ھاياتنىڭ بەرىكىتى پىلانلىق ياشاشتا

 

ھاياتنىڭ بەرىكىتى پىلانلىق ياشاشتا

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا خۇددى سۇدەك ۋە ھېسابسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرلا نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ۋە ۋاقتىدۇر. ئىنسان تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ، ئەقىل- ھوشىنى تېپىپ بولغىچە، ئۇ تىزلا قىرانلىق چاغلىرىغا يېتىپ قالىدۇ.

    مىسىرلىق پىسخولوگىيە دوكتورى ئىبراھىم فەقى «مەسئۇللۇقنىڭ سېھرى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «كۆپ سانلىق ئىنسانلار قىران چاغلىرىغا يەتكەنگە قەدەر ئۆزىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن بىرەر پىلان ياكى بىرەر غايە تۇرغۇزالماستىن، پىلانسىز، بولىشىغا ياشايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھارۋارد ئۇنىۋېرستېتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، دۇنيادا ھاياتى ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، شۇ پىلان بويىچە ماڭىدىغانلارنىڭ نىسبىتى ئاران 3%نى، ئەمما ھاياتى ئۈچۈن بىرەر پىلان ياكى غايە تۇرغۇزماستىن ياشايدىغانلارنىڭ نىسبىتى97%نى تەشكىل قىلىدىكەن. مەن كىم؟ نەگە بارىمەن؟ دېگەن سوئاللارنى ئۆزىدىن سوراپ قويمايدىغانلار ھەر جايدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ».

نېمە ئۈچۈن پىلان تۈزمەيمىز؟

كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتى ئۈچۈن بىرەر پىلان ۋە بىرەر غايە تۇرغۇزماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:

1.           تۈزگەن پىلانغا ئەمەل قىلالماسلىقتىن قورقۇش

 ئىنسانلار بۇ قورقۇنچنى ئېغىزى بىلەن سۆزلىمىسىمۇ، بىرەر پىلان تۈزۈپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلالماي ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشىدىن ۋە شۇنىڭ بىلەن روھىي مەنىۋىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ كۆپ سانلىقى قانۇن-پىرىنسىپلارنى ياخشى كۆرگىنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بۇ قانۇن-پىرىنسىپلار دائىرىسىدە ياشىشىنى ياقتۇرمايدۇ. چۈنكى ئىنسان ھۆرلۈكنى ۋە ئەركىنلىكنى كۆپرەك ياقتۇرىدۇ. ئەمما ھاياتتا ئۆزىگە مەلۇم پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىپ،  شۇ پىلانلار  بويىچە ئىش كۆرگەن ئادەمنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئادەم ئىكەنلىكىدە شەك يوق.

2.           ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالماسلىق

 بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە ئىرادىسىزلىكىنى يوشۇرۇش ۋە ئۆزىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن «ھەممە ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنى ئەڭ ياخشىسىدۇر» دەيدۇ. دۇرۇس، بۇنىڭغا ئىمانىمىز كامىل. چۈنكى ھەممە ئىش ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى ۋە ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ. ئەمما ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغان مەزكۇر كىشىلەر ئېسىلىۋالغان بۇ سۆز ھەق سۆز بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن باتىل مەقسەت قىلىنغان.  چۈنكى ئاللاھ تائالا بىزنى «ئۈژمە پىش ئاگزىمغا چۈش» دەپ سەۋەب قىلماي ئولتۇرۇشتىن توسقان ۋە پىلانلىق، غايىلىك ياشاشقا بۇيرۇغان. ئىنسان پىلانلىق ياشاشقا يارىتىلغان مەخلۇقاتتۇر.

3.           كېچىكتۈرۈش

 قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرگەنلىك ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى ۋە بەخت - سائادىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكتۇر. كېچىكتۈرۈش مىكروبلىرىغا ئۇچرىغان ئۇچرىغان ئادەم ھاياتتا ھەممە ئىشنى كېچىكتۈرىدۇ، ئەتە قىلىمەن، ئۆگۈن قىلىمەن، دەيدۇ-يۇ، ھەرگىز قىلمايدۇ. ئۇ شۇنداق قىلىپ،  ئۆز نەزىرىدىكى مۇناسىپ پۇرسەتنى كۈتۈش جەريانىدا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدۇ.

4.           پىلانلىق ياشاش ۋە  پىلان تۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشەنمەسلىك

 كۆپ ئادەملەر پىلانسىز، بولۇشىغا ياشاشنى ئەۋزەل كۆرگەنلىكتىن، پىلاننى ياقتۇرمايدۇ ۋە پىلانلىق ياشاشنىڭ پايدىلىرىغىمۇ ئىشەنمەيدۇ. بەزىلىرى دەيدۇ: «مەن يىللاردىن بىرى پىلانسىز ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن. ئەمما ئىشلىرىم غەلىبىلىك كېتىپ بارىدۇغۇ» دەيدۇ. بۇ دېگەن ئاندا- ساندا بولۇپ قالىدىغان ئىش. بۇنداق ئايرىم ھالەتلەر قائىدىگە كىرمەيدۇ. ئەمما ھاياتنى مۇنداق ئاندا- ساندا ئىشقا ئېشىپ قالىدىغان مەجھۇل  تەلەي ئۈستىگە قۇرۇش خەتەرلىكتۇر.

5.           پىلان تۈزۈشنى بىلمەسلىك

بەزى كىشىلەر ھاياتتا پىلان تۈزۈپ، شۇ پىلان بويىچە ئىش كۆرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلسىمۇ، قانداق پىلان تۈزۈشنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرى كېلىپ پىلان تۈزۈپ بېرىشىنى كۈتۈپ ئالەمدىن كېتىپ قالىدۇ.

نېمە ئۈچۈن پىلان تۈزىمىز؟

ھاياتلىق ئىشلىرىدا پىلان تۈزۈش ۋە شۇ پىلان بويىچە ئىش كۆرۈش تولىمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر. ھاياتىمىزدا پىلان تۈزۈشنى زۆرۈر قىلىدىغان مۇنداق بەش چوڭ سەۋەب بار:

1.           ئۆزىنى ئىدارە قىلىش

 ئىنساننىڭ بىرەر مۇكەممەل پروگراممىسى ۋە بىرەر مۇنتىزىم پىلانى بولسا، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ۋە ئاقىۋىتىنى ئۆز كونترولى ۋە ئۆز باشقۇرۇشى ئاستىدا تۇتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ-دە، پۈتۈن ھاياتلىق ساھەلىرىدىكى ھەممە ئىشتا يېتەرلىك كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولىدۇ. ئىنساننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن پىلان تۈزۈشتىن ئالىدىغان كۈچ-قۇۋۋىتى ئەلۋەتتە چوڭ ۋە ئەھمىيەتلىكتۇر. مۇنداق كۈچ-قۇۋۋەت ھاياتلىقنىڭ مۈشكىلاتلىرىنى يېڭىشتە چوڭ ياردەمچى بولىدۇ. چۈنكى ھەر ئىشنى پىلانلىق ئېلىپ بارغان ئادەم ئىشلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان، مەخپى تەرەپلىرىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ-دە، ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ نىشانغا يېتىش يولىدا تۈزگەن پىلانلىرى ئۇنىڭ بارچە مۈشكىلىنى ۋە توسقۇنلارنى يېڭىشى ئۈچۈن زاپاس قۇدرەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. پىلان بىلەن ئىش كۆرگەن ئادەم ھاياتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىدىن ھۇزۇر-ھالاۋەت ھېس قىلىدۇ. خۇددى ئارىستوتېل ئېيتقاندەك: «باشقىلار مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىق نېمدېگەن گۈزەل-ھە!».

2.             ئۆزىگە ئىشىنىش

پىلانىڭىزنى ئوچۇق قىلىپ يېزىشىڭىزنىڭ ئۆزىلاسىزگە كۈچ ۋە ئىلھام بېغىشلايدۇ ۋە ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ئاشۇرىدۇ. ئاندىن ھاياتلىق ئىشلىرىڭىزنى ئۆز كونترولىڭىزدا تۇتۇپ پىلانىڭىز بويىچە ئىش كۆرگىنىڭىزدە، بۇ ئىشەنچ ھەسسىلەپ ئاشىدۇ ۋە سىزنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىتتىرىدۇ. نەتىجىدە، سىزنى كۆزلىگەن مەقسەتكە ۋە زور ئۇتۇقلارغا ئېلىپ بارىدۇ. ئۆزىگە ئىشەنگەن ئادەمنى ھېچكىم توختىتالمايدۇ ۋە يولىدىن توسۇپ  قالالمايدۇ.

3.           قىممەت يارىتىش.

 ئىنساننىڭ ھاياتلىقتىكى قەدىر - قىممىتى ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. قىممەت يارىتىش پىلانلىق ھالدا ئىزچىل ئىشلەش ۋە تۇرماستىن ئىلگىرىلەش بىلەن بولىدۇ. پىلان بويىچە ئىش كۆرۈپ نەتىجە قازىنىشنىڭ ئۆزى ئىنساننىڭ ئۆزىنى قەدىرلىگەنلىكى ۋە ئۆز قۇدرىتىگە ئىشەنگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇ ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتىنى كۆتۈرىدۇ.

4.           ۋاقىتنى تېجەش

 ئىنسان قىلىدىغان ئىشلىرىنى ئالدىن پىلانلىۋالغاندا، كۆپ ۋاقتىنى زايە بولۇشتىن  ساقلاپ قالغان ۋە ئۇنى تېجەپ قالغان بولىدۇ. چۈنكى مۇنداق ئادەم ئاۋۋال نېمە قىلىش لازىملىقىنى ئوبدان بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ۋاقىت سەرپ قىلمايدۇ ۋە قىلىشقا تېگىشلىكلەرنى ئالدى بىلەن قىلىدۇ. ئىنساننىڭ ۋاقتىنى بىھۇدە زايە قىلغانلىقى ئۆزىنى ئۆلتۈرگىنىگە تەڭدۇر. چۈنكى ۋاقىت ئۆمۈر، ۋاقىت ھاياتلىقتۇر.

5.           ئىزتىراپتىن ساقلىنىش

ھاياتىدا بىرەر پىلانى ۋە مۇئەييەن بىرەر مۇددىئاسى بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھاياتى ئىزتىراپ ۋە خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ. بۇلارنىڭ ئەكسىچە، ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە پىلان بىلەن ئىش كۆرىدىغان ئادەملەرنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم، ئۆزلىرى بەختلىك كېلىدۇ. مۇنداقلا ھاياتنىڭ تەمىنى بارچە لەززەتلىرى بىلەن تولۇق تېتىغان بولىدۇ. چۈنكى مۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى زاپاس ئېنېرگىيە ئۇلارنى ھاياتنىڭ تەمىنى تېخىمۇ تولۇق تېتىشقا ئىتتىرىدۇ. خۇددى روزۋېلت ئېيتقاندەك: «سائادەت پىلانلارنىڭ ۋە ئىجاد يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان».

      ھاياتتىكى پىلانىڭىزنى قانداق تۈزىسىز؟

     ھاياتلىقتىكى ئۇتۇق ماددىي جەھەتتىكى ئۇتۇقلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. مۇنداق بىر ئۇتۇققا تەن ساقلىقنىڭ ياخشى بولۇشى بىلەنلا ياكى دوستلارنىڭ كۆپ بولغانلىقى بىلەنلا ياكى ئالىي دىپلومغا نائىل بولۇش بىلەنلا يەتكىلى بولمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھاياتتا ئېرىشكىلى بولىدىغان ئۇتۇقنىڭ بىرەردىن پارچىسىدۇر، بەس. ئەمما ھەقىقىي ئۇتۇق ھايات ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل ئۇتۇقتۇر. شۇڭا ھايات قايناملىرىدا غەلىبىلىك بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەڭپۇڭلۇقنى ئاساس قىلغان مۇكەممەل بىر پىلان تۈزۈش ۋە تۆۋەندىكى بەش چوڭ ئاساسقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1.           مەنىۋى تەرەپ. ھەر تەرىپى تەڭپۇڭلاشقان بىر ھاياتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەھمىيەتلىك تەرەپلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭ روھانىي تەرىپىدۇر. بۇ ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئىمانى، ئېتىقادى، قىممەت قارىشى ۋە پىرىنسىپلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھاياتتا ئۆزىنىڭ ئاز-تولا ئۇتۇقلىرى بىلەن ماختىنىپ، ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى ئۇنتۇغانلار خام خىيال ئىچىدە ياشىغۇچىلاردۇر. ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جايىدا بولغانلار ھەمىشە خاتىرجەملىك، كۆڭلى توق ۋە تولۇق بىر سائادەت ئىچىدە ياشايدۇ. چۈنكى بۇ مۇناسىۋەت ئۇلارغا شۇنداق ھۇزۇر-ھالاۋەتلىك بىر ھاياتنى تەقدىم قىلىدۇ. مۇنداق ئادەم ھاياتلىق سەپىرىدىكى مۈشكىلاتلارغا قارشى كۈچ-قۇۋۋىتىنى ۋە يېتەرلىك مەدەدنى ئاللاھ تائالاغا بولغان يېقىنلىقىدىن تەمىن ئېتىدۇ. سۇڭا ئۇ ھاياتلىقنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە مۇكەممەك ئۇتۇقلارنى قازىنالايدۇ.

2.           شەخسىي تەرەپ. بۇ تەرەپ شەخسنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئوقۇش، ئۆگىنىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇ ئىشلارنىمۇ ئالدىن تۈزۈلگەن پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

3.           كەسىپ  ۋە ئىش - خىزمەت. بۇ شەخسنىڭ كېلەچېكىگە مۇناسىۋەتلىك كەسپى ياكى خىزمىتى ۋە ياكى تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يولىدا بىلىم ئېلىش، كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا بولغان قۇدرىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

4.           ماددىي تەرەپ. بۇ شەخسنىڭ كىرىمى، مائاشى ۋە قولغا كەلتۈرۈشى پىلانلانغان مال-دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

5.           تەن ساقلى تەرەپ. بۇ شەخسنىڭ يېمەك-ئىچمەكتىكى تەرزى، پىرىنسىپى ۋە ئادىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقىرىقى بەش ئاساسقا ئەھمىيەت بېرىپ، بۇلار ھەققىدە تۈزگەن پىلانلارنى ئورۇنداش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ ئۆزى ئىنساننى بەختلىك قىلىشقا يېتەرلىكتۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار