
رىزىق ۋە رىزىقتا بەرىكەت ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرى
مۇھەممەد يۈسۈپ
رىزىق _ مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسە دېگەنلىك بولۇپ، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەقسىم قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. رىزىق— ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئىمان، ياخشى ئەمەل، پۇل-مال، تەن ساقلىقى، ياخشى جور، پەرزەنت، ياخشى دوست قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى رىزىقتۇر. ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ۋە بارلىق جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ رىزقىنى تەقسىم قىلغان. شۇڭا ھەربىر جانلىق ئاللاھ تائالا ئۆزىگە تەقسىم قىلغان رىزىقتىنلا بەھرىمەن بولىدۇ.
رىزىق دېيىلگەن ھامان كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە يېمەك-ئىچمەك ۋە پۇل-مال كېلىدۇ. ھالبۇكى، رىزىق ئىنساننىڭ پۈتۈن ھايات ساھەلىرىدە مەنپەئەتلىنىپ تۇرۇۋاتقان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى رىزىقتۇر. ئەللامە مۇھەممەد مۇتەۋەللى شەئراۋى مۇنداق دېگەن: «رىزىقنىڭ ئەڭ ئاددىيسى پۇل-مال، ئەڭ كاتتىسى تەن ساقلىقى، ئەڭ ئەۋزىلى ياخشى پەرزەنت، ئەڭ مۇكەممىلى ئىماندۇر».
ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىدىن ئەللامە مۇھەممەد راتىب نابلىسى مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلىمالار رىزىق بىلەن تاپاۋەتنى پەرقلەندۈرىدۇ. رىزىق— سىز پايدىلانغان نەرسىنى، تاپاۋەت سىز تاپقان مال-دۇنيانى كۆرسىتىدۇ. ئىنسان تاپقانلىرىدىن پايدىلانغان بولسۇن ياكى پايدىلانمىغان بولسۇن، ئۇ تاپقانلىرىنى ھالالدىن تاپتىمۇ ياكى ھارامدىنمۇ؟ ئاللاھ تائالاغا ئۇنىڭ ھېسابىنى تولۇق بېرىدۇ»[1].
ئاللاھ تائالا ھەممىنىڭ رىزقىنى بەرگۈچىدۇر
بارلىق جانلىقلارنىڭ رىزقىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بېرىدۇ. ھەربىر جانلىق ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان رىزىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. )وَمَا مِنْ دَابَّةٍ فِي الْأَرْضِ إِلَّا عَلَى اللَّهِ رِزْقُهَا( «يەر يۈزىدىكى ھەربىر جانلىققا رىزىق بېرىشنى ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان»[2]. بىراۋنىڭ رىزقىنى يەنە بىرسى يەۋالالمايدۇ، ھەركىم ئۆزىنىڭ رىزقىنى يەيدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى مۇسۇلمان-كاپىر، تەقۋا- پاسىق دەپ ئايرىماستىن ھەممىسىنى رىزىقلاندۇرىدۇ، پۇل-مالنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان بەندىسىگە بەرگەندەك، قارۇنغا ئوخشاش ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغان بەندىسىگىمۇ بەرگەن، پادىشاھلىقنىمۇ ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان داۋۇد ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالاملارغا بەرگەندەك، ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغان، ھەتتا ئىلاھلىق دەۋاسى قىلغان پىرئەۋنگىمۇ بەرگەن.
ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىگە ئاساسەن، بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى كەڭ ۋە بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى بولسا تار قىلىدۇ. چۈنكى ئىنساننى ياراتقان زات ئۇنىڭغا نېمىنىڭ ياخشى ۋە نېمىنىڭ ياخشى ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بەزى ئىنسانلار ئۈچۈن مال-دۇنيانىڭ كۆپ بولۇشى پايدىلىق بولسا، يەنە بەزى كىشىلەر ئۈچۈن زىيانلىق بولىدۇ. مال-دۇنيانى ئارىشالماي بىر-بىرى بىلەن دۈشمەن بولۇشقان قېرىنداشلار ۋە پۇل سەۋەبلىك بۇزۇلغان ئائىلىلەر ئاز ئەمەس.
رىزىق ھاسىل قىلىشنىڭ يولى
گەرچە رىزىقنى ئاللاھ تائالا بەرسىمۇ، ئىنسان ئاللاھ تائالا بېرىدىغان ئاشۇ رىزىقنى ئىشلەش ئارقىلىق ھاسىل قىلىدۇ، چۈنكى ئاسماندىن ئالتۇن-كۈمۈش ياغمايدۇ. شۇڭا رىزىقنى ھاسىل قىلىشنىڭ يولى ئىشلەشتۇر. ئاللاھ تائالا بىزگە رىزىق ھاسىل قىلىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ: )فَامْشُوا فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُوا مِنْ رِزْقِهِ( «ئ سىلەر (تىرىكچىلىك قىلىپ) زېمىننىڭ تەرەپ _ تەرەپلىرىدە مېڭىپ، ئاللاھنىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار »[3] دېگەن. يەنە )فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلَاةُ فَانْتَشِرُوا فِي الْأَرْضِ وَابْتَغُوا مِنْ فَضْلِ اللَّهِ( «ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارقىلىپ (تىرىكچىلىك قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ پەزلىدىن (رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلىڭلار»[4] دېگەن. ئىشلەش دىنىمىزنىڭ ئەمرى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى تىرىكچىلىك يولىدا ئىشلەيتتى. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام داۋۇد ئەلەيھىسسالامنى ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ يەيدىغان پەيغەمبەر ئىدى دەپ ئالاھىدە ماختىغان. ھالال رىزىق ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يوللۇق كەسىپلەر بىلەن تىرىكچىلىك قىلىش شەرەپلىك ئىشتۇر. ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك، قىلىش، جازانە قاتارلىق قىلمىشلاردىن ۋە ھاراق، تاماكا دېگەندەك ھارام نەرسىلەرنى سېتىشتىن خالىي بولغان ھەرقانداق تىرىكچىلىك شەرەپلىك تىرىكچىلىكتۇر. مەيلى ئاشخانلاردا قاچا يۇيىدىغان ياكى يوللارنى ۋە ئۆي - ئىمارەتلەرنى تازىلايدىغان ئىش بولسۇن، ئۇ ئەلۋەتتە شەرەپلىك ئىشتۇر. كىشىلەرنىڭ كۆزىدە ئاددىي سانالغان ئىشلار بولسىمۇ، ئۇنى ئاددىي سانىماي، قېتىرقىنىپ ئىشلەش، تەر ئاققۇزۇش تەمەگەرلىك قىلىپ ئولتۇرۇشتىن ۋە ھەر خىل رەزىل يوللار بىلەن كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىشتىن مىڭ مەرتىۋە ئەلا ۋە ئۇنىڭدىن تاپقان پۇل ئانىسىنىڭ ئاق سۈتىدەك ھالالدۇر.
ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ كەسپىنى ۋە قىلىۋاتقان ئىشىنى قەدىرلىشى ۋە ئۇنى سۆيۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا باشقىلارمۇ ئۇنىڭ كەسپىنى ۋە ئىشىنى قەدىرلەيدۇ. ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا، ياپونىيەدە بىر مىنىستىر ئۆتكۈزۈپ قويغان چوڭ بىر خاتالىقى تۈپەيلىدىن جازالىنىپ، ھوقۇقىدىن ئېلىنىپ تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ قاپتۇ. كىشىلەر ئۇنى «مىنىستىر بولغاندىن كېيىن تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەش قانداق ئىكەن؟» دەپ مەسخىرە قىلغاندا، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئىشىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا: «مەن تازىلىق ئىشچىسى ئەمەس، مەن پۇقرالارنىڭ تەن _ سالامەتلىكى ئۈچۈن مۇھىتنىڭ ساپلىقىنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتقان بىر ئادەممەن» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن. چۈنكى بۇ ئادەم ئۆزىنى بىر ئاددىي تازىلىق ئىشچىسى ئەمەس، بەلكى دۇنيانى پاك _ پاكىز قىلىدىغان مۇھىم بىر ئادەم دەپ سانىغان. ئەگەر ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى، ئۆزىنىڭ ھۈنىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ كەسپىنى شۇنداق سۆيىدىغان بولسا، ئۇ چوقۇم بەختلىك ھايات كەچۈرىدۇ. چۈنكى ھەربىر ئادەمنىڭ خىزمىتى، ئىشى، كەسپى ۋە ھۈنىرى ۋەزىپە ئەمەس، بەلكى ھەۋەس ۋە خوشاللىق ھالىغا كەلگەندە ئادەم ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ئىشىدىن بەخت_ سائادەت ھېس قىلالايدۇ.
رىزىقتا بەرىكەت ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرى
بەرىكەت— زىيادە، كۆپ دېگەن مەنىدە بولۇپ، بىر نەرسىگە ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا-ئېھسانلىرىنىڭ ئورۇن ئېلىشى دېگەنلىكتۇر. بەرىكەت پۇل-مالدا، ئىلىم-مەرىپەتتە، پەرزەنتلەردە ۋە كۆپ نەرسىلەردە بولىدۇ. مەسىلەن: بىر ئادەم مىڭ سوم مائاش ئالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مائاشى ئون مىڭ سوم مائاش ئالغان ئادەمنىڭ مائاشىدىن كۆپرەك ئىشقا يارايدۇ. بىراۋنىڭ بىرلا بالىسى بولسىمۇ، ئۇ بالا بەش بالا كەلتۈرەلمەىگەن ياخشىلىقلارنى كەلتۈرىدۇ، بەزى كىشىلەردە ئاز ئىلىم بولسىمۇ، شۇ ئاز ئىلمى كۆپ ئىلىم ئوقۇغان ئادەملەردىن كۆپرەك مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە ئۇ ئادەمنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ياخشى ئىشلارغا يېتەكلىيەلەيدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ ۋاقتى قىس بولسىمۇ شۇ قىس ۋاقىت ئىچىدە ۋاقتى كۆپ ئادەملەر قىلالمىغان نۇرغۇنلىغان پايدىلىق ئىشلارنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. بۇلارنىىڭ ھەممىسى بەرىكەتنىڭ ئىپادىسىدۇر. رىزىقتا بەرىكەت ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ئەتىگەندە سەھەر تۇرۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈممىتىمگە ئەتىگەنلىكى بەرىكەت ئاتا قىلىندى» دېيىش ئارقىلىق سەھەر تۇرۇشنىڭ ۋە ھەر قانداق ئىشنى ئەتىگەندە باشلاشنىڭ خەيرلىك ۋە بەرىكەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇھىم ئىشلارنى ئەتىگەندە باشلايتتى. بىرەر جايغا ئەسكەر ئەۋەتمەكچى بولسا ياكى بىرەر قەبىلىگە ئەلچى ئەۋەتمەكچى بولسا ئەتىگەن سەھەردە ئەۋەتەتتى. زامانىمىزدا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن ئارقىدا قالغان دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرىگە قارايدىغان بولساق، سەھەر تۇرۇپ ئىشلىگەنلەرنىڭ تەرەققىي قىلغان ۋە باۇ بولغانلىقىنى، ئەتىگەندىكى ئالتۇن ۋاقىتلىرىنى ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلارنىڭ ئارقىدا قالغان ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى كۆرىمىز. چۈنكى ئەتىگەن ۋاقتى تولىمۇ بەرىكەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك ۋاقىتتۇر. چۈنكى ئۇ بىر كۈننىڭ ئەڭ سۈزۈك، ئەڭ ھەرىكەتلىك ۋاقتى. ئەتىگەندە بامدات نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇپ، ئالدىراش ئىشى بولمىسا كۈن چىققۇچە مەسجىدتە ئولتۇرۇپ ئىبادەت قىلىپ، ئاندىن كۈندىلىك ئىشنى باشلاش تولىمۇ خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ئۆلىمالار تەكىتلەپ كەلمەكتە.
2. ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل. ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ھاياتى ھەقىقەتەن بەرىكەتلىك ۋە ھۇزۇرلۇق ئۆتىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: )مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ( «ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، كىمكى مۇئمىنلىك ھالىتىدە تۇرۇپ بىرەر ياخشى ئەمەلنى قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشى ھاياتتا ياشىتىمىز ۋە ئەلۋەتتە ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بويىچە مۇكاپاتلايمىز»[5].
3. ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىش. ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىدىن قورقۇپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش تەقۋالىقنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. شەكسىزكى، تەقۋالىق رىزىقنىڭ كەڭ بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: )وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا. وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ( «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ»[6].
4. تۇغقاندارچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رىزقىنىڭ كەڭ بولۇشىنى ۋە ياخشى ئىز قالدۇرۇشنى خالىسا، تۇغقاندارچىلىقىنى داۋاملاشتۇرسۇن»[7].
5. ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش. شۈكۈرنىڭ نېمەتنىڭ زىيادە بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. چۈنكى ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە )لَئِنْ شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ( «ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، سىلەرگە (بېرىۋاتقان نېمىتىمنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن»[8] دەپ ۋەدە قىلغان. مەلۇمكى، شۈكۈر قىلىش دېگەن ئاغزاكى «شۈكرى خۇدايىم» دەپ قويۇش بىلەن ئادا تاپمايدۇ. بەلكى تىل، دىل ۋە ئەمەل بىلەن شۈكۈر قىلىش كېرەك. چىن قەلبىدىن ئاللاھ تائالاغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى تىلى بىلەن ئىپادىلەش، ئاندىن ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن شۈكۈر قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن شۈكۈر قىلىش دېگەن ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان نېمەتلەردىن باشقىلارنى بەھرىمەن قىلىش، يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش، يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر تېپىش، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋ قىلىش قاتارلىقلاردۇر.
6. تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىش. تەۋبە – ئىستىغپارنىڭ رىزىقنىڭ كەڭ بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆپ. ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: )فَقُلْتُ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ إِنَّهُ كَانَ غَفَّارًا. يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا. وَيُمْدِدْكُمْ بِأَمْوَالٍ وَبَنِينَ وَيَجْعَلْ لَكُمْ جَنَّاتٍ وَيَجْعَلْ لَكُمْ أَنْهَارًا( «(ئۇلارغا) ئېيتتىم: رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرنىڭ مال _ مۈلۈكۈڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلەرنى ئاتا قىلىدۇ»[9].
7. دۇئا قىلىش. پېقىرلىقتىن پاناھ تىلەپ دۇئا قىلىش ئەلۋەتتە رىزىقنىڭ كەڭ بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنىڭ ئاخىرىدا تەشەھھۇدتا مۇنۇ دۇئانى قىلاتتى: [اللَّهُمَّ إِنِّى أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْهَمِّ وَالْحَزَنِ وَأَعُوذُ بِكَ مِنَ الْعَجْزِ وَالْكَسَلِ وَأَعُوذُ بِكَ مِنَ الْجُبْنِ وَالْبُخْلِ وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ غَلَبَةِ الدَّيْنِ وَقَهْرِ الرِّجَالِ] «ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ غەم ـ ئەندىشىدىن، ئىچى پۇشقىدىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ ئاجىزلىقتىن ۋە ھورۇنلۇقتىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ قورقۇنچاقلىقتىن ۋە بېخىللىقتىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشتىن ۋە ئەرلەرنىڭ مېنى مەغلۇب قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن»([10]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا پېقىرلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇنۇ دۇئانى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغان: [اَللَّهُمَّ رَبِّ السَّمَوَاتِ السَّبْعِ وَرَبِّ الْعَرْشِ الْعَظِيْمِ رَبَّنَا وَرَبَّ كُلِّ شَيْءٍ، مُنْزِلُ التَّوْرَاة وَاْلإِنْجِيْلِ وَاْلقُرْآنِ، فَالِقُ الْحَبِّ وَالنَّوَى، لاَ إِلَهَ إلاَّ أنْتَ، أَعُوْذُ بِكَ مِنْ شَرِّ كُلِّ شَيْءٍ أَنْتَ آخِذٌ بِنَاصِيَتِهِ، أَنْتَ اْلأَوَّلُ لَيْسَ قَبْلَكَ شَيْءٌ، وَأَنْتَ اْلآخِرُ لِيْسَ بَعْدَكَ شَيْءٌ، وَأَنْتَ الظَّاهِرُ لَيْسَ فَوْقَكَ شَيْءٌ، وَأَنْتَ الْبَاطِنُ لَيْسَ دُونَكَ شَيْءٌ، اِقْضِ عَنَّا الدَّيْنَ وَاغْنِنَا مِنَ الْفَقْرِ] «ئى يەتتە قات ئاسمان بىلەن ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئىگىسى، بىزنىڭ ۋە پۈتۈن كائىناتنىڭ پەرۋىشچىسى، تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئاننى چۈشۈرگۈچى، ئۇرۇق ۋە دانلارنى ياراتقۇچى ئاللاھ! سېنىڭدىن بۆلەك ھەقىقىي مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. ساڭا سېغىنىپ، سېنىڭ ئىلكىڭدە بولغان ھەر نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! سەن قەدىمسەن سېنىڭدىن ئىلگىرى ھېچ نەرسە يوق، مەڭگۈلۈكسەن سېنىڭدىن باشقا ھېچ نەرسە باقى ئەمەس، قۇدرىتىڭ بىلەن ئاشكارىسەن، سېىڭدىن ئوچۇق شەيئى يوق، كۆز بىلەن كۆرۈشكە مەخپىسەن، سېنىڭدىن مەخپى شەيئى يوق، بىزنى قەرزدارلىقتىن قۇتقۇزغىن ۋە پېقىرلىقتىن ئازات قىلغىن»([11]).
8. ياخشىلىق يوللىرىغا، يوقسۇللارغا ۋە ئېھتىياج ئىگىلىرىگە ياردەم قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «ئى ئادەم بالىسى! (ئېھتىياج ئىگىلىرىگە) بەرگىن، مەن ساڭا بېرىمەن»[12].
[1] «موسوعة اسماء الله الحسنى» 718- بەت.
[2] ھۇد سۈرىسى:6- ئايەت.
[3] مۇلك سۈرىسى: 15- ئايەت.
[4] جۇمۇئە سۈرىسى: 10- ئايەت
[5] نەھل سۈرىسى: 97- ئايەت.
[6] تەلاق سۈرىسى: 2- 3- ئايەتلەر.
[7] ئىمام بۇخارى ۋە تىرمىزى رىۋايىتى.
[8] ئىبراھىم سۈرىسى:7- ئايەت.
[9] نۇھ سۈرىسى: 10-12- ئايەتلەر.
([10]) ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.
([11]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[12] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

