قۇرئان كەرىمدە «مۇئمىنلەر» بىلەن «ئىمان ئېيتقانلار» دېگەن سۆزلەرنىڭ پەرقى

قۇرئان كەرىمدە «مۇئمىنلەر» بىلەن «ئىمان ئېيتقانلار» دېگەن سۆزلەرنىڭ پەرقى

مۇھەممەد يۈسۈپ

قۇرئان كەرىم» نىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇنىڭدا ھەربىر ئايەت، ھەربىر سۆز ناھايىتى ھېكمەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ مىساللىرى ناھايىتى كۆپ. مەن بۇ يەردە بىرلا سۆز ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمەن.

 «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن «الذين أمنوا» دېگەن سۆز بىلەن «المؤمنون» سۆز گەرچە ئاللاھ تائالاغا ۋە ئىمان ئېيتىش تەلەپ قىلىنغان بارلىق مەسىلىلەرگە چىن ئىشىنىپ ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى كۆرسىتىدىغان بولىسمۇ، بۇ ئىككى سۆز بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگىدۇر. ئاۋۋالقىسىنى كېيىنكىسىگە يېتىش يولىدىكى باسقۇچ دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى ماختىغان ياكى ئۇلارغا غەلىبىنى ۋەدە قىلغان ئايەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە «المؤمنون» يەنى (مۇئمىنلەر) دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن، ئەمما بىرەر ئىشقا ئەمر قىلىشتا ياكى بىرەر ئىشتىن توسۇشتا «يا ايهاالذين أمنوا» يەنى (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) دەپ خىتاب قىلغان.

قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ (1)

وَكَانَ حَقًّا عَلَيْنَا نَصْرُ الْمُؤْمِنِينَ (47) روم

وَأَنْتُمُ الْأَعْلَوْنَ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ (139) ال عمران

إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آَمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِذَا كَانُوا مَعَهُ عَلَى أَمْرٍ جَامِعٍ لَمْ يَذْهَبُوا حَتَّى يَسْتَأْذِنُوهُ  (62) نور

هُنَالِكَ ابْتُلِيَ الْمُؤْمِنُونَ وَزُلْزِلُوا زِلْزَالًا شَدِيدًا (11) احزاب

وَلَمَّا رَأَى الْمُؤْمِنُونَ الْأَحْزَابَ قَالُوا هَذَا مَا وَعَدَنَا اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَصَدَقَ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَمَا زَادَهُمْ إِلَّا إِيمَانًا وَتَسْلِيمًا (22)

إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ فَأَصْلِحُوا بَيْنَ أَخَوَيْكُمْ وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ (10) حجرات

إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آَمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أُولَئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ (15) 

 «قۇرئان كەرىم» دىكى يا ايهالذين امنوادېگەن ئايەت ئى ئىمان ئېيتقانلار!دېگەن مەنىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، گەرچە ئىمان ئېيتقانلىق مۇئمىن بولغانلىق ۋە ئىمان ئېيتقانلار «مۇئمىنلەر» قاتارىدىن بولسىمۇ، بۇ ئايەتنى «ئى مۇئمىنلەر!» دەپ تەرجىمە قىلغاندا، ئى ئىمان ئېيتقانلار!  دېگەن چاقىرىقتىن كۈتۈلگەن مەقسەت ئوتتۇرىغا چىقماي قالىدىكەن. چۈنكى «قۇرئان كەرىم» بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئەقىلگە ھەم ھېسسىياتقا خىتاب قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان ئۇسۇللار بىلەن چاقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئويغا سالىدىغان، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئۈندەيدىغان يېگانە كىتابتۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا بىرەر ئىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇش ياكى بىرەر يامان ئىشتىن توسۇش ئۈچۈن سۆز قىلغىنىدا، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئىماننىڭ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغاننى دەرھال قوبۇل قىلىپ ئورۇنداشنى، توسقاندىن دەرھال يېنىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى ئەسلەتكەن ھالدا، ئۇلارغا: ئى ئىمان ئېيتقانلار! دەپ سۆز قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن:  يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا  يەنى ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە توغرا سۆزنى قىلىڭلار ( )،  يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تَأْكُلُوا الرِّبَا أَضْعَافًا مُضَاعَفَةً وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ  يەنى ئى ئىمان ئېيتقانلار! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار( )  يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ يەنى  ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار  ( ) دېگەن ئايەتلەرگە ئوخشاش. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم» دە، مۇسۇلمانلارغا بىرلا جايدا ئى مۇئمىنلەر! ( ) دەپ نىدا قىلغان، ئەمما 89 ئورۇندا ئى ئىمان ئېيتقانلار!  دەپ نىدا قىلغان، ئىمان ئېيتقانلار  دېگەن سۆز 254 قېتىم تىلغا ئېلىنغان بولسا، مۇئمىنلەر  دېگەن سۆز 86 قېتىم تىلغا ئېلىنغان.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار