ئۆزىمىزنى قەدىرلەيلى ۋە ئۆزىمىزگە ئىشىنەيلى!

 

ئۆزىمىزنى قەدىرلەيلى ۋە ئۆزىمىزگە ئىشىنەيلى!

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئۆزىنى قەدىرلەش

ئۆزىنى قەدىرلەش ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش بىر-بىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىككى پىسخىكىلىق ئۇقۇم بولۇپ، ئىنساننىڭ ئۆز قىممىتىگە بولغان ئاكتىپ ھېسسىياتىنى، شەخسىي قابىلىيىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىش ياكى ئاللاھ تائالاغا ھاجىتى يوقتەك ئىش كۆرۈش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا بەرگەن ھۆرمىتىگە ئاساسلانغان ۋە ئۇنىڭغا تايىنىش بىلەن بىرگە سەۋەبلەرنى قولدىن بەرمەيدىغان ئىشەنچتۇر. شۇڭا ئۆلىمالار: «ئۆزىگە ئىشىنىش — ئاللاھ تائالاساڭا ئاتا قىلغان نېمەتلەرنى، ياخشى خىسلەتلەرنى بىلىش ۋە شۇ بويىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش دېگەنلىكتۇر».

    ئۆزىنى قەدىرلەش — ئۆزىگە ۋە قابىلىيىتىگە ئاكتىپ باھا بېرىش، كەمچىلىكلىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە ياخشىلىنىشقا تىرىشىش. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: {لَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ فِي أَحْسَنِ تَقْوِيمٍ} «بىز ئىنساننى ئەڭ گۈزەل سۈرەتتە ياراتتۇق »[1]، {وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آَدَمَ} «بىز ئادەم بالىلىرىنى ئەزىز قىلدۇق»[2] دېگەن سۆزلىرىدىن كەلگەن. بۇ ھۆرمەت ئۆزىنى كەمسىتىشنى چەكلەيدۇ.

ئۆزىگە ئىشىنىش

ئۆزىگە ئىشىنىش — ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان قابىلىيەتلەرگە، ئاللاھ تائالانىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ۋە ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ئىشەنچ قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئۆزىگە ئىشىنىش دېگەن ھەرگىز ئاللاھ تائالادىن بىھاجەت بولۇش دېگەن مەنىگە كەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: {يَا حَيُّ يَا قَيُّومُ بِرَحْمَتِكَ أَسْتَغيثُ أَصْلِحْ لِي شَأْنِيَ كُلَّهُ وَلاَ تَكِلْنِي إِلَى نَفْسِي طَرْفَةَ عَيْنٍ} «ئى ھەمىشە ھايات بولغۇچى ۋە ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! سېنىڭ رەھمىتىڭگە تايىنىپ، سەندىن ياردەم تىلەيمەن. مېنىڭ بارلىق ئىشلىرىمنى ئوڭشاپ بەرگىن، مېنى بىر لەھزىمۇ ئۆزۈمگە تاشلاپ قويمىغىن» دېگەن دۇئانى كۆپ ئوقۇيتتى. بۇ دۇئا بىزگە ئاللاھ تائالاغا بولغان موھتاجلىقىمىزنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

 

قىممىتىڭىز ئۆزىڭىزدە

سىزنىڭ قىممىتىڭىز پۇل-مېلىڭىز ياكى نەسەبىڭىز ياكى ئۇنۋانىڭىز ۋەياكى شۆھرىتىڭىز بىلەن ئەمەس، بەلكى شەخسىيىتىڭىز، ئەخلاقىڭىز، قىممەت قارىشىڭىز ۋە پىرىنسىپىڭىز بىلەن بولىدۇ. ئادەم ئۆزىگە ئىشىنىشى كېرەك. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام مىسىر پادىشاھىغا؛ (اجْعَلْنِي عَلَىٰ خَزَائِنِ الْأَرْضِ ۖ إِنِّي حَفِيظٌ عَلِيمٌ) «مېنى (مىسىر) زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگىن. چۈنكى مەن ئۇنى ئوبدان ساقلايدىغان ۋە (بۇ ئىشنى) بىلىدىغان ئادەممەن»[3] دەپ ئۆزىنى تونۇتقان. ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقنى ئوتتۇرىغا قويۇش كىبىر ئەمەس، چۈنكى كىبىر— ھەقنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىقتۇر[4]. ئەمما ئۆزىنى قەدىرلەش كىبىر سانالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھېچكىم ئۆزىنى تۆۋەن كۆرمىسۇن» دېگەندە، ساھابىلەر «يارەسۇلۇللاھ! ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش دېگەن قانداق بولىدۇ» دەپ سورىغان. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«ئاللاھ ئۈچۈن سۆزلەش كېرەك بولغان يەردە كىشىلەردىن قورقۇپ سۈكۈت قىلىشتۇر»[5] دېگەن. چۈنكى، كىشىلەر نېمە دەپ قالار، ئۇلار ماڭا دۈشمەن بولۇپ قالارمۇ؟ ياكى مېنى نەزىرىدىن ساقىت قىلارمۇ؟ دېگەندەك قورقۇنچلار بىلەن ھەقنى سۆزلەشتىن سۈكۈت قىلىش ئۆزىنى چۈشۈرگەنلىك، تۆۋەن كۆرگەنلىك ۋە ئۆز قىممىتىنى يەرگە ئۇرغانلىقتۇر.

 

بىز ئۇيغۇرلار پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك مىللەتمىز

بىز ئۇيغۇرلار ئىسلام نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، ئىنسانىيەت ۋە مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، قىممەت ياراتقان، مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئىجاتچانلىق رولىنى ئوينىغان، ئىسلام دۇنياسىغا، شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان بىر خەلق. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئۆزىنىڭ يېزىقىنى ئىجاد قىلغانلىقى، تۇنجى بولۇپ شەھەرلەشكەنلىكى ۋە قاراخانىيلاردىن ئىبارەت تۇنجى ئىسلام ھاكىمىيىتىنى قۇرغانلىقى بۇنىڭ مىسالى. ئەپسۇسكى، كېيىنكى بىر قانچە ئەسىر مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كىرىزىسلار ۋە بەختسىزلىكلەر ئۇلارنىڭ روھىغا تەسىر قىلغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۆزىدىكى جەۋھەرلەرنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالغان.

ئەرەبلەردە «مەغلۇب بولغانلار غالىبلارنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ» دەيدىغان ماقال بار. ھازىرقى دۇنيانىڭ ھالىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۆزىنى مەغلۇبلار قاتارىدىن ساناپ سەپنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلىپ تۇرغان مىللەتلەر راستتىنلا ئارقىدا قالغان. ئەمما ئۆزىنى غالىبلارنىڭ قاتارىدىن ساناپ سەپنىڭ ئالدىدا تۇرغانلار ھەر تەرەپتىن غالىب كەلمەكتە. چۈنكى مەغلۇب مىللەت روھىي جەھەتتىن مەغلۇب بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۆزى بەلگىلەپ بولىدىكەن، شۇڭا ئۇلار ھەمىشە غالىبلارنىڭ ئارقىسىدا مېڭىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرىدىكەن. ئەمما غالىبلار ئۆزىنىڭ غالىبىيىتىنى ئۆزى سىزىپ، شۇ يولدا ماڭىدىكەن.

ئىسلام دۇنياسى 16- ئەسىردىن كېيىن، غالىبلىق رولىنى ۋە تەرەققىيات روھىنى ياۋروپالىقلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ھەر تەرەپتىن مەغلۇب خەلقلەرگە ئايلىنىپ قالدى. شۇنىڭدىن بېرى مۇسۇلمانلار مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىدىغان، ئۆزلىرىنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۆزلىرىدىكى جەۋھەرلەرنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار دەل شۇنداق بولۇپ قالدۇق. بۇنىڭغا مىسال ناھايىتى كۆپ. ئاددىي بىر مىسالنى ئالايلى، بىز ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالغان كۈنىمىزدىن باشلاپلا باشقىلارنى چوڭ بىلىدىغان، ئۇلارغا تەلپۈنىدىغان، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىسى بىزنىڭكىدىن مۇكەممەل ۋە ياخشى كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىز باشقا مىللەتلەرنىڭ قەھرىمانلىرىنى، ئالىملىرىنى ۋە ھۈنەر- سەنئەت ئىگىلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان قەھرىمانلاردىن، ئالىملاردىن، ھۈنەر – سەنئەت ئىگىلىرىدىن ئەۋزەل بىلىدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇ خاھىش ھاياتىمىزنىڭ ھەممە ساھەسىدە ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان بولدى، ئاندىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە رەسمىي ئومۇملاشتى. ئەگەر بىز ئالىملىرىمىزنى ئۆز زامانىسىدا دۇنياغا تونۇشتۇرالىغان، ھېچبولمىغاندا پەرزەنتلىرىمىزگە تونۇتالىغان بولساق، ئۇلار ئۇنتۇلۇپ كەتمىگەن ۋە دۇنيا سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان بولاتتى. مەسىلەن: ئابدۇلقادىر داموللام ئىسلام دۇنياسىدا مىسلى تېپىلمايدىغان دەرىجىدىكى ئىسلاھاتچى ئالىم ئىدى. ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر مىللىتىمىزنى ئويغىتىشقا تىرىشقان ۋە شۇ زامانلارغا نىسبەتەن دۇنيادا تونۇلۇشقا تېگىشلىك ۋەتەنپەرۋەر زات ئىدى. ئەمما بىز ئۇلارنىڭ قەدرىنى بىلمىدۇق، ئۇلارنى دۇنياغا تونۇشۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنى جىمىقتۇردۇق. ھازىرمۇ بىرەر دىنىي ياكى ئىلمىي ماۋزۇنى ئۆزىمىزدىن چىققان ئالىملىرىمىزدىن بىرى ناھايىتى يېتەرلىك يورۇتۇپ بېرەلىسىمۇ، بىز ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان سەۋىيەدىكى بىرەر ئەرەب ياكى تۈرك ۋە ياكى ئۆزبېك ئالىمىنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاشنى ئەۋزەل كۆرىمىز. چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ مىللەتتىن بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا كۆزىمىزدە چوڭ كۆرۈنىدۇ. مانا بۇ بىزدىكى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ باشقىلارنى چوڭ بىلىش ياكى ئۆزىدىكى قىممەتلەرنى تونۇماي، باشقىلاردىن قىممەت ئىزدەش خاھىشىنىڭ بىر مىسالى.

تۈركىيە خەلقى بىلەن بىز قانداش. ئەمما ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلىش مەسىلىسىدىكى ئەھۋالىمىز بىر-بىرىمىزگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. تۈركىيە تۈركلىرى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلىدۇ، باشقىلارنى ئۆزىدىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ، باشقىلارنى چوڭ بىلمەيدۇ، ئۆزىنى چوڭ بىلىدۇ، ئۆزىنى، ئۆز خەلقىنى، ئۆزى ئىشلەپچىقارغان نەرسىلەرنى ۋە ئۆزىدىن يېتىشىپ چىققان ئىختىساس ئىگىلىرىنى قەدىرلەيدۇ، ئۇلارنى باشقىلارغا تەڭ قىلمايدۇ. تۈركلەردىكى مىللىي ئاڭ بىزدىن ئالاھىدە يۇقىرى، ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزىدىن چىققانلارنى ھىمايە قىلىش روھى ناھايىتى مۇكەممەل. ئۇلار ئۆزىنىڭ بولغان ھەر نەرسىنى قەدىرلەيدۇ، باشقىلارنىڭكىنى ئۆزلىرىنىڭكىگە ھەرگىز ئۈستۈن قىلىۋالمايدۇ. ئاددىيسى، باشقا مىللەتنىڭ ئالىملىرىنى ئۆزىنىڭ ئالىملىرىدىن ئالاھىدە ئۈستۈن كۆرۈپ كەتمەيدۇ، باشقىلارنىڭ سەنئەتچىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سەنئەتچىلىرىدىن يۇقىرى بىلمەيدۇ. تۈركلەردىكى ئۆزىدىكىنى قەدىرلەش خاھىشى شۇ دەرىجىگە يېتىپ بارغانكى، كۆپ ساندىكى تۈركلەر سەئۇدى ئەرەبىستاندا «پادىشاھ فەھد قۇرئان نەشر قىلىش ئاكادېمىيەسى»دە بېسىلغان ۋە دۇنيادا ئومۇملىشىۋاتقان قۇرئان كەرىم نۇسخىسىنى ئوقۇماي، ئۆز دۆلىتىدە بېسىلغان قۇرئان كەرىم نۇسخىسىنى ئوقۇيدۇ، شۇڭا ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەنلەرنىڭ كۆپلىرى تۈركىيەدىن ئۆزى ئوقۇيدىغان قۇرئاننى بىللە ئېلىپ كېلىپ شۇنى ئوقۇيدۇ، ھەتتا مەسجىدى ھەرەمدە شۇنچە قۇرئان كۆپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ئۆزى تۈركىيەدىن ئېلىپ كەلگەن قۇرئاننى ئوقۇيدۇ. مەن بۇنداق قىلىشنى تەرغىپ قىلىش ئۈچۈن بۇ گەپنى قىلمىدىم، پەقەت تۈركلەردىكى «ئۆزىنىڭكىنى قەدىرلەش روھى»غا مىسال ئۈچۈنلا كەلتۈردۈم، خالاس.

 ئىنسان ئۆزىنى قانچىلىك قەدىرلىسە، باشقىلارمۇ قەدىرلەيدۇ. مىللەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. بىر مىللەت ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلمىسە باشقىلار قانداق بىلسۇن؟ بىر مىللەت ئۆزىنى قەدىرلىمىسە، باشقىلار ئۇنى قانداقمۇ قەدىرلىسۇن؟!

 ئاددىيسى، بىز پەرزەنتلىرىمىزنى ھۆرمەتنى بىلدۈرىدىغان گۈزەل سۆزلەر ۋە چىرايلىق لەقەملەر بىلەن چاقىرساق، باشقىلارمۇ شۇنداق چاقىرىدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ. قەشقەردە بىر تونۇشۇمنىڭ يەتتە ياشلىق ئوغلىنى «قارى ھاجىم، قېنى ئۆزلىرى؟» دەپ چاقىرغانلىقى ھېلىھەم ئېسىمدە. سىز شۇنداق چاقىرسىڭىز باشقىلارمۇ شۇنداق چاقىرىدۇ، ئەمەسمۇ؟! ئەگەر ئۇلارنى شەنىنى تۆۋەنلىتىدىغان سۆزلەر ۋە يامان لەقەملەر بىلەن چاقىرساق، باشقىلارمۇ شۇنداق چاقىرىدۇ. مىللەتمۇ ئەينەن شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.

بىز مۇستەملىكىدە قېلىپ ئەركىنلىكىمىزنى يوقاتقان بىر خەلق بولساقمۇ، ئىززىتىمىزنى، قىممىتىمىزنى ۋە دۇنيادىكى ئورنىمىزنى يوقاتمىدۇق. بىز خېلى- خېلى مىللەتلەردىن ياخشى ۋە قىممەتلىك مىللەتمىز. بىز دۇنيادىكى كۆپلىگەن مۇسۇلمان مىللەتلەردىن ياخشى. ئاددىيسى، بىزدىكى يېمەك-ئىچمەكلەردىكى ھالال-ھارامنى ئىلغاش خىسلىتى، مېھماندوستلۇق ئادىتى مانا مەن دېگەن كۆپلىگەن مۇسۇلمان خەلقلەردە يوق. چۈنكى بىزدە ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن مىللىي مەدەنىيەت گىرەلىشىپ كەتكەن.

بىز ئېزىلگەن بولساقمۇ، ئەركىنلىكىمىزدىن مەھرۇم قىلىنغان بولساقمۇ، قىممىتىمىزنى يوقاتقىنىمىز يوق. بىز يەنىلا قىممەتلىك مىللەت. ئالتۇن توپىغا كۆمۈلۈپ كەتسىمۇ يەنىلا ئالتۇن. ئۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقىتىپ قويمايدۇ. ئۇ ۋاقتى كەلگەندە يەنىلا پارقىرايدۇ، شۇڭا، بىز ئۆزىمىزنى قەدىرلەيلى، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنەيلى ۋە ئۆزىمىزنىڭكىنى قەدىرلەيلى!

 

ئۆزىڭىزنىڭ ئالماس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە )وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آَدَمَ وَحَمَلْنَاهُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَفَضَّلْنَاهُمْ عَلَى كَثِيرٍ مِمَّنْ خَلَقْنَا تَفْضِيلًا( «شەكسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ئەزىز قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرىغا)، دېڭىزدا (كېمە ۋە پاراخوتلارغا) چىقاردۇق. ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، يەنە ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئالاھىدە ئۈستۈن قىلدۇق»[6] دېيىش ئارقىلىق ئىنسان نەسلىنىڭ قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۆلىمالار «ھەربىر ئىنسان بىر ئالەمدۇر» دەيدۇ. بىز بۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ، «ھەربىر ئىنسان بىر جەۋھەردۇر» دېسەك مۇبالىغە بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا رىزىقنى بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلغاندەك، ئەخلاق- پەزىلەت، ئەقىل-پاراسەتنىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلغان. شۇڭا، ھەربىر ئادەمدە باشقىلاردا بولمىغان ئەقىل-پاراسەت، پەزىلەت ۋە ئارتۇقچىلىق مەۋجۇت. دېمەك، ھەربىر ئادەمدە قىممەتلىك نەرسىلەر بار، ئەمما ھەممىلا ئادەم ئۆزىدە بولغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى بىلمەيدۇ، ھەتتا كۆپلىرى ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. قىممەتنى ھەمىشە چەتئەللىكتىن ئىزدەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھالى ئاللاھ تائالانىڭ «بىز ئادەم بالىلىرىنى ئەزىز قىلدۇق» دېگەن سۆزىگە «ياق، ئى رەببىم! سەن ئەزىز ياراتقان ئىنسان مەن ئەمەس، بەلكى چەتئەللىك» دېگەن ئادەمگە ئوخشايدۇ.

 

چەتئەللىككە چوقۇنۇش[7]

  بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ناھايىتى تەسلىكتە بىر رومان يازدىم. ئۈچ ئاي كېچە-كۈندۈز توختىماي يازدىم. ئىسمىنى «ھايات ئۈچۈن كۆرەش» دەپ ئاتىدىم.

    بىر گېزىتخانىغا ئېلىپ باردىم. گېزىتخانا باشلىقى:

    -بىز ئۆزىمىزنىڭكىلەر يازغان روماننى نەشر قىلمايمىز دېدى. مەن:

    -ئالدى بىلەن بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىڭ دېدىم. گېزىتخانا باشلىقى:

    -ھىچ كېرەك يوق، خەلق بىزنىڭ رومانلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ، دېدى. گېزىتخانىدىن چىقىپ بىر كىتابچىغا باردىم. ئەمدى تېخى «بىر رومانىم بار» دەپ بولغىچە:

    -بىز پەقەت تەرجىمە قىلىنغان رومانلارنى باسىمىز دېدى. يەنە بىر باسمىخانىغا باردىم. ئۇمۇ:

    -يېزىلغان رومانلار سېتىلمايدۇ، تەرجىمە قىلىنغان رومان بولسا ئېلىپ كېلىڭ، دېدى.

    نەگە بارسام ئوخشاش، گويا ھەممىسى دېيىشىۋالغاندەك ئوخشاش گەپنى قىلىدۇ. ئاھ تارتقان جاپالىرىم. بۇ روماننى يازغۇچە نېمە كۈننى كۆردۈم،-ھە؟ قانچىلىك ئۈمىد بىلەن يازدىم. مانا ئەمدى رومانىم تېخى بىرەر ئادەم قولىغا ئېلىپ، ئوقۇپ باقماي تۇرۇپلا يېرىم كېچىدە مەسچىتنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويغان نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىدەكلا قولۇمدا قالدى.

    شۇنىڭدىن كېيىن ئەقلىمگە كەلدى؛ بىزنىڭ ئاغىنىلەرنىڭ بەزىسى فرانسۇزچە، بەزىسى، گېرمانچە، يەنە بەزىسى ئىنگلىزچە، ئىتالىيەچە ھېكايىلەرنى ئوقۇپ، تەرجىمە قىلىپ، جونسوننى ئەخمەت، مارىيانى مەريەمگە ئۆزگەرتىدۇ. كېيىن ئۆزى يازغان قىلىپ، ھېكايىنىڭ ئاستىغا ئۆزىنىڭ ئىسمى ۋە ئىمزاسىنى يازىدۇ. ئاندىن بۇ ھېكايىنى مەن يازدىم دەپ گېزىت، ژۇرناللارغا ئاپىرىپ بېرىدۇ. مەن نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قىلغىنىنىڭ تەتۈرىسىنى قىلمايمەن؟

    ئولتۇرۇپ ئويلاندىم. كېيىن روماننى قولۇمغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىسىملارنىڭ ھەممىسىنى بىر باشتىن ئامېرىكىلىقنىڭ ئىسمىغا ئۆزگەرتتىم. قولۇمغا قايسى ۋاقىتتا نەدىن كەلگەن بىلمەيمەن، نىيۇ يۇرىك شەھىرىنىڭ بىر پىلانى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن روماندىكى يەر ئىسمىلىرىمۇ ئامېرىكىچە بولدى. ئەمدى نۆۋەت روماننىڭ يازغۇچىسىغا كەلدى. مارك ئوبرىئېن دەپ بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ئىسمىنى ئىجات قىلدىم. ھە ئەمدى بولدى.

    ئالدىغا بارسام چىرايىمغا قارىماي تۇرۇپ «بىز پەقەت تەرجىمە رومانلا باسىمىز» دېگەن نەشرىياتقا باردىم. نەشرىيات باشلىقىغا:

    -«سىزگە مارك ئوبرىئېننىڭ بىر رومانىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلىپ كەلدىم» دېدىم.

    ئاپىرىن، ئالامەت ياخشى قىلىپسىز، ئۇ مارك ئوبرىئېن دېگەن كىمۇ؟

    -ھە، سىز مارك ئوبرىئېننى تېخى بىلمەمسىز؟ ھەي توۋا، ھېلىقى داڭلىق مارك ئوبرىئېن شۇ! كىتابلىرى پۈتۈن دۇنيادىكى تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان داڭلىق مارك ئوبرىئېن.

    قاتتىق ھاياجانلانغان نەشرىيات باشلىقى روماننى كۆرۈپ ئوقۇپمۇ قويمىدى. ئاغزىمدىن چىققان پۇلنى شاراقشىتىپ ساناپ قولۇمغا تۇتقۇزدى.

    مەن شۇنداق قىلىپ مارك ئوبرىئېننىڭ دەل 18 رومانىنى تەرجىمە قىلدىم. يەنە قانچىلىك ياشىسام، تاكى ئۆلگىچە ئۇنىڭ رومانلىرىنى تەرجىمە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن. ئەمدى مېنىڭ ئاخىرقى ئارزۇيۇم ئامېرىكا ئەدەبىياتىدا مارك ئوبرىئېن دېگەن ئىسىم بىلەن خاتىرىلىنىشتۇر».

 

ئىنسان ئۆزىنىڭ قىممىتىنى قانداق بىلىدۇ؟

ئىنسان ئۆزىنىڭ قىممىتىنى چوڭقۇر ئىچكى سەپەر ئارقىلىق بىلىدۇ، بۇ سەپەر ئۆزى توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلىش، ھېسابلىشىش ۋە ئۆزىنىڭ كائىناتتىكى ئورنىنى بىلىش بىلەن بىرلەشكەن بولىدۇ.

ئۆزىنى بىلىش ئاللاھ تائالانى بىلىشنىڭ ئاساسىدۇر. شۇڭا: «ئۆزىنى بىلگەن رەببىنى بىلىدۇ» دېيىلىدۇ. قۇرئان كەرىم بىزنى ئۆزىمىز توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرىدۇ: {وَفِي الْأَرْضِ آَيَاتٌ لِلْمُوقِنِينَ. وَفِي أَنْفُسِكُمْ أَفَلَا تُبْصِرُونَ} «زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا (ئاللاھقا) چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار، سىلەر (بۇلارنى) كۆرمەيۋاتامسىلەر؟»[8]. ئىنسان ھەقىقىي قىممىتىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندا بىلىدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئاللاھ تائالا بىلەن بولغاندا كۈچلۈك ۋە ئەزىزدۇر. ئاللاھ تائالاغا خارلىنىش ئىبادەت، بەندىگە خارلىنىش گۇناھتۇر.

ئۆز قىممىتىنى بىلىشنىڭ ئەمەلىي يوللىرى

1.  تەپەككۇر ۋە ئۆزى بىلەن يالغۇز قېلىش. يالغۇز ئولتۇرۇپ ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى، سىزنى باشقىلاردىن ئارتۇق قىلغان تەرەپلىرى، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭىز، قازانغان مۇۋەپپەقىيەتلىڭىز ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىنسان ئىكەنلىكىڭىزنى، خېلى-خېلى كىشىلەردىن ئارتۇق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىسىز.

2.  ئۆز-ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش. ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن شۇ كۈنلۈك ئىشلىرىڭىزنى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىزنى، ئۇچرىغان كېلىشمەسلىكلەرنى بىر-بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرۈڭ. نەدە توغرا قىلدىم، نەدە خاتا قىلدىم؟ بۇ ئۆزىنى كەمسىتىشتىن قوغدايدىغان ۋە كەمچىلىكلەرنى دەپ بېرىدىغان ئۇسۇلدۇر.

3.  باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئەستايدىل ئاڭلاش. يېقىن كىشىلەردىن سەمىمىي مەسلىھەت سوراڭ، لېكىن قىممىتىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۇلارغا باغلىۋالماڭ. چۈنكى، ھەقىقىي قىممەت ئىچىڭىزدىن كېلىدۇ.

 

پەرزەنتلىرىمىزگە ئۆزىنى قەدىرلەشنى قانداق ئۆگىتىمىز؟

پەرزەنتلىرىمىزنى ئۆز قىممىتىنى بىلىدىغان ۋە ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان قىلىپ تەربىيەلەش ناھايىتى مۇھىمدۇر. چۈنكى بۇنداق تەربىيەلەش ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، ھاياتقا ئىشەنچ ۋە تەڭپۇڭلۇق بىلەن يۈزلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئۆزىنى قەدىرلەش دېگەن بالىنىڭ ئۆزىنى قىممەتلىك، قابىل ۋە سۆيۈملۈك دەپ كۆرۈشىدۇر، لېكىن تەكەببۇرلۇق ياكى ئۆزىنى كەمسىتىشتىن يىراق بولۇشى كېرەك.

 

ئۆز قىممىتىنى قەدىرلەشنىڭ ئىسلامىي ئاساسى

ئۆزىنى قەدىرلەش ۋە ئۆز قىممىتىنى بىلىش ئاللاھ تائالانىڭ ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك ۋە ئەزىز قىلغانلىقىدىن باشلىنىدۇ {وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آَدَمَ} «بىز ئادەم بالىلىرىنى ئەزىز قىلدۇق»[9]. {لَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ فِي أَحْسَنِ تَقْوِيمٍ} «بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق»[10]. بىزنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى بولغانلىق ۋە ئۇنىڭ ئەزىز، ھۆرمەتلىك قىلىشىغا لايىق بولغانلىقتىن كېلىدۇ. چۈنكى، ياراتقۇچى بىزنى ئەزىز قىلدى ۋە ئەڭ چىرايلىق سۈرەتتە ياراتتى. ھەربىر مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھ تائالادىن بولغاندەك، ھەربىر خاتالىق تەۋبە قىلىپ تۈزىتىش ۋە توغرىسىنى قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز ئۈچۈن بېرىلگەن پۇرسەتتۇر.

 

بالىلاردا ئۆز قىممىتىنى قەدىرلەشنى قۇرۇشنىڭ ئەمەلىي تەكلىپلىرى

1.  پەرزەنتلەرگە چىرايلىق گەپلەرنى قىلىش، ئۇلارنى شەرتسىز سۆيۈش، سۆيگۈ-مۇھەببەتنى ھەر پۇرسەتتە كۆرسىتىپ، ئىپادىلەپ تۇرۇش. ئۇلارنىڭ بېشىنى، چاچلىرىنى سىلاپ قويۇش ۋە چىڭ قۇچاقلاش، ئۇلارغا «سېنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن سۆزنى كۆپ ئېيتىش، كىچىككىنە ئۇتۇقىنىمۇ كۆپتۈرۈپ ماختاش، چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەنى قازىنىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش. ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بالىلارغا كۆرسىتىلگەن قىزغىن مۇھەببەت ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋە قىممەت ھېس قىلىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ.

2.  پەرزەنتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىدىن كۆپرەك تىرىشچانلىقنى ۋە چىدامچانلىقنى مەدھىيەلەش. بۇ ئۇلارغا قىممەتنىڭ نەتىجىدە ياكى خىزمەتتە ۋەياكى كامالەتتە ئەمەس، تىرىشچانلىقتا ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىدۇ.

3.  پەرزەنتلەرنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان مەسئۇلىيەت ۋە تاللاش ھوقۇقى بېرىش. مەسىلەن: بالىنىڭ كىيىمىنى تاللىشىغا ياكى بەزى ئىشلارغا ياردەم بېرىشىگە يول قويۇش كېرەك. چۈنكى، بالىلارغا تاپشۇرۇلغان كىچىك ۋەزىپىلەردىكى مۇۋەپپەقىيەت ئۇلارغا قابىلىيەت ۋە مۇستەقىللىق ئىشەنچىسىنى بېرىدۇ.

4.  پەرزەنتلەرنى كۆپ ئاڭلاپ بېرىش ۋە پىكىرلىرىنى ئېلىش، يېشى كىچىك دېمەي بەزى ئىشلار توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىش، كۈنى قانداق ئۆتكەنلىكى ھەققىدە سوئال سوراش، بىللە قۇرئان ئوقۇش، كىتاب ئوقۇش، بەزى تەربىيەۋىي فىلىملەرنى بىللە ئولتۇرۇپ كۆرۈش. بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

5.  پەرزەنتلەرنى باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن، دوستلىرىنىڭ ياكى تۇغقانلارنىڭ ئالدىدا تەنقىدلەشتىن ۋە ئەيىبلەشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەش كېرەك. ھەرىكەت بىلەن شەخسنى چوقۇم ئايرىش كېرەك، مەسىلەن: «بۇ ھەرىكىتىڭ ياخشى بولمىدى، لېكىن سەن ئاجايىپ ياخشى بالا» دېگەنگە ئوخشاش.

6.  پەرزەنتلەرنى قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىنىشكە ۋە خاتالىقلاردىن ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش. يېڭى ئىشلارنى سىناپ بېقىشىغا يول قويۇش، مەغلۇبىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولىدىكى قەدەم ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىش، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىدىن سۆزلەپ بېرىش.

7.  ئەڭ مۇھىمى پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولۇش. سىز ئۆزىڭىزدىكى ئىشەنچ، كەمتەرلىك، پەزىلەت ۋە ئۆزىڭىزنى قەدىرلەش قاتارلىقلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆرسىتىڭ ۋە ئىپادىلەڭ. چۈنكى، بالىلار ئاتا-ئانىسىنى تەقلىد قىلىدۇ ۋە ئۇلاردىن كۆرگەنلىرىنى قىلىدۇ.

 

پەرزەنتلەرگە ئۆز مىللىتىمىزنىڭ قىممىتىنى قانداق تونۇتىمىز؟

1.     ۋەتىنىمىزنى سۆيدۈرۈش ۋە ئۈلگىلىك شەخسلىرىمىزنى تونۇتۇش

   ئۆيدە پەرزەنتلىرىمىزگە ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىنى، تاغ-دەريالىرىنى، شەھەر، يېزا، قىشلاقلىرىنى، تائاملىرىنى، ئۆتمۈشلەردىكى دۆلەتلىرىمىزنى تونۇتۇش، يۇرتىمىزدا ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ، قوماندانلارنىڭ، ئۆلىمالارنىڭ، زىيالىيلارنىڭ ۋە كاتتا ئىشلارنى قىلغان شەخسلەرنىڭ قىسسىلىرىنى ئوقۇتۇش ياكى سۆزلەپ بېرىش لازىم. بۇنداق قىلىش پەرزەنتلىرىمىزدە ئۆز ۋەتىنىنى سۆيۈش، ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولۇشتىن پەخىرلىنىش، ئۆزىمىزدىن چىققان تارىخىي شەخسلەرگە قىزىقىش تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ.

   بۇنداق قىلمىغاندا، پەرزەنتلىرىمىز ۋەتەننىڭ مۇھەببىتىدىن ۋە ئۇنىڭ غېمىنى يېيىشتىن مەھرۇم قالغاننىڭ سىرتىدا، باشقىلارنىڭ ۋەتىنى ۋە قەھرىمانلىرى بىلەن پەخىرلىنىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

2.     ئۆز مىللىتىمىزنى سۆيۈشنى ئۆگىتىش

     ئاللاھ تائالا بىزنى ھەر مىللەت ۋە ھەر قەبىلە قىلىپ ياراتقان بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە ۋە گۈزەل سەنئەتلىرىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەردىن بىرىدۇر. ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان تەبىئىي خىسلەتتۇر.

 ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئەھلىنى ۋە ئۆز مىللىتىنى باشقىلاردىن بەكرەك سۆيۈشىنى، ياردەمنى ئەڭ ئاۋۋال شۇلارغا قىلىشىنى ۋە ھەممىدىن ئاۋۋال شۇلارنىڭ غېمىنى يېيىشىنى توسمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدىكى ئۆز مىللىتىگە بولغان سۆيگۈ - مۇھەببەتنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە سالغان زاتمۇ ئاللاھ تائالادۇر. بۇنداق بولغان ئىكەن، ھەقلىق رەۋىشتە ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش، ئۆز مىللىتىنىڭ غېمىنى يېيىش ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تامامەن يوللۇقتۇر، ھەتتا بەزى شارائىتلاردا زۆرۈردۇر. ھەقلىق رەۋىشتە دېگىنىمىز: ئۆز مىللىتىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، باشقىلارنى يەرگە ئۇرماسلىق، ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ باشقىلارغا ھەقسىزلىق قىلماسلىق ئاساسىدا بولۇشىدۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن ۋە ئۆزۈڭمۇ ئۇنىڭغا چىداملىق بولغىن»([11]) ۋە   «يېقىن تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن» ([12]) دېگەن ئەمرلىرىدە ياخشىلىقنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆز يېقىنلىرىدىن باشلاشقا بۇيرۇغان. شەكسىزكى، بىر مىللەتنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرى ئۇنىڭ ئۆز ئەھلى ۋە ئۆز خەلقىدۇر. بۇنى دىنىمىز چەكلىمەيدۇ ۋە ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.

3.      ئۆز مىللىتىمىزنى ماختاپ بېرىش

پەرزەنتلىرىمىزگە ئۆز مىللىتىمىزنى سۆيدۈرۈش ئۈچۈن خەلقىمىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ماختاپ بېرىش، ئۈلگىلىك تەرەپلىرىنى ئۆگىتىش ناھايىتى زۆرۈر. گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ماختاشقا قەتئىي لايىق كەلمەيدىغان، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئابرۇيىغا داغ كەلتۈرۈۋاتقان بەزىبىر ناچار ئادەملەر بار بولسىمۇ، كۆپ سانلىق يەنىلا ياخشى، يەنىلا مەدھىيەگە ئەرزىيدۇ. چۈنكى، ھېچقانداق بىر مىللەت پۈتۈنلەي ياخشى ياكى پۈتۈنلەي يامان بولۇپ كېتەلمەيدۇ. بۇنداق بولغان ئىكەن، پەرزەنتلىرىمىزگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەزەلدىنلا ئىمان، ئېتىقادلىق، ئەخلاقلىق، مېھماندوست، كۆيۈمچان، ۋاپالىق، تىرىشچان، ئىشچان، قائىدە-يوسۇنلىق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىش، ئۈلگىلىك كىشىلەرنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش لازىم.

بۇنداق قىلمىغاندا، پەرزەنتلىرىمىز ئۆز مىللىتىنى سۆيمەيدىغان، ئۇلارغا مەنسۇپ بولۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، باشقىلارنىڭ قەھرىمانلىرىغا چوقۇنىدىغان، ئۆز خەلقىنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بىز بەزىبىر ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ناچارلىقىنى، سودىدىكى دۇرۇس ئەمەسلىكىنى ۋە ئەخلاقىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ، خەلقىمىز ئىچىدىكى ئۈلگىلىك، ياخشى كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى ماختاپ بېرىشىمىز كېرەك.

 


[1] تىين سۈرىسى: 4- ئايەت.
[2] ئىسرا سۈرىسى: 70- ئايەت.
[3] يۈسۈف سۈرىسى:
[4] ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس.
[5] ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
[6]ئىسرا سۈرىسى: 70- ئايەت.
[7] مۇھەممەد تۇرسۇن ئۇيغۇر تەرجىمە قىلغان ماقالە، قىسقارتىپ بېرىلدى.
[8] زارىيات سۈرىسى: 21- ئايەت.
[9] ئىسرا سۈرىسى: 70- ئايەت.
[10] تىين سۈرىسى: 4- ئايەت.
([11]) تاھا سۈرىسى132-ئايەت.
([12]) شۇئەرا سۈرىسى214-ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار