خەير خوش رامىزان!

خەير خوش رامىزان!

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنى ئۇزۇتۇش ھارپىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. بىز ئۇنى قايغۇرۇش ۋە خۇشاللىق بىلەن ئۇزۇتۇپ قويىمىز. قايغۇمىز ئۇنىڭدىن ئايرىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇشاللىقىمىز ھېيتنى كۈتۈۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈندۇر.

ئۇلۇغ رامىزان ئېيى رەببىمىز ئاللاھ تائالا پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ئېچىپ بەرگەن ئىلاھىي مەكتەپ، قازىنىش پۇرسىتى ۋە يېڭىلىنىش پەسلى بولۇپ، ئۇنى غەنىيمەت بىلىپ قازانغانلار ئۈچۈنمۇ ۋە غەپلەتتە قېلىپ زىيان تارتقانلار ئۈچۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى.

رامىزان ئىلاھىي مەكتەپتۇر. چۈنكى، ئۇ نەپسىمىزنى تەربىيەلەيدىغان بىر ئايلىق كۇرس بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنلەرگە ئاتا قىلغان كاتتا نېمەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.

رامىزان قازىنىش پۇرسىتىدۇر. چۈنكى، ئۇ ساۋاب قازىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى قازىنىش ۋە ئىككى دۇنيالىق ياخشىلىقلارنى قازىنىش ئېيىدۇر.

رامىزان يېڭىلىنىش پەسلىدۇر. چۈنكى، مۇئمىن ئادەم رامىزاندا بىر ئاي تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى ۋە ئەخلاقىنى يېڭىلايدۇ، ئۇنىڭ رامىزاندىن كېيىنكى ھاياتىمۇ يېڭى بىر ھايات بولىدۇ.

قانداق ئادەملەر رامىزاندا قازانغان بولىدۇ؟

رامىزان روزىسى ئىنساننىڭ ئىرادىسى تاۋلاش، تەقۋالىقىنى ئاشۇرۇش، نىيىتىنى ساپلاشتۇرۇش، سەۋرچانلىقىنى يېتىلدۈرۈش، ئەخلاقىنى تۈزەش، ئاللاھقا بولغان باغلىنىشىنى كۈچەيتىش ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇيرۇلغان. بىر ئاي رامىزان جەريانىدا مۇشۇلارنى قولغا كەلتۈرەلىگەن ئادەم چوقۇم قازانغان ۋە ئاللاھ تائالا مەقسەت قىلغان ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ.

رامىزان يەنە ئىنساننىڭ ئۆز نەپسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن بۇيرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر. ئەمما رامىزاندا بىر ئاي نەپسىنى كونترول قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، رامىزاندىن كېيىن بۇرۇنقى ھالىغا قايتىۋېلىش ئاللاھ تائالانىڭ رامىزان روزىسىنى بۇيرۇشتىكى مەقسىتىگە زىت كېلىدۇ.

رامىزان غەلىبە قىلىش ئېيى بولغانلىقتىن، ئىسلام تارىخىدىكى چوڭ غەلىبىلەرنىڭ تولىسى رامىزان ئېيىدا ئەمەلگە ئاشقاندەك، نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ ئايدىكى يېڭىلىنىش سايىسىدا بۇرۇنقى ھايات تەرزىنى ئۆزگەرتىپ، ئاللاھ تائالانىڭ سالىھ بەندىلىرىگە ئايلانغان.

رامىزاندا ئوبدان ئىسلاھ قىلىنىپ، ياخشىلىق تەرەپكە يول ئالغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىۋېلىش، يەنى رامىزاندا ھالال يەپ، كېيىن ھارامغا ئۆتۈپ كېتىش، رامىزاندا ئىبادەت قىلىپ، كېيىن تاشلىۋېتىش، رامىزاندا تىلىنى تۇتۇپ، كېيىن قويۇۋېتىش، رامىزاندا نەپسىنى يىغىپ، كېيىن ئېچىۋەتسە، رامىزاندا ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئورۇنلاردا بولۇپ، كېيىن ئاللاھ لەنەت قىلىدىغان جايلارغا بېرىش رامىزاننىڭ بۇيرۇلۇشىدىكى ھېكمەتنى بىلمىگەنلىك ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمىگەنلىكتۇر.

قىسقىسى، يۇقىرىقىدەك قىلغان ئادەم ئۆزى تىكلىگەن بىنانى يىقىتقان ۋە ئۆزى مەھكەم ئىگىرگەن يىپنى بۇزۇۋەتكەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: (وَلَا تَكُونُوا كَالَّتِي نَقَضَتْ غَزْلَهَا مِنْ بَعْدِ قُوَّةٍ أَنْكَاثًا) «قەسىمىڭلارنى ئاراڭلاردا ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋېلىپ، (مۇستەھكەم ئەھدىنى بۇزۇپ) پىششىق ئېگىرگەن يىپىنى چۇۋۇۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار» دېيىش ئاتقىلىق بۇنداق قىلىشتىن توسقان.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار