
غەپلەت ئادەمنىڭ ئەڭ قايغۇلۇق چاغلىرىدۇر
مۇھەممەد يۈسۈپ
غەپلەت — بىخەستەلىك، بىپەرۋالىق، غاپىللىق ۋە نادانلىق دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ . ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە سەييىد قۇتۇب غەپلەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «غەپلەت قەلبنى كاردىن چىقىرىدىغان نەرسە بولۇپ، غاپىل ئادەمنىڭ قەلبى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەشتىن بوشىتىلغان قەلبتۇر». دېمىسىمۇ، غەپلەتتىكى ئادەم ئۆزىنىڭ دۇنياغا كېلىشىنىڭ سىرى ھەققىدە ئىزدەنمەيدۇ، مۇنداق ئادەم ئۆزىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى، نەگە بارىدىغانلىقى ۋە ھاياتلىقتىكى ۋەزىپىسى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ قويمايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە غەپلەتتىكىلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن دېگەن: « ئۇلارنىڭ دىللىرى بار تۇرۇپ چۈشەنمەيدۇ، كۆزلىرى بار تۇرۇپ كۆرمەيدۇ، قۇلاقلىرى بار تۇرۇپ ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر ئازغۇندۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر» ، « ئۇلارغا قۇلاق، كۆز، قەلبلەرنى ئاتا قىلغان ئىدۇق. ئەمما ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە دىللىرى ئۇلارغا قىلچە ئەسقاتمىدى» .
ھاياتتا نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئۆمۈر غەپلەتتە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ دۇنياغا كېلىپ _ كەتكەنلىكىدىن تىلغا ئالغۇدەك، پەخىرلەنگۈدەك ۋە ئەسلەپ تۇرغۇدەك بىرەر ئىزى ياكى بىرەر خاتىرىسى قالمايدۇ. ئۇلار گويا دۇنياغا كەلمىگەندەكلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇلار قۇمغا سىڭىپ كەتكەن سۇدەكلا يەرگە سىڭىپ كېتىدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم ئەسلىمەيدۇ. غەپلەت ئىنتايىن يامان ئىللەت بولۇپ، « قۇرئان كەرىم»دە غەپلەتتە قالغانلارنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئايەتلەر كەلگەن.
يەنە بەزى كىشىلەر ئۆمرىنىڭ كۆپرەك ۋاقتىنى غەپلەت بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئاخىرقى ئۆمرىدە غەپلەتتىن ئويغىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىغا، مۇسۇلمانلىقىغا لايىق ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق، ئىلگىرىكى غەپلەتتىكى ھاياتىنى ئۆزگەرتىدۇ.
ھېكايە قىلىنىشىچە، بىر بېلىقچى بولۇپ، ئۇ ھەر كۈنى سەھەردە دېڭىز بويىغا چىقىپ، كۈنلۈك ئىشىنى قۇياشنىڭ چىقىشى بىلەن باشلايدىكەن. بىر كۈنى ئەتىگەنرەك چىقىپ قاپتۇ، ئەتراپ قاراڭغۇلۇق ئىكەن. بېلىقچى دېڭىز بويىدا كېتىپ بارغىنىدا، ئۇ بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ كېتىپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قاپتۇ. يەرگە ئېگىلىپ پۇتىغا پۇتلاشقان نەرسىنى ئالسا، ئۇ بىر خالتا ئۇششاق تاش ئىكەن. بېلىقچى قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇش جەريانىدا، ھېلىقى خالتىدىكى ئۇششاق تاشلارنى بىر تالدىن دېڭىزغا ئېتىش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈپتۇ. بېلىقچى ھەربىر تاشنى دېڭىزغا ئاتقىنىدا، ئۇنىڭدىن چىققان «چۇلۇق، چۇلۇق» ئاۋازنى ئاڭلاپ كۆڭۈل ئېچىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئاخىرقى تاشنى ئاتقان ۋاقتىدا قۇياش چىقىپ ئەتراپ يورۇشقا باشلاپتۇ، بېلىقچى قولىدىكى ئاتماقچى بولغان ئاخىرقى تاشقا قارىسا، ئۇ يالتىراپ تۇرارمىش. بېلىقچى توختاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىنچىلەپ قارىسا، ئۇ ئالماس ئىكەن. ئۇ سەھەردىن بېرى قاراڭۇلۇقتا دېڭىزغا ئاتقان تاشلارنىڭ ھەممىسى تاش ئەمەس، ئالماس ئىكەن. شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ تولىمۇ غەپلەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىپتۇ ۋە قولىدا ساقلىنىپ قالغان شۇ بىر تال ئالماستىن پايدلىنىپ ئائىلىسىنى بەختلىك قىلىش قارارىغا كەپتۇ. چۈنكى بۇ بېلىقچى ئۆتكەنگە ھەسرەت چەككەننىڭ پايدىسى يوق ئىكەنلىكىنى، قولىدا بار پۇرسەتتىن پايدىلىنىش ئەڭ ھېكمەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن.
بىز ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرىمىزنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە قادىر ئەمەسمىز. ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغا پۇشايمان قىلىپ ھەسرەت چەكسەك ئۆزىمىزگە زىيان سالىمىز. شۇڭا قېپقالغان ئۆمرىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشساقلا شۇ بىزگە يېتەرلىكتۇر.

