بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى دەلىللىرى

  بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرى ھەققىدە قۇرئان كەرىم دەلىللىرى

مۇھەممەد يۈسۈپ

دىنىمىزدا بۇيرۇلغان بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرى كېچە - كۈندۈزنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتلىرىغا بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿ إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا ﴾ «شەكسىزكى، ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر»[1]. قۇرئان كەرىم نۇرغۇن ئايەتلىرىدە بۇ ۋاقىتلارنى بايان قىلغان بولۇپ، كۈندىلىك بەش ۋاخ نامازنىڭ ئاشۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇلۇشى پەرز قىلىنغان.

ناماز ۋاقىتلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى دەلىللىرى

1.     ﴿ فَسُبْحَانَ اللَّهِ حِينَ تُمْسُونَ وَحِينَ تُصْبِحُونَ * وَلَهُ الْحَمْدُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَعَشِيًّا وَحِينَ تُظْهِرُونَ﴾ «(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر ئاخشامدا ۋە ئەتىگەندە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق ھەمدۇسانالار ئاللاھقا خاستۇر. كەچ ۋە پېشىن ۋاقىتلىرىدىمۇ (ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار)»[2]. ئەللامە ئىبنى جەۋزىي ئۆزىنىڭ «زاد المسير»  ناملىق ئەسىرىدە، بۇ ئايەتلەرنىڭ بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى بەلگىلىگەن ئايەتلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ بايانىغا كۆرە: «ئاخشامدا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ﴿حِينَ تُمْسُونَ﴾ دېگەن ئايەت، شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى ئوقۇڭلار، «ئەتىگەندە» دەپ تەپسىر قىلىنغان  ﴿حِينَ تُصْبِحُونَ﴾ دېگەن ئايەت بامدات نامىزىنى ئوقۇڭلار، «كەچ ۋاقتى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ﴿عَشِيًّا﴾ دېگەن ئايەت ئەسىر نامىزىنى ئوقۇڭلار ۋە «پېشىن ۋاقتى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ﴿تُظْهِرُونَ﴾ دېگەن ئايەت پېشىن نامىزىنى ئوقۇڭلار دېگەنلىكتۇر[3]. 

2.     ﴿ وَأَقِمِ الصَّلَاةَ طَرَفَيِ النَّهَارِ وَزُلَفًا مِنَ اللَّيْلِ...﴾ «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇغىن»[4]. دېگەن ئايەتنىڭ«كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ﴿طَرَفَيِ النَّهَارِ﴾ دېگەن قىسمىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ مەنىسى ھەققىدە مۇپەسسىرلەر ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، كۆپ سانلىق مۇپەسسىرلەر كۈندۈزنىڭ بىرىنچى تەرىپىدىن بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئىككىنچى تەرىپىدىن شام نامىزى كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقىنى، قەتادە ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

مۇپەسسىرلەر «كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ﴿وَزُلَفًا مِنَ اللَّيْلِ﴾ دېگەن ئايەت توغرۇلۇقمۇ ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما، مۇجاھىد قاتارلىقلار خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، مۇقاتىل، زەججاج، قەتادە ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ يەنە بىر تەپسىرىدە شام بىلەن خۇپتەننىڭ ۋاقىتلىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. بەزى مۇپەسسىرلەر ﴿ زُلَفًا مِنَ اللَّيْلِ﴾ دېگەن ئايەتنىڭ بامدات، شام ۋە خۇپتەن قاتارلىق ئۈچ نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چۈنكى، ئايەتتىكى ﴿ زُلَفًا ﴾ دېگەن سۆز «زُلْفَةً» ۋە «زُلْف» دېگەن سۆزنىڭ كۆپلۈك  شەكلى بولۇپ، ئەرەب تىلىدا كۆپلۈكنىڭ ئەڭ ئاز سانى ئۈچتۇر، يەنى ئۈچتىن ئاز نەرسىگە كۆپلۈك ئىشلىتىلمەيدۇ. شۇڭا ﴿ زُلَفًا ﴾ دېگەن سۆز بامدات، شام ۋە خۇپتەندىن ئىبارەت ئۈچ نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئەمدى بۇ يەردە، ﴿زُلَفًا مِنَ اللَّيْلِ﴾ يەنى «كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا» دېگەن ئايەت قانداق بولۇپ، بامدات، شام ۋە خۇپتەننىڭ ۋاقىتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ؟ دېگەن سوئال كېلىشى مۇمكىن، بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، كۈندىلىك بەش ۋاخ نامازلارنىڭ بىرىنچىسى پېشىندۇر، يەنى كۈننىڭ نامىزى پېشىندىن باشلىنىدۇ. چۈنكى، جىبرىل ئەلەيھىسسالامغا شۇنداق ئۆگەتكەن ۋە ئىككى كۈن ئۇنىڭغا ئىمام بولۇپ يۇقىرىقى ناماز ۋاقىتلىرىنى كۆرسىتىپ قويغان. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس تۆۋەندىكىچە:

ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىبرىل كەئبىنىڭ يېنىدا ماڭا ئىككى قېتىم ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەردى. بىرىنچى قېتىمدا پېشىننى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئاياغنىڭ بوغۇچىدەك بولغاندا ئوقۇدى، ئەسىرنى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزى بىلەن تەڭ بولغاندا ئوقۇدى، شامنى كۈن پاتقان ۋە روزا تۇتقان كىشى ئىپتار قىلغان چاغدا ئوقۇدى، خۇپتەننى شەپەق يوقالغاندا ئوقۇدى، بامداتنى تاڭ يورۇپ، روشا تۇتقۇچىغا يېمەك-ئىچمەك مەنئى قىلىنغان چاغدا ئوقۇدى. ئىككىنچى قېتىمدا پېشىننى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ بويىغا تەڭ كېلىدىغان بولغان چاغدا، يەنى بىرىنچى قېتىم ئەسىرنى ئوقۇغان ۋاقىتتا ئوقۇدى، ئەسىرنى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ ئىككى ئوخشىشىغا تەڭ بولغاندا ئوقۇدى، شامنى يەنە بىرىنچى قېتىم ئوقۇغان ۋاقىتتا ئوقۇدى، خۇپتەننى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتكەن ۋاقىتتا ئوقۇدى، بامداتنى ئەتراپ ئاقارغاندا ئوقۇدى، ئاندىن ماڭا قاراپ مۇنداق دېدى: ‹مانا بۇ، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىدۇر. سېنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقىتلىرىڭ مۇشۇلارنىڭ ئارىسىدىدۇر›»[5].

3.     ﴿أَقِمِ الصَّلَاةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ وَقُرْآَنَ الْفَجْرِ...﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر (بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا) ناماز ئوقۇغىن. بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن...»[6]. بۇ ئايەتنىڭ «كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ» دېگەن قىسمى ھۇد سۈرىسىنىڭ 114- ئايىتىدىكى «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپى»نىڭ باشلىنىش ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. «قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر» دېگەن قىسمى يەنە شۇ سۈرىنىڭ 114- ئايىتىدىكى «كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرى»دىن بىرىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.

 

بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتىنىڭ دەلىللىرى

﴿ إِنَّ قُرْآَنَ الْفَجْرِ كَانَ مَشْهُودًا ﴾ « شەكسىزكى، بامدات نامىزىغا (كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ پەرىشتىلىرى) ھازىر بولىدۇ»[7]. بۇ ئايەت ناماز بامداتنىڭ ۋاقتىغا ئوپئوچۇق دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ﴿ قُرْآَنَ الْفَجْرِ﴾ ناماز بامدات دېگەنلىكتۇر[8].

﴿ وَحِينَ تُصْبِحُونَ﴾ «ئەتىگەندە»[9]. بۇ ئايەت بامدات نامىزىنىڭ ھەممە ۋاقىتلىرى كۆرسىتىش بقىلەن بىرگە ئاۋۋالقى ۋاقتىنىمۇ كۆرسىتىدۇ[10].

﴿ مِنْ قَبْلِ صَلَاةِ الْفَجْرِ﴾ «ناماز بامداتتىن بۇرۇن»[11]. بۇ ئايەت ناماز بامداتنىڭ قۇرئاندا بارلىقىغا ۋە ۋاقتىغا ئوپئوغۇق دالالەت قىلىدۇ.

﴿قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ﴾ «كۈن چىقىشتىن ئىلگىر»[12]. ئىمام بۇخارىي جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنىڭ ناماز بامداتنىڭ ۋاقتىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان[13].

 

پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتىنىڭ دەلىللىرى

﴿ وَحِينَ تُظْهِرُونَ﴾ «پېشىن ۋاقتى»[14]. بۇ ئايەت پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتىغا ئوپئوچۇق دالالەت قىلىدۇ.

﴿أَقِمِ الصَّلَاةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ﴾ « كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ»[15]. بۇ ئايەت پېشىن ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.

﴿وَأَقِمِ الصَّلَاةَ طَرَفَيِ النَّهَارِ﴾ «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ناماز ئوقۇغىن»[16]. ئەللامە ئىبنى جەرىر تەبەرىي كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ بىرىنىڭ پېشىن نامازنىڭ ۋاقتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

 ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتىنىڭ دەلىللىرى

﴿وَعَشِيًّا﴾ «كەچ»[17]. بۇ ئايەتتىكى «كەچ» دېگەن سۆزدىن ئەسىر نامىزى كۆزدە تۇتۇلىدۇ[18].

﴿وَأَقِمِ الصَّلَاةَ طَرَفَيِ النَّهَارِ﴾ «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ناماز ئوقۇغىن»[19]. قەتادە قاتارلىق مۇپەسسىرلەر ئايەتتىكى «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپى»نىڭ بىرىنىڭ ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

﴿ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ ﴾ «كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى»[20]. بۇ ئايەت ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ[21].

شام نامىزىنىڭ ۋاقتىنىڭ دەلىللىرى

           ﴿حِينَ تُمْسُونَ﴾ «ئاخشامدا»[22]. بۇ ئايەت شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىغا ئوپئوچۇق دالالەت قىلىدۇ[23].

﴿ إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ﴾ «قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر»[24]. بۇ ئايەت شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى، تۇنجى قاراڭغۇلۇقنىڭ  چۈشۈشى بىلەن شام نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ، ئاندىن خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرىدۇ[25].

 خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتىنىڭ دەلىللىرى

﴿حِينَ تُمْسُونَ﴾ «ئاخشامدا»[26]. بۇ ئايەت شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىنى كۆرسىتىدۇ[27].

﴿وَمِنْ بَعْدِ صَلَاةِ الْعِشَاءِ﴾ «خۇپتەندىن كېيىن»[28]. بۇ ئايەت خۇپتەن نامىزىنى ئوپئوچۇق بايان قىلغان.

﴿ إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ﴾ «قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر»[29]. بۇ ئايەت شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىغا دالالەت قىلىدۇ.

[1] نىسا سۈرىسى: 103- ئايەت.
[2] رۇم سۈرىسى: 17-18- ئايەتلەر.
[3] «زاد المسير» 3- توم، 419- بەت.
[4] ھۇد سۈرىسى: 114- ئايەت.
[5]  «سەھىھۇلبۇخارىي» مەۋاقىيت 2، «سەھىھ مۇسلىم» مەساجىيد 166-167.
[6]  ئىسرا سۈرىسى: 78- ئايەت.
[7] ئىسرا سۈرىسى: 78- ئايەت.
[8]  تەپسىرى تەبەرىي، 521- بەت.
[9] رۇم سۈرىسى: 17- ئايەت.
[10] ئەنەس ئالىم «قۇرئان ۋە سۈننەتتە ناماز» 121- بەت.
[11] نۇر سۈرىسى: 58- ئايەت.
[12]  قاف سۈرىسى: 39- ئايەت.
[13]  «سەھىھۇلبۇخارىي»  545- ھەدىس.
[14] رۇم سۈرىسى: 18- ئايەت.
[15] ئىسرا سۈرىسى: 78- ئايەت.
[16] ھۇد سۈرىسى: 114- ئايەت.
[17] رۇم سۈرىسى: 18- ئايەت.
[18]  «زاد المسير» 3- توم، 419- بەت.
[19] ھۇد سۈرىسى: 114- ئايەت.
[20] قاف سۈرىسى:39- ئايەت.
[21] ئەنەس ئالىم «قۇرئان ۋە سۈننەتتە ناماز» 120- بەت.
[22] رۇم سۈرىسى: 17- ئايەت.
[23] زاد المسير» 3- توم، 419- بەت.
[24]  ئىسرا سۈرىسى: 78- ئايەت.
[25] تەپسىرى تەبەرىي 509- بەت.
[26] رۇم سۈرىسى: 17- ئايەت.
[27] «زاد المسير» 3- توم، 419- بەت.
[28] نۇر سۈرىسى: 58- ئايەت.
[29]  ئىسرا سۈرىسى: 78- ئايەت.

 

ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار