
تەقۋالىق
مۇھەممەد يۈسۈپ
تەقۋالىق كىشىلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قارىتىلغان نەرسە ئەمەس، ئۇ قەلبكە قارىتىلغان ۋە قەلبتە بولىدىغان ئەمەلدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەقۋالىقنىڭ ئورنىنى بىلدۈرۈپ «تەقۋالىق بۇ يەردە»[1] دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ، ئۆزىنىڭ يۈرىكىگە ئىشارەت قىلغان. تەقۋالىق قەلبنىڭ ئەمەلى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ شەكلى بولمايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ كۆزىمىزگە ئەڭ ئاددىي كۆرۈنگەن ئىنسانلار ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ھەقىقىي تەقۋادارا ئادەم ئادەتتە ئىنسانلار كۆزگە ئىلمايدىغان تازىلىق ئىشچىسى ياكى كۆرۈمسىز بىر ئادەم بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى تەقۋالىقنىڭ شەكلى يوق. ئەمما ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بار. تەقۋالىقنىڭ ئالامەتلىرى ئىستىقامەت، يەنى توغرا يولدا بولۇش، توغرا ئىشلارنى قىلىش ۋە گەپلەرنى قىلىشتۇر. چۈنكى تەقۋالىقنىڭ ئورنى بولغان قەلب بەدەنگە قومانداندۇر، باشقا ئەزالار ئەسكەردۇر. شۇڭا، قەلب لاياقەتلىك بولسا، بارچە ئەزالارنىڭ ئەمەللىرىمۇ لايەقەتلىك بولىدۇ. قەلب تۈزۈلسە، ئىنساننىڭ ئەمەللىرى تۈزلىدۇ، قەلب بۇزۇلسا، ئۇنىڭ ئەمەللىرىمۇ بۇزۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىپ: «بىلىڭلاركى، ئادەم بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار. ئۇ تۈزۈلسە بارچە بەدەن تۈلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا، بارچە بەدەن بۇزۇلىدۇ»[2] دەپ كۆرسەتكەن.
تەقۋا سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى «ساقلىنىش» دېگەنلىكتۇر. نېمىدىن ساقلىنىش؟ تەبىيئىكى، گۇناھتىن ساقلىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا يولۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىش ۋە ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشتۇر. تەقۋا دېگەن سۆز يەنە لۇغەتتە بىر_بىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىغا توساق قويۇش ئارقىلىق زىيانغا ئۇچرىغاننى قوغداش دېگەن مەنىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. ئەرەبلەرنىڭ«ئىتتەقا بىتەرەسىھى» يەنى (قالقىنى بىلەن ئۆزىنى قوغدىدى) دېگەن سۆزى ۋە ساھابىلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا قاتتىق ئۇرۇش ئەسناسىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىغا كېلىۋېلىپ دۈشمەنلەرنىڭ ئوقيالىرىدىن قوغدانغانلىقىنى«ئىتتەقەينا بىرەسۇلىللاھ» دەپ ئىپادىلىگەنلىكى بۇنىڭ مىسالى.
تەقۋا سۆزىنىڭ ئىسلامدىكى ئاتالغۇدىكى مەنىسى ھەققىدە ئۆلىمالارنىڭ تەرىپلىرى تۆۋەندىكىچە بولغان:
— ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش سايىسىدا ئۆزىنى ئۇنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىش.
— ھارامدىن قېچىش ۋە ھالالنى ئىلغاشتا ئىنتايىن سەزگۈر بولۇش.
— گۇناھ _ مەسىيەتلەرگە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئېھتىياتچان بولۇش.
ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇبەييە ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن تەقۋالىق ھەققىدە سورىغاندا، ئۇ: «سىز تىكەنلىك يولدىن مېڭىپ باققانمۇ؟» دەپ سورىغان. ھەزرىتى ئۆمەر: «ھەئە» دېگەندە، ھەزرىتى ئۇبەييە يەنە ئۇنىڭدىن: «قانداق ماڭدىڭىز؟» دەپ سورىغان. ئۆمەر: «پۇتۇمغا تىكەن كىرىپ كەتمىسۇن دەپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ماڭدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ۋاقىتتا ئۇبەييە ئۇنىڭغا: «تەقۋالىق دېگەن ئەنە شۇنداق بولىدۇ»([3]) دېگەن.
يەنى تىكەنلىك جايدىن ماڭغان ئادەم «پۇتۇمغا تىكەن كىرىپ كەتمىسۇن دەپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن مېڭىش ئارقىلىق ئۆزىنى زىيان_زەخمەتتىن قوغدىغاندەك، تەقۋادار ئادەممۇ ھاياتلىق مۇساپىسىدە گۇناھ، يامان ئىشلارنى سادىر قىلىپ قويۇپ ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا ئۇچراپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەمىشە ئېھتىياتچان بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ».
تەقۋالىقنىڭ مەنىسى
تەقۋالىقنىڭ ئەڭ توغرا ۋە ئىخچام مەنىسى: ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشلاردا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىش كۆرۈش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىش دېگەنلىكتۇر ئىنسان ھەر ئىشتا ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھ تائالا كۆرسىتىپ بەرگەن چەك- چېگرا ئىچىدە ھەرىكەت قىلىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىش قىلىدىغان بولسا، ئۇ تەقۋالىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغا بولىدۇ، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھىمايىسى ئاستىغىمۇ كىرىدۇ، ھارام ئىشلاردىنمۇ ئۆزىنى ساقلايدۇ ۋە جازاغىمۇ ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى «مەسئۇلىيەتچانلىق» دېگەن قىلىشقا تېگىشلىكنى ۋاقتىدا قىلىش، قىلماسلىققا تېگىشلىكنى قىلماسلىق، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. مۇنداق ئادەمنىڭ كۆڭلى راھەت، كېلەچىكى كاپالەتلىك ۋە قورقۇنچلاردىن خاتىرجەم بولىدۇ.
خەلقىمىزدە «ئۆزىنى سورىغان خاننىڭ ئالدىغا بارماپتۇ» دېگەن ھېكمەت بار. چۈنكى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئورۇندىغان ئادەم خەلقنىڭ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ھېچقاچان ئەيىبكار بولمايدۇ. ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ئادەم تەقۋا ئادەمدۇر. ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرىگە، ئىنسانلارنىڭ ھەق_ھوقۇقلىرىغا قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشىشى ئۇنىڭ تەقۋالىقىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەقۋالىقنى مۇنداق بايان قىلغان: «بىر_بىرىڭلارغا ھەسەت قىلىشماڭلار، ئۆزۈڭلار ئالمايدىغان مالنى باشقىلارغا سېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ بۇ مالنى ماختاپ ئۇنىڭ باھاسىنى ئاشۇرماڭلار، بىر_بىر_بىرىڭلارغا ئاداۋەت تۇتماڭلار، بىرىڭلارغا تۇزاق قۇرۇشماڭلار، بىر_بىرىڭلارنىڭ سودىسى ئۈستىگە سودا قىلماڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئۆزئارا قېرىنداش بولۇڭلار! مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ياردەمگە موھتاج بولغان چېغىدا ئۇنى تەرك ئەتمەيدۇ، ئۇنى خار ۋە ھېقىر كۆرمەيدۇ. تەقۋالىق بۇ يەردىدۇر«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆكسىگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: «تەقۋالىق بۇ يەردە!» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان. گويا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەقۋالىق دەپ سانىغان. ئۇ يەنە:«ئىنساننىڭ گۇناھكار بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىندىشىنى خار كۆرۈشى يېتەرلىكتۇر، مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماننى بوزەك قىلىشى قەتئىي ھارامدۇر، ئۇنىڭ قېنى، مال_مۈلكى ۋە نومۇسىغا تېگىش ھارامدۇر» دېگەن.
«ئاللاھتىن قورقۇش» دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟
تەقۋالىق ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالادىن قورقۇش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇش ۋە ئۇنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ قېلىشتىن ساقلىنىش دېگەنلىكتۇر. قۇرئان كەرىمدە: «ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېگەن ئايەتلەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ھەدىسلەردىمۇ ۋە بارچە ئىسلام مەنبەلىرىدىمۇ كۆپ تەكرارلىنىدۇ.
دۇنيادا نۇرغۇنلىغان قورقۇش تۈرلىرى بار بولۇپ، ئىنسانلار ئۆلۈمدىن قورقىدۇ، قانۇننىڭ جازاسىدىن قورقىدۇ، مال_دۇنياسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ، قاراقچىدىن قورقىدۇ، يۈز_ئابرۇيىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن قورقىدۇ، ئۆزلىرىگە ۋە پەرزەنتلىرىگە زىيان_زەخمەت يېتىشتىن قورقىدۇ، بىراۋنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقىدۇ، بىرەر باشلىقنىڭ ياكى جامائەتنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىشتىن قورقىدۇ، ئۆزىگە ياخشىلىق ۋە ئاتا_ئېھسان قىلىپ تۇرۇۋاتقان كىشىسىنى رەنجىتىپ قويۇپ، ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن قورقىدۇ.
قىز_ئوغۇللار مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ.
ھەتتا بالىلارمۇ ئاتا_ئانىسىدىن تاياق يېيىشتىن قورقىدۇ، مۇئەللىمنىڭ جازالىشىدىن قورقىدۇ، كىچىك بالىلار بولسا قاراڭغۇدىن قورقىدۇ، جىن_ئالۋاستىدىن قورقىدۇ، يالغۇز قالسا تېخىمۇ قورقىدۇ.
ئەمدى «ئاللاھتىن قورقۇش» قايسى تۈردىكى قورقۇشقا كىرىدۇ؟
شەكسىزكى، «ئاللاھتىن قورقۇش»دېگەن ئۆزىگە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇۋاتقان كىشىسىنى رەنجىتىپ قويۇپ، ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن قورقۇشقا ئوخشايدىغان بىر قورقۇشتۇر. بۇ تۈردىكى قورقۇش ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغ ماقامىغا تولىمۇ يارىشىدىغان قورقۇشتۇر.
ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىدىن قورقۇشمۇ مۇشۇ قورقۇشنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. چۈنكى مۇناسىۋەت بۇزۇلغان ۋە ئاتا_ئېھسان ئۈزۈلگەندىن كېيىن، كۈتۈلىدىغان نەرسە جازادىن باشقىسى بولمايدۇ.
ئۇنداق بولمىغاندا، ئاللاھ تائالادىن خۇددى قورقۇنۇچلۇق ئادەمدىن قورققاندەك، ياكى ئاچچىقى يامان ئادەمدىن قورققاندەك، ياكى زالىمدىن قورققاندەك قورقۇلمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئەلۋەتتە پاكتۇر. ئەكسىچە، ئۇ مەخلۇقاتىغا ئەڭ مېھرىبان، ئەڭ كۆيۈمچان ۋە ئەڭ شەپقەتلىك زاتتۇر.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەنلەر كەلتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تېخى ئەمچەكتىن ئايرىلمىغان بالىسىنى ئىزدەۋاتقان بىر ئايال بار ئىدى. ئايال بالىسىنى تاپتى ۋە ئۇنى باغرىغا چىڭ باسقىنىچە ئېمىتىشكە باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىدىكىلەرگە ئايالنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇلاردىن: «بۇ ئايالنى مۇشۇ بالىسىنى ئوتقا تاشلاشقا رازى بولىدۇ، دېسە ئىشىنەمسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: ياق، ھەرگىزمۇ چىداپ تۇرالمايدۇ، دېيىشتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئاللاھ بەندىلىرىگە مۇشۇ ئايالنىڭ بالىسىغا بولغان شەپقىتىدىنمۇ بەك شەپقەتلىكتۇر»[4]دېدى .
ئاللاھ تائالا ئەنە شۇنداق شەپقەتلىكتۇر. ئۇ بەندىلىرىنى ئازابلاشنى خالىمايدۇ. ئۇنىڭ دوزاخنى ياراتقانلىقى جەننەتنىڭ قەدرىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلارنى، بەندىلىرىنىڭ قېنىنى ئىچكەن ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلارنى ئەدەپلەش ئۈچۈندۇر.
تەربىيەچىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئاساسلىق سۈپەت تەقۋالىقتۇر. تەقۋالىق مەڭگۈلۈك ئامانلىققا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنىڭ كاپالىتىدۇر.
تەقۋالىقنىڭ پەزىلىتى
تەقۋادارلىق مۇئمىن ئادەمنىڭ يەتمەكچى بولغان مەنزىلىدۇر.
) إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ( «ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك سانىلىدىغىنىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلاردۇر »[5]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: كىشىلەرنى جەننەتكە ئەڭ كۆپ كىرگۈزىدىغان نەرسە نېمە؟ دەپ سورالغاندا، «تەقۋالىق بىلەن گۈزەل ئەخلاق»[6] دەپ جاۋاب بەرگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نەدە بولمىغىن، چوقۇم ئاللاھ تائالاغا تەقۋالىق قىلغىن، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن ئۆچۈرگىن، كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن».[7]
تەقۋادارلارنىڭ سۈپىتى
1. غەيبكە ئىشىنىش، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرۈش، ئاخىرەتكە ئىشىنىش.
)الم (1) ذَلِكَ الْكِتَابُ لَا رَيْبَ فِيهِ هُدًى لِلْمُتَّقِينَ (2) الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ وَيُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ (3) وَالَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ وَبِالْآَخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ ( « ئەلىف، لام، مىيم. بۇ كىتابتا ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر. ئۇلار غەيبكە([8]) ئىشىنىدىغان، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، بىزنىڭ بەرگەنلىرىمىزدىن (ئاللاھ يولىغا) سەرپ قىلىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ساڭا چۈشۈرۈلگەنگە، سەندىن ئىلگىرى چۈشۈرۈلگەنلەرگە ئىشىنىدىغان ۋە ئاخىرەتكە بولسا شەكسىز ئىشىنىدىغان كىشىلەردۇر.
2. ئاللاھ يولىدا پۇل خەجلەشكە بېخىللىق قىلمايدىغان، كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىدىغان، ئاچچىقىنى باسالايدىغان، تەۋبە قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
)وَسَارِعُوا إِلَى مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا السَّمَوَاتُ وَالْأَرْضُ أُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِينَ (133) الَّذِينَ يُنْفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ (134) وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللَّهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ وَمَنْ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا اللَّهُ وَلَمْ يُصِرُّوا عَلَى مَا فَعَلُوا وَهُمْ يَعْلَمُونَ (135) أُولَئِكَ جَزَاؤُهُمْ مَغْفِرَةٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَجَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَنِعْمَ أَجْرُ الْعَامِلِينَ( «رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە (ئېرىشىشكە) ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان – زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە (كىرىشكە) ئالدىراڭلار. تەقۋادارلار باياشاتچىلىقتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىدىغانلار، ئاچچىقىنى باسالايدىغان، كىشىلەرنى كەچۈرەلەيدىغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. تەقۋادارلار بىرەر چوڭ گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ قالسا، دەرھال ئاللاھنى ياد ئېتىپ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ، گۇناھلارنى ئاللاھتىن باشقا كىم كەچۈرەلەيدۇ؟ ئۇلار قىلغان (گۇناھ) ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ مۇكاپاتى رەببى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى! » (ئال ئىمران 33-36).
3. ئىمانىدا كامىل، يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئىبادەتلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنداش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، سىناقلاغا بەرداشلىق بېرىش، چىدامچان بولۇش، راستچىل بولۇش.
) لَيْسَ الْبِرَّ أَنْ تُوَلُّوا وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ وَآتَى الْمَالَ عَلَى حُبِّهِ ذَوِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَالسَّائِلِينَ وَفِي الرِّقَابِ وَأَقَامَ الصَّلَاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَالْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَاهَدُوا وَالصَّابِرِينَ فِي الْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ وَحِينَ الْبَأْسِ أُولَئِكَ الَّذِينَ صَدَقُوا وَأُولَئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ( . «سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈزلىنىشىڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، (ئاللاھ چۈشۈرگەن) كىتابقا، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن ئۇرۇق _ تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، پۇلسىز قالغان مۇساپىرلارغا، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل _ مال ياردەم بېرىش، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇللۇققا، كېسەللىككە ۋە جىھادقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە ياتىدۇ. ئەنە شۇ يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر (ئىمانىدا) راستچىل كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار كىشىلەردۇر».
تەقۋالىق قىيىنچىلىقتىن چىقىشقا، رىزىقنىڭ كەڭ بولۇشىغا، گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىغا، مەرتىۋىنىڭ ئۈسىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
)وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا * وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ( يەنى «كىمكى ئاللاقا تەقۋالىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ» (تالاق سۈرىسى: 2- 3-ئايەتلەر).
)وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مِنْ أَمْرِهِ يُسْرً( يەنى « كىمكى ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلىدۇ» ( تالاق سۈرىسى:4- ئايەت).
)وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يُكَفِّرْ عَنْهُ سَيِّئَاتِهِ وَيُعْظِمْ لَهُ أَجْرًا( يەنى « كىمكى ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، مۇكاپاتىنى كاتتا قىلىدۇ» (تاق سۈرىسى: 5- ئايەت).
)إِنْ تَتَّقُوا اللَّهَ يَجْعَلْ لَكُمْ فُرْقَانًا وَيُكَفِّرْ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ( يەنى « ئەگەر سىلەر ئاللاھقا تەقۋالىق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياخشى – ياماننى ئايرىۋالالايدىغان ھېكمەت ئاتا قىلىدۇ، يامانلىقلىرىڭلارنى كەچۈرىدۇ ۋە سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ» (فۇرقان سۈرىسى: 29- ئايەت).
)وَلَوْ أَنَّ أَهْلَ الْقُرَى آَمَنُوا وَاتَّقَوْا لَفَتَحْنَا عَلَيْهِمْ بَرَكَاتٍ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ( يەنى «ئەگەر شەھەر ئاھالىسى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ تەقۋالىق قىلغان بولسا ئىدى، ئۇلارغا ئاسمان-زېمىننىڭ بەرىكەتلىرى ئېچىۋەتكەن بولاتتۇق» (مائىدە سۈرىسى: 65- ئايەت).
)إِنَّ اللَّهَ مَعَ الَّذِينَ اتَّقَوْا وَالَّذِينَ هُمْ مُحْسِنُونَ( يەنى «ئاللاھ تەقۋادار بولغان ۋە ھەر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن بىللىدۇر» ( نەھل سۈرىسى: 128- ئايەت).
)إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَّقِينَ( يەنى «ئاللاھ تەقۋادار كىشىلەرنى دوست تۇتىدۇ» (تەۋبە سۈرىسى:4- ئايەت).
)وَاللَّهُ وَلِيُّ الْمُتَّقِينَ( يەنى «ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ ئىگىسىدۇر» (جاسىيە سۈرىسى: 19- ئايەت).
[1] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[2] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[3]«تەپسىر ئىبنى كەسىر»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 1- توم، 28- بەتتىن.
([4]) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. «صحيح البخارى» (سەھىھۇل بۇخارى)دىكى 5653- ھەدىس، «صحيح المسلم» (سەھىھۇل مۇسلىم)دىكى 2754- ھەدىس.
[5] 49- سۈرە ھۇجۇرات، 13- ئايەت.
[6] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[7] ئىبنى ھىببان «صحيح» (سەھىھ) ناملىق ھەدىس توپلىمىنىڭ 2- توم، 224- بېتىدە رىۋايەت قىلغان ھەدىس.
([8]) غەيب _ سەزگۈ ئەزالار ئارقىلىق بىلگىلى بولمايدىغان ئالەم دېمەكتۇر. ئۇ «مېتافىزىكا ئالەم» ۋە «تەبىئەت سىرتى ئالەم» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

