ئاللاھ تائالاغا مۇراجىئەت قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايلى!

ئاللاھ تائالاغا مۇراجىئەت قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايلى!

مۇھەممەد يۈسۈپ

تۇرمۇشىمىزدا دۇئانىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ ۋە ئەھمىيىتى زوردۇر. دۇئا مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆتكۈر قۇرالى ۋە تۈرلۈك خەتەرلەردىن ساقلىنىدىغان قالقىنىدۇر. ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كېچە-كۈندۈزدىكى ھەربىر ئىشتا ئاللاھ تائالاغا مۇراجىئەت قىلاتتى، ھەمىشە ئاللاھ تائالا بىلەن بىللە ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى ھاياتنى خۇشاللىق ۋە ئۈمىد بىلەن كۈتۈۋالاتتى. كېچىنىڭ ئۈچىدىن بىرى قالغان ۋاقتىدا، ئورنىدىن تۇرۇپ : الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي عَافَانِي في جَسَدِي وَرَدَّ عَلَيَّ رُوحِي وأَذِنَ لِي بِذِكْرِهِ «تېنىمنى ساق قىلغان، جېنىمنى ماڭا قايتا ئاتا قىلغان ۋە ئۆزىنى ياد ئېتىشىم ئۈچۈن ماڭا پۇرسەت بەرگەن ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىمەن»( ) دەيتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«دۇئا _ ئىبادەتتۇر» دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى دۇئا ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ ئىخلاسلىق ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «ئاللاھ تائالاغا دۇئادىن يېقىملىق بىر نەرسە يوق»( ) دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئۆز ئاجىزلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان موھتاجلىقىنى ھەمىشە ھېس قىلىپ تۇرۇشىنى ياقتۇرىدۇ.

 دۇنيا تىرىكچىلىكى بىزنىڭ كۆپىنچە  ۋاقىتلاردا ئاللاھ تائالادىن غەپلەتتە قېلىشىمىزغا ― ئۇنىڭغا بولغان قۇلچىلىك ۋەزىپىمىزنى ئۇنتۇشىمىزغا، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن چەتنەپ قېلىشىمىزغا ۋە ئۇنىڭ ھەمىشە بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇشىمىزغا - سەۋەب بولىدۇ. ئەمما بىز ھەمىشە ئاللاھ تائالاغا مۇراجىئەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھاجەتلىرىمىزنى ئىزھار قىلىش بىلەن بولغىنىمىزدا، بىز تىلىگەنلىرىمىزگە ئېرىشكەننىڭ سىرتىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ھىمايىسى ۋە قوغدىش ئاستىدا بولىمىز. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق  بارلىق ئىشلىرىمىز غەلىبىلىك بولغان ھالدا داۋاملىشىدۇ. 

مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى سەۋەب بىلەن دۇئادۇر

نۇرغۇن كىشىلەر بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى سەۋەب قىلىش بىلەنلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئاللاھ تائالاغا مۇراجىئەت قىلىس، ئۇنىڭدىن ياردەم ۋە مەدەد سوراشنى ئۇنۇتقان ھالدا، ماددىي سەۋەبلەرگىلا تايىنىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار بەخت-سائادەتنىڭ بارلىق سەۋەبلىرىنى ۋە چارە- تەدبىرلىرىنى شۇنچىلىك مۇكەممەل، شۇنچىلىك تولۇق ئورۇندىغان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا بەختلىك بولالمايدۇ. چۈنكى ئىشلارنىڭ غەلىبىلىك بولۇشى ئۈچۈن ئىككى شەرت بار بولۇپ، بىرى ئاللاھ تائالاغا چىن ئىشەنچ قىلىپ تايىنىش، يەنە بىرى سەۋەب قىلىشتۇر. بۇ ئىككى شەرتنىڭ قايسىبىرىنى تەرك ئەتكەن ئادەم قىلغان ئىشىدا غەلىبە قىلالمايدۇ. مەسىلەن: بەزى ئادەملەر ئۆزلىرىنى ۋە بالىلىرىنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايدۇ، بار كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ، ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتىدۇ، بالىلىرىنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىنى تەل قىلىپ بېرىدۇ، بەختلىك تۇرمۇشنىن ماددىي سەۋەبلىرىنڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ. ئەمما ئاخىرىدا يا ئۆزلىرى ياكى بالىلىرى بەختلىك بولالمىغانلىقتىن، ئۇلار بۇ تۇرمۇشتىن قاقشايدۇ، بالىلىرى ئاتا-ئانىسىدىن مەمنۇن ئەمەس، ئاتا-ئانىلىرىمۇ بالىلىرىدىن رازى ئەمەس، ھەممىسى بەختسىز بىر ھاياتقا مۇپتىلا بولۇپ قالىدۇ. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر گەرچە ماددىي ئىمكانىيەتلىرى چەكلىك، ئۆزى يوقسۇل بولسىمۇ، ئەمما مەنىۋى تەرەپتىن ئەڭ باي، ئەڭ كۈچلۈك ياشايدۇ، ئۇلار ھەمىشە ئاللاھ تائالا  بىلەن بىللە بولغانلىقتىن، باياشاتلىق ۋە تارلىق تۇرمۇشتا ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقتىن، ئۆزى ھەمىشە بەختلىك، كۆڭلى تىنچ ھالدا تۇرمۇشقا داۋام قىلىدۇ. ئۇلار بالىلىرىغا كۆپ مال- دۇنيا تېپىپ بېرەلمىسىمۇ، ئۇلارنى ھەمىشە ئاللاھ تائالا بىلەن بولىدىغان، ھەر قانداق بىر ئىشتا ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا موھتاج ئىكەنلىكىنى دائىما ھېس قىلىدىغان قىلىپ تەربىيە قىلغانلىقتىن، ئاتا-ئانا بىلەن بالىلارنىڭ قەلبىدە ئورتاق ئورۇن ئالغان قانائەتتىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەرنىڭ سايىسىدا ئۇلار ھەمىشە بەختلىك، ھەمىشە خوشال تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى ھاجەر بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قەدىمقى مەككىدىن ئىبارەت دەشتە چۆلدە سۇسىز، تائامسىز تەرك ئېتىپ كېتىپ قالىدۇ. ئەمما ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئۆز ھالىغا، ئۆزىنىڭ بېشىنىڭ چارىسىنى ئۆزى كۆرۈشكە تاشلاپ قويغان ئەمەس. چۈنكى ھېچبىر ئاتا ئائىلىسىنى بۇنداق يۆلەكسىز تەرك ئەتمەيدۇ، بۇنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. شەكسىزكى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئاللاھ تائالاغا قويۇپ كەتكەن ئىدى. چۈنكى ئايالى ھاجەرنىڭ: «ئى ئىبراھىم بىزنى بۇنداق چۆلدە يالغۇز تەرك ئېتىش ئۆز رەيىڭدىنمۇ ياكى رەببىڭ شۇنداق  ئەمر قىلدىمۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام : «رەببىم شۇنداق ئەمر قىلدى» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى، ئاندىن ھاجەرنىڭ تولۇق خاتىرجەملىك ۋە ئاللاھ تائالاغا بولغان چىن ئىشەنچ بىلەن: «بولدى، ئۇنداقتا، سەن كېتىۋەرگىن» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى بۇنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھاجەر ھەممىدىن ئاۋۋال ئاللاھ تائالاغا ئىشەنچ قىلغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئائىلىسىنى قاقاسلىق چۆلدە تاشلاپ قويۇپ، جىم ئولتۇرغان ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرغان، ئۇنىڭدىن ئائىلىسىنى تۈرلۈك رىزىقلار بىلەن رىزىقلاندۇرۇشىنى تىلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن: رەببىمىز! ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسىمىنى سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز بىر ۋادىغا ئورۇنلاشتۇردۇم، رەببىمىز! سەنمۇ ئىنسانلاردىن بىر قىسىمىنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگىن. ئۈمىدكى، ئۇلار(بۇ نېمەتلىرىڭگە) شۈكۈر قىلغاي  .

ئاللاھ تائالاغا مۇراجىئەت قىلىش ئەڭ ھەل قىلغۇچ چارىدۇر

يەنە نۇرغۇن كىشىلەر مەيلى ئائىلە ھاياتىدا بولسۇن، مەيلى ئىش ۋە خىزمەت ھاياتىدا بولسۇن، ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن كىرىزىسلەرنى، قىيىنچىلىقلارنى ۋە جىدەل-ماجىرالارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ماددىي سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇلار ئائىلە ھاياتىدىكى جىدەل– ماجىرالارنى ھەل قىلىش يولىدا چوڭلارغا، يۇرتنىڭ كاتتىلىرىغا، ئەھلى-ئىلىملەرگە، ھەتتا گاھىدا قانۇن ئورگانلىرىغا مۇراجىئەت قىلغىنىدەك، ئىش ۋە خىزمەت ھاياتىدىكى كىرىزىسسلەرنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشتا، شۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىگە، تەجرىبە ئىگىلىرىگە ۋە قانۇن كىتابلىرىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپلىرى شۇنداق قىلغان تۇرۇپمۇ، يەنىلا غەلىبە قىلالمايدۇ، مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى ئەڭ يېقىن بولغان، ھەتتا ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ جان تومۇرلىرىدىن بەك يېقىن تۇرىۋاتقان زات _ ئاللاھ تائالاغا مۇراجىئەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمايدۇ. چۈنكى كىرىزىسنىڭ تەلتۆكۈس ھەل بولۇپ، كۆڭۈلنى راھەتلىتىشى ئۈچۈن سەۋەب بىلەن ئاللاھ تائالاغا مۇراجىئەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى شەرتنىڭ ھازىر بولۇشى شەرتتۇر. سەۋەبكىلا يۆلىنىۋېلىپ، ئاللاھ تائالاغا مۇراجىئەت قىلىشنى ئۇنۇتقانلار غەلىبە قىلالمىغاندەك، ئاللاھ تائالاغا تايىنىش باھانىسى بىلەن سەۋەب قىلمىغانلارمۇ غەلىبە قىلالمايدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى،  گۈزەل ئەخلاقنىڭ نەمۇنىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەۋەب قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالادىن ياردەم سوراشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئامىلنى قولدىن بەرمەيتتى. غەلىبە ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان، ھەتتا مەككىنىڭ ئازات بولىدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئالدىن بېشارت بېرىلگەن تۇرۇپ، شۇ غەلىبنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا جىھاد قىلىشنى ئۇنۇتمىغاندەك، ئاللاھ تائالاغا تايىنىشنى، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراشنىمۇ ئۇنۇتمىغان. شۇڭا ئۇ ھەممە ئىشىدا غەلىبە قىلغان.

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ تۇرىشىنى ۋە ئۆزىمۇ بەندىلىرىنىڭ سورىغانلىرىنى ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى خوشال قىلىشنى ياقتۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى دۇئا قىلىشقا تەشەببۇس قىلىپ: ماڭا دۇئا قىلىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن »( ) دەپ كۆرسەتكەن. يەنە شۇ ئايەتكە ئۇلاپ: مېنىڭ ئىبادىتىمدىن باش تارتقۇچىلار خارلانغان ھالدا دۇزاخقا كىرىدۇ دېيىش ئارقىلىق دۇئانىن ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ۋە دۇئادىن بىھاجەت بولغۇچىلارنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. دۇئا شۇنداق پەزىلەتلىك ۋە پايدىلىق بىر ئىبادەتكى، مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ تائالادىن ھاجەتلىرىنى سوراش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىنىدا ئۈچ تەرەپتىن پايدىغا ئېرىشىدۇ: بىرىنچىدىن، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ئۇنى سۆيۈندۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ، ئىككىنچىدىن، دۇئا ئىبادەت بولغانلىقى يۈزىسىدىن ئىبادەتنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، ئۇچىنچىدىن، سورىغان ھاجەتلىرى راۋا بولىدۇ. ناۋادا سورىغانلىرى ئىجابەت بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم كۆرىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار