
كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟
مۇھەممەد يۈسۈپ
ھېكايە قىلىنىشىچە، بىر كۈنى بىر پاقا دەريانىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتمەكچى بولۇپ تۇرغىنىدا، سۇنىڭ ئىچىدە بىر تاشنىڭ ئۈستىگە قالغان بىر چاياننى كۆرۈپتۇ. چايان پاقىغا دوستلۇق ئىزھار قىلىپ، «ئەي دوستۇم! ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى دەريادىن چىقىرىپ قويغان بولساڭكەن» دەپ ئىلتىجا قىلىپتۇ. پاقا چايان گېپىگە كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ: «ھەي ئاداش! سېنىڭ خاراكتېرىڭ چېقىش تۇرسا، مەن سېنى قانداق ئۆشنەمگە ئېلىپ كۆتۈرىمەن؟ سەن ئادىتىڭ بويىچە مېنى چېقىۋالساڭ، مەن قانداق قىلىمەن؟». چايان: «توۋا، ئاداش مەن قانداق سېنى چاقىمەن؟ ئەگەر مەن سېنى چېىۋالسام ئىككىلىمىز سۇدا غەرق بولىمىز ئەمەسمۇ؟ مەن قاراپ تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولارمەنمۇ؟ خاتىرجەم بولغىن دوستۇم، مەن سېنى ھەرگىز چاقمايمەن» دەپ ۋەدىلەرنى بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پاقا چاياننىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، ئۇنى ئۆشنىسىگە ئېلىپ مېڭىپتۇ. دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە پاقىنىڭ ئۇچىسى قاتتىق ئاغرىشقا باشلاپتۇ. پاقا چايانغا: «ئەي دوستۇم نېمە ئىش بۇ؟ مېنى چېقىۋاتامسەن؟» دەپ خىتاب قىلىپتۇ. چايان ناھايىتى ئوڭايسىزلانغان ھالدا: «ھەي ئاداش! كۆنۈپ قالغان ئادىتىمنى يېڭەلمىدىم، مېنى كەچۈرگىن، ساڭىمۇ قىلدىم، ئۆزۈمگىمۇ قىلدىم» دەپتۇ-دە، سۇدا غەرق بولۇپ ئولۈپتۇ.
خۇددى مۇشۇ قىسسىدە كۆرگىنىمزدەك، بىپەرۋا، بىخەستە ۋە مەسئۇلىيەتسىز ئىنسانلار نە ئۆزىنىڭ، نە باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ بىپەرۋالىقىنى، مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى قىلىدۇ. بىزدە «بولغاندا كۆرەرمىز»، «بىرەر قېتىمغا ھېچنېمە بولماس» دەيدىغان بىپەرۋالىق سەپسەتىلىرىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغانلار ئاز ئەمەس. نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتتە مەجبۇر بولۇپ قالمىغان ئەھۋالدا سىرتقا چىقماسلىق، بىر-بىرىنى زىيارەت قىلماسلىق، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش ھەققىدىكى تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلماي، ئۆزىنىڭ بىلگەنلىرىنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز. ئەپسۇسكى، بىزنىڭ كۆپلىرىمىز كوممۇنىستلارنىڭ تاياق-توقماقلار بىلەن باشقۇرىدىغان ئالۋاڭ-سېلىقلىرىغا كۆنۈپ قالغان ۋە شۇنداق بىر جەمئىيەتتە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنداقمۇ بىلمىدىم، بىزدىكى بىپەرۋالىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن. ئۆلىمالار ئاپتوموبىل بىلەن 80 دە مېڭىش بەلگىلەنگەن يولدا 100 دە مېڭىپ قازا چىقىرىپ ئۆلگەن ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ۋابا بار جايغا بارماڭلار، ۋابا بار يەردىن چىقماڭلار» دېگەن ۋايىغا يەتكەن ھېكمەتلىك كۆرسەتمىسىگە قارايدىغان بولساق، ھەر قايسى دۆلەت مەسئۇللىرىنىڭ ئۆزىڭىزگە ۋىرۇس يۇقتۇرماسلىق، باشقىلارغىمۇ يۇقتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن سىرتقا چىقماڭ، توپلاشماڭ، تېببىي تەۋسىيەلەرگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىڭ دېگەن كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ئەگەر بىز بىپەرۋالىق قىلىپ، بىلىپ تۇرۇپ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزىمىزگە ۋىرۇس يۇقتۇرۇپ قويساق، ئۆز قولىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى نابۇت قىلغان بولىمىز. ئەگەر باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولساق، بىز قاتىل بولىمىز. قاتىللىق دېگەن كىچىك گۇناھ ئەمەسلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز.
ئاللاھ تائالا كائىناتتا بېكىتىۋەتكەن قانۇنىيەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ ئۆزىنى ياكى باشقىلارنى ھالاكەتكە ئۇچراتقانلار مۇشۇ دۇنيادا ھەرخىل جازالار بىلەن جازالىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمىشە: «ئى ئاللاھ! مەن سەندىن باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشىمدىن ۋە باشقىلارنىڭمۇ ماڭا زۇلۇم قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلاتتى. بىپەرۋالىق قىلىپ باشقىلارغا ۋىرۇس يۇقتۇرۇپ قويۇش ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلىق، يەنە بىپەرۋالىق قىلىپ ئۆزىگە باشقىلاردىن ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋېلىش باشقىلارنىڭ زۇلۇمىنى قوبۇل قىلغانلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە «ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ دىنىمىزدىكى چوڭ قائىدە-پىرىنسىپلارنىڭ بىرىدۇر. باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، بۇ ھەدىس ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈش خۇددى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەندەك گۇناھتۇر دېگەننى بىلدۈرىدۇ. دۇنيادا ھېچكىم ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈشنى خالىمايدۇ، ئەمما بىپەرۋالىق بىلەن ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇ رېئاللىقتۇر. ھايات تولىمۇ گۈزەل، تولىمۇ قىممەتلىكتۇر. بۇ ھايات مەيلى سىزنىڭ بولسۇن ياكى باشقىلارنىڭ بولسۇن، بىپەرۋالىق بىلەن ئۇنى نابۇت قىلىش قاتىللىقتۇر. ئۆزىڭىزنى ئويلىمسىڭىزمۇ، سىزگە ھەسرەتتە قالىدىغان پەرزەنتلىرىڭىزنى ئويلاڭ، ئۆزىڭىزنى ۋە پەرزەنتلىرىڭىزنى ئويلىغان ئىكەنسىز، باشقىلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئويلاڭ! بىپەرۋالىقنىڭ جازاسىدىن كۆپ قېتىم قۇتۇلۇپ قېلىشىڭىز ۋە سىزگە ھېچ نەرسە بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما بۇ تەلەي ھەمىشە كەلمەيدۇ، بالا-قازا مۆرەپ كەلمەيدۇ، دىققەت قىلىڭ!.
ئى رەببىم! ۋەتەن ئىچىدىكى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى، شۇنداقلا بارلىق ئىسلام ئۈممىتىنى بۇ ۋابادىن ۋە ئۇنىڭ زىيان-زەخمەتلىرىدىن ساقلىغايسەن، ئامىن!

