
ھاياتىڭىزنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇڭ
مۇھەممەد يۈسۈپ
نىيىتىڭىز ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت بولۇپ، دىن ۋە دۇنيالىق ھەرقانداق بىر ئىشنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە قىلسىڭىز، سىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭىز ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:
ئىبادەت _ ئاللاھ تائالا تەلەپ قىلغان ۋە كۆرسەتكەن بويىچە ئىش قىلىش ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بەندىلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر. بۇ ئىبادەتنىڭ ئومۇمىي مەنىسى بولۇپ، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇرۇش، ھەج قىلىش، قۇرئان ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەر ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئومۇمىي ئىبادەتنىڭ بىر قىسمىدۇر. چۈنكى «ئىبادەت دىننىڭ، شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنىدەك، ئىنساننىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پۈتۈن ئىشلىرىنى، تىلى ۋە دىلىنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» .
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ »العبودية «ناملىق ئەسىرىدە ئىبادەتنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئىبادەت ― ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ھەر قانداق ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىش _ ھەرىكەت، گەپ _ سۆز ۋە ئوي _ پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىسىمدۇر. ئىبادەتنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئۇلار: ناماز ئوقۇش، زاكات بېرش، روزا تۇتۇش، ھەج – ئۆمرە قىلىش، توغرا ۋە راست سۆزلەش، ئامانەتنى ئادا قىلىش، ئىلىم ئۆگىنىش، ئاتا _ ئانىغا ياخشى خىزمەت قىلىش، تۇغقانچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، باشقىلارنى ياخشىلىقلارغا بۇيرۇش، يامانلىقلاردىن توسۇش، ھالال رىزىق ئۈچۈن ئىشلەش، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، خوشنىلارغا، پېقىرلارغا، يېتىملارغا، مۇساپىرلارغا ياخشىلىق قىلىش، ھايۋانلارغا رەھىم قىلىش، قۇرئان ئوقۇش، دوئا قىلىش، زىكىر ئېيتىش، ئاللاھ تائالانى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى چىن دىلدىن سۆيۈش، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇپ، رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش، ھەر ئىشتا ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا تايىنىش، ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەش، سەۋرچان بولۇش، ئۇنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش قاتارلىقلاردۇر»( ).
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بارلىق ئىنسانلارنى ئىبادەتكە بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: ئى ئىنسانلار! (ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ۋە سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنى ياراتقان رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار. يەنە ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىش غايىىسىنىڭ پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم دېگەن. مۇپەسسىرلەرنىڭ پېشۋاسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەرللاھۇ ئەنھۇما بۇ ئايەتنى: «مەن ئىنسانلارنى ۋە جىنلارنى ماڭا ئىبادەت قىلىسۇن ۋە مېنىڭ ئەمرىگە بويسۇنسۇن دەپ ياراتتىم» دەپ تەپسىر قىلغان . يەنى ئىنسانلار ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنى ئورۇنداش، ئاللاھ تائالا مەنئى قىلغان ئىشلارنى قىلماسلىق ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كۆرسەتكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىسلىرىدە بىلدۈرگەن بويىچە ئىش قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان.
كىمكى ھاياتىنىڭ غايىسىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر _ پەرمانلىرىنى ئورۇنداشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار مەقسەتكە بېغىشلايدىكەن، ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ھەرقانداق گەپ- سۆز، ئىش- ھەرىكەتلەرنىڭ، ھەتتا ئارام ئېلىش، راھەتلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىبادەت قاتارىدا يېزىلىدۇ. مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم دېگەن مۇقەددەس سۆزىنىڭ تەقەززاسىدۇر. ناماز، روزا، زاكات، ھەج قاتارلىق مۇئەييەن ئىبادەتلەر بۇ ئايەتتە يارىتىلىشنىڭ غايىسى قىلىنغان ئومۇمىي ئىبادەتنىڭ بىر قىسمىدۇر، ھەممىسى ئەمەس. بۇ مۇئەييەن ئىبادەتلەر ئومۇمىي ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇش يولىمىزدىكى مەنىۋى غىزالاردۇر، خالاس. چۈنكى بىزنىڭ دۇنيادىكى بۇ چەكلىك ھاياتىمىز ئەمەلىيەتتە ئاللاھ يولىدىكى ئۇزۇن سەپەر بولۇپ، خۇددى ئۇزۇن سەپەرگە چىققان يولۇچى يولىنى داۋاملاشتۇرۇىش ئۈچۈن، يول بويىدىكى ماي قاچىلاش ئورۇنلىرىدا توختاپ، ئاپتوموبىلىغا ماي قاچىلاپ مېڭىشقا موھتاج بولغاندەك، ئاللاھ يولىدىكى ئۇزۇن سەپەرنىڭ كارۋانلىرىمۇ ناماز، روزا، زاكات، قۇرئان ئوقۇش، ھەج مۇئەييەن پەرزلەرنى ئورۇنداش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى غىزاسىنى تولۇقلايدۇ. خۇددى ئۇزۇن سەپەردىكى يولۇچىنىڭ غايىسى يولدا توختاپ ئاپتوموبىلىغا ماي قاچىلاش ئەمەس، بەلكى يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىش بولغاندەك، ئاللاھ يولىدىكى ھەربىر مۇئمىننىڭ غايىسىمۇ شۇ مۇئەييەن ئىبادەتلەرنى ئورۇنداپ قويۇش ئەمەس، بەلكى ئۈستىدىكى ئىبادەت بۇرچىنى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا بارغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇشتۇر.
ئەللامە مۇھەممەد غەززالىي ئىبادەتنىڭ چەكلىك ئەمەسلىكى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئىنساننىڭ نىيىتى ھەر ئىشتا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشتىن ئىبارەتلا بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىكىدىن ئىبادەتكە ئايلىنىپ مېڭىۋېرىدۇ.خۇددى پۇل باسىدىغان زاۋۇد ئۇنىڭغا كىرگەن قىممەتسىز خام ئەشيالارنى قىممەتلىك پۇل قىلىپ چىقارغىنىدەك، ئىنساننىڭ نىيىتى دۇرۇس بولسا، ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئىشلىرىمۇ ئىبادەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ» .
ئەمەل _ ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولۇش شەرتلىرى
ئەمەل _ ئىبادەتلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇشىنىڭ ئىككى شەرتى بار بولۇپ، بۇ ئىككى شەرت تولۇق تېپىلمىغان ھەرقانداق ئىبادەت قوبۇل بولمايدۇ. بۇ ئىككى شەرت:
1. ھەرقانداق ئەمەل _ ئىبادەتنى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلىش. بۇنىڭدىن باشقا قانداقلا بىر غەرەز بىلەن قىلىنغان ئەمەل- ئىبادەتلەر بىكاردۇر.
2. ھەرقانداق ئەمەل _ ئىبادەتنى ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن بويىچە قىلىش. ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق كەلمىگەن ھەرقانداق ئەمەل _ ئىبادەت بىكاردۇر.
يۇقىرىقى بايانلارغا ئاساسەن دەيمىزكى، ئۆزىنى ئاللاھ تائالاغا ئاتىغان، نىيىتى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت بولغان ئادەم مەيلى دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىك قانداقلا بىر ئىشىنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە قىلىدىكەن، ئۇ نەدە بولسا ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ، نېمە ئىش قىلىسا ئىبادەت قىلغان بولىدۇ.

