
ئاللاھ تائالانىڭ «العَزِيزُ» (ئەزىز) دېگەن ئىسمى ھەققىدە
ئاللاھ تائالانىڭ «العَزِيزُ» (ئەزىز) دېگەن ئىسمى «قۇرئان كەرىم»دە ئەڭ كۆپ كەلگەن ئىسىملىرىدىن بىرى بولۇپ، 92 ئورۇندا كەلگەن، كۆپىنچە ئايەتلەردە باشقا ئىسىملىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەن. مەسىلەن: ﴿فَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ﴾[1]، ﴿ذَلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ﴾[2]، ﴿وَاللَّهُ عَزِيزٌ ذُو انْتِقَامٍ ﴾[3] دېگەن ئايەتلەرگە ئوخشاش.
«العَزِيزُ» (ئەزىز) دېگەن سۆزنىڭ مەنىلىرى
«العَزِيزُ» دېگەن سۆز تەڭدىشى يوق، غالىب، كۈچ-قۇۋۋەت ئىگىسى ۋە ئىززەت ئاتا قىلغۇچى دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ «العَزِيزُ» دېگەن ئىسمى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ:
1. «العَزِيزُ» ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىدىن غالىب، ھەممىگە قادىر ۋە ھېچقانداق ئىشتىن ئاجىز كەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىمى بولۇپ، ئىززەت ۋە قۇدرەت مەنىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ﴿إِنَّ الْعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا﴾ «شەكسىزكى، پۈتۈن كۈچ _ قۇۋۋەت ئاللاھقا مەنسۇپتۇر»[4]. ﴿وَاللَّهُ غَالِبٌ عَلَى أَمْرِهِ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ﴾ «ئاللاھ (ئۆزى ئىرادە قىلغان) ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ»[5].
2. «العَزِيزُ» ئاللاھ تائالانىڭ تەڭدىشى ياكى ئوخشىشى بولمىغان يېگانە زات ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ﴿لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ﴾ «ئاللاھقا ئوخشايدىغان ھېچ شەيئى يوقتۇر»[6].
3. «العَزِيزُ» ئاللاھ تائالانىڭ ئىززەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ﴿قُلِ اللَّهُمَّ مَالِكَ الْمُلْكِ تُؤْتِي الْمُلْكَ مَنْ تَشَاءُ وَتَنْزِعُ الْمُلْكَ مِمَّنْ تَشَاءُ وَتُعِزُّ مَنْ تَشَاءُ وَتُذِلُّ مَنْ تَشَاءُ بِيَدِكَ الْخَيْرُ إِنَّكَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ﴾ «ئېيتقىنكى «ھەممىنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! سەن خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىۋالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن. ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر. شەكسىزكى، سەن ھەممىگە قادىرسەن»[7].بۇ ئايەتلەر ئىززەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى پەيغەمبەرلەرگە، مۇئمىنلەرگە، شۇنداقلا خالىغان بەندىلىرىگە ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
«ئەزىز» دېگەن ئىسىمدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟
ئاللاھ تائالانىڭ «ئەزىز» دېگەن ئىسمىدىن ئىمان، ئەخلاق، تەن ساقلىقى جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشنى، ئاللاھ تائالادىن باشقىسىغا ئۆزىمىزنى خار قىلماسلىقنى، بارچە ئىززەت ۋە ھۆرمەتنى ئاللاھ تائالادىن تىلەشنى ئۆگىنىمىز.
ئاللاھ تائالا ئەزىز قىلغاننى ھېچكىم خار قىلالمايدۇ
ھەقىقىي پادىشاھلىق، كۈچ-قۇۋۋەت، مۇتلەق ئىختىيار ۋە خاھىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئۇ ئەزىز قىلغان كىشىنى ھېچكىم خار قىلالمايدۇ، ئۇ خار قىلغان بىرىنى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ. بۇ ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتتۇر. ﴿وَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّةِ اللَّهِ تَبْدِيلًا﴾ «ئاللاھنىڭ قانۇنىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن»[8].
ئاللاھ تائالا ئەزىز قىلغاننى ھېچكىم خار قىلالمايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن مىساللىرىدىن بىرى، يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىدۇر. يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنى دادىسى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بەك ياخشى كۆرەتتى، ھەتتا باشقا پەرزەنتلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىق ياخشى كۆرەتتى. بۇ سەۋەبتىن، ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، ئۇنى دەسلەپ قۇدۇققا تاشلىغان، ئاندىن قۇل قىلىپ سېتىشنى قارار قىلغان ئىدى. يۇسۇف ئەلەيھىسسالام قۇل بازىرىدا ئەرزىمەس پۇلغا سېتىلىپ، مىسىردىكى ئەزىزنىڭ ئۆيىدە ئۆي خىزمەتچىسى قالغان. ئەزىزنىڭ ئايالى ئۇنى ۋەسۋەسىگە سالغان، يۇسۇف ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ تەقۋادارلىقى ۋە ئىپپىتى بىلەن ئايالنىڭ تەلىبىنى رەت قىلغاچقا، ئايال ئۇنى يالغان ئەيىبلەر بىلەن زىندانغا تاشلاتقان، ئۇ يىللارچە ئەڭ يامان شارائىتلاردا تۈرمىدە ياتقان، كىشىلەر بولسا ئۇنى ئۇنتۇغان.
لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇنى قەتئىي ئۇنتۇمىغان، ئۇنىڭ تەقۋادارلىقى، ئىپپىتى ۋە سەۋرچانلىقى يۈزىسىدىن ئۇنىڭ ئىززىتىنى ۋە ھۆرمىتىنى كۆتۈرۈپ، مىسىرنىڭ ئەزىزى (خەزىنە ئىشلىرى ۋەزىرى) قىلغان. ئىلگىرى ئۇنى خارلىغان ئاكىلىرى ئاشلىق تەلەب قىلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان. ﴿وَكَذَلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي الْأَرْضِ يَتَبَوَّأُ مِنْهَا حَيْثُ يَشَاءُ نُصِيبُ بِرَحْمَتِنَا مَنْ نَشَاءُ وَلَا نُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ﴾ «شۇنىڭدەك، بىز يۈسۈفكە خالىغان يەردە تۇرۇپ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان سالاھىيەت بەردۇق. بىز رەھمىتىمىزنى خالىغان كىشىگە نېسىپ قىلىمىز، (ياخشى ئەمەللەرنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز»[9].
يەنە بىر مىسال: پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قەۋمى مەككىدە خارلىغان، ئازابلىغان، ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان، يۇرتىدىن قوغلاپ چىقارغان، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇ زاتنى ئەزىز قىلغان ۋە مەككىنى ئەزىز ۋە كۈچلۈك بولغان ھالدا فەتھى قىلىشنى نېسىب قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ ئىسلامغا كىرگەن. ﴿إِذَا جَاءَ نَصْرُ اللَّهِ وَالْفَتْحُ. وَرَأَيْتَ النَّاسَ يَدْخُلُونَ فِي دِينِ اللَّهِ أَفْوَاجًا . فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَاسْتَغْفِرْهُ إِنَّهُ كَانَ تَوَّابًا﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھنىڭ نۇسرىتى كېلىپ، فەتھى ئەمەلگە ئاشقان ۋە سەن كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ _ توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگەن چاغدا، رەببىڭنى مەدھىيەلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. چۈنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر»[10].
ئاللاھ تائالانىڭ ئىززىتىگە ۋە كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ، تەقۋادارلىق قىلغان ۋە ئىپپەتلىك بولغان كىشىنى ھېچكىم خار قىلالمايدۇ، بەلكى، ئاللاھ تائالا ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يۈكسەك ئورۇنغا كۆتۈرىدۇ.
ئاللاھ تائالا خار قىلغاننى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ
ئەندەلۇس (ھازىرقى ئىسپانىيە) ئۆز ۋاقتىدا ئىسلام دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئىدى. مىلادىيە 710 - يىلىدىن 1492 - يىلىغىچىلىك ئىسلام ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈلگەن، شانلىق مەدەنىيەتلەر يارىتىلغان، ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلغان ئىسلام مەركىزى ئىدى. پۈتۈن ياۋروپالىقلار بۇ مەركەزگە كېلىشنى ۋە ئۇنىڭ مەدرىسىلىرىدە ئىلىم - مەرىپەت ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بۇ شانلىق ئىسلام مەركىزى خىرىستىيان مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ جايدىكى مۇسۇلمانلار يا خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلىشقا، يا ئۆلۈپ تۈگىشىشتىن ئىبارەت ئىككى تاللاشقا مەجبۇرلانغان بولۇپ، كۆپلىرى ئۆلۈپ تۈگىگەن. شۇنىڭ بىلەن 800 يىلغا يېقىن ئىسلام ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈلگەن ۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بولۇپ كەلگەن ئەندەلۇس دۆلىتى خىرىستىيان دۆلىتىگە، ئاھالىسى خىرىستىيانلارغا ئايلىنىپ قالغان.
ئەندەلۇسنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد سەغىر ئەندەلۇستىن ئايرىلىش ئالدىدا قاتتىق يىغلاپ كېتىدۇ، ئانىسى ئائىشە ئۇنىڭغا: «ۋەتەننى ئەرلەردەك قوغدىيالمىغان پادىشاھلىقىڭغا ئەمدى ئاياللاردەك يىغلا!» دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا تاشلىۋەتسە ئىنساننىڭ نېمە قىمممىتى قالسۇن دەيدۇ ۋە مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇيدۇ: ﴿أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يَسْجُدُ لَهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ وَالنُّجُومُ وَالْجِبَالُ وَالشَّجَرُ وَالدَّوَابُّ وَكَثِيرٌ مِنَ النَّاسِ وَكَثِيرٌ حَقَّ عَلَيْهِ الْعَذَابُ وَمَنْ يُهِنِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ مُكْرِمٍ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ﴾ «بىلمەمسەنكى، ئاسمانلاردىكىلەر، زېمىندىكىلەر، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ھايۋانلار ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنى ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، يەنە نۇرغۇنى (كۇفرىلىق قىلىپ) ئازابقا لايىق بولدى. ئاللاھ خار قىلغان ئادەمنى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ، شەكسىزكى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ»[11].
ئىززەت ۋە ھۆرمەتنى ئاللاھ تائالادىن ئىزدەڭ
ھاياتىڭىزنىڭ چوڭ بىر قىسمى ئىززىتىڭىز ۋە ھۆرمىتىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى، ئىنسان ئىززىتى ۋە ھۆرمىتى بىلەن ئىنساندۇر. ﴿وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آَدَمَ وَحَمَلْنَاهُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَفَضَّلْنَاهُمْ عَلَى كَثِيرٍ مِمَّنْ خَلَقْنَا تَفْضِيلًا﴾ «شەكسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ئەزىز قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرىغا)، دېڭىزدا (كېمە ۋە پاراخوتلارغا) چىقاردۇق. ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، يەنە ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئالاھىدە ئۈستۈن قىلدۇق»[12]. ئەگەر سىز ئاللاھ تائالا بىلەن بىللە بولسىڭىز، ئۇ سىزنى چوقۇم ئەزىز قىلىدۇ. ﴿وَلِلَّهِ الْعِزَّةُ وَلِرَسُولِهِ وَلِلْمُؤْمِنِينَ﴾ «ئىززەت ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپتۇر»[13]. شۇڭا، ئىززەتلىك ۋە ھۆرمەتلىك بولۇشنى خالىغان ئادەم ئۇنى ئاللاھ تائالادىن تىلىشى لازىم. ﴿مَنْ كَانَ يُرِيدُ الْعِزَّةَ فَلِلَّهِ الْعِزَّةُ جَمِيعًا﴾ «كىمكى كۈچ-قۇۋۋەت ئىزدەيدىكەن[14]، (ئۇنى ئاللاھتىن تىلىسۇن)[15]». ئاندىن ئۇنىڭ شۇنىڭغا لايىق بولۇشى شەرت. نېمە بىلەن لايىق بولىدۇ؟ تەقۋالىق بىلەن لايىق بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ﴾ «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىدىغىنىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلاردۇر»[16].
«ئەزىز» دېگەن سۆز يەنە ھەممە موھتاج بولىدىغان، ئوڭاي تېپىلمايدىغان، يېتىش قىيىن بولغاننى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئەزىز بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئۈچ سۈپەت بولۇشى كېرەك: ئاز تېپىلىدىغان، ھەممە موھتاج بولىدىغان ۋە يېتىش قىيىن بولغان.
«ئەزىز» ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن تەڭدىشى بولمىغان، ھەممە موھتاج بولغان ۋە ئۆزى كۆرسەتكەن يوللار بىلەنلا يەتكىلى بولىدىغان يېگانە زات دېگەنلىكتۇر. ﴿قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ.اللَّهُ الصَّمَدُ . لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ. وَلَمْ يَكُنْ لَهُ كُفُوًا أَحَدٌ﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ يېگانىدۇر. ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر. ئۇ بالىلىق بولغانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭداش ئەمەس»[17].
ئاللاھ تائالاغا يېتىش دېگەنلىك توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇپ، تائەت-ئىبادەتلەرنى، ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىگە، رەھىم-شەپقىتىگە ۋە ياردىمىگە ئېرىشىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالانى تولۇق بىلىش ۋە ئۇنىڭ قانداق زات ئىكەنلىكىنى مۇكەممەل ئىدراك قىلىش مۇمكىن ئەمەس، ھەتتا پەيغەمبەرلەر ئۈچۈنمۇ شۇنداق. چۈنكى، ئاللاھ تائالانى پەقەت ئاللاھ تائالا بىلىدۇ.
ئىنسان قانداقلا بىر ئىشقا يۈرەكتىن باغلانغان ۋاقتىدا، بارچە ھۇزۇرىنى، ئارامىنى ۋە خۇشاللىقىنى شۇنىڭدا تاپىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىشنى ھەرگىز قويۇپ بەرمەيدۇ.
بىر يىگىت ئۆز ئۇستازىنىڭ قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. قىزمۇ ئۇنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. ئۇستاز ئۇلارنىڭ ئۆيلىنىشىگە ماقۇل كېلىدۇ ۋە يىگىتكە: «سەندىن تەلەب قىلىدىغان مەھرى ھەققىم سېنىڭ بۇ دەرسلەرگە تولۇق قاتنىشىشىڭدۇر» دەيدۇ. يىگىت دەرسلەر تولۇق قاتنىشىدۇ، ھەتتا دەرسكە چۆكۈپ كېتىپ، قىزنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. قىز بىر كۈنى خەت يېزىپ: «بىزنى ئۇنتۇپ كەتتىڭىزغۇ؟» دەيدۇ. يىگىت: «ئەي ۋىسال! سىز باغلىنىشنىڭ سەۋەبى بولدىڭىز، ئەمدى ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالماڭ!» دەپ خەت يازىدۇ.
شەكسىز ھەقىقەت شۇكى، كىمكى ئاللاھ تائالانى بارچە گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن تونۇسا، ئۇنىڭدىن يىراقلىشالمايدۇ، ھەممىدىن ۋاز كېچىدۇ-يۇ، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ. ھېچقانداق بىر مەخلۇققا ئۆزىنى خار قىلىشنى خالىمايدۇ، ئەزىزلىكنى ۋە ھۆرمەتنى باشقا يەردىن ئىزدىمەيدۇ. شۇڭا ئۆلىمالاردىن بىرى: «ئاللاھنى تاپقان ھەممىنى تاپقان بولىدۇ، ئۇنى تاپالمىغان ھېچ نەرسىنى تاپالمىغان بولىدۇ» دېگەن ئىكەن.
ئىنسان قانداق ئەزىز بولالايدۇ؟
ئىنسان ئاللاھ تائالاغا چىڭ باغلانغان، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە موھتاجلىقىنى ئۇنىڭغا ئىزھار قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقىسىغا ئۆزىنى خار قىلمىغان چاغدا ئەزىز بولىدۇ. تابىئىين ئۆلىمالىرىدىن ھەسەن بەسرىي: «سىز بۇ مەرتىۋىگە نېمە بىلەن يەتتىڭىز؟» دېگەن سوئالغا: «ئاللاھتىن باشقىسىغا موھتاج بولماسلىق بىلەن يەتتىم» دېگەن. چۈنكى، ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى، خارلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان زور ئېھتىياجىمىزنى ئىزھار قىلىش بىزنىڭ مەرتىۋىمىزنى كۆتۈرىدۇ، ئەمما مەخلۇقاتقا ئۆزىمىزنى خار قىلىش بىزنى تېخىمۇ خار ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالاغا خارلىنىش ئىبادەت، بەندىگە خارلىنىش زالالەتتۇر.
ئاللاھ تائالا بىر بەندىسىنى ئەزىز قىلىشنى خالىسا، دوستلىرىنىڭ قەلبىگە ئۇنىڭ سۆيگۈسىنى، دۈشمەنلىرىنىڭ قەلبىگە ئۇنىڭ ھەيۋىتىنى سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ياخشى كۆرىدۇ.
بىر كۈنى ئىسلام خەلىپىسى ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەنى سارايغا تەكلىپ قىلىدۇ. ئەبۇ ھەنىفە كەلگەندە خەلىپە ئۇنىڭغا: «نېمىشقا بىزگە كۆپرەك كېلىپ تۇرمايلا؟ بىزنى زىيارەت قىلىپ تۇرسىلا ئىززەتلىرىنى قىلىمىز» دەيدۇ. بۇ چاغدا ئىمام ئەزەم: «نېمىشقا كېلەي؟ مەندە سىلەردىن قورقىدىغان بىر ئىش يوق، شۇڭا قورقمايمەن، سىلەرگە پەقەت قورققان كىشىلەرلا كېلىدۇ» دەيدۇ.
سىز ھۆرمەت ۋە ئىززەت تەمەيىڭىزنى ئىنسانلاردىن پۈتۈنلەي ئۈزگەن ۋە ئۇنى ئاللاھ تائالاغا باغلىغانسېرى، سەجدىدە مەڭزىڭىزنى يەرگە سۈرتكەنسېرى ئاللاھ تائالا سىزنى ئەزىز قىلىدۇ. ئەكسىچە، ئاللاھ تائالادىن يىراقلىشىپ، ئىنسانلاردىن كۈتكەنسېرى سىز خارلىققا پاتىسىز.
ئىسلام خەلىپىسى ھارۇن رەشىد ئىمام مالىكنىڭ سارايغا كېلىپ ۋەز-نەسىھەت قىلىپ بېرىشىنى سوراپ ئەلچى ئەۋەتىدۇ. ئىمام مالىك ئەلچىگە: «مېنىڭ خەلىپىگە ھاجىتىم يوق، ئەگەر ماڭا ھاجىتى بولسا ئۆزى كەلسۇن! چۈنكى، ئىلىم تەلەب قىلغان ئادەم كېلىدۇ، ئەمما ئىلىم بارمايدۇ» دەيدۇ. بۇ گەپ ھارۇن رەشىدقا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن: «توغرا ئېيتىپتۇ، مەن باراي» دەيدۇ.
ئىنسان ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇپ، ئۇنىڭ ئەزىزلىقىنى بىلسە، ئۇ ھېچقانداق ئىنسانغا ئۆزىنى خار قىلمايدۇ، ھېچكىمنى ئاللاھ تائالانى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلىمەيدۇ. ئەكسىچە، ئاللاھ تائالانى تونۇمىغان ۋە ئۇنىڭ ئەزىزلىكىنى بىلمىگەنلەر ئۆزىنى ئۆزىگە ئوخشاش مەخلۇقاتقا خار قىلىدۇ. ﴿وَمَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ﴾ « مۇشرىكلار ئاللاھنى لايىقىدا ئۇلۇغلىمىدى»[18]. بۇ ئايەت، ئاللاھ تائالانى لايىقىدا ئۇلۇغلىمىغان ۋە ئۇنى لايىق رەۋىشتە قەدىرلىمىگەنلەرنىڭ مۇشرىكلارغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالانى لايىقىدا ئۇلۇغلاشنى بىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانى تونۇش ۋە ئۇنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بىلىش شەرتتۇر. چۈنكى بىلمىگەن ئادەم قەدىرلەشنىمۇ بىلمەيدۇ.
ئىنساننىڭ قەلبى ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلىسا ۋە قەدىرلىسە، ئۇنىڭ كۆزىدە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەممە كىچىك بولۇپ قالىدۇ.
ئەزىزلىكنى باشقا يەردىن ئىزدىگەنلەر خار بولىدۇ
بەزى ئۆلىمالار ﴿إِنَّ الْعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا﴾ دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە، ئاللاھنىڭ يولىدىن باشقا يول بىلەن ئەزىزلىك تەلەپ قىلساڭ زەلىل بولىسەن، دېگەن. چۈنكى، ئەزىزلىك ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش، ئۈمىدنى ئۇنىڭغا باغلاش ۋە ئىپپەتلىك بولۇش بىلەن ھاسىل بولىدۇ. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام مىسىرغا كەلتۈرۈلگەندە قۇل ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىپپەت بىلەن سىنىغاندا، ئۇ سىناقتىن ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن «مىسىر ئەزىزى» بولۇپ تونۇلدى.
تائەت-ئىبادەت ۋە تەقۋالىق ئەزىزلىكنىڭ يولى بولغاندەك، ئىپپەت ئەزىزلىكنىڭ كاپالىتىدۇ. ئىپپەتلىك ئادەم ئاللاھ تائالادىن باشقىسىغا ئۆزىنى خار قىلمايدىغان، كىشىلەرنىڭ قولىدىكىسىنى تەمە قىلمايدىغان، ئۆزىگە ھالال بولمىغاننى ئالمايدىغان، نامەھرەملەردىن كۆزىنى ساقلايدىغان ئادەمدۇر.
ئەزىزلىك تەلەب قىلىش ئومۇمىي تەلەب، ھەرقانداق ئىنسان ئەزىز بولۇشنى خالايدۇ، ئەزىزلىكنىڭ باھاسى ئىتائەت، ئىبادەت ۋە ئىپپەتتۇر. شۇڭا ھارامغا كۆز تىكمەسلىك، ھالال ئۈچۈن ئەمگەك قىلىش، پىكىر-خىيالنى گۇناھ ئىشلاردىن يىراق تۇتۇش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھەم خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش ئەزىز بولۇشنىڭ ئەڭ چوڭ ئامىللىرىدىن سانىلىدۇ. شۇنداق قىلغان ئادەم ھەممە ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن رىزىق ئاتا قىلىدۇ ۋە ھەر جايدا شەنىنى كۆتۈرىدۇ، ئۇنى دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن قىلىدۇ. ﴿وَلِمَنْ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِ جَنَّتَانِ﴾ «رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تۇرۇشتىن قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار»[19]. بەزى ئۆلىمالار ئايەتتىكى «ئىككى جەننەت»نى بىرى بۇ دۇنيادا ھۇزۇر ۋە سائادەتمەنلىك ئىچىدە ياشاش، يەنە بىرى، ئاخىرەتنىڭ جەننىتىگە كىرىش دەپ تەپسىر قىلغان.
[1] بەقەرە سۈرىسى 209- ئايەت.
[2] ئەنئام سۈرىسى 96- ئايەت.
[3] ئال ئىمران سۈرىسى 4- ئايەت.
[4] يۇنۇس سۈرىسى 65- ئايەت.
[5] يۇسۇف سۈرىسى؛ 21- ئايەت.
[6] شۇرا سۈرىسى: 11- ئايەت.
[7] ئال ئىمران سۈرىسى: 26- ئايەت.
[8] ئەھزاب سۈرىسى: 62- ئايەت.
[9] يۇسۇف سۈرىسى: 56- ئايەت.
[10] نەسر سۈرىسى.
[11] ھەج سۈرىسى: 18- ئايەت.
[12] ئىسرا سۈرىسى: 70 -ئايەت.
[13]مۇنافىقۇن سۈرىسى 8- ئايەت.
[14] بۇ ئايەتكە «كىمكى شەرەپ ئىزدەيدىكەن، (ئۇنى ئاللاھتىن تىلىسۇن). چۈنكى، شەرەپنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر» دەپ مەنە ئېيتقانلارمۇ بار.
[15] فاتىر سۈرىسى:10- ئايەت.
[16] ھۇجۇرات سۈرىسى: 13- ئايەت.
[17] ئىخلاس سۈرىسى.
[18] زۇمەر سۈرىسى: 67- ئايەت.
[19] رەھمان سۈرىسى: 46- ئايەت.

