ھېيتتا ياشانغانلارنى زىيارەت قىلىپ قويايلى!

ھېيتتا ياشانغانلارنى زىيارەت قىلىپ قويايلى!
مۇھەممەد يۈسۈپ
ھېيتنىڭ خۇشاللىقلىرىدىن بىرى بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىش، يىراقتا بولسا تېلېفوندا بولسىمۇ ئەھۋال سوراپ، بىر-بىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەشتۇر. ياشانغانلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرۇش ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىدىن بىرى بولۇپ، بولۇپمۇ ھېيت كۈنلىرىدە بىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشىنى ياكى ئەھۋال سورىشىدىن ئالەمچە خۇشاللىق ھېس قىلىدىغان ياشانغان كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش ئەلۋەتتە ساۋابلىق ئەمەلدۇر. مەيلى ئۇلار سىزنىڭ تۇغقىنىڭىز بولسۇن ياكى قوشنىڭىز بولسۇن ۋە ياكى يىراقتىن تونۇشىڭىز بولسۇن، ئۇلارنى زىيارەت قىلىش ياكى ھېچ بولمىغاندا تېلېفوندا بولسىمۇ ئەھۋالىنى سوراش ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىق ھاسىل قىلىش يولىدىكى ئىبادەتلەردىن سانىلىدۇ.
مۇساپىرلىق كوچىلىرىدا پەرزەنتلىرىنى كۆرەلمەيدىغان، ئائىلىسى بۆلۈنگەن، يۈرىكى زەرداپ بولغان مىڭلارچە ياشانغانلار بار. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش، ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ قويۇش ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالانى سۆيۈندۈرىدىغان ياخشى ئەمەلدۇر. بىزنىڭ دىنىمىز رەھىم-شەپقەتنى ئاساس قىلغان ۋە كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىشقا بۇيرۇغان ئىلغار دىندۇر.
بىزنىڭ ئۈلگىمىز ۋە يولباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەمەمد ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدىمۇ بىزگە گۈزەل ئۆرنەكلەرنى قالدۇرغان. مەككە فەتھى قىلىنغان كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى ئالدىراش ئىدى، ئۇنىڭغا سالام بەرگىلى كەلگەنلەر، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يامانلىقلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغىلى كەلگەنلەر، يېڭىدىن ئىمان ئېيتىپ كەلگەنلەر، ئۇنى ئۇزۇن زامان كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەھۋاللاشقىلى كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ھۇزۇرىغا قوبۇل قىلىپ ئولتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بەكمۇ ياشىنىپ قالغان بىر ئايالنى كۆرۈپ قېلىپ، كەلگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ شۇ ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ، چاپىنىنى يەرگە سېلىپ ئۇنى چاپاننىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتكە كىرىشىپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېلىقى ئايال بىلەن بىر سائەت مىقدارى سۆھبەتلىشىپ، ئۇنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئەھۋالنى يىراقتىن كۆزىتىپ تۇرغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ئۇ ئايال خەدىجىنىڭ دوستى ئىدى، خەدىجە ھايات ۋاقتىدا بۇ ئايال بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ تۇراتتى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇ ئايال بىلەن نېمە توغرۇلۇق سۆھبەتلەشكەنلىكىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆتكەن كۈنلەرنى، خەدىجىنى ئەسلەپ پاراڭلاشتۇق» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ كۈندەشلىكى قوزغىلىپ:«سىز ھازىرمۇ شۇ تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن قېرى خوتۇننى ئەسلەۋاتامسىز؟ ئاللاھ سىزگە ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى بەردى ئەمەسمۇ؟» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ياق، ئاللاھ ماڭا ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى بەرمىدى. ئىنسانلار مېنى ھەر نەرسىسىدىن مەھرۇم قىلغاندا، ئۇ ماڭا بارلىقىنى بەرگەن ئىدى، ئىنسانلار مېنى ئىنكار قىلغاندا، ئۇ ماڭا ئىمان ئېيتقان ئىدى»( ) دېگەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار