۇشۇ ئىككى يەھۇدىينىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلغان يەھۇدىي ئەۋلادلىرى قۇرۇپ چىقتى. يەھۇدىي دۆلىتىگە ئاساس سالغان مەزكۇر ئىككى يەھۇدىي مۇستەقىل يەھۇدىي دۆلىتىنى كۆرەلمىدى، ئۇنىڭ بايرىقىنى يۈزلىرىگە سۈرتەلمىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كۆردى ۋە پۈتۈن يەھۇدىيلار ھۆر ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. مانا بۇ بىزگە ئوخشاش ۋەتەنسىز قالغان بىر مىللەتنىڭ يېقىنقى زاماندا قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسىدۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار