شۈكۈر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

شۈكۈر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەرەب تىلىدىكى «الشكر» سۆزىنىڭ مەنىسى: رەھمەت ئېيتىش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە تەشەككۇر ئېيتىش دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام ئىستىلاھىدا، ياخشىلىق قىلغاننىڭ ياخشىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشىنى قايتۇرۇش، نېمەت بەرگۈچىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى تىل، دىل ۋە ئەمەلدە ئىپادىلەش دېگەنلىكتۇر.

شۈكۈر ئىماننىڭ يېرىمى بولۇپ، يەنە بىر يېرىمى سەۋرچانلىقتۇر. ئىمان بۇ ئىككىسى بىلەن تاكامۇللىشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن شۈكۈر ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك  ئىبادەت سانىلىدۇ.

ئەللامە ئىبنى رەجەب «شۈكۈر تىل، دىل ۋە ئىش _ ھەرىكەت بىلەن ئادا قىلىنىدۇ»دېگەن .

1. تىل بىلەن ئادا قىلىنىدىغان  نېمەت بەرگۈچىنىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئاتا _ ئىھسانلىرىنى تىل ئارقىلىق سۆزلەش ھەم ساناش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: رەببىڭنىڭ نېمىتىنى سۆزلەپ بەرگىن  يەنى ئاللاھ تائالا ساڭا ئاتا قىلغان نېمەتلەرنى باشقىلار كەڭ سۆزلىگىن ۋە مىننەتدارلىقىڭنى سۆزدە ۋە ئەمەلدە كۆرسەتكىن دەپ تەلىم بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى تېخىمۇ ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈپ: «ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان نېمەتنى كىشىلەرگە سۆزلەش شۈكۈر قىلغانلىق، ئۇنى يوشۇرۇش تۇزكورلۇق قىلغانلىقتۇر»  دېگەن.

2. دىل بىلەن ئادا قىلىنىدىغان شۈكۈر نېمەت بەرگۈچىنىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئاتا _ ئىھسانلىرىنى ئېتىراپ قىلىش، يۈرەكتىن ئۇنىڭغا مىننەتدار بولۇش ۋە ئۇنى سۆيۈش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

تەبىئىيكى، بىراۋنىڭ ياخشىلىقنى ئېتىراپ قىلغان، ئۇنى يۈرىكىدىن سۆيگەن ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ تەشەككۇر بۇرچى بارلىقىنى ھېس قىلغان ئادەم ئۇنى رازى قىلىش ۋە مەممۇن قىلىش يولىدا قولىدىن كەلگەننى ئايىمايدۇ، ئۇنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ھەزەر قىلىدۇ.

 ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلار بۇنداق بولغان يەردە، تامامىي نېمەتلەرنىڭ ۋە چەكسىز ئاتا _ ئىھساننىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالاغا بولغان تەشەككۇر بۇرچىمىزنى قانداق ئادا قىلىشىمىز كېرەك؟ ئاللاھ تائالا بىزگە ئاتا قىلغان سانسىز نېمەتلىرى ۋە چەكسىز ئاتا _ ئىھسانلىرى بەدىلىگە بىزدىن كۆپ نەرسە سورىمايدۇ. پەقەت دىن ۋە دۇنيالىق ھەر قانداق بىر ئىشنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە قىلىش ۋە ھەر ئىشتا ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇپ، قېتىرقىنىپ قىلىشنى سورايدۇ. بۇنىڭغىمۇ بېخىللىق قىلىمىزمۇ ئەمدى؟

3. ئىش _ ھەرىكەت بىلەن ئادا قىلىنىدىغان شۈكۈر  نېمەت بەرگۈچىنىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئاتا _ ئىھسانلىرىنى گۇناھ _ مەسىيەتلەرگە ۋە ھەرقانداق بىر يامان ئىشقا ئىشلەتمەي، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر _ پەرمانلىرىنى ئورۇنداشقا، ئۆزۇگە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەتلىك بولغان ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىش بىلەن بولىدۇ.

مەسىلەن: تەن ساقلىقتىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېمەتنى ئالايلۇق، ئۇنى ئويۇن _ تاماشا ۋە ھارام كۆڭۈل ئېچىشلارغا ئىشلىتىپ تۈگەتمەستىن، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش، ئۈستىمىزدىكى پەرز، ۋاجىبلارنى ئورۇنداش، ئۆزىمىگە ۋە باشقىلارغا پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈش بۇ نېمەتنى ئاتا قىلغۇچىغا شۈكۈر ئادا قىلغانلىق بولىدۇ. ئەكسىچە قىلىش نېمەت بەرگۈچىكە تۇزكورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان پۇل-مالنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە ئىنسانلارغا پايدىلىق ئىشلارغاس ئىشلىتىش، ھارام، گۇناھ  ئىشلارغا ئىشلەتمەسلىك نەمەت بەرگۈچىگە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ.

نېمەتكە شۈكۈر قىلىش نېمەتنى كۆپەيتىدۇ

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، سىلەرگە (بېرىۋاتقان نېمىتىمنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، شەكسىزكى، مېنىڭ ئازابىم بەكمۇ قاتتىقتۇر   دەپ تەلىم بەرگەن.

 پۇل _ مالنىڭ شۈكرىسى ئۇنى ئىسراپ قىلماستىن، پايدىسىز ئىشلارغا بۇزۇپ چاچماستىن قوللىنىش، ئۇنىڭ زاكىتىنى تولۇق بېرىش ۋە ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ۋە ساۋاب بولىدىغان ئىشلارغا، شۇنداقلا ياخشىلىق يوللىرىغا ئىشلىتىش بىلەن بولىدۇ.

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش «شۈكرى خۇدايىم» دەپ ئاغزاكى شۈكۈر ئېيتىش بىلەنلا ئادا تاپمايدۇ. بەلكى بۇ شۈكۈرنى ئەمەلدە كۆرسىتىش تەلەب قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:ئى مۆمىنلەر! سودا ـ سېتىق، دوستلۇق ۋە (ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز)شاپائەت بولمايدىغان كۈن يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. تۇزكورلۇق قىلغۇچىلار راستىنلا ھەقسىزلىق قىلغۇچىلاردۇر  دېيىش ئارقىلىق بىزنى شۈكۈرنىڭ ئىقتىسادتىكى مەنىسىگە باشلىماقتا. بۇ تۈردىكى شۈكۈر يوقسۇللارغا ۋە ھەر قانداق ھاجەت ئىگىسىگە ئاتىغانلىرىنى بېرىش بىلەنلا ئادا تاپىدۇ.

ئىلىم _ مەرىپەتنىڭ شۈكرىسى بىلگەنلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىش، ئۇنى ئىنسانلارغا ئۆگىتىش، ئۇلارنىڭ بىلمىگەنلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئادا قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆگەنگەن بىلىمىگە ئەمەل قىلمايدىغانلارنى سۆكۈپ مۇنداق دېگەن: ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟ سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ (كۆرۈلىدىغان نەرسىدۇر)  .

  قىسقىسى، پۇل _ مالنىڭ زاكىتى شۇ پۇل _ مالدىن مەلۇم مىقدارنى يوقسۇللارغا بېرىش بىلەن ئادا تاپقاندەك، ئىلىمنىڭ زاكىتى بىلگەنلىرىنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ۋە بىلدۈرۈش بىلەن ئادا تاپىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرى شۈكۈر قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ

ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرى ھەر بىر نەپەستە، تومۇرلاردىكى قاننى ئىتتىرگەن ھەربىر ھەرىكەتتە بىزنى قورشاپ تۇرىدۇ. ئەمما بىز بۇ كاتتا نېمەتلەرنى كۆپىنچە ھېس قىلمايمىز ۋە بۇ نېمەتنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنى لايىقىدا قەدىرلىيەلمەيمىز. بىز بارلىق ئېھتىياجلىرىمىزنى ئۆزلىكىدىن تەييارلانغان ھالدا قوبۇل قىلىمىز. بىز قىلماقچى بولغاننى شۇنداقلا كۆڭلىمىزگە كەلتۈرۈش بىلەنلا بۇ ئىش ئۆزلىكىدىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. مەسىلەن: ئولتۇرۇپ ـ قوپۇش، يۈرۈش ـ  تۇرۇش ۋە ھاكازالارغا ئوخشىغان ئىختىيارىي ھەركەتلىرىمىز. بەزى نېمەتلەرنى چەكلىك شارائىتلاردا ۋە كۆڭۈللۈك مۇھىتلاردا ھېس قىلالايمىز. ئەمما بۇنى ھېس قىلىدىغانلارمۇ ئىنتايىن ئاز. بۇ بىزنىڭ ئاللاھتىن يىراقلىقىمىز ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىگە قارىتا خاتا چۈشەنچىدە بولغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىدىن ئىدى. ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى تورۇس قىلىپ بەرگەن، سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزۈپ، تۇرقۇڭلارنى چىرايلىق قىلغان ۋە سىلەرنى پاك نەرسىلەردىن رىزىقلاندۇرغان زاتتۇر. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى كۆپتۇر .

مۇشۇ بايانلاردىن كېيىن بىز ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى ئادا قىلالىدۇقمۇ؟!

دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشنى بىلمەيدۇ. گويا ئۇلار بۇ نېمەتلەرنى ئۆزىنىڭ تارتىۋېلىنغان ھەققىنى قايتۇرۇپ ئالغاندەك ياكى بۇ نېمەتلەر پەقەت ئۆزىگىلا خاستەك قوبۇل قىلىدۇ. بۇنداقلار باشقىلارنى ئۆزىگە ھەرگىزمۇ تەڭ قىلمايدۇ. بۇنداق تۇزكورچە چۈشەنچە ۋە تەپەككۇردىن ھەرگىزمۇ شۈكۈرنىڭ غۇنچىلىرى ئۈنمەيدۇ. بۇنداقلاردىن شۈكۈرنى كۈتكىلى بولمايدۇ.

بۇ سەۋەبتىن سىز بەزى كىشىلەرگە ياخشىلىق قولىڭىزنى سۇنغان ۋە ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتقان بولسىڭىزمۇ، ئۇلارنىڭ سىزگە بولغان پوزىتسىيەسى ناچار، مۇئامىلىسى سوغۇق ۋە رەھمەت سۆزى يوق بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ بۇ خىل مۇئامىلىسى سىزنى نەپرەتلەندۈرەمدۇ؟ ھالبۇكى ئۇنداقلار بۇنىڭدىن بۇرۇن سىزنىڭ  ۋە ئۇلارنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغىمۇ شۇنداق مۇئامىلىدە بولغان ئەمەسمۇ؟.  بەندىلىرىمدىن شۈكۈر قىلغۇچىلار بەك ئاز  دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

دىنىمىز بىزنى ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ 

ئىسلام دىنى كىشىلەرنى نېمەت بەرگۈچىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە ياخشىلىق قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتىنى قايسىبىر يول بىلەن بولمىسۇن ئادا قىلىشقا، ئەگەر  باشقىلار تەرىپىدىن ئېرىشكەن ياخشىلىق بەدىلىگە ئۇلارغا بېرىشكە ماددىي مۇكاپات تاپالمىساق تىلىمىز بىلەن رەھمەت ئېيتىشقا كۇپايىلىنىپ،  ئۇنىڭ تولۇق مۇكاپاتىنى ئاللاھ تائالانىڭ بېرىشىگە تاپشۇرۇش بىلەن كۆڭلىمىزنى راھەتلەندۈرۈشىمىزگە چاقىرىدۇ.

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە ياخشىلىق قىلغان كىشىگە مۇكاپاتىنى بېرىڭلار، ئەگەر ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىشتىن ئاجىز كەلسەڭلار،  نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىقىڭلارنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ ھەققىدە ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن شۈكۈرنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ياقتۇرغۇچىدۇر» ، «بىراۋ  تەرىپىدىن ئاتا ئېھسانغا ئېرىشكەن كىشى ئۇنىڭ بەدىلىگە لايىق نەرسە تاپالىسا مۇكاپاتىنى ئادا قىلسۇن، ئەگەر تاپالمىسا، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرسۇن. ھەقىقەتەن نېمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ئادەم شۈكۈر قىلغان ۋە ئۇنى يوشۇرغان ئادەم نېمەتكە كۇپرىلىق قىلغان بولىدۇ» ، «كىشىلەردىن كەلگەن ياخشىلىققا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلمەيدىغان ئادەم ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەمدۇر» ، «ئازغا شۈكۈر قىلمايدىغان ئادەم كۆپكىمۇ شۈكۈر قىلمايدۇ، كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىشنى بىلمىگەن ئادەم ئاللاھقىمۇ شۈكۈر قىلمايدۇ» .

خەير _ ئىھساندىمۇ نىيەتنىڭ دۇرۇس بولۇشى  شەرت   

 ئەللامە مۇھەممەد غەززالىي «ھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭ» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئىسلام دىنى مىننەتدارلىق بۇرچىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ۋە نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلغۇچىلارنىڭ رەزىللىكىنى سۆكۈش بىلەن بىرگە خەير _ ئىھسان ئىگىلىرىدىن ئەمەللىرىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس قىلىشلىرىنى تەلەب قىلىدۇ. چۈنكى نىيەتتە شەكىلۋازلىق قىلىش ئەمەلنى يوققا چىقىرىدۇ. تەقدىرلەشكە سازاۋەر بولىدىغان ياخشىلىق  بىراۋنىڭ رەھمەت ئېيتىشى ياكى مىننەتدارلىق بىلدۈرىشىنى كۆزلىمەستىن، ئاللاھ رازىلىقىنىلا  كۆزلەپ قىلىنغان ياخشىلىقتۇر.

ئىسلام دىنى ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىشقا بۇيرۇشتا كۆڭۈللەرنى دۇنيالىق مەنپەئەتلەرگە چوقۇنۇشنىڭ قۇللىقىدىن ئازات قىلىش ئارقىلىق ئۇنى مۇتلەق كامالەت ئىگىسى بولغان ئاللاھقىلا يۈزلەندۈرۈشنى مەخسەت قىلغان. مۇنداق كۆڭۈل ھەر قانداق بىر ياخشىلىقنى كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ياكى ئابرويغا ئىگە بولۇش تەمەسىدىن قەتئىينەزەر  ئىچىدىن كەلگەن تەبىئىي قىزىقارلىق، ھەقىقىي سەمىمىيەت ۋە ساپ نىيەت بىلەن قىلىدۇ. مانا بۇنداق ئالىيجاناپلىق ھەقىقىي ئېھساننىڭ تۈرتكىسىدۇر. مانا بۇ ھەرقانداق گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئۆلگىسىدۇر».


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار