غەلىبىلىك ئىشلارنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىڭ

غەلىبىلىك ئىشلارنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىڭ

مۇھەممەد يۈسۈپ

نورمالدا ئىنسانلار قانداقلا بىر ئىشنى باشلاش ئۈچۈن بىرەر سەۋەبكە ۋە بىرەر تۈرتكىگە، غەلىبىلىك ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈنلۈك ئادەتكە موھتاج بولىدۇ. ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنى ئۇتۇققا ئېلىپ بارغان بارلىق ئىشلىرىنى كۈنلۈك ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋەتكەن بولۇپ، كۈندىلىك ئىشلىرىنى ھېس قىلماستىن ياكى ئويلاپ ئولتۇرماستىن، ئۆزلىكىدىن قىلاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىشلىرى يېيىش، ئىچىش ۋە ئۇخلاشقا ئوخشاش كۈنلۈك ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئالاھىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىمىغان.

سىز ئۆزىڭىزىدە ئاشۇنداق غەلىبىلىك ئادەتلەرنى يېتىشتۈرۈۋالغان ۋاقتىڭىزدا، سىزدىن باشقا ھەممە ئادەم سىزنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىزگە ھەيران قالىدۇ. رەھمەتلىك ئۇستازىم مۇھەممەد قۇربان قارىھاجىم ھەر كۈنى بامدادتىن بۇرۇن يىگىرمە رەكئەت تەھەججۇد نامىزى ئوقۇيتتى، بامداد نامىزىدىن كېيىن ئىككى پارە قۇرئان ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ناشتا قىلاتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئامبۇلاتۇرىيەدىكى ئىشىغا ماڭاتتى. ئۇ كىشى بۇ ئادىتى سايىسىدا ئۆزىنى ئالاھىدە پەرقلىق ئىش قىلغاندەك ھېس قىلمايتتى، باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش كۈندە سەككىز سائەت ئىشلەيتتى.

سۈرىيەلىك بىر ئالىمنىڭ سەھەرلىرى سائەت تۆت بىلەن ئالتە ئارىسىدا ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن ئىشلەش ئارقىلىق سەككىز يىلدا 22 توم كىتاب يازغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان ئىدىم. ئەمما ھەرقانداق چوڭ ئىشنىمۇ ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئاز ۋاقىتتا پۈتتۈرگىلى بولىدىكەن.

پېقىر قازاقىستاندا ئىنىستىتۇتتا مۇئەللىم بولۇپ ئىشلىگەن چاغلىرىمدا ھەپتىدە بىر ماقالە يېزىپ، شۇ يەردىكى «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىگە بېرىشنى، ئاندىن سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسى تۈركىستان بۆلۈمىدە ئىش باشلىغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى بىر ماقالە يېزىشنى ئادەت قىلىۋالغان ئىدىم. ھازىرغىچە يازغان ماقالىلىرىمنىڭ سانى 1500دىن ئاشىدۇ، ئۇلاردىن تاللاپ ئالتە توم ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىندى. ئەمما مەن ئۆزۈمنى ئالاھىدە چوڭ ئىش قىلغاندەك ياكى كۆپ ئىشلارنى بېجىرىۋەتكەندەك ھېس قىلىپ باقمىدىم. چۈنكى، بۇ ئىش مېنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنى ئويلىماستىن ۋە ھېس قىلماستىن قىلىپ كېلىۋاتىمەن.

بەزى ستاستىكىلار شۇنى يەكۈنلىدىكى، ئۆيدە قوللىنىدىغان تەنھەرىكەت ۋېلىسىپىتىنى سېتىۋالغانلارنىڭ 10%ئى ئۇنى ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق ئىشلەتمەيدىكەن، 90%ئى بولسا بىرەر ھەپتىمۇ داۋاملاشتۇرمايدىكەن. مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا شۇنداق ۋېلىسىپىتتىن بىرىنى سېتىۋالغان ۋە ئىككى ھەپتىدىن كۆپرەك ئىشلىتىپ، ئاندىن ئۆيدە ساقلىغان ئىدىم. دېمەك، مەن كۈنلۈك ماقالە يېزىش ئادىتىمنى 30 يىل داۋاملاشتۇردۇم، ئەمما تەنھەرىكەت ۋېلىسىپىتىنى ئىشلىتىشنى 30 كۈن داۋاملاشتۇرالمىدىم.

 

ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە پايدىلىق ئىشلارنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ؟

جاۋاب: چۈنكى بىز ئۇ ئىشلارنى كۈندىلىك ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرالمىغان. شۇڭا ئۇ ئىشلار يېيىش، ئىچىش ۋە ئۇخلاش دېگەندەك بىزنىڭ ھېچ ئويلىماستىن، ھەتتا ھېس قىلماستىن داۋاملاشتۇرىدىغان كۈندىلىك ئىشلىرىمىز قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىغان. بىز قىلماقچى بولغان ھەرقانداق بىر ئىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەر قېتىم ئۇ ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىنلا بۇرۇنقى ھالىتىمىزگە قايتىمىز. ئۇنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن يەنە جەريان كېتىدۇ. بەزىدە قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرەر تەنھەرىكەتنى قىلىشقا ياكى بىرەر چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىشكە بەل باغلايمىز، ئەمما بىرەر ھەپتىدىن كېيىن بىزدىكى ھاياجان يوقىلىدۇ-دە، ئۇ ئىشلارنى توختىتىپ قويىمىز، ئاندىن ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ كېتىمىز. بۇ ئاشۇ ئىشلارنى ئادەتكە ئايلاندۇرمىغانلقتىن بولىدۇ.

بۇنداق ئىرادىسىزلىك ۋە بوشاڭلىق ئىنسان تەبىئىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، بۇنداق ھالەتلەر بىز بەل باغلىغان ھەربىر ئىشتا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ھەتتا دۆلەتلەرمۇ نۇرغۇن قارارلارنى ئالىدۇ، ئەمما ھەممىنى ئىجرا قىلىپ كېتەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسان تەبىئىتىدىكى بۇ ئاجىزلىقنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھەربىر ئىشنىڭ ھاياجىنى ۋە ھەربىر ھاياجاننىڭ بىپەرۋالىقى بولىدۇ»[1]. مانا بۇ ئىنسان تەبىئىتىدۇر.

شۇڭا ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ھاياجاندىن، بىپەرۋالىقتىن يىراق بولۇپ، ئاز-ئازدىن بولسىمۇ داۋاملىق قىلىش ۋە بىزنى غەلىبىگە ئېلىپ بارىدىغان ھەربىر ئىشنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىق كېلىدىغان ئەمەل  ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقىنىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەدىس بىزگە دىن ۋە دۇنيالىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ۋە گۈزەل نەتىجىلەرگە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئادەتلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئۆگىتىدۇ.

 

ئىبرەت:

-سىز بىرەر ئىشنى باشلاش ئۈچۈن ئىرادىگە، ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن كۈنلۈك ئادەتكە موھتاج بولىسىز.

- بىرەر ئىشنى قىرىق كۈن توختاتماي قىلسىڭىز چوقۇم ئۇنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرەلەيسىز.

- مۇۋەپپەقىيەتلىك كىشىلەر قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ئالاھىدە چوڭ بىلىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ غەلىبىلىرى كۈنلۈك ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن.



[1] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار