مېھىر-شەپقەتنىڭ باھاسى يوق

 مېھىر-شەپقەتنىڭ باھاسى يوق

مۇھەممەد يۈسۈپ

ياۋروپانىڭ قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، قولىدا تاتلىق- تۇرۇملارنى كۆتۈرۈۋالغان ئون ياشلىق بىر بالا مەلۇم بىر ئائىلە قۇرۇسىنىڭ ئىشىكىنى قېقىپ تۇرۇپ ئايلىنىپ كېتىدۇ ۋە يەرگە يىقىلىدۇ. ئىشىكنى ئاچقان ئايال بالىنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە ئەكىرىدۇ ۋە سافانىڭ ئۈستىدە ياتقۇزىدۇ. بىر ئازدىن كېيىن بالا ھۇشىغا كېلىپ، ئوڭ مەڭزىدە مېڭى بار بىر ئايالنى كۆرۈپ ئۇنى ئانىسىغا ئوخشىتىپ قالىدۇ. ئاندىن ئايال ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان قېتىق سۇنىدۇ. قېتىقنى ئىچىپ بولغان بالا ئۆيدىن ئايرىلىش ئالدىدا، ئۆزىگە تەقدىم قىلىنغان قېتىقنىڭ باھاسىنى سورايدۇ. ئايال كۈلۈپ تۇرۇپ «چىقىۋەرگىن ئوغلۇم، مېھىر-شەپقەتنىڭ باھاسى يوق» دەيدۇ. ئەسلىدە بۇ بالا دادىسىدىن كىچىك قالغان ۋە ناھايىتى كەمبەغەللىكتە چوڭ بولغان بولۇپ، ئانىسى ئۆيدە پۇشۇرۇپ بەرگەن تاتلىق-تۇرۇملارنى كوچىلاردا، ئائىلە قۇرۇلىرىدا سېتىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. ئۇ كۈنى تاتلىق -تۇرۇملىرىنى ساتالمىغان، قاتتىق سوغۇق ۋە ئاچلىق سەۋەبلىك ئايلىنىپ كېتىپ يىقىلغان ئىدى. كېيىنچە بۇ بالا مېدىتسىنادا ئوقۇپ دوختور بولىدۇ. نەچچە ئون يىللاردىن كېيىن تېز قۇتقۇزۇش كېرەك بولغان بىر بىمار ئۇنىڭ دوختورخانىسىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. دوختور بىمارنىڭ ئوڭ مەزىدىكى مەڭنى كۆرۈپلا بالىلىق چېغىدىكى ئاشۇ ئۇنتۇلماس ۋەقەلىكنى ئېسىگە ئالىدۇ. كېيىن بىمارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ ئۇنىڭ ئاشۇ ئايال ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. ئاندىن بىمارنى ئۆزى بىر قوللۇق داۋالايدۇ. دوختورخانىدىن چىقىدىغان ۋاقىتتا بىمارغا بىر كانۋېرت كېلىدۇ. بىمار ئىچىدە «بۇ دوختورخانىدا ئىككى ئايدىن ئارتۇق ياتتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇغۇرتام يوق، قانچە پۇل چىققاندۇ» دېگەن ئەندىشە بىلەن كونۋېرتنى ئاچىدۇ. ئەمما كونۋېرتتا فاتۇرا ئەمەس، «بىر ئىستاكان قېتىق بىلەن تۆلىنىپ بولدى» دېگەن خەت بار ئىدى. بىمار بۇنى چۈشىنەلمەي ئويلىنىپ قالغان پەيتتە ھېلىقى دوختور كىرىدۇ ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ، «مېھىر-شەپقەتنىڭ باھاسى يوق» دەيدۇ. بىمار بىر ئىشنى خاتىرىلىگەندەك بولۇپ، دوختورغا سىنچىلاپ قارايدۇ. دوختور «بۇ گەپنى سىز دېگەن ئىدىڭىز» دەيدۇ ۋە ئۆزىنى تونۇشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىمار ھەيرانلىقتىن قېتىپ قالىدۇ. ئوتتۇز يىل بۇرۇن ياۋروپانىڭ قەھرىتان قىش كۈنلىرىدە تاتلىق- تۇرۇم سېتىپ يۈرگەن كەمبەغەل بالا ئەمدىلىكتە چوڭ بىر دوختورخانىنىڭ خوجايىنى بولۇپ قالغان ئىدى.

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئۇ قەدەر شەپقەتلىككى، يېتىملىق، يوقسۇللۇق كۈرۈنۈشتە يامان ئىش، ئۇنى ھېچكىم خالىمايدۇ، ئەمما كاتتا نەتىجە قازانغان، چوڭ بايلارغا ئايلانغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى يا يېتىم ياكى بەك كەمبەغەل ئائىلىدىن چىققان. دۇنياغا تونۇلغان مەشھۇرلارنىڭ ھېچقايسىسى ئوردىدىن ياكى يۇمشاق تۆشەكلەردىن چىققان ئەمەس. خۇددى ﴿إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا﴾ «ھەقىقەتەن ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار». دېگەن ئايەت كۆرسەتكەندەك.

ھەممىلا ئادەم پەرزەنتلىرىنى دەپ جاپا تارتىدۇ، ھەممىمىز پەرزەنتلىرىم جاپا تارتمىسۇن، راھەت كۆرسۇن، دەپ ئىشلەيمىز ۋە بارلىق جاپالارنى ئۆزىمىز تارتىشقا رازى بولىمىز. ئەمما شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى، ئەجدادلىرىمىز «جاپاسىز ھالاۋەت يوق» دېگەندەك، «جاپا راھەتنى، راھەت جاپانى يارىتىدۇ» دېگەن ھەقىقەتمۇ بار. شۇڭا پەرزەنتلىرىمىز بالىلىقىدا، ياشلىقىدا تىرىشسۇن، جاپا تارتسۇن، قاتتىق ئىشلىسۇن، ياشانغىنىدا راھەت كۆرسۇن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار